كۆرۈش: 986|ئىنكاس: 7

قەپەز (ئاۋازلىق ئەسەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەپەز  

(ئاۋازلىق ئەسەر)

ئاپتۇرى: ساجىدە سۇلايمان


مىكرافون ئالدىدا:
ئىپارگۈل ئابدۇخېبىر
مىرزات مۇختەر


چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.yanghin.com/nahxa/kapas.mp3




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +1 يىغىش سەۋەبى
يانغىن + 1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-3-24 22:54:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساجىدەنىڭ ئىجادىيتىگە سۇلماس ئۇتۇقلار يار بولسۇن !!

ۋاقتى: 2012-3-28 02:21:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساجىدە سۇلايماننىڭ ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-3-30 21:47:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ  ياخشى تىلەكلىرىگە تەشەككۇر!

ۋاقتى: 2012-4-10 01:46:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
fff.gif


سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى  ياختۇرۇپ ئوقۇيتىم ، بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى چۈشۈرۋالدىم  ئۇلۇق ئاللاھدىن سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن!!!

ۋاقتى: 2012-4-10 03:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قەپەز»دىن ئۇچۇپ چىققان خىياللار

ساجىدە سۇلايماننىڭ «قەپەز» ناملىق ھېكايىسى توغرىسىدا
ئايزىت
ئۇ كۆل بويىدا دوستلىرى بىلەن سۆگەت چىۋىقلىرىنى سېرىپ بوستان چاچ ياساپ ئويناۋاتقان قىزنىڭ  ئۇزۇن ، تۈز چىۋىقلىرىنى ئېلىپ قەپەز ياساپ تۇمۇچۇق باققان. تۇمۇچۇقنىڭ مۇڭلۇق سايراشلىرىدىن ، ئۆزىنى قەپەزگە تىنماي  سۈركىگىنىچە ئىچ-ئىچىدىن ئىنتىلىپ سايراشلىرىدىن شاتلانغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزى كور بولغىيمىدى؟ .ئۇ تۇمۇچۇقنىڭ مۇڭلۇق سايرىغان ھالىنى كۆرمەي ، ئاۋازىدىن كۆڭلىگە خۇشاللىق تاپقان. ئۇ تۇمۇچۇقنىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قەپەزگە سولاپ باققان ئىدى.
خۇشاللىق قىزىقىش ، مەپتۇنلۇق ئىلكىدە بەرق ئۇردى. بىردەملىك خۇشاللىق ، ئەبەدىيلىك كۆڭۈل ئازدىلىكىنىڭ باشلانمىسى بولالمىغىندەك ئۇ كېيىنكى كۈنلىرىدە تۇمۇچۇقنىڭ ھەسرىتىگە قالدى.
مەن ساجىدە سۇلايماننىڭ «قەپەز» ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقىۋېتىپ ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىقنىڭ ئېقىنىدا بىردە چۆكۈپ ، بىردە توختاپ ، گاھىدا ئېقىپ بېقىپ ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىقنىڭ تەڭ ئەمەسلىكىنى بىراق، ئەدەبىياتنىڭ  ئىنساننىڭ ھايات ھەقىقەتلىرىگە يۈكسەك روھى ئورۇندا تۇرۇپ مۇھەببەتلىك ئىنكاس بېرەلەيدىغان رىئاللىق ئىچىدىكى بىر رىئاللىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
ھېكايە 1-شەخىس تىلىدا يېزىلىپ «مەن» بايان قىلغۇچى سۇبېكتىپ سۈپىتىدە ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن لىنيىسىگە سىڭگەن. ئەسەردىكى بارلىق سىيۇژىت ئورۇنلاشتۇرۇش ، قىز بىلەن يىگىتنىڭ قەپەز ئارقىلىق تونۇشۇپ ئاخىرى تۇرمۇش قەپىزىنىڭ ئىچىدە چارىسىز قېلىشلىرى «مەن» نىڭ كۆزى ئارقىلىق ئېيتىپ بېرىلگەن.
پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە ھېكايە ھەجىمىنىڭ كىچىكلىكى، سەھىپىسىنىڭ قىسقىلىقى، سىيۇژىتنىڭ ئىخچام ، باش تېمىسىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇرىدۇ. ئاپتور ماتىريال تاللاش نۇقتىىسدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئەمەس ، مەلۇم بىر تەرىپىنى يورۇتۇپ چىقىدۇ.
ھېكايىدە ئاپتور «قەپەز» نى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى ياش ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا تونۇشۇش مۇئامىلە لىنىيە قىلىنىپ ، ئەسەردىكى ۋەقەلىك لىرىك يول بىلەن راۋاجلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئەسەر تۆت كۆرۈنۈش بىلەن كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ.
بىرىنچى كارتىنا ــــ كۆل بويىدا دوستلىرى بىلەن بوستان چاچ ئويناۋاتقان قىزنىڭ تۈز ھەم سىلىق تالىنى ئېلىپ قەپەز ياساش ئۈچۈن ماڭغان قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ دەسلەپكى ئۇچرىشىشى.
ئىككىنچى كارتىنا ــــ قەپەزدىكى تۇمۇچۇقنىڭ سايرىشىدىن خۇشال بولۇپ ئوغۇلنىڭ قەپەزدىكى تۇمۇچۇقتىن  ھوزۇرلىنىشى، قىزنىڭ قەپەزدىكى تۇمۇچۇققا ئىچ ئاغرىتىشى ، ئەركىنلىكى بوغۇلغان، ھەسرەتلىك سايرىغان تۇمۇچۇققا ئېچىنىشى.
ئۈچىنچى كارتىنا ــــ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تونۇشلۇق. ئۆزىگە تونۇشسىز بىرىگە ياتلىق قىلىنىشى.
تۆتىنچى كارتىنا ــــ ئاللىقاچان باشقا بىرىنىڭ ئادىمى بولۇپ كەتكەن قىزغا  ،ئوغۇلنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشى، ئوغۇل بىلەن قىزنىڭ قەپەزدىكى تۇمۇچۇقتەك ھالى تېتىملىق تەسۋىرلەنگەن.
بۇ تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئەدەبىي ئەسەردىكىلا ئەمەس . بىزنى چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغان  ،بىزگە ئەڭ يېقىن ، تونۇشلۇق كۆرۈنۈش. سۇبېكتىپ ھەم ئوبېكتىپ بىزنى ئورىغان مۇھىت بولغاچقا، قەلبىمىزدە ئۇنتۇلماس تۇيغۇلارنى قالدۇرىدۇ.
ئۇ تۇيغۇلىرىمىز ئەسەردىكى ھېكايىنىڭ بايانى ئەمەس ، بەلكى رېئاللىقتىكى قەلبىمىزگە تىنىپ قالغان ئۆزىمىزنىڭ پەقەت ئۆزىمىزگىلا راست سۆزلەتكۈزىدىغان، سەمىمىيەتكە چىلانغان قەلبىمىزنىڭ ماھىيىتىدۇر.
«قەپەز» نىڭ جەلىپكار ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
1. سېلىشتۇرمىنىڭ دەل جايىدا مۇۋاپىق قوللىنىشى
ئەسەردىكى ئىككى پېرسۇناژ ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما ناھايىتى روشەن بولۇپ ، سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئىككى پېرسۇناژ قەلبىدىكى ئالىيجاناپلىق، شەخسىيەتچىلىك، قىزىقىش، ھەۋەسلەر مەنزىرە ، تىل ، ھەركەت ئارقىلىق ناھايىتى ئەپچىل سېلىشتۇرغان.
«   ــ  سىزمۇ بۇ چىۋىقلارنى قەپەز ياساشقا ئىشلىتەمسىز؟ ــ دەپ سورىغىنىمدا، سەن:
     ــ شۇنداق، قەپەز ياساپ تۇمۇچۇق باقىمەن،ــ دېگەن ئىدىڭ.
     ــ قەپەس ياسىشىڭىزغا بېرەلمەيمەن،»، « ــ نېمىشقا؟ ــ مەن قۇشلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ئويۇننى ياقتۇرمايمەن.»، « ــ  سىز تۇمۇچۇقنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ــ سورىدىڭ مەندىن.
     ــ ياق، مەن كاككۇكنىڭ سايرىشىنى ئاڭلاپ باققان، ــ دېدىم ئاۋازىمنى ئاران چىقىرىپ.
     ــ تۇمۇچۇقنىڭ سايرىشى بەك مۇڭلۇق، ئۇنى قەپەزگە سولاپ سۆگەت شېخىغا  ئېسىپ قويسىڭىز  ئاجايىپ مۇڭلۇق سايراپ بېرىدۇ.
     ــ نېمىشقا مۇڭلۇق سايرايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ ئەركىن ھاۋادا، خۇشناۋا باغلاردا يايراپ كۆنۈپ قالغان، سىز ئۇنى ئۇچۇشتىن مەھرۇم قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئۇ ئەنە  شۇ باغلىرىنى سېغىنىپ، ھەسرەتتە مۇڭلۇق سايرايدۇ، ئۇنىڭ سايراشلىرى بىر ھەسرەت ــ دېدىم مەن مەيۈس بىر ھالدا.
     ــ مەن دەل ئاشۇ مۇڭلۇق سايراشلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قەپەزگە سولاپ قويىمەن،»، « چىرايلىق بىر قۇش ئۆزىنى قەپەزگە ئۇرۇپ سايراۋېتىپتۇ. قەپەستىكى قۇشقا سەن ھەۋەسلىنىپ قاراپ ئولتۇرۇپسەن. قەلبىمدە ئىككى خىل تۇيغۇ، ساڭا قارىسام قەلبىم بىر خىل ھاياجانغا تولىدۇ، تۇمۇچۇققا قارىسام يۈرىكىم ھەسرەتكە چۆكىدۇ.»
بۇ سېلىشتۇرۇشلار قارىماققا تولىمۇ ئاددى .بىراق، سېلىشتۇرۇشنىڭ كەينىدە چوقچىلىنىپ تۇرغان ئىككى پېرسۇناژنىڭ ئىچكى روھىيىتى ، خاراكتېرى ، ئادىمىيلىكى شۇنداقلا، بىز ئېرىشىدىغان بەدىئىت ھەم ئىستىتىك قىممەت يۇقىرى. ھاسىلات چوڭقۇر.  «قەپەز» نى ئوقۇپ تۈگەتكەن چېغىمىزدا، ئۇنىڭدىكى نازۇك ھەم ئىنچىكە روھى ھالەت تەسۋىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمىز.
2. سىمۋولنىڭ جەزبىدارلىقى
ھېكايىنىڭ تىلى لىرىك. مەزمۇن ناھايىتى چوڭقۇر. ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئېيتقاندا، ھېكايىنىڭ سەھىپىسى قىسقا ،ھەجىمى كىچىك بولسىمۇ . ئەمما ، ئاپتور ھېكايىدە «قەپەز» دىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبراز ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىپ ماۋزۇ بىلەن باش تېمىنى زىچ ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە قىلغان. شۇنداقلا «قەپەز» نى ئابىستىراكىتلاشتۇرۇپ  «قەپەز» نىڭ كۆپ قاتلاملىقلىقىنى كۆرسىتىپ ئىستىتىك تۇيغۇنىڭ يېڭى، ئەسەرنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرغان.
3. ۋەقەسىزلەندۈرۈش
«قەپەز» ناملىق ھېكايىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى ، ئاپتور ۋەقەلىكنى ئەسەردە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىۋېلىش خائىشىنى سادىر قىلماي زىدىيەتنى لىرىك يول بىلەن ئەگىپ ئۆتۈپ ئىپادىلەپ ، ھېكايە ۋەقەلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ «ۋەقەسىزلەندۈرۈش» ئارقىلىق كىتاپخانلارغا ئەدەبىيات بىلەن رىئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ قوش ئۈنۈم ياراتتى. يەنى ئىستىتىك قىممەت يارتىش بىلەنلا چەكلەنمەي تۇرمۇش چىنلىقى تۇيغۇسى  بېغىشلىدى.
مەنچە بۇ ھېكايىنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ، تىلغا ئېلىش زۆرۈرمۇھىم بىر تەرىپى. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا قىز، ئوغۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئوي –پىكىر تولۇق تاپشۇرۇلماي ،كىتاپخانلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىغا كەڭ، كۆپ ئمكانىيەت قالدۇرۇلغان.
يىغىنچاقلىغاندا، ھېكايىدىكى «قەپەز» ئوغۇلنىڭ ، قىزنىڭ چىۋىقلىرىنى ئېلىپ توقۇپ ، تۇمۇچۇق باققان ئادەتتىكى نەرسە بولسىمۇ لېكىن ھېكايىدە ئىپادىلەنگەن سىمۋوللۇق مەنسىىنىڭ چوڭقۇر ، ئابىستىراكىتلىقىدىن ئالغاندا ، كىتاپخانلىرىمىز ئۆزىنىڭ تەپەككۈر بوشلۇقىدا ئىستىخىيلىك ئويلىشىدىغان نۇقتىلىرى جىق. تۇرمۇش ھەقىقىتى پاكىتلىك، يۈكسەكلىككە ئىگە.
ساجىدە سۇلايماننىڭ ئجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 03:07  


ۋاقتى: 2014-11-17 08:51:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساجىدە سۇلايمان ھەدەمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2014-11-17 10:34:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 01:46
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى  ياختۇرۇپ ئوقۇيتىم ، بۇ ئاۋازل ...

مەنمۇ چۈشۈرۈۋالاي دېگەن. ئەمما ئۇلىنىش ئېچىلمايۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش