يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 893|ئىنكاس: 4

قازاق شائىرى - نۇربولات ئابدۇقادىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قازاق شائىرى —  نۇربولات ئابدۇقادىر

قازاقچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : مەسئۇد ئىسا  

努尔波拉提·阿布都卡德尔,哈萨克杰出诗人,研究者,翻译家,新闻专家。笔名毛斯穆·努尔。1971年6月20日出生于新疆伊犁昭苏县阿克苏乡。九十年代初开始文学创作。1994年毕业于伊犁师范学院中文系中国哈萨克语言文学本科专业。诗人努尔波拉提·阿布都卡德尔现在是《伊犁晚报》社哈编部的文学编辑。他是《光明赞歌》(2001),《爱情之歌》(2004),《写诗于空气中》(2009年),《永远抚慰心灵的诗歌》(2011年)等诗集的,《江哈布力》(2013)历史书的作者。2012年,他的诗歌被翻译成汉语荣获“赤子情”国际汉语诗歌比赛优异奖;2011年荣获首届“绿宝杯”新疆诗歌征文大奖赛优秀作品奖;2013年,荣获“康苏杯”诗歌比赛优秀诗歌奖;2006年,他的两首诗入选《新疆哈萨克精短文学作品集》,并获得新疆作家协会和昌吉州文学艺术界联合会颁发的优秀作品奖;《哈密文学》杂志社为他所著的长诗《鸩》颁发了优秀作品奖;《阿勒泰春光》杂志社为他颁发了优秀作家奖;《曙光》杂志社为他颁发了诗人佳作奖;2008年,哈萨克族著名诗人穆哈哈里·马哈泰耶夫国际基金会为他颁发了荣誉奖章。2013年1月,他被世界人物出版社、中国国际交流出版社编入了《世界名人录》(第一卷)第一版新版538-539页。他是《新疆日报》社特邀的文学翻译,是中国少数民族作家学会,新疆作
家协会、伊犁哈萨克自治州作家协会的会员

نۇربولات ئابدۇقادىر قازاق مىللىتىنىڭ داڭلىق شائىرى، تەتقىقاتچىسى، تەرجىمانى، ژورنالىستى. تەخەللۇسى ماۋسىم نۇر.
1971 –يىلى 6-ئاينىڭ 20 –كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ئاقسۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان.90 –يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، 1994- يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قازاق –تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ قازاق تەھرىر بۆلىمىنىڭ ئەدەبىي تەھرىرى بۆلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ «نۇرغا ئاشىق ئادەم» (نۇر قاسىدىسى،2001)، «سۆيگۈ ناخشىسى»(2004)، «ھاۋاغا يېزىلغان شېئىر» (2009)، «مەڭگۈ تەسەللىىي تاپامايدىغان كۆڭۈلنىڭ شېئىرى» (2011) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ، «جانغابىل» (2013) ناملىق تارىخىي كىتابى نەشىر قىلىنغان. 2012 –يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ  ‹چى زىچىڭ› خەلقئارالىق شېئىرىيەت مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2011 –يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ‹يېشىل ياقۇت›  شىنجاڭ  شېئىرىيەت مۇسابىقىسدا مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا نائىل بولغان. 2013 - يىلى ‹كاڭسۇبېي› شېئىرىيەت مۇسابىقىسدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006 –يىلى ئۇنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى «شىنجاڭ قازاق  نادىر ئەسەرلەر» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، ھەم  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن سانجى ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ  ئۈستىگە ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. قازاقچە «قۇمۇل ئەدەبىياتى»دا ئىلان قىلىنغان  ئۇنىڭ «قۇزغۇن»  داستانى مۇنەۋۋەر شېئىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئالتاي باھارى» تەھرىراتى ئۇنىڭغا مۇنەۋۋەر يازغۇچى مۇكاپاتى بەرگەن، «شۇغىلا» ژورنىلى تەرىپىدىن شېئىر بايگە مۇكاپاتىنى بەرگەن. ئۇ 2008 –يىلى اتاقلىق شائىر مۇقاغالىي مۇقاتايېۋ نامىدىكى خەلقئارالىق فوندى ئۇنىڭغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى  بەرگەن. 2013 –يىلى 1-ئايدا ئۇ خەلقئارالىق مەشھۇر كىشىلەر نەشىرىياتى، جوڭگو  خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش نەشىرىياتى  تۈزگەن خانزۋ تىلىدىكى «دۇنيا مەشھۇرلىرى تىزىملىكىگە» كىرگۈزۈلگەن (بىرىنچى توپلام، بىرىنچى نەشىرى 538-539-بەتلەر). ئۇ «شىنجاڭ گىزېتى»نىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەدەبى تەرجىمانى.  جوڭگو از سانلىق مىللاتلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئىلى ئاپتونوم ئوبلاستى
يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.  تۆۋەندە نۇرپولات ئابدۇقادىرنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

مېنىڭ تەبىئىتىم

جىر جىرلىسام بىز قىزغا يۈرىگىمدىن،
ئاشىق ئىكەن بۇ، دەپ بىلگىن مىڭ قىزغا.
قارالىقتىن، گۇناھدىن قاچقىن ،قاچ،
پاكىز بولۇپ كىرلاردىن ياشا ئەي  ئوغۇل –قىز.
ئادەم ئەمەس، ئادەملەردىن سەسكىنگەن
ئادەملەرنى سۆيەرمەن، مەن
پەرزەنتلىرىدىن جەبىر كۆرگەن يەر- يۈرەك.
بەڭبەش بالا چېغىمدىن
تۇغۇلغان يەرنىڭ كارامىتىنى ھېچ بىلمىگەن؟!
مەن ئاۋۇلغا ئاقىتىم، ئاۋۇلمۇ ئاقتى ماڭا،
تۇغۇلغان يەرنى سېغىندىم ئاھ شۇنچىلىك!
تۇغۇلغان يەرگە تۇنجى
يەر –ئانامنى سۆيگۈنىمىدۇر بۇ مېنىڭ
  
نۇرغا ئاشىق ئادەم

كۈن–ئانا يالغۇز، يەر–ئانا يالغۇز،يالغۇزدۇر ئاي،
تەبىئەت يالغۇز، يالغۇزدۇر، يەكتادۇر خۇدا.
ئانا تىل يالغۇزدۇر، يالغۇزدۇر ئۇلۇغ كەلىمە،
بىر ئۆمۈر جاۋاپ تاپالمايسەن يالغۇز سوئالغا.
توغۇلغان يەر يالغۇز، ۋەتەن ھەم يالغۇز،
ئانا يالغۇز، شەخسى يالغۇز، خان ھەم يالغۇز.
باتۇر يالغۇز، ئاقىن يالغۇز، ئاتا ھەم يالغۇز،
ياشايدۇ يالغۇز بەندە ئېتى يىگانە
ۋاقىت، ئارمان، ھەقىقەت، جەننەت، دوزاق،
خەلق يالغۇز، غېرىپ يالغۇز، ئەجەپ قىززىق!
ئۆمۇر يالغۇز، ئۆلۈم يالغۇز، تەغدىر يالغۇز،
ساننىڭمۇ يالغۇزى بارلىقىن بىلمەك كېرەكقۇ؟
يالغۇز يۈرەكمەن، نۇرنىڭ ئاشىقىمەن،
يىگانە سۆيگۈنى بىرلا ئىگەم ياراتقانغۇ!

چوققا بار يەردە باردۇر بۇلۇت

بۇلۇتنى ئالغان تاغ قاپساپ.
تاغ باشىدىن –تاغ باشىغا
قوغلار بۇلۇتنى رەھىمسىز شامال.
تاڭ سەھەردە لەيلىگەن،
كۇننى كۆرۈپ ئېرىگەن،
چىقتى ئەنە يولغا پەرىلەر
ئاسمانغا باق، ئاسمانغا باق!
ئامان ئېسەن يېتىپ چوققىغا ،
ئۇنىڭدىن پانا تىلىگەن.
چوققىدا ئاق پاختىدەك ئېچىلغان،
ئايرىلىپ قان –قان يىغلىغان.
تاغنىڭ ھۆرمىتى چوققىكەن،
قىيالارنى كىم كۆتىرگەن؟
لاتىدەك يىرتىلدى بۇلۇت،
چوققا مەڭگۇ ئەزمەتكەن!

سۇغا چىققان قىزلار

مەن بىر خىيالچان ،دەرتىلىك ئادەممەن،
خەت يوق، خەۋەر يوق، قاشى قارالاردىن.
ئايلىنارمەن رەستىلەردە ئىزىڭلار بويلاپ،
باھارنىڭ يالقۇنىنى كۆردۈم كۆزۈڭلاردىن.
مۆكۈندۇڭلار نەلەرگە ئەي جانانىلەر،
يۈرەك دېرەكلەپ تۇرار ئۇچۇرۇڭلارنى.
بېغىڭلارغا بۇلبۇل ئەمەس، قوندى شىمشىق،
ۋە ياكى ھايات ساڭا قىلدى چاقچاق.
شەپەق ئوينار سۇ يۈزىدە جىمىرلاپ،
سۇغا چىقارجانانلار، ئېچىلغان سەبدە گۈلىدەك.
بىپەرۋا قايتىڭلار، جېنىمغا ئوت سېلىپ،
ئۇچقان ئاققۇ ،تۇرنا ،غازلاردەك.
جانان قىزلار، غۇنچە قىزلار، قىرمىزى قىزلار،
ئاق قىزلار، ئۈنچە قىزلار، يىپەك قىزلار...
سىلەرسىز ئۆمۇر بېغى گۈرۇستان،
سىلەرسىز يۈرەك مۇزلار، يۈرەك توڭلار.
قىز كەتتى، دىلىم ھەم كەتتى، مەھزۇنمەن.
ئۆرتەپ تۇرار ئايرىلىش قاراڭغۇ قەلبىمنى.
ئۇچۇپ كەتتىڭلار، كۆڭۈل گۈلۈستانىمدىن.
قالدۇرۇپ چەكسىز سېغىنىشنى.
يىگىتنىڭ سۇلتانىغا ئولجا بولار ،
بىر قۇش كېلىپ قوندى دىل بېغىما.
باھار كەلدى، قۇت كەلدى، قۇشۇم كەلدى،
ھەسرەت شارابى قىرتاق، يېقىنلاشما!

(ئىلى كەچلىك گېزىتى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۇنى 2663- سانى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 11:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-23 09:45:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ شېئىرلىرىدىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت!
ياخشى شېئىرلاركەن.

ۋاقتى: 2014-3-24 12:29:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسئۇدكامنىڭ ئەجرىدىن سۆيۈندۈم...

ۋاقتى: 2014-3-24 14:16:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلبەتتە، مۇختار شاخانوپنىڭ  ئىزى ئۆچمەيدۇ...بولۇپمۇ قازاق شېئىرلىرىنىڭ شېئىرى تەسسەۋۇرى رەڭدار،پايانى كەڭ توسقۇنسىزلىقى مېنى ئۆزىگە  ئالاھىدە  رام  قىلىدۇ...قۇتتى بولسۇن  نۇر بولات قابدۇقادىر!

ۋاقتى: 2015-1-15 17:51:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە ئاپرىن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش