كۆرۈش: 2738|ئىنكاس: 14

ھەزرەتئەلى ئەلى: شائىردىكى يېتىلىش: «ئۆزلۈك» تىن « كائىنات» قىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى  مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە

شائىردىكى يېتىلىش:  ئۆزلۈكتىن كائىناتقىچە

                                (ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە)

                                               
  ھەزرەتىئەلى ئەلى

1970- يىلى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان  قەدىمىي يۇرت  قاغىلىقنىڭ بىر تاغلىق كەنتىدە ئادىل ئىسىملىك بىر بالا تۇغۇلدى. ئۇ بالا دەل بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئاۋانگارت شېئىرىيتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بولغان ئادىل تۇنىيازدۇر.  ئۇ بالىلىقىنى تەبئىي غەمسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن سەھرانىڭ توپىلىق يوللىرىدا ئېغىناپ، ئەپسانە-چۆچەكلەرنىڭ سىرلىق قەسىرىدە چۈش كۆرۈپ، خەلق قوشاقلىرىنىڭ لىرىك رېتىمىدە مەست بولۇپ ئۆتكۈزدى. مانا بۇ ئۇ ئۇچراشقان شېئىرنىڭ ئىپتىداسى ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرىيەت يىلتىزى مانا مۇشۇنداق بىر تۇپراققا يىلتىز تارتقان. شېئىر ئوتىنى ئۇنىڭغا بىرەر كىم ياققان ئەمەس، بەلكى ئۇ شېئىر ئىچىگە تۇغۇلغان، شېئىر ئىچىدە چوڭ بولغان. سەل ئەقلىگە كەلگەن چاغدىكى دادىسىنىڭ تەربىيسى، ئىلھاملاندۇرشى بولسا، ئۇنىڭدىكى چوغنى ئۇلغايتىش رولىنى ئوينىغان خالاس. شېئىر ئۇنىڭدىكى تۇغما، ئىچكى ئېنىرگىيەدۇر. بۇ نوقتىنى ئىرسىيەت نوقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئادىل تۇنىيازنىڭ دادىسسىمۇ بىر شېئىرىيەت ئاشىناسىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى شېئىرىي موھىت ئۇنىڭدا تەبىئىي شېئىرىي تالانتنى يېتىلدۈرگەن. شۇڭا، ئون نەچچە ياشلىق بۇ بالا شائىر 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ  ھېچقانداق شائىرغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن شېئىرىيەت سېپىگە قېتىلىپ كىردى. ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق راسا تىركىشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، بەھىس –مۇنازىرىلەرگە ئارىلاشماي، ئۆزىنىڭ خىيالىي قەسىرىدە ساددا، بىغۇبار ئاۋازىنى تىڭشاپ، ئۆز يولىنى داۋام ئەتتى. مانا ھازىرغا كەلگەندە تالاي ئاۋانگارتلارنى، تالاي ئەنئەنىچىلەرنى ئارقىدا تاشلاپ، ئۆز يولىدا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيتىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا ئۇلاشتى.
بىر شائېرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك  يېتىلىشى بىلەن ئىجادىيەتتىكى يېتىلىشىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولۇشى ناتايىن. ئەمما بىز ئادىل تۇنياز شېئىرلىرىدىن بۇ خىل تاناسىپنى كۆرىمىز. 1982-يىلى «سۈزۈك سۇ» ناملىق شېئىرى تۇنجى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە بەش پارچە شېئىرلار توپلىمى (800 پارچىدەك قىسقا شېئىر، ئون پارچىدەك داستان) بىر پارچە ماقالىلەر توپلىمىنى ئوقۇرمەنلىك ئەلگىكىمىزگە سۇندى. مەن ئادىل تۇنىيازنىڭ دائىملىق، ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ   30نەچچە يىللىق شېئىر ئىجادىيتىدىن ئۈچ خىل يۈكسىلىشنى، ئۈچ خىل شېئىرىي مەنزىلنى، ئۈچ خىل ئادىل تۇنىيازنى كۆردۈم. بۇنىڭ بىرىنچىسى دەل شائىرنىڭ ئۆزىگە چەكسىز يېقىنلاشقان، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تۇيغۇلىرىنى بىپايان سەھرا تەبىئىتى بىلەن يۇغۇرىۋەتكەن، بالىلىق ئەسلىمىلىرى، بالىلىق تۇيغۇلىرىغا سادىق بولغان ، ئۆزىنى ئىپادىلىگەن «ئۆزلۈك» باسقۇچىدۇر.
1-باسقۇچ: «ئۆزلۈك» باسقۇچى (1993-1982)
ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنى سۆيگەن ھەر بىر ئەقىللىك ئوقۇرمەن ئۇنىڭ «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا»، «بويتاق شائېرنىڭ مەخپىيتى» ناملىق ئىككى توپلىمىدىن« سەھرا ۋە بالىلىق»تىن ئىبارەت ئىككى يادرونى ھېس قىلالايدۇ. چۈنكى ئاشۇ سەھرادا شائىرنىڭ سىرلىق، قىزىقارلىق، تەسىرلىك بالىلىق ئەسلىمىلىرى ئۆتكەن. ئۇ بۇ ئىككى توپلىمىدا سەھرا تەبىئىيتى بىلەن بالىلىق تۇيغۇلىرىدىن ئىبارەت ئىككى مىلودىيەنى ياڭراتتى.  ئوبزورچىلارمۇ «ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا بالىلارغا خاس تەپەككۇر، بالىلارچە ساپ، ساددا تەسەۋۋۇر ھەم ھېسيات قىلچە پەردازسىز، ئەسلىگە سادىق ھالدا بالىلارغا خاس چۈچۈك، تاتلىق تىل، ئىنتايىن يەڭگىل شېئىرىي رېتىم بىلەن ئىپادىلەنگەن» دەپ باھا بەردى. ئۇنىڭ ئۆزى ياشىغان تەبىئەتنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى باشقىلار خۇلاسىلەپ بەرگەن ئىلمىي ياكى كولىكتىپ تەجرىبىگە تاينىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تەجرىبىسىگە، بىۋاستە تۇيغۇسىغا، ئۆزىگە خاس روھى تەجرىبىسىگە تايىنىپ ئىپادىلىشى شۇ چاغدىكى شېئىرلارنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ئۇ بۇ ئىككى توپلىمىدا قاغىلىقلىق بىر بالىنىڭ چىن، ساددا، بىغۇبار ئاۋازىنى ياڭراتتى. بۇ ئاۋازغا ئۇ ياشىغان مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنۈش سۈپىتىدە ئەكىش ئەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شېئىرىيەت قارىشى ئەكىس ئەتكەن«شېئىر مېنىڭ ئاۋازىم» ناملىق ماقالىسىدا شۇنداق دەيدۇ.«مەن شېئىر يازماقچى بولغىنىمدا، چۆچەكلەر دۇنياسىغا قايتىمەن. مېنى ئوراپ تۇرغان، كىشىلەر تەرىپىدىن ئات قويۇلغان، مەنە بېرىلگەن، كۆز قاراش سىڭدۈرۈلگەن شەيئىلەر، رەتلىك، قانۇنىيەتلىك دۇنيا  ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلىدۇ. مەن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى ۋە سۆزلەرنى  ئويۇنچۇقۇمنى تىزغاندەك قايتىدىن قوراشتۇرۇپ چىقىمەن. بۇ سىرلىق جەريانغان مېنىڭ تۇيغۇلىرىم، ئادىتىم، غەملىرىم، خۇشاللىقىم، خاھىشىم ئۆزلىكىدىن سىڭىپ كېتىدۇ». دېگەندەك بىز بۇ باسقۇچتىكى شېئىرلاردىن ئۆزگىچە بىر ئەپسانە-چۆچەكلەر دۇنياسىنى كۆرىمىز. بۇ يەردىكى ئەپسانە-چكچەكلەر دۇنياسى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى دەل شائىرنىڭ بالىلىقىدۇر. ئۇ بالىلىقىدىكى خاتىرىلىرىگە قايتىدۇ. بىز بۇ شېئىرلاردىن چۆچەك، ئۆمۈچۈك، خىزىر، پەرىشتە، مەلىكە، پادىچى قاتارلىق ئىماگلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىشىمزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇ ئىماگلارغا شائىرنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرى، تۇيغۇلىرى، ئارزۇ- ھەۋەسلىرى، خۇشاللىىلىرى سىىڭگەن بولۇپ، بالىلىقنىڭ ئىنچىكە ھالىقىلىرىغىچە تۇتىشىدۇ.

بولمىسىمۇ ئالتۇن كەشى ئانامنىڭ،
«ئالتۇن كەش» دەپ چۆچىكى بارتى.
دادام ھەر كەچ خىزىر ھەققىدە
چۆچەك ئېيتىپ ئۇخلاپ قالاتتى.
شۇ ئاخشىمى خىزىر بولۇپ مەن،
بۆلۈپ بېرەتتىم خاسىيەتلىك چۈش.
پەرىزاتتەك كېيەتتى ئانام
دۆۋە-دۆۋە ئالتۇن كەشلەرنى.
تېپىۋالاتتى ئېتىزدىن دادام
نۇ چېچىپ تۇرغان ئالتۇن كەتمەننى.

بۇرۇن-بۇرۇندا،
نۇرغۇن-نۇرغۇن چۆچىكىم بولغان.
چۆچەكلىرىمدە
توخۇ، توشقان، ئۆردىكىم بولغان.
ساقاللىق قوياشقا ئېيتىپ بەرگۈدەك،
چۆچىكىم ئىچىدىكى چىرايلىق چۆچەك
باش–ئاخىرى يوق بالىلىق ئىدى.

-«چۆچەكلىرىم»دىن

مەزكۇر شېئىردىن بالىلىققا تۇتاشقا تارام-تارام لىنىيەلەرنى كۆرىمىز. مەسىلەن: بالىلىق ئەسلىمىلەر، بالىلىق تۇيغۇلىرى، بالىلىق خاراكتىر، بالىلىق تۇرمۇش دېگەندەك...ئەلۋەتتە، باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك شائىرنىڭ بۇ  خىل ئۆزىنى ئىپادىلىشىگە ئۆزى ياشىغان تەبىئەتنىڭ، جەمىيەتنىڭ، مەدنىيەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان. شائىر يەنە «مەن باشتىن ئاخىر شېئىردىن ئىبارەت غايىۋىي بەلگە ئارقىلىق بىر ئەپسانىنى خاتىرلەپ كەلدىم. بۇ ئەپسانە ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىقىدۇر. شائىرلار بولسا ئنسانلار ئارىسىدىكى مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالا»دۇر دەيدۇ. بۇ شائىرنىڭ بالىلىق تۇيغۇدا ياشاۋاتقان. «ئۆزلۈك»ىنى ئىپادىلەۋاتقان بىرىنچى باسقۇچتىكى شېئىرىيەت قارىشىدۇ. ئەمما كىيىنكى باسقۇچتىكى شېئىرىيەت قاراشلىرى، شېئىر ئىجادىيەت ئەمەلىيتى ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە  بۇ خىل ئىنكار قىلىشلار، شائىردىكى ئىككىنچى بىر خىل يۈكسېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
شائىرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى ئەركىن تاللىشى شۇنداقلا بالىلىقتىن ئىبارەت ئەپسەنە ئىچىدە پارلىشى قاغىلىقتىن ئىبارەت قەدىمىي يۇرتنىڭ قەدىمىي،تەبئىي كۆرۈنۈشلىرىنى شېئىرغا ئېلىپ كىرگەن ھەمدە شېئىردىكى ئۆزگىچە ساپ  مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدىكى بۇ خىل ئىپادىلىنىش بىر خىل ئاڭسىزلىققا ئىگە. شائىرنىڭ شېئىرىيەت قارىشىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، شائىر شېئىردىكى سەھرا تەبئىتىنى يازاي دەپ يازمايدۇ. ئۆزى دېگەندەك شېئىر يازماقچى بولغىنىدا چۆچەكلەر دۇنياسىغا قايتىدۇ. ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى ئويۇنچۇقنى تىزغاندەك قايتىدىن قوراشتۇرىدۇ. بۇ سىرلىق جەريانغان بالىلىق تۇيغۇلىرى، ئەسلىمىلىرى، سەۋەسلىرى، ئادەتلىرى سىڭىپ كېتىدۇ..دېمەك، شائىر شېئىر ئىجادىيتى جەريانىدا بالىلىق تۇيغۇسىغا قايتىدۇ. ئەقىلى رەۋىشتە خاتىرلىمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىزنى شېئىرنىڭ ماھىيتى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. سەنئەتنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ بىر خىل ئاڭسىزلىق، ئىستىخىيەلىك خاراكتىرگە ئىگە. ئەڭ دەسلەپكى سەنئەتنىڭ بىخلىرى بولغان تاش قۇراللار، ئۆڭكۈرلەرگە سىزىلغان رەسىملەرگە ئەڭ دەسلەپ ئىستىتىك مەقسەت ئارىلاشمىغان. ئۇلار پەقەت بىر خىل ماددى ياكى ئۆزىنى قوغداش ئېھتىياجى يۈزىسىدىنلار شۇ نەرسىلەرنى ياسىغان، سىزغان ياكى بىر خىل بەلگە سۈپىتىدە ئستىمال قىلغان. كىيىن ئىنساننىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىتىك ئىقتىدارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، قۇراللارنى سىپتا، چىرايلىق ياساشقا،باشلىغان ھەم  رەسىملەرنى، ناخشا ئۇسسۇللارنى كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ئوينىغان شۇنداقلا ھەرىكەتلەرنى  گۈزەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇندىلا سەنئەتتە ھەقىقىي ئىستىتىك  مەقسەت بار بولغان. ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ باسقۇچتىكى شېئىرلىرىدىمۇ بىر خىل ئاڭسىزلىق ئالاھىدىلىكى بار.يەنى بىر خىل مەستخۇش كەيپىيات بار. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدەك  ساددا ھەم سىدام، لىكىن سىرلىق. بۇ خىل ھالەتنى ئۇنىڭ «قۇشقاچلارغا ئەگىشىپ»، «كىچىككىنە يىزا بازىرى»، «چۆچەكلىرىم»، «ئۆمۈچۈك ناخشىلىرى» قاتارلىق شېئىرلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بىز «كىچىككىنە يىزا بازىرى» ناملىق شېئىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

بۈگۈن سەھەردە،
قوياش سۇنغان ئاق گۈلچەمبىرەك
ياراشقاندا مۇز دېرىزىگە؛
تىرىلگەندەك قارلىق دالىغا
دەپىن قىلغان كىپەنلىك باھار،
ئەسلىمەمنىڭ تاش ئەينىكىگە
ئېقىپ چۈشتى ئۇزۇن بىر سايە.
قەلبىم شۇئان يىرتىپ تۇماننى
ئەرۋاھ كەبى چىقتى ئايلىنىپ،
كىچىككىنە يىزا بازىرىنى.

كىچىككىنە يىزا بازىرى
سالام سېنىڭ چوغدەك تېڭىڭغا.
كۆڭلەك كىيىپ شايى تۈتۈندىن،
سەھرادىكى قىزغۇچ تۇماندا،
ئۇخلاۋاتقان كۆپكۈك ھاۋاغا.
سالام ئىگىز تىرەكلىرىڭگە-
زەر قاناتلىق يىڭناغۇچلاردەك،
قوۇۋالغان كۈن نۇرلىرىغا.
سالام كېچىدە قۇياشنى چۈشەپ
تام تۈۋىدە سوزۇپ چىللىغان
شاھزادىدەك خورازلىرىڭغا.
سالام ئىشىكىنى غىچىرلاپ ئېچىپ،
ئىبادەتكە ماڭغان بوۋايغا.
....

شېئىردا « كىچىككىنە يىزا بازىرى»نىڭ سۈرىتى سىزىپ چىقىلغان. شېئىر يەنە «كىچىككىنە يىزا بازىرى»تىمىسىدىكى چاتما ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ. خۇددى جوڭگۇ كىلاسسىك شائىرلىرى تەكىتلەيدىغان «شېئىر ئىچىدە رەسىم بولۇش، رەسىم ئىچىدە شېئىر بولۇش» قارىشى گەۋدىلەنگەن. شېئىردىكى ئىسلاشقان چايخانا، ئىشەك ھارۋىلىرى، قېتىقچى قىزلار، تۇزچىلار، سالۋا تەلپەكلىك دېھقان، تۈگمەنچى، بورا ساتقۇچى، تۆگە، سەھەردىكى خوراز، ئۆمۈچۈك تورلىرى ساڭگىلاپ تۇرغان چايخانا، ئىگىز تىرەكلەر، كۆپكۈك ئاسمان قاتارلىق ئوبرازلار كۆز ئالدىمىزغا پەردازسىز بىر دۇنيانى زاھىر قىلىدۇ. شېئىردا سەھرا بازىرىنىڭ كىچىككىنە كۆرۈنۈشلىرى شۇنچىلىك جانلىق، تەبئىي سۈرەتلەنگەن. نەقىلنىڭ 3،4،5-مىسرالىرىدىكى مەنزىرە –قارلىق دالا ۋە كىپەنلىك باھار دېگەن بېرىكمىلەردىن شېئىردا تەسۋىرلىنىۋاتقان ۋاقىتنىڭ قىس پەسلى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شائىر شۇنداق بىر سەھەردە يىراق ئەسلىمىلەرگە قايتىدۇ. بۇ ئەسلىمىلەر كىچىككىنە يىزا بازارىغا مەركەزلىشىدۇ. شېئىردىكى كۆرۈنۈشلەر  ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق تەسىراتنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. بەلكى شائىرنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان خاتىرىسىگە ئورناپ كەتكەن يىزا بازىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنىڭ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ مەزكۇر شېئىردا مەركەزلىشىدۇر. شائىر شېئىرنى ئۈرۈمچىدە يازغان. گەرچە شائىر ئۈرۈمچىدە ياشىسىمۇ، ئۇنىڭ روھىيتى سەھرا تۇپرىقىغا يىلتىز تارتقان. ئومۇمەن ئۇنىڭ 1993-يىلنىڭ ئاىىرلىرىغىچە بولغان شېئىرلىرىدا بالىلىق بىلەن سەھرا تەبىئىتىي ئىككى  يادرولۇق تىما بولۇپ كەلگەن.
2.باسقۇچ: مىللەت باسقۇچى (2008-1994)
ھەممە نەرسە يېتىلىدۇ، ئۆزگىرىدۇ. بىز ئادىل تۇنىيازنىڭ بەش پارچە شېئىرلار توپلىمى ئوقۇيدىغان بولساق، 1993-يىلنىڭ ئاخرىدىن باشلاپ ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئۆزگىرىش ئاساسلىقى تىماتىكا ۋە تىل ئۇسلۇبى جەھەتتە خاراكتىرلىنىدۇ. قارايدىغان بولساق بۇ باسقۇچتىكى شېئىرلارنىڭ تۇتۇقلۇق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، تىلنىڭ سىغىمچانلىقى كىڭەيگەن. بۇ شائىرنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىدىكى يېتىلىشتىن؛ تەسەۋۋۇر، سىموۋللارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىدىن ئىبارەت. ئادىل تۇنىيازنىڭ 30نەچچە يىللىق شېئىرىيىىتىنىڭ تىل قاتلىمىنى- فونتىكا، لىكسىكا، ئىستىلىستىكا ۋە گىرامماتىكا قاتلاملىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۈم. بۇ قاتلاملارنىڭ ھەممىسىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزگىرىش بار. مەسىلەن : لىكسىكا قاتلىمىدا دەسلەپكى شېئىرلىرىدا سەھرا ۋە بالىلىققا خاس سۆزلەر كۆپ بولسا، بۇ باسقۇچتا، تارىخ، مەدەنىيەت، دىن، پەلسەپە، ۋە بۈگۈنكى زامانىۋىي جەمىيەتكە خاس سۆزلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. فونتىكا قاتلىمى جەھەتتىن شېئىر قاپىيەلىرى بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ئەمەس .تېخىمۇ ئەركىنلەشتۈرۋىتىلگەن. گىرامماتىكا قاتلىمى جەھەتتە ئىلگىرىكى شېئىرلاردىكى سۆزلەرنىڭ سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋىتى نورمال، چۈشۈنىشلىكرەك ئىدى . مىسرالارنىڭ تاشقى رېتىمى كۈچلۈك بولۇپ، مۇئەييەت تۇراقلىرى بار ئىدى. بۇ باسقۇچتا شېئىرلار شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ ئەركىنلىشىپ كەتكەن، نەسىرى تۈس قويۇقلاشقان، سۆزلەرنىڭ سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋىتى قالايمىقانلاشتۇرۇلغان. شېئىرىي پىكىر يوشۇرۇنلاشقان. ئىستىلىستىكا  جەھەتتىن؛ سىموۋل، ئىماگلارنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى بەك كۈچلۈك. بىرىنچى باسقۇچتىكى سىموۋل ۋە ئىماگلار بۇ باسقۇچتا ئاساسەن كۆرۈنمەيدۇ. بۇ ھەقتە ماقالىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرىدا يەنە توختىلىمىز.تىماتىكا جەھەتتىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ «مىللىيەتلىك»ئاساسىي يۈزلىنىش بولغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىككىنچى باسقۇچ شەخس چوڭقۇرلىقىدىن مىللەت چوڭقۇرلىقىغا قاراپ مېڭىش باسقۇچىدۇر.
بىز ئۇنىڭ 1994-يىلدىن باشلاپ يازغان شېئىرلىرىدىن ئىلگىرىكى ساددا، سىدام ئۇسلۇبىنى تاشلاپ، مىللەتنىڭ روھىي تەجرىبىلىرىنى، تارىخىنى، مەدەنىيتىنى ئۆزگىچە مىللىي پىسخكىنى قېزىشقا باشلىغانلىقىنى بايقايمىز. شائىرمۇ بۇ خىل بۇرۇلۇشنى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ«يېزىقچىلىق ۋە تۇرمۇش تەجرىبەمنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئاگىشىپ، مىللەت ۋۇجۇدىدىكى سۆيۈملۈك تاشقى ھادىسلەردىن، ساپ تەبىئىت گۈزەللىكىدىن ئاستا-ئاستا ئىچكى گۈزەللىككە يۈزلەندىم. روھىي تىراگىدىيەلەرنى بايقىدىم.» ئۇ يەنە بىرىنچى باسقۇچتىكى شېئىرلىرىنى بوۋاققا، كىيىنكى شېئىرلىرىنى يېتىلگەن ئادەمگە ئوخشىتىپ مۇنداق دەيدۇ.«ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كىرىپمۇ شۇ بالىلارچە تۇيغۇدا ياشاۋەرسە، ياكى بىلىدىغانلىرى بالىلىق چاغلىرىدىكىدىن پەرىقلەنمىسە، ساقال باسقان ياكى قورۇق چۈشكەن چىراي بىلەن گۆدەكلەرچە كۈلۈمسىرەپ يۈرسە مەسخىرىگە قالىدىغان گەپ. بۇرۇنقى شېئىرلىرىمدا بالىلارغا خاس يىغىلىرىم، مەسۇم چىرايىم بار. ئۇنى ياقتۇردىغانلىرىمۇ چىقىشى مومكىن. ئەمما شائىر پىشىپ يىتىلگەنسىرى شېئىرلىرىنى دۇنياۋى سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرىدىغان، شېئىرلىرىغا سىتىرولۇق مەنە ئاتا قىلىدىغان ۋە ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان بولىدىكەن. بوۋاق چوڭ بولۇشى كىرەك. تۆھپە قوشالايدىغان، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلەيدىغان، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلالايدىغان ۋە ھېس قىلدۇرالايدىغان بولۇشى كىرەك» بىز بۇ قاراشلاردىن شائىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچتىكى «شائىر مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالا»دېگەن قاراشلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھەمدە شائىرنىڭ گىپىدىن بىر خىل بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىمىز.
بىز شائىردىكى بۇ بۇرۇلۇشنى، يۈكسىلىشنى 1993-يىل ئاخىرى دەپ بېكىتتۇق. نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يىل چېكى بولىدۇ؟ بۇمۇ جاۋاب بىرىشكە تىگىشلىك موھىم مەسىلىنىڭ بىرىدۇر. ئەمدى بىز مۇشۇ يىل چېكىنى تۇتقا قىلىپ، شائىردىكى بۇرۇلۇشنىڭ ئوبىيكتىپ، سوبىيكتىپ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.
شائىر بالىلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەھرادا ئۆتكۈزگەن. سەھرا تەبىئىيتى ئۇنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان. بىز يەنە ئۇنىڭ ئەدەبىي خاتىرلىرىدىن، ماقالىلىرىن، شېئىرلىرىدىن خاراكتېر جەھەتتىن باشقىلار بىلەن كۆپ ئارىلاشمايدىغان ئىچكى مىجەزلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇ سەھرا موھىتىدىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت زامانىۋىي شەھەردە ياشىسىمۇ، شېئىرلىرىدا يەنىلا سەھرا تەبىئىي ئەكىس ئەتكەن. بىز ئۇنىڭ بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇساق، ئۇنىڭدىن زامنىۋىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئوبرازىنى ئاساسەن ئۇچراتمايمىز. بۇ بىر تەرەپتىن شائىردىكى خاراكتىر مەسىلىسى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتتىن ئايرىۋىتىلگەن ھالىتىدىن بولىشى مومكىن. چۈنكى ئۇنىڭ بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا جەمئىيەت ئۇنىڭ بالىلارچە ساددا خىيالىنى، مىجەزىنى ئازراقمۇ ئۆزگەرتەلمىگەندەك. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرى تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بالىلىق تۇيغۇلىرى، ئەسلىمىلىرى ۋە سەھرا تەبىئىيتى بىلەن تولغان. 1993-يىلى 6-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ. جەمئىيەت بىلەن ھەقىقى ئۇچرىشىدۇ. خىزمەتكە چىقىدۇ. ئىلگىرىكى ياشاش موھىتى تۈپتىن ئۆزگىرىدۇ. قىيىنچىلىققا، گاڭگىراشلارغا يولۇقىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇنىڭ 1993-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان «يېڭى ياتاق»، «خىزمەتنىڭ يان كۆرۈنىشى»، «چەكسىز ئىشخانا» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئەكىس ئېتىدۇ. مانا بۇلار شائىردا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشنىڭ بىر تەرىپى، يەنە بىر تەرىپى بولسا، ئۇ جەمئىيەتكە، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئىلغار پىكىرلىك قەلەمكەشلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەت تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشقا سېلىش، ئىجادىي ئىزدىنىش يولىغا قەدەم قويىدۇ. مەكتەپتە ئۈگەنگەن تارىخ، مەدىنىيەت، پىسخولۇگىيەگە ئائىت بىلىملىرى ئۇنىڭ ئىزدىنىشىگە  ئوزۇق بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا1993-1994-يىللار ئارلىقىدا بۇرۇلۇش بولىدۇ. يەنى شائىر ئۆزى دەپ ئۆتكەندەك «تاشقى كۆرۈنۈشلەردىن، ساپ، تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ئىچكى گۈزەللىككە يۈزلىنىدۇ» بۇ ئىچكى گۈزەللىك مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە ئىپادىلىنىدىغان مىللىي روھ، مىللىي پىسخىكا، مىللىي مەدەنىيەتنى قېزىش، تارىخى تۇيغۇ ئىلكىدە ئۆتمۈشكە چوڭقۇرلاپ، مىللەتنىڭ ئېتىكا، زامانىۋىيلىق مەسىلىلىرىدە ئويلىنىش، يوشۇرۇن ئاڭغا چۆكۈپ، ئىنساننىڭ تەبئىيتىنى ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. شائىر «چۈمبەلدىكى كۆز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر»،« قەشقەردىكى يەر شارى»،« سۈزۈك سەپەر» قاتارلىق داستانلىرى ئارقىلىق بۇ ئىزدىنىشىنىڭ مۇۋاپىقىيتىنى ئىسپاتلايدۇ. بىز بۇ توپلامنىڭ باش قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن «ئەرلەر كۆچىسىدىكى بىر مۇراسىم» ناملىق شېئىرى ئارقىلىق شائىرنىڭ ھەقىقىي ئىچكى گۈزەللىكنى قېزىش يولىغان ماڭغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. شېئىردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسىنى، يەنى قىزىق قان،  ئۇرۇشخۇمار، ئەركەك مىجەز پىسخىكىسى ناھايتى روشەن ئەكىس ئەتكەن. شۇنىڭدىن كىيىن يەنە «ئوتۇن بازىرى»، « قورغاقچىلىق»، «ئۆز شەھرىدىكى ئۇيغۇر» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت قاتلىمىغا خېلى چوڭقۇرلاپ كىرگەن. بىز« قۇرغاقچىلىق»ناملىق شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى.

قۇرۇپ كەتتۇق، قاغجىراپ كەتتۇق،
توختاپ قالدى ۋاقىت بەك ئۇزۇن.
پاتمىچۇقلار ھاسىرايدۇ تىز-تىز،
كىۋەزلەرنىڭ چۈشكەن غوزىكى.
قارا قۇمچاق لايغا ئايلىنىپ،
قېرىپ كەتتى پەرى كۆلدىكى.
ئىگىزگىنە موما ياغاچقا،
ئاق خورازنىڭ، قارا خورازنىڭ،
قان قىلىنىپ ئېسىلدى بېشى.

بىر ئاي بولدى مەسچىتلەر قايناق،
پۈتۈن ئەل يۇرت كېلىپ يىغىلغان.
ئېسىلىپ ئاللانىڭ ئارغامچىسىغا،
شامال، يامغۇر تىلەپ يىغلىغان.

ئۇيغۇرلار چۆل ئىقلىمىدىكى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە ئولتۇراقلاشقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن سۇغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۆزگىچە ئۆرپ-ئاادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. سۇ تىلەش  قۇرغاق، چۆل رايۇنلىرىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە خاس بىر خىل قەدىمي مۇراسىم شەكلى. شائىر قۇرغقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى جىنسىيەتكە باغلايدۇ. شەھۋەتكە بېرىلىش ئاپەتنىڭ يىلتىزى دەپ قارايدۇ. شېئىرغا دىن، جىنىس، مىللەتتىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق مەزمۇن سىغدالغان بولۇپ، شائىرنىڭ كەڭ بەدىئىي تەپەككۇرىنى نامايان قىلىدۇ.
شائىر «ئەركەكلەر، قېنى سېلەر » ناملىق داستانىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا مىللەتنىڭ قەدىمكى تارىخى، مەدەنىيتىنى، مىللىي پىسخىكىسى، قەدىمكى دىنى، پەلسەپىسى، تەبىئەت قارىشى، ئىتىكا قارىشى، مەۋجۇتلۇق قارىشى قاتارلىق تەرەپلىرىنى شېئىرىي تەپەككۇر بىلەن قېزىپ چىقىدۇ.

ئوت يالقۇنلىماقتا،
ئەرلەر جەڭ مەيدانىدا،
ئوت
تالىماقتا قۇيرۇقىنى
بىر يىگىت
ئۆلتۈرۋالدى ئۆزىنى.

ئوت
قوشۇلدى ئوتقا،
بىر ئەر
قانات سۆرەپ يەنە بىر ئەرگە
ئوزۇق ئىزلەر كەچكى شەھەردە.
...
ئات ئۈستىدە بىزنىڭ جېنىمىز،
ئات ئۈستىدە قاينار قېنىمىز،
ئۆلۈمدىنمۇ يۈكسەكتۇر يۈكسەك،
ئاتقا بولغان ھاياجىنىمىز.

داستان ھازىرقى رىئاللىقتىن باشلىنىپ، پەيدىنپەي تارىخى كەڭلىككە، مەدەنىيەت چوڭقۇرلۇقىغا يىلتىز تارتىدۇ. بۇ خىل ھازىر بىلەن تارىخنى باغلاپ  ئارىلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرىي سەزگۈسىگە ئەڭ ئاۋال بۇگۈنكى رىئاللىق تەسىر قىلىدۇ، لىكىن بۇ رىئاللىق ھەمىشە ئۇنى قەدىمگە باشلاپ كېتىدۇ، بۇ قەدىمكى ھاياتتا كۆپىنچە مىللەتنىڭ ئەركەك مىجەزلىكى بىلەن غايىۋىي بىر جەمئىيەت بار. قارىغاندا ئۇ رىئاللىقتىن نارازى بولغۇچى  سۈپىتىدە  قەدىمكى دەۋرلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ غايىۋىي دىنى جەمىيتىنى ئارزۇ قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ...بۇ شېئىرلاردىكى ئات، ئايال، ئوت، سۇ، چۆل، تاش، يېشىل رەڭ قاتارلىق ئىماگلار تولىمۇ چوڭقۇر بولغان سىموۋللۇق ئوبرازلار بولۇپ، مىللەتنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا تۇتىشىدۇ. مەسىلەن: «ئات» قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ تۆھپىكارى، يايلاق مەدەنىيتىنىڭ تىپىك بەلگىسى، ئات مېنىش، ئات كۆندۈرۈش ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ۋە تەرەققى قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. شۇڭا ئاتقا مىنىش ئۇلارنى خۇشال قىلىدۇ، خۇددى بىر ئايالنى بويسۇندۇغاندەك ھۇزۇرلىنىدۇ.«سۇ»، «ئوت» ئىماگى ئادىل تۇنىياز ئەڭ كۆپ قوللانغان، ئۇنىڭ ھاياجىنىنى ئوڭاي قوزغايدىغان ئىماگلاردىندۇر. ئۇ قويۇق دىنى مەنىگە ئىگە  ھەم خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى  مەدەنىيەت  قاتلىمىغا تۇتاش.
ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ چوڭقۇر تۇپرىقى بولدى، ئۇ مۇشۇ تۇپراق ئارقىلىق شېئىر دەرەخلىرىنى باراخسانلاشتۇردى. بۈگۈنكى كىشىلەرنى ئاشۇ تۇپراقتىن غورۇرلاندۇردى. زامانىۋىلىق بېسىمى ئاستىدا ياتلىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆزىگە قايتىشقا دەۋەت قىلدى.
ئۇ 2000-يىللاردىن باشلاپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەتئەللەرگە جۈملىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە، ئۈگۈنىشتە ھەم سودا-تىجارەتتە بولىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئەرەب مىللىتىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى چۈشەندى ھەم ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئەرەپ مەدەنىيتى، تارىخى ھەققىقدىكى بىلىملىرى ئاساسىدا ئەرەپ مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئەكىس ئەتكەن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازىدۇ. ئادىل تۇنىياز شېئرلىرىنىڭ «مىللەت باسقۇچى»دىكى شېئىرلارنىڭ بىر تۈركۈمى دەل ئەرەپ مىللىي مەدەنىيتى، تارىخى، دىنى، تەپەككۇرى ۋە تۇرمۇش، ھايات چۈشەنچىلىرى ئەكىس ئەتكەن شېئىرلاردۇر. بىز ئۇنىڭ «ئەرەپلەرنىڭ سۆڭىكى» ناملىق شېئىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

دېڭىز سۈيى ساھىلنى يالاپ
قۇملۇقلاردا مايلىق پارقىراپ
ئەرەپلەرنىڭ سۆڭىكى
مېڭىشىپتۇ غەربكە قاراپ.

بىراق غەرب،
جىنى تېنىگە
يىراق غەرب.

بۇ شېئىردىكى موھىم بولغان تەھلىل ئوبىيكتى «سۆڭەك» ئىماگىدۇر. بىر قىسىم ئوبزورچىلار «سۆڭەك»نى ئەرەپ ئەنئەنىسىگە سىموۋل قىلىنغان دەپ تەھلىل قىلدى. مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغىنى ئۇنىڭدىكى ئەنئەنە، شېئىردا ئەرەپ ئەنئەنىسىنىڭ غەربلىشىشى ئەكىس ئەتكەن دەپ قارىدى. مېنىڭچە، شېئىردا يوشۇرۇن ئەكىس ئەتكىنى ئەنئەنە ئەمەس. ئەنئەنىنىڭ بىلدۈردىغان مەنە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. ئۇ ماددى ۋە روھى جەھەتتىكى نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز شېئىرنىڭ  يېزىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىن يەنى شائىرنىڭ ئەرەپ يۈرتلىرىدىكى جۈملىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى باشتىن كەچۇرگەن كەچۈرمىشلىرىدىن ھېس قىلالايمىزكى، بۇ ئىماگ ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستىمالىغا ئىشارە قىلىنغاندەك تۇرىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان ماشىنىلىرى، زىبۇ-زىننەتلىرى، تېلىفۇنلىرى، يىمەك-ئىچمەك، ئۆي-بىزەكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى غەرب مەھسۇلاتلىرىدۇر(بۇ شېئىر يېزىلغان چاغ شائىرنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ۋاقتى.بۇ دۆلەت ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىچىدىكى باياشات دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ). ئەگەر ئەنئەنىگە سىموۋل قىلىنغان دەپ قارىساق، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇشى دىنى ئەھكام ئىچىدە، ئۇلارنىڭ  نامازلىرى ۋاقتى-ۋاقتىدا (بۇ ھەقتىكى تەپسىلى بايانلارنى   بىلمەكچى بولغانلار ئاپتۇرنىڭ ‹پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر› ناملىق كىتابىغا قارىسۇن) ئۇلارنىڭ روھى جەھەتتىكى ئەنئەنىلىرىنىڭ يىمىرىلگىنى يوق. شېئىرنىڭ ئاخىرىدا « بىراق غەرب، جېنى تىنىگە، يىراق غەرب» دېيىلىدۇ . بۇ يەردىكى «بىراق»تىن ئىبارەت قارمۇ قارشى باغلىغۇچىغا دېققەت قىلىش كىرەك. غەربلىكلەر راتسىيونالىزىملىق ئىدىيەگە ئىگە، ئەرەبلەر بولسا روھقا ئىشىنىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇشى غەربلەشكەندەك قىلسىمۇ روھى تۈۋرۈك جەھەتتىن يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىتىقادىغا ئىشىنىدۇ. بۇ خىل قارمۇ قارىشى ئىدىيە بىرلىككە كەلمەيدۇ. غەرب يەنىلا غەرب، ئەرەبلەر يەنىلا ئەرەبلەردۇر دېگەنلىكتۇر دېگەننى يوشۇرۇن ئىشارە قىلىدۇ.
ئومۇمەن، ئادىل تۇنىيازنىڭ 1994-يىلدىن 2008-يىلغىچە بولغان شېئىرلىرىدا مىللىي مەدەنىيەتنى قېزىش، تارىخى چوڭقۇرلۇققا ئىچكرلەپ كىرىش  موھىم تىما بولۇپ كەلگەن ھەم ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى مۇشۇ باسقۇچتا بارلىققا كەلگەن.
3.باسقۇچ: كائىنات باسقۇچى (ھازىرغىچە- 2008)
ئادىل تۇنىيازنىڭ بەش پارچە شېئىرلار توپلىمىنى ئەستايدىل ئوقۇغىنىمىزدا ئىدىىۋىي مەزمۇن جەھەتتىن زور بىر سىستىمىنى بايقايمىز. ئۇ دەسلەپتە بىخ ھالىتىدە كۆرۈنگەن بولسا، بارا-بارا پىشىپ يېتىلىپ شائىرنىڭ شېئىرىيەت قارىشى، پەلسەپىۋىي ئىدىيسى شۇنداقلا كىشىلىك ھايات قىممەت قارىشىغا ئايلانغان. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنى پەلسەپىسىنى يادرو قىلغان كائىنات قارىشى (ئالەم قارىشى)دۇر. بىز شائىرنىڭ يېقىندا، يەنى«شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلغان «سۆز بوشلۇقىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە» ناملىق ماقالىسى (ئالەم شېئىرىيەت ئېقىمى خىتابنامىسى) نى ئوقۇغىنىمىزدا ئۇنىڭ شېئىرىيەت قارىشنىڭ يەنە بىر قەدەم يۈكسەلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا رەسمىي مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئەدەبىيات خىتابنامىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوڭقۇر ئىزدىنىپ بېقىشقا، مۇنازىرە-سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ باھا بېرىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر تىما. خىتابنامىنى ئوقۇپ، شائىرنىڭ بۇنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، ھاياجان تۈپەيلى يازمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى تەتقىق قىپ كۆرگەنلەرگە ئايانكى بۇنىڭ يىلتىزى بىرىنچى باسقۇچلۇق شېئىرلىرىدىن تارتىپ بار.
شائىر ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت قارىشىنى خىتابنامىسىدا خېلى تەپسىلى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇ شۇنداق دەيدۇ «‹ئالەم شېئىرىيەت ئېقىمى›ئەمەلىيەتتە مېستىتىك تۇيغۇغا ئىگە شائىرنىڭ ئالەم قارىشى. خۇددى كىچىك بالىدەك ھەممە نەرسە يېڭى تۇيۇلۇپ، ھەممە نەرسىگە ھەيران بولۇشى، مەنە بىلەن مۈكىمۈكىلەڭ ئوينىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئويناۋاتقىنى تىل، ئۇنىڭ قايتا تىزىپ چىققىنى تىل دۇنياسى، ئەينەك ئالدىدىكى بۇ بالا ئويۇننى ئوينىغانسىرى سەگەكلىشىپ كەتتى. ئويۇننىڭ ئەسلىدە بىر قائىدى بارلىقىنى، ھەممە نەرسىىنڭ مۇكەممەل بىر تەرتىپ بويىچە تىزىلىدىغانلىقىنى ۋە مەنىسى بارلىقىنى سېزىپ قالدى.بارلىق ئىستىلىستىك ۋاستىلەرنىڭ ئىشلەتكۈچى بىرسىىنڭ ئالەم بوشلۇقىدىن ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى ئۇشتۇمتۇت تۇيۇپ قالدى.»، «شېئىر دەل تۇيغۇ  ئارقىلىق ئالەم رېتىمىغا ئەگىشىشتۇر» شائىر بۇ يەردە دەۋاتقان ئەينەك كائىناتتۇر. چۈنكى ياراتقۇچى ئۆزىنى بىلىش ئىستىكىدە كائىناتنى ئەينەك سۈپىتىدە ياراتقان. ئەينەك ئالدىدا ئويناۋاتقان بالا-شائىردۇر. ئىستىلىستىك ۋاستىلەرنى ئىشلەتكۈچى – ياراتقۇچىدۇر. ياراتقۇچى كائىناتنى جۈملىدىن كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ، شۇ قەدەر نەپىس ياراتتى. ئارتۇق-كام يېرى يوق.شۇنچىلىك مۇكەممەل.
«ئالەم شېئىرىيەت ئېقىمى»قارىشىدا«مۇكەممەل بىر شېئىر بىز كۆرەلمەيدىغان كۆرسەتكۇچنى كۆرسىتىدۇ، دۇنيا ئارقىلىق ئىشارە قىلغۇچىنى ‹مەنە ئاشۇ›دەپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مومكىن بولمايدىغاننى كۆرسىتىشتۇر.»شۇڭا تۇيغۇ ۋە سۆزلەرنىڭ سىرلىق رېتىمىغا ئەگىشىش ئارقىلىقلا ئىشارە قىلغىلى بولىدۇ. ئالەم شېئىرىيەت ئېقىمى رېتىمنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.«تىلىمىزدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئالەم رېتىمىدىن كەلگەن. ئەي، ئالەم شېئىريەت ئېقىمىنىڭ شائىرلىرى، تۇيغۇنى بويلاپ، ئالەم رېتىمىغا ئەگىشىڭلار، قاپىيەگە ئەگىشىڭلار، شۇندا مەۋجۇتلۇقتىكى دەقىقىلەر مەڭگۈلۈككە تۇتىشىدۇ. مىللەتنىڭ تىلى شېئىر  ئارقىلىق دەقىقە ئىچىدىكى ئالەمنىڭ تىلىغا ئايلىنىدۇ»دەپ چۇقان سالىدۇ.
بىز ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ قاراشلىرىنى بىرىنچى باسقۇچتىن تارتىپ بار دېگەن ئىدۇق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك پىشىپ- يىتىلىش جەريانىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.
1.بىخ باسقۇچى-شائىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق شېئىرلىرىنى بالىلىق ۋە سەھرا دېگەن تىمىغا يىغىنچاقلىغان ئىدۇق.بۇ شېئىرلاردا ئالەم قارىشى يوقتەك بىلىنىدۇ. لىكىن، ئىنچىكىلىگەندە يىلتىزنىڭ مۇشۇ يەردىن باشلانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىز بۇ شېئىرلاردىن ئۆمۈچۈك، خىزىر، نۇر، پەرىشتە قاتارلىق ئىماگلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز. ئۆمۈچۈك ئىماگىنىڭ مەنە قاتلاملىرىنى شائىر ئۆزىنىڭ «ئۆمۈچۈك،شېئىر ۋە تەپەككۇر قاتلىمى»ناملىق ماقالىسىدە تەپسىلى شەرھىلەپ، ئۇنى دىن ، ئەپسانە قاتارلىقلارغا تۇتاشتۇرىدۇ. خىزىر، نۇر، پەرىشتە قاتارلىقلارمۇ دىنى مەنىگە ئىگە ئوبرازلاردۇر. بۇ شائىرنىڭ تىپىك دىنى موھىتتا تۇغۇلۇپ، دىنى موھىتتا چوڭ بولغانلىقى، شۇڭا دىني مەنىلەرنىڭ شېئىرلىرىدا يوشۇرۇن ئەكىس ئەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەندەك قىلسىمۇ، لىكىن ماھىيەتتە ئىنساننىڭ سىرلىق تۇيغۇ ئارقىلىق ئالەم رېتىمىغا ئەگىشىشىدۇر.
2.تەرەققىيات باسقۇچى-ئىككىنچى باسقۇچ (مىللەت باسقۇچى) شائىرنىڭ ئىدىيەۋىي ۋە شېئىرىيەت قارىشى رەسمى چوڭقۇرلىغان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئىسىل شېئىرلىرىمۇ مۇشۇ مەزگىلدە يېزىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ باسقۇچمۇ شائىرنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇپ قالغان. بىز شائىرنىڭ بۇ باسقۇچتىكى«مىراجغا چىقىش»،«سۈزۈك سەپەر»، «سەنئەتكار»، «مەدھىيە»، «مازار يۆتكەش» قاتارلىق شېئىر- داستانلىرىدىن شائىرنىڭ ئالەم قارىشىنىڭ روشەن تەرەققىيات ھالىتىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىزنىڭ باشتا خىتامنامىنى قىسقا ۋاقىتلىق ھاياجاننىڭ مەھسۇلى ئەمەس دېگىنىمىزنىڭ ئاساسىمۇ مۇشۇ. «سۈزۈك سەپەر»ناملىق داستاندىن پارچە كۆرۈپ باقايلى.

مانا ئەمدى قالمىدى مەنە
كەتتىغۇ بۇ دۇنيا چۆلدەرەپ.
ئۈستىمىزدە ئاسمان قۇپقۇرۇق،
زېمىن مەۋجۇت مەنىسىز ،سوغۇق.
مومكىن ئەمەس مەۋجۇتلۇق، يوقلۇق
مۆجىزىسىز قالغاندا ئالەم.
مۆجىزىدۇر ھەر بىر دەقىقە
بولسىلا بىر سەزگۈدەك ئادەم.
مۆجىزىسىز قالغاندا ئالەم
ئاجىز، يالغۇز، خۇداسىز ئادەم.
مۆجىزىسىز قالغاندا ئالەم
دىن بولمايدۇ قالغىنى ئادەت.
ئۇ زاماننىڭ ئاخىرلاشقىنى
ئۇ يېقىنلاپ قالغان قىيامەت.

ئالدىرايمىز،
يوقتۇر ۋاقتىمىز.

بۇ داستاندا شائىرنىڭ ئالەم قارىشى خېلى چوڭقۇر ئەكىس ئەتكەن. شائىرنىڭ قارىشىدا دىن بىلەن زامان (ۋاقىت) مۇناسىۋىتى رېتىم ئارقىلىق ئەكىس ئېتىدۇ. يەنى دىننىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرى، پەرھىرلىرى  بولمىغان، ئىنسان ئۆزىنى ئەركىنلىككە چەكسىز قويۇۋەتكەندە زامان قىسقىرايدۇ. ۋاقىتنىڭ رېتىمى تىزلىشىدۇ، ۋاقىتنىڭ بەرىكىتى قالمايدۇ. ئىنسان دىن ياكى ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى كونتىرول قىلغاندا ۋاقىتنىڭ بەرىكىتىنى سۈرگىلى بولىدۇ. غەربلىكلەر ۋاقىتنى تىجەيدىغان  نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلاردىكى ۋاقىتنىڭ قىس، ۋاقىتنىڭ بەرىكىتى يوق؛ دىن ۋە ئەخلاقى كۆنتىروولۇق ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقتى ناھايىتى ئازادە، بەرىكەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. شائىرنىڭ ئالەم قارىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل دىنىي پەلسەپىۋىي قاراش بولۇپ، ئۇنى مىستىك تۇيغۇ ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
3. پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى-
بىز شائىرنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان«تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇغىنىمىزدا 2008-يىلدىن باشلاپ، شېئىرلىرىدا يەنە بىر قېتىم بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنى، شېئىردىكى رېتىم، قاپىيەگە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارىغانلىقىنى؛ رېتم، قاپىيەلەر ناھايتى كۈچلۈك، تولۇق بولۇپ، ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئەركىن تىل ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇ شائىرنىڭ ئالەم قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس رېتىمى بارلىقى شائىرنى قايتىدىن ئويلاندۇرغان بولۇشى مومكىن. بۇ شائىرنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق (كائىنات باسقۇچى) شېئىرلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى موھىم بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئالەم قارىشىنى شېئىرلىرىدا تېخىمۇ روشەن، چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرگەن.

گۇناھكار ئەر.

ئەرزىمەس بىر كىچىك باش
باشباشتاقلىق قىلغاچ
نوقسانسىز ئالەم ئالدىدا،
بۇيرۇلدى كىسىشكە شارتتىدە.

چالا ئەر
بولدى مۇكەممەل
خەتنە قىلىنىپ.

گۇناھكار ئايال.

تۆشۈكى تۇرۇپ
ئاڭلىمىغان قۇلاقنى
تىشىۋەتتى.
كەمتۈل ئايال بولدى كۈن جامال،
يەشكەن ئىككى قۇلىقىدا
ساڭگىلاپ تۇرار كۈندۈزدىمۇ ئاي.

«مىستىتىزىملىق مۇراسىم»دىن

پارچىدە خەتنە قىلىش ۋە قۇلاق تېشىشتىن ئىبارەت بىر خىل مۇراسىم شەكلى مىستىتىزىملىق تۇيغۇ بىلەن كۈزىتىلگەن. ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتىنى جىنسىيەتنىڭ باشباشتاقلىقىدىن كۆرگەن. ئەر خەتنە قىلىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن كەمتۈكلۈك تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىگە گۇمانىي نەزەردە قارىغان ۋە باشباقتاقلىقىنى يىغىشتۇرغان،شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلغان دېگەن سىرلىق قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خىل سىرلىق دىنىي تۇيغۇ ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىنىڭ موھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. تۆۋەندە بىز«گىيومىتىرىيەلىك نوقسان ۋە سىممىتىرىك گۈزەللىك»ناملىق شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەر سوزۇلۇپ ياتقاندا
كېچىدىن پۇتى چىقىپ قالدى.
ئايال كۆزىنى ئاچقاندا
چاچ قىسقۇچى كېچىنى قىسىۋالدى.
گىيومىتىرىيەلىك نوقسانى ئىككى ئادەمنىڭ
سىممىتىرىك گۈزەللىكى ئىدى ئالەمنىڭ.

ئەر ۋە ئايال ئىككى قۇتۇپ، ئۇلاردىكى ۋەسۋەسە پەيدا قىلغۇچى جىنسىيەت ئەركىن قويۇۋىتىلگەندە، ئالەم رېتىمىنى بۇزغۇچى، ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە ئاپارغۇچى بىر خىل ئاپەت. جۈملىدىن بىر خىل نوقسان. شۇنداقلا ئەر ۋە ئايال ئىنسانىيەتنىڭ، كائىناتىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان بىر خىل ماسلىق. ئەر ۋە ئايالنىڭ سىممىتىرىك ھالەتتە يارىتىلىشى ئالەم تەڭپۇڭلىقى، ئالەم گۈزەللىكىنى بىر خىل شەكلى.
شائىر ئادىل تۇنىياز  تىل  ۋە سۆزلەرنىڭ رېتىمى ئارقىلىق ئالەم رېتىمىغا  نەزەر سالدى.

خاتىمە
ئاددى، ئەمما ئىخلاسمەن بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ 800 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر داستانىنى ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئوقۇپ باقتىم. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يۇقارىقى مەزمۇنلاردىن باشقا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان، بىر قەدەر سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدىغان يەنە بىر قانچە تىما بار. ئۇ بولسىمۇ، يۇرت مۇھەببىتى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسى ؛ ئائىلە، قېرىنداشلىق مۇھەببىتى ۋە شائىرلىق نەزەردىكى تۇرمۇش تەسىراتى ئەكىس ئەتكەن شېئىرلاردۇر. بۇ بىر قانچە تىما ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا باشتىن ئاخىر سىڭگەن. لىكىن بۇلار شائىر ئىدىيسىنىڭ، شېئىرىيەت قاراشلىرىنىڭ، شېئىر ئىجادىيتىنىڭ يانداشما قىسىملىرىدۇر. شۇنداقتىمۇ بۇلار ئايرىم تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىغان تىمىدۇر. بىز ماقالىمىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ئىتىبارى تۈپەيلى ئۇ تىمىلار ھەققىدە كۆپ توختالمىدۇق. ئىمكانىيەت بولسا كىيىنچە ئايرىم مۇلاھىزە ئوبىيكتىغا ئالغايمىز.
گىپىمىزنى يىغىنچاقلايدىغان بولساق، شائىر 30 نەچچە يىللىق شېئىر ئىجادىيتى ئارقىلىق نۇرغۇن ئەمگەكلەرنى ئالدىمىزغا قويدى ھەم ئىجادىيتىدىكى يۈكسىلىشلەر، چوڭقۇرلاشلار ئارقىلىق بىزنى ئۆز شېئىرىيتىنىڭ ئۇزاق،  مۇشاقەتلىك كوچىسىغا نەزەر تاشلاتقۇزدى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ «شېئىرىيەت خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ يولدىكى مۇراد-مەقسەتلىرىنى، نىشانلىرىنى ئاشىكارىلىدى. بەلكىم، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلار پات ئارىدا چىقار، بەلكىم ئۇ بۇ يولدا يەنە ئۆزى تەنھا ماڭار. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ شېئىرىيەت كوچىسىدىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىلەن ئارىمىزدىكى سۆيۈملۈك بىر شائىرغا ئايلاندى. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ يولىنىڭ داغدام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق، شېئىرىيەتتە داغدام يول يوق. پەقەت ناھايتى ئۇزاققا سوزۇلغان، مۇشاقەتلىك، جاپالىق كىچىك چىغىر يوللا بار. بۇ چىغىر يولدا قانداق مېڭىش، قانچىلىك مېڭىش شائىرنىڭ چىدامچانلىقىغا ھەم شېئىرغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ قانچىلىكلىكىگە باغلىق.



«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى  مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-22 19:23:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەزرەتئېلى، ياكى ئەرچىن قايسىبىرىڭلار بولمىسۇن ئاۋۇ ماۋزۇنىڭ بېشىدىكى ئارتۇق ئۇرۇلۇپ كەتكەن «غ»نى ئۆچۈرىۋەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن. يەنە «ئۆزلۈك» خاتا ھالدا «ئۆلۈك» دەپ ئۇرۇلۇپ قاپتۇ. بىر كەسپىي مۇھەررىرنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىدا بۇنداق ئىملا خاتالىقى كۆرۈلسە سەت تۇرىدىكەن. كەچۈرۈڭلار، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكىم كەلمىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-22 21:16  


باھا سۆز

ئىملاسىنى ئوڭشىۋەتتىم .  ۋاقتى: 2014-3-22 09:28 PM
ۋاقتى: 2014-3-22 19:29:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 19:23
ھەزرەتئېلى، ياكى ئەرچىن قايسىبىرىڭلار بولمىسۇن ئاۋۇ ...

ھەزرەتئەلى قايسى مەتبۇئاتنىڭ مۇھەررىرى ؟

ۋاقتى: 2014-3-22 19:41:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئادىل تۇنىياز  ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ئىزدىنپ تەھلىل يۈرگۈزۈپسىز، شېئېرىيەت  تىلغا ئېلىنسا زامانىمىز شائىرلىرى قاتارىدا ئادىل تۇنىياز چوقۇم كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلەنمەي قالمايدۇ.ئادىل تۇنىيازنى تونۇمايدىغان قەلەمكەشلەر بولىمىسا كېرەك، بۈگۈن ئادىل   تۇنىيازنىڭ ھاياتىي ۋە پىشىپ يېتىلىشقىچە بولغان جەريانلىرىدىن تەپسىلىي خەۋەردار بولۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم. ئىزدىنىشلىرىڭىز ،مۇلاھىزىللىرىڭىز ئەمىلىي ئەسەر ئىسپاتى بىلەن قايىل قىلارلىق گەۋدىلىنىپتۇ، ھەر ئەجىر ئۆز خاسىيىتىدە تۆھپىلىنىدۇ.شائىرلىق كوچىسىدا تەمتىلىگەن قەلەملەر ھەم ئادىل تۇنيازنىڭ شېئېرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بۇ بىر  بۇ بىر قىممەتلىك ماتىريال بولۇپلا قالماي، مۇ شۇ سەپتە مېھنەت مېۋىللىرىنى خەلقىمىزگە سۇنىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئۆزنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا نەزەر تاشلاپ، ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇشى ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغان بۇ تىمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.مۇلاھىزە ،تەھلىل،خۇلاسە ،نىشان ئېنىق ئىپادىسىنى تېپىپتۇ.  ئىزدىنىش يوللىرىدا ئىزچىللىقىڭىز بىلەن يىتەكلەش خاراكتىردىكى قىممەتلىك يازمىللىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن،سالامەت بولۇڭ!   

ۋاقتى: 2014-3-23 10:03:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئادىلجانغا،  ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىپ قويغان يانغىنغا رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 10:04  


ۋاقتى: 2014-3-23 11:25:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 10:03
ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئادىلجانغا،  ۋە ۋاقت ...

    ئەرزىمەيدۇ-ئەرچىن، «قول قولنى يۇيسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ» ئەمەسمۇ؟ بىزمۇ سىزنى «ھە» دېگەندە كۆپ مالال قىلىۋاتىمىز. شەخسەن مەن سىزنىڭ خېلى كۆپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ، «چوغ»ۇمنى «پۈف»لەپ، ياندۇرۇپ قويغانلىقىڭىزدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم. رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2014-3-24 19:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        سىزگە قۇت يار بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 19:13  


ۋاقتى: 2014-5-21 21:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەتئەلىنىڭ ما ماقالىسى چاقىرسا ئىتى بار، تۇتسا سىپى بار ماقالە بوپتۇ جۇمۇ، ماقالە دىگەننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ دىگۈچىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-5-21 23:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ماقالە ،بۇ قىتىمقى «ئىزگۇ مۇكاپاتى»غا ئىرىشىشنى ئۇمىد قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 23:08  


ۋاقتى: 2014-5-30 00:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىزدىن ئەشئارلار چېچىلسۇن....!ئەجىر-مېھنىتىڭىزدىن خۇش پۇراق
گۈللەر ئېچىلسۇن...!

ۋاقتى: 2015-1-15 21:53:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى يوقۇرى ئىكەن.

ۋاقتى: 2015-2-4 15:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخار ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.  قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي،

ۋاقتى: 2015-4-7 22:17:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن،

ۋاقتى: 2015-4-7 22:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-4-17 14:55:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئادىل تۇنىيازنىڭ شىېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ھېس-تۇيغۇنى ئۆزگىچە ئىپادىلەش شەكلىگە تولىمۇ قىزىقىمەن. بۇ ماقالىدىن ئادىل تۇنىياز نى ۋە ئۇنىڭ شېئىرى ھاياتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇم.شائىرىمىز ئادىل تۇنىيازغا يېڭى ئۇتۇقلار يار بولغۇسى. بۇ ھەقىقەتەن ئىلمىيلىكى يۇقىرى ماقالە بوپتۇ. تېخىمۇ تىرىشىڭ! قەلەم تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن. باسقان ئىزىڭىزدىن گۈللەرئۈنسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش