قەلبىمدىكى مەھبۇس
ياسىن مىجىت
قەلبىمنىڭ قۇۋۇقى تاقالغان مەھكەم،
سولانغان قەلبىمگە بىر مەھبۇس ئايال
چاچلىرى يەلپۈنەر قەلبىم قېتىدا،
ھىسلىرىم بىرلىكتە قىلىنغان قامال
ھىچكىممۇ سەزمەيدۇ پىنھاندا ئۇنى،
قامالدىن قېچىشنى ئويلىماس زادى.
ۋىلىقلار كۈلكىسى بەختىم قېتىدا،
يۇشۇرغان ئۆزىنى ئاڭلانماس زارى.
گۇناھسىز ئۇ مەھبۇس گۇناھكار ئۆزۈم،
سۈتتىنمۇ ئاق رەڭلىك گۇناھ بەتلىرى.
سولانغان مەڭگۈلۈك قەلب ئۆيۈمگە،
تىتىلىپ كەتسىمۇ سۆيگۈ خەتلىرى.
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-23 09:30