ئەزىز ئىمىر يانغىن 1985-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاۋات ناھىيسىدە تۇغۇلغان .2010-يىلى 6-ئايدا غەربى جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن . 2014-يىلى 6-ئايدا جوڭگو ئېلىكتىرۇن پەن-تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش كەسپىدە ماگستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن .
ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ ئىجادىي پائالىيتى 2002-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «پەخرىم –ئانا تىل »ناملىق نەسىر بىلەن باشلانغان .
شۇنىڭدىن بۇيان « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ، «جوڭگو مىللەتلىرى » ،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى »،«قەشقەر»،«كروران »،«يېڭى قاشتېشى »،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى »،«تەڭرىتاغ»...قاتارلىق گېزىت –ژۇرناللاردا « مۇھەببەتنىڭ كۆز يېشى »، « مۇھاببەت قاتىلى » ناملىق پوۋىستلىرى ، «مۇھەببەت جاۋابىڭ نېمە ؟» ،«قەپەستىكى يۈرەك » ،«مۇھەببەت قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ »،«قىز قەلبى »...قاتارلىق ھېكايىلىرى ،«مۇھەببەت مەكتۇپلىرى »،«سېغىنىش ئىزتىراپلىرى»،«گۇگۇم پەسلى »...قاتارلىق نەسىرلىرى بۇلۇپ 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىر ،شېئىر ،ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان .
«سېغىنىش ئىزتىراپلىرى » ناملىق نەسىرى 2013-يىلى ئېزىز نامان نامىدىكى «تارىم باھارى »ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
«قەپەستىكى يۈرەك»ناملىق ھېكايىسى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
«سېھىرلىك مەخلۇق »،«يىرتىلغان كىتاب »،«ئۇنتۇلماس مىنۇتلار ، گۈزەل دەقىقە» قاتارلىق ھېكايىلىرى «تارىم غۇنچىلىرى »،«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى » تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپاتلىق ماقالە –ئەسەر مۇسابىقىسىدە 1-ۋە 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن .
''سەمىمىيلىك '' ناملىق ماقالىسى 2012-يىلى سىچۇەن ئۆلكىلىك مائارىپ ئىدارىسى ، قۇرلۇش بانكىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان « قۇرلۇش بانكىسى لوڭقىسى »ناملىق ماقالە مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
2012-يىلى 7-ئايدا مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ "تۇرمۇشتىن سادا" پروگراممىسىدا زىيارەت قىلىنغان .
2013-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ "مەدەنىيەت بوستانى "پروگراممىسىدا "تور ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆھبەت "تېمىسىدا زىيارەت قىلىنغان .
2015-يىلى 1-ئايدا "قوشكېزەكلەر "ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان .
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ ئەزاسى.