كۆرۈش: 3639|ئىنكاس: 27

مىڭ ئۆيلەر پىغان چەكمەكتە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىڭ ئۆيلەر پىغان چەكمەكتە
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى

ئېنىقكى ،بىر مىللەتنىڭ ئۆزى بىلەن بىر زېمىندا ياشاۋاتقان ،باشقا مىللەتلەر قاتارىدا پۇت دەسەپ تۇرالىشى ئۈچۈن ئۇنى تونۇتىدىغان تارىخىي ،ئىلمىىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ،ئالىمى ،شۇ ئالىمىنى ئۇلۇغلاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان خەلقى بۇلۇشى كېرەك .
كۇچا مەدەنىيتىى پەقەت ناخشا –ئۇسۇلىنىڭ مەشھۇرلىقى ،خەلقىنىڭ باتۇر ۋە ئەمگەكچنلىقى بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى بۇددا مەدەنىيتىنىڭ خېلى ئىلگىرىلا ،مىلادىيە 2-ئەسىردىلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانلىنىپ ،دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغانلىقى بىلەن داڭلىق .
كۇچا ئەسلىدە قەدىمى غەربىي دىيارىدىكى مەشھۇر بۇددا مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان كۈسەن دۆلىتى ئىدى.كۈسەن دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بۇددا دىنىغا چىن ئېتقادى بىلەن ئېتقاد قىلاتتى .خەلقىمۇ ئىخلاسمەن ،راستىچل خەلق ئىدى.
مىلادى 2-ئەسىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلاردىن ۋايسا باجىبىنا ،ۋايسا ئىرساتكا ،ساۋجۇڭدا ،دىھارماچىنلاردەك دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر رەساملار يېتىلىپ چىققانىدى.
ئاشۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان «قۇمتۇرا مىڭ ئۆي »لەردىكى رەسملەرنىڭ نەپىسلىكى ،جانلىق ھەم مول مەزمۇنلىقى ،قۇرۇلما ،پىرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن باشقا تاشكېىمىرلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
مەن يازلىق كانىكولىدا «قۇمتۇرا مىڭ ئۆي »،«قىزىل مىڭ ئۆي »،«قىزىل قاغا مۇنارى»لارغا بېرىپ بەك ئازابلاندىم.1996 -يىلى دادام بىلەن بارغان ۋاقتىمدا (دادام كىچىك ۋاقتىلىرىمدىن تارتىپ ئاشۇنداق جايلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇراتتى.ئاجايىپ قىسىسلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى .بالىلىق سوئاللىرىمغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن كېچىلەپ كىتاب كۆرەتتى.ياش ئالاھىدىلىكىمگە خاس كىتابلارنى ئالدىمغا دۆۋېلىۋىتەتتى)ئۇ ۋاقىتتا تاشېكىمىرلار 80دىن ئارتۇق ئىدى.ھازىر 60قىمۇ يەتمەيدىكەن .يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن تۈرلۈك تەبىئىي ۋە ئىجىتمائى ئاپەتلەر تۈپەيلى «قۇمتۇرا مىڭ ئۆي »تەدىرىجى بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراپ يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ،مەن كەچتە ئۆيگە مەيۈس ،ھارغىن ھالەتتە قايىتىپ كەلدۇم .دادام تۇرقۇمغا قاراپ :«روھلۇقراق بۇلۇڭ قىزىم ،سىزنىڭ جۇشقۇن ھەم مەغرۇر ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ ياشلىقىمىنى ئەسلەيمەن ،شۇ تاپتا سىزنىڭ نېمىگە بۇنچە ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشىنۋاتىمەن .سىزدە ئازابلىنىش ھېسىياتى تۇغۇلۇپتۇ ،دېمەك ،ۋىجدانىڭىز ئويغۇنۇپتۇ قىزىم .ئويغۇرلار ئۆز تارىخىدا شامان دىنى ،مانىي دىنى ،ئاتەش دىنى ،بۇددا دىنى ،ئاخىردا ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلدى.بۇددىزىم دەۋىردە ئويغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى قالىتىس تەرەققىي قىلىپ ،كامالەتكە يەتكەن ،رەسىاملىق ،ھەيكەلتىراشلىق ۋە ھۈنەر سەنئەتتە دۇنياغا تۇنۇلغان .ئەمما بىز مىڭ ئۆي ئەمەس،تاغدىن بىرەر ئۆي قېزىپ ،تاملىرىغا رەسم سېزىپ ،بېزەپ ۋۇجۇدىقا چىقىرالمىدۇق.ئەگەر چىقاردۇق دىگەندىمۇ، ئاشۇنداق رەسملەرنى سىزالايتتۇقمۇ؟نەچچە مىڭ يىلغىچە ئۆڭمەيدىغان ئاشۇنداق رەڭ، سىياھ بارمۇ؟ ئەمدى مۇشۇ بارىنى بولسىمۇ قوغداپ ،مۇھاپىزەت قىلىپ ،بېزەپ رېمونىت قىلىش ،بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىلەر ياشلارغا قالدى قىزىم. ھەربىر كۇچا خەلقى سىزگە ئوخشاش ئازابلانسا ،«تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈپ ،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز»دىن كۆڭۈل سۈپىتىدە ئاتىسا «قۇمتۇرا مىڭ ئۆي »مۇ چىرايلىق چاپان كېيىۋالاتتى .
بىر ياپونىيىلىك ئەپەندى بۇددا دىنى شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىگە ،ئىچىكىرى ئۆلكە ئارقىلىق ياپونىيگە تارالغان دەپ ئۆز يېنىدىن نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلدى.بۇ ئەھۋال كۇچا مىليونېرلىرىنى چوقۇم تەسىرلەندۈردى. چۈنكى كۇچا خەلقى ئەزەلدىن ئەجدادلىرىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىگە ،تالانتىغا ۋە مول مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلىپ  تەدىرىجى تەرەققى قىلدۇرىۋاتقان خەلق. ئاشۇ پاكىستانلىقلار يۇرتىمىزدىن كونا گېلەمنى ئالىمەن دەپ ئۆيمۇ- ئۆي يۈرۇپمۇ گېلەم سېتىۋالالمىدى،چۈنكى ھېچكىم ئاتا –بوۋىلىرىدىن قالغان مەدەنىيى مىراسلىرىنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋېتىشىنى راۋا كۆرمىدى.ئاسارە-ئەتىقىلەر سۈپىتىدە بىر ئۆمۈر ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى ،-دېدى دادام.
ئەسلىدە كۈسەن دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئۆگەن دەريا ۋادىسغا ،ناھىيە بازىرىدىن 10نەچچە كېلومىتىر يېراقلىققا ساڭراملارنى سالدۇرۇپ،مىڭ ئۆيلەرنى قازدۇرۇپ ،مەدەنىيتىمىزگە ئۆلمەس تۆھىپلەرنى قوشقانىدى.
«قۇمتۇرا »دېگەن سۆز «قۇملۇقتىكى تۇر»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ.لېكىن ھازىر قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «تۇر»دىن ،دەريانىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بۈك –باراقسان يېشىلچىلىقلاردىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .ئۇچۇرۇلۈپ چۈشكەن تاشكېمىرلارنىڭ تاملىرى ئۆگەن دەرياسىنىڭ شەرقىي ،غەربىي قىرغاقلىرىدا قاقاسلىشىپ ،ئەسلى ھالىتىنى يوقاتقان ھالدا بىچارىلارچە سالپىيىپ تۇرىدۇ- دېدى دادام.
دادامنىڭ دادىسى تۇردى ھاجىم بوۋام ئاتۇشتا نامى بار بايلاردىن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا شەرق ۋە تۈركىيەلەرگە تۆگە بىلەن سودىگەرچىلىك قىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئايلانغان ئوقۇمۇشلۇق، ۋەتەنپەرۋەر زات ئىكەنتۇق. دادامنىمۇ كىچىكىدە ئۆزى بىلەن بىرگە يىراق ئەللەرگە ئاپىرىپ، ئىلىم تەھسىل قىلدۇرۇپتىكەن، شۇڭا دادام بەش خىل تىللارنى بىلەتتى.دادام نەزەر دائىرسى كەڭ،يىراقنى كۆرەر،غۇرۇرى كۈچلۈك،ئەۋلاتلارغا قاتتىق مەسئۇلىيەتچان،خۇش چاخچاق،كەڭ قورساق ئادەم ئىدى. تۇردى ھاجىم بوۋام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، 12- پەرزەنتى بولغان دادامنى چوڭ ئاكسى ئايۇپ دارېن چوڭ دادام ئۆز ھېمايىسىگە ئېلىپ، شەھەرمۇ- شەھەر بىللە ئېلىپ مېڭىپ، ئوقۇتقان. 1944  - يىلى دادام ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىدە تەرجىمان،كېيىن ۋالىي بولغان. مول بىلىمگە ئىگە دادام قاتتىق ئېچىنغان ھالدا ماڭا يەنە تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەردى:
«قۇمتۇرا مىڭ ئۆي »گۈمبەز شەكىللىك بولۇپ ،ئىچكىرى - تاشقىرى ئىككى ھوجرىلىق، پۈتكۈل تاملارغا بۇت تەكچىلىرى ياسالغان، بۇت تەكچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئىچكىرى ھوجرىلارغا كىرگىلى بولىدۇ.تاشقارقى ھوجرىغا ئىشىكنىڭ رۆجەكلىرىدىن كۈن نۇرى چۈشۈپ ،ئاز –تولا يورىسىمۇ ،لېكىن ئىچكىرى ھوجرا قاپقاراڭغۇ ،تورۇسىتىكى نۇرغۇن رومىبا شەكىللىك رەسىملەر بىر مۇكەممەل رەسىملەر تۈرىنى شەكىللەندۈرگەن ،ھەربىر رومبا ئىچىدە بىر پارچىدىن رەسىم بار بولۇپ ،مايتىرنىڭ ئالۋاستىنى تۇتۇشى ۋە ساكيامونىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ھېكايە قىلىنغان .بۇنىڭدا رومبا ئىچىدىكى يارالمىش قىسسىلىرىنىڭ ئەڭ نەپىس ،ئەڭ مەركىزى ۋەقەلىكى بىر پۈتۈن ۋەقەلىك قىلىپ، سىزىپ چىقىلغان.
تۆپىلىكتىكى «46-كېمىر »نىڭ شور ئۆرلەپ كەتكەن تاملىرىدا خەت بار بۇلۇپ ، قۇرمۇ- قۇر ئاجايىپ كۆركەم ھەم رەتلىك يېزىلغان.بۇ ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان كېمىر بولۇپ ،تاشقارقى ھوجرىنىڭ گۈمبەز شەكىللىك تورۇسىدا ئىلاھ ،قۇياش،ئاي ۋە تۆت تېمىنىڭ ھەممىسدە يارالمىش قىسسىلىرى بار ئىكەن .رەسىملەرنىڭ سىزىقلىرىدىكى جانلىقلىق ۋە رەڭلىرىنىڭ نەپىس ،يارىشىملىقى كىشىنى تاڭ قالدۇرىدۇ.كېمىردىن چىقىپ ،شېغىللىق يولدا ئەتراپغا تويماي قارىماقىتىمەن .
ساپ ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئالماقتىمەن .قەلبىم ئىچ –ئىچىدىن ئازابلانماقتا .ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەجرى،ئەقىل-دۇردانلىرىنىڭ جەۋھىرلىرى بولمىش مىڭ ئۆيلەر ،تامدىكى ئادەم سۈرەتلىرىنىڭ بەدىنىدىن ئانا تۇپراققا قان تەپچىپ ئاقماقتا .ھەسرەتلىك ئېڭرىماقتا، پىغان چەكمەكتە .چەت ئەل موزىيخانلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ،نەچچە مىڭ تۈمەن پۇل خەجلەپمۇ قايتۇرۇۋالغلى بولمايدىغان بىباھا مەدەنىيەت يادىكارلىقىلىرىمىز بىزگە قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ: «ئەجداتلىرىڭغا يۈز كېلەلەمسەن، ۋىجدانسىزلار؟ھۇ نامەردلەر ،قورساق ئۈچۈنلا ياشايدىغان نادان كالۋالار؟ بىلشسەڭ ،بىز سەنلەرنىڭ كۆزۈڭ ،قۇلىقىڭ ،تىلىڭ ،پۇتۇڭ ۋە قولۇڭ ئىدۇق،قورقۇنچاقلار ،ئەمدى بارنى بولسىمۇ قوغداشنى بىل ،سىرتقا چىقارما ،ئۆزۈڭگە ھېزى بول،تەقدىر ئۆزىنى –ئۆزى قۇتقۇزغانلارغا مەدەتكار .يەھۇدىي ۋە ياپون مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى دۇنىيادىكى تەڭداشسىز ئورنىغا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ.ئۇلار دۇنيانى تەجرىبە كۆزى بىلەن كۆزىتىپ كەلگەن ،سىلەر نېمىشقا قايتا –قايتا تەكرالانغان تارىختىن ھوشۇڭلارنى تاپمايسىلەر ...»دەپ خىتاب قىلماقتا .«تۈركىي تىللار دۋانى»نىڭ ،«قۇتادغۇبىلىك »نىڭ چەت ئەل كۈتۇپخانلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسلى نۇسقىسى ئېتىلىپ كېلىپ، كارنىيىمنى بوغدى .مەن خىرقىراپ قالدىم. كۆزلىرىم پارقىراپ ،پۇتلىرىم ماغدۇرسىز ھالدا يەرگە سوزۇلماقتا...
«شىنجاڭ سەنئېتى»ژورنىلى (2002-يىلى 2-سان)


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-21 22:58:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپسىز،بەك ئىزدىنىپسىز دوستۇم ! ياخشى بىر تېمىنى ئوتتۇرغا تاشلاپ ئويلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىپسىز ، ھارماڭ !  يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ !

ۋاقتى: 2014-3-24 14:26:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        رەخمەت.يۈرەكداش دوستۇم،ئىلھام بۇلاقلىرىڭىزدىن ئابى كەۋسەرلەر قويۇلغۇسى!

ۋاقتى: 2014-3-30 15:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-3-30 16:04:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا 12 يىل بوپتۇ.‹‹قۇمتۇرا مىڭ ئۆي››لىرىنىڭ ئەمدىكى ھالى قانداق ئىكىن؟ بىلىدىغان تورداشلار مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار.


ۋاقتى: 2014-3-31 09:05:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹12 مۇقام›› نى قوغداش ياردىمى ئالغاندەك ب د ت غا بىر ئىلتىماس سۇنۇپ بېقىش كېرەكمىدۇ-ياكى؟

ۋاقتى: 2014-4-2 12:20:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز،سەلىمە، ۋۇجۇدىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك. ھازىرقى مىڭ ئۆينىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس،بۇ يىل ياز 7-ئايدا  بېرىپ كۆرۈپ، كۆڭلۈم پەرىشان ھالەتتە قايتىپ كەلدىم.  سىزدەك ئويلىنىدىغانلار كۆپرەك بولسا ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2014-4-2 20:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاشاگۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 12:20
توغرا دەيسىز،سەلىمە، ۋۇجۇدىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرە ...

رەسىمگە تارتقان بولسىڭىز بۇ يەرگە يوللاپ قويالامسىز؟

ۋاقتى: 2014-4-2 20:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسىمنى كىمنىڭ، نىمە سەۋەپتىن ئۆچۈرىۋەتكىنىنى بىلمىدىم...

ۋاقتى: 2014-4-3 13:33:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاشاگۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 12:20
توغرا دەيسىز،سەلىمە، ۋۇجۇدىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرە ...

بارمۇسىز تورداش!
جاۋاپ كۈتۈۋاتىمەن سىزدىن. مەن بۇ مەسىلىدە ئىزدىنىپ باقسام دەيمەن.ئەمما سىزنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ ياردىمى كېرەك.

ۋاقتى: 2014-4-4 16:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن بار ، ئىنكاسلارنى كۆردۈم. رەخمەت ، كۆڭۈل بۆلگۈنۈڭلارغا . ھەقىقەتەن تەتقىق قىلىش زۆرۈر.رەسىملەر بار ئىدى. بىراق يوللىسام مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمايۋاتىدۇ. دوستلاردا مۇشۇنىڭغا دائىر رېسىملار بولسا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. دوستۇم سائادەتتە بارمىكىن.بۇلتۇر،قىزىل مىڭ ئۆيگە بىللە بارغان.

ۋاقتى: 2014-4-11 18:27:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جىق ئىزدىنىپسىز...مۇكەممەل بىر ئەسەر بوپتۇ...ئوقۇپ كۆپ ئويلاندىم....ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۆكسۈپ قالمىغاي....

ۋاقتى: 2014-4-11 18:29:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمكى مەدەنىي-يادىكارلىقلىرىمىزنى قوغداش ھەمىمىزنىڭ مەسئۇلىتى، يۇقۇردىكى بىر تورداش دىگىنىدەك 12 مۇقامغا ئىلتىماس سۇنغاندەك ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇپ بۇ گۆھەرلىرىمىزنى قوغدىساق ياخشى بولاتتى.
ماقالە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، رەسىملىرى بىلەن يوللانغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن.

ۋاقتى: 2014-4-11 18:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس!

ۋاقتى: 2014-4-11 22:16:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەممىلا ئادەم ماقالە ئاپتورىدەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بولسا نۇرغۇن يادىكارلىق ئورۇنلىرى قوغدىلىپ، ساقلىنىپ قالاتتى. نۇرغۇن تارىخىي ئىزنالار بارا-بارا ئۆچۇپ كېتىۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش