يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 608|ئىنكاس: 2

ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىياتىدىكى قىممىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىياتىدىكى قىممىتى

      

شيا گۇەنجو



زۇلفىيە ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى




       مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ‹‹شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى ››دىكى بۇنچە كۆپ داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن.  بۈگۈن ئاسمانمۇ، زىمىنمۇ خۇددى غەربى شىمالغا ئېغىۋاتقاندەك، شىنجاڭنىڭ كەڭ زىمىنى بىراقلا ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم. بۈگۈن بۇ زىمىن شۇنچە كۆپ داڭلىق يازغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى، شۇڭا كۆكتە يۇلتۇزلار ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىلىش ھەقىقەتەن شىنجاڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن كاتتا يىغىلىش بولدى .

    ۋاڭ مېڭ دۇنياۋى كاتتا يازغۇچى، شۇنداقلا بىز شىنجاڭلىقلار پەخىرلىنىدىغان ۋەكىللىك يازغۇچى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى ۋاڭ مېڭنى تىلغا ئالسا ھەممىسىگە ئىنتايىن يېقىملىق بىلىنىدۇ،ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھۆرمىتىنى ھەم مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىشىدۇ.شىنجاڭ پىدىگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسورى ئابدۇرۇسۇلغا ئۆزۈمنىڭ  يولداش چېن بەيجوڭ بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن ‹‹ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ ھېكايە ـ نەسرلىرىدىن تاللانما›› نى سوۋغا قىلغانىدىم .ئۇ كىتاپنى كۆرۈپ بولۇپ ماڭا: «مەن ئوقۇۋېتىپ بىرنەچچە يېرىدە يىغلاپ كەتتىم . بىر خەنزۇ يازغۇچىسى، يەنى داڭلىق بىر يازغۇچىنىڭ ،بىز ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بۇنچىلىك چۈشىنەلىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن ،ئۇ  مېنى بەك تەسىرلەندۈردى» دېدى. مەن ۋاڭ مېڭ بىلەن 1965-يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە 40 نەچچە يىل ئەسرالىشىپ كەلدىم،شۇ يىللىرى ئۇ مېنىڭ ماقاللىرىمنى تۈزۈتۈپ بەرگەن ئىدى. سۈي مۇئەللىم تېخى مېنىڭ ئانا مەكتىپىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. شۇڭا مېنىڭ قەلبىمدە ۋاڭ مېڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئەدەبىيات ئۇستازى ئىدى.ئەلۋەتتە،بۇ يەردە ئۇنى تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ. مەن پەقەت «ھاياتىڭنىڭ تېڭىدا كۆپ ئىشلار ئۆتتى، ئۇنىڭدىن قىممەتلىك نامىلەر پۈتتى» دىگەن مەسنەۋىمنى ۋاڭ مېڭ ئەپەندىگە ھەدىيە قىلاي.

      ۋاڭ مېڭ بىلەن شىنجاڭ بىر تۈرلۈك قوش يۈلۈنىشلىك، ئۆزئارا ھەركەتلەندۈرگۈچ مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ ۋاڭ مېڭغا شەپقىتى كۆپ تەگدى، ۋاڭ مېڭمۇ تىرىشىپ شىنجاڭغا جاۋاپ قايتۇردى. ئىلگىرىكى ۋاڭ مېڭ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ  كۆپىرەكى ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى 16 يىللىق ئالاھىدە  كەچۈرمىشنىڭ يازغۇچىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئەھمىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئەتىراپلىق بولمايدۇ.ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە غايەت زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەقتىكى تەتقىقاتلار كۆپ ئەمەس. شۇڭا مەن بۈگۈن «ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىياتىدىكى قىممىتى» ھەققىدە سۆزلەيمەن. مېنىڭچە تېمىنى ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى ئالتە تەرەپتىن مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

1.ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىيات ساھەسىنى مەنىۋى جەھەتتىن يىتەكلەشتىكى قىممىتى.

2.ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ كىلاسسىك قىممىتى.

3.ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تۆۋەن  قاتلىمىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ ئۆرنەكلىك قىممىتى.

4.ۋاڭ مېڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىپ،ئىجادىيىتى بىلەن  بىرلەشتۈرۈشىنىڭ كۆرسەتمىلىك قىممىتى.

5. ۋاڭ مېڭنىڭ ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى بىلەن بولغان دوستانە  مۇناسىۋىتىنىڭ ۋاستىچىلىك قىممىتى.

6.ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتىكى كۆۋرۈكلۈك قىممىتى.

     بىرىنچى نۇقتىنىڭ يىتەكلەش ئەھمىيىتىدىن ئېيتقاندا ئۇنى بەش قىسىمغا بۆلۈپ مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ، ۋاڭ مېڭ ھەر ۋاقىت دەۋىرنىڭ قەدىمىگە قەدەمداش بولۇپ ،  ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ۋە كەسپىي سەزگۈرلۈك بىلەن ئۇنىڭغا زەڭ قويۇپ كەلدى،ئۇنىڭ ياشلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش ۋە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشتەك روھى ھالىتى ۋە ئىقتىدارى، ئۇنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق  تۇپراققا بولغان مۇھەببىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ، كىشىلىك ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئۇنىڭ سەنئەتتىكى ئىزدىنىش روھى، يېزىقچىلىقتىكى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش روھى ۋە تىلدىكى يېڭىلىق يارىتىش روھى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەچچە چوڭ مەسىلىنى بايام يولداش چېن بەيجوڭ ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئازات سۇلتان قاتارلىقلار سۆزلەپ ئۆتتى ،ئۇلار ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك سۆزلىدى. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن ئاددى قىلىپ 3-ۋە 4- نۇقتىدىكى تۇرمۇشنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈش ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇپ ئىجادىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنىڭ قىممىتى ئۈستىدە توختىلىمەن .

       يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان تۇرمۇش بازىسى ياكى يەرلىك مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ. ۋاڭ مېڭنىڭ بۇنداق جايى ئىككى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى بېيجىڭ ،بىرى بولسا شىنجاڭدىن ئىبارەتتۇر؛ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن ھەم قۇيۇق ئىپادىلەنگەن.شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يازىدىغان خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن مەيلى ئەسەر سانى،ژانىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇق ۋە بەدىئى سەۋىيە جەھەتتىن تېخى ۋاڭ مېڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغىنى چىقمىدى.ھېكايىدىن ئالساق ،ۋاڭ يۈخۇ ،جوۋ فېي،ئوۋ لىن،دېڭ پۇ ،جاڭ چېڭجى ،شاۋ چېڭ،چېڭ ۋەنلى قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بىر تۈ*ركۈم مىللى تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھېكايىلەرنى يېزىپ باققان،لېكىن ئۇلار ۋاڭ مېڭ يەتكەن بەدىئى  پەللىگە يەتكۈزەلمىدى. ئۇلاردىن باشقا، نەتىجىسى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان، شىنجاڭ تۇرمۇشىنى يازغان يازغۇچىلاردىن، لۇ تيەنمىڭ ،جۇ دىڭ،خوڭ كې،جاۋگۇاڭمىڭ،دوڭ لىبو،ۋۇ ليەنزېڭ،شېن كەي،تاڭ دوڭ،ۋېن لېرەن،ۋاڭ گاڭ،خەن تيەنخاڭ،ۋاڭ لىڭ قاتارلىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى يەرلىكتىكى ياكى بىڭتۇەندىكى خەنزۇلارنىڭ تۇرمۇشى،مىللىي تۇرمۇشقا ئاساسىي جەھەتتىن چېتىلمىغان .بۇنىڭدىكى سەۋەپ مېنىڭچە ئاساسەن بۇنداق ئىككى تەرەپتىن بولۇشى مۈمكىن، بىرى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش يەنىلا يىتەرلىك بولماسلىق،نەزەر ۋە تەجرىبە چەكلىك بولۇش؛يەنە بىرسى ،قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىدە يەنىلا بىر قەدەر ئارلىق ۋە يۈزەكىلىك بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

     مەن بۇ يەردە يۇقارقى بىر نەچچە ئەۋلات يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشقا چۆكۈش ئەھۋالىنى ۋاڭ مېڭغا سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا  ئامالسىز. مەن پەقەت ئومۇملاشتۇرۇپ ،شىنجاڭدىكى خەنزۇ يازغۇچىلار ئارىسىدا تېخى ۋاڭ مېڭغا ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۆكۈپ ،‹‹جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس›› ،دېگەندەك غەيرەتكە كەلگەنلەردىن بىرىمۇ يوق دېمەكچى. ۋاڭ مېڭ ئەسلىدە پايتەختتە پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدە تېنچ تۇرمۇش كەچۈرسە ، ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنى كۈتۈپ 20 يىلدەك چىداپ تۇرۇپ،مەلۇماتلىق ئۆلىما بولسا بولىۋېرەتتى.ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالىغا نىسبەتەن بۇمۇ بىر چىقىش يولى ئىدى.بىراق ئۇ 1963-يىلى ئۆز –ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىپ، سەككىز مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنجاڭغا كىلىپ، دېھقانلار بىلەن بىللە ئىشلەپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىدى.1965-يىلى بىراقلا چىگرا رايۇنىدىكى ئۇيغۇر كەنتى باياندايغا كېلىپ دېھقان بولدى. يۈجۈ چاڭچىلىسىنىڭ پىشىۋاسى چاڭ شياڭيۈ ئىلگىرى ‹‹چاڭچىلە ھەممىدىن مۇھىم ›› دېگەن ئىدى.مېنىڭچە ۋاڭ مېڭمۇ ئەدەبىياتنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆردى، ھېچ بولمىغاندا مەدەنىيەت مىنىستىرى بولۇشتىن چوڭ بىلدى.ئۇ باياندايدىن ئىبارەت بۇ  ناتونۇش مەدەنىيەت مۇھىتىدا ،ئىنتايىن غېرىپلىق ۋە ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە يەتتە يىل ئىشلىدى .بۇ يەتتە يىلدا ،ۋاڭ مېڭ ئۇيغۇر كەنتىدىكى دېھقانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ھەممە  ئىشلارنى ئۈگىنىۋالدى ھەم سېپى ئۆزىدىن «تارانچى»غا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ئۇنى ئۆز ئادىمى دەپ بىلىپ ئارىغا  ئالدى ۋە قوغدىدى .ئۇ ئىلگىرى بىر ئەسىرىدە «كېيىنكى كۈنلەردە مەن باياندايدىكى خالىغان بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەتكەن چاي سوراپ ئىچەلەيدىغان بولغانىدىم›› دەپ يازدى. 1998-يىلى مەن ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا دەرس سۆزلىگەندە ۋاڭ مېڭنىڭ باياندايدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن : «بىز باياندايلىقلار ۋاڭ مېڭدىن ئىنتايىن  مىننەتدار ،چۈنكى ئۇ ھېكايىلىرى بىلەن بىزنىڭ بايانداينى دۇنياغا تونۇتتى» دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. يېزىدا تۇرىۋاتقان ۋاڭ مىڭدىن ئۆگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئالاھىدە بىر نەرسە  بار ،ئۇ بولسىمۇ ھەر قانداق ئىشنى يېرىم يولدا تاشلىۋەتمەسلىك ،ئىنتايىن سەۋىرچان بولۇش ، قارىماققا ناھايىتى ئۇششاق ،ناھايىتى ئاددى ئىشلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. ئۇ بىر مەزگىل مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولۇپ ،ئائىلىلەردىكى ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلاردىن تارتىپ ،ھەتتا توخو –توشقان ئوغۇرلىغانچىلىك ئىشلارنىمۇ باشقۇرغان ئىدى .بۇ ھال ئۇنى ئالاھىدە بىر ئىجادىيەت مەنبەسى  بىلەن تەمىنلىدى. 1965-يىلى 6-ئايدا ۋاڭ مېڭ باياندايدا بىشىغا چىغ قالپاق كىيىپ ،كومۇنانىڭ ئىسكىلاتىغا دەرىزىدىن كىرگەندە يېنىدىن ئايرىمايدىغان ‹پەلسەپە تەتقىقاتى›دېگەن كىتابىنىڭ چۈشۈپ قالغانلى ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . 1975-يىلى 8-ئايدا خوتەندە ،ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئىنتايىن ئاددىلىقىنى كۆرۈپ ، يولداش ۋاڭ روڭ بىلەن بىللە ماڭا بىر كۆمۈرخانا سېلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى،كېيىن مەن ۋاڭ مېڭنى خاتىرىلەپ بىر داستان يازدىم ،ئۇنىڭدا «مەرتلىك ۋە ھۈنەردە ئېشىپ چۈشەر لۇ بەندىن» دىگەن مىسرالار بار ئىدى.

        ئۆز بۇرچىنى ئۇنتىمىغان بىر يازغۇچىغا نېسبەتەن ئېيتقاندا پەقەت تۆۋەن قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشلا  كۇپايە قىلمايدۇ،مۇھىمى ھەقىقىي تۈردە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگۈنىش ۋە ئىگىللەش،ئۇنداق بولمايدىكەن پەقەت بىر ئەمگەك كۈچى قوشۇلۇپ قالغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس. ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.ئالدىنقى يىلى بىز «شىنجاڭ بۈگۈنكى دەۋىر ھەر مىللەت ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتاپنى تۈزۈپ چىقىپ ،شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى  بىر قەدەر چۈشەنگەن بولدۇق .مېنىڭ بىلىشىمچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن خەنزۇ تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىدىغان يازغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچىنى تولۇق بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز .ۋاڭ يۈخۇ قاتارلىق پىشقەدەم يازغۇچىلار ئاساسەن تەرجىمانغا تايىنىپلا مىللىي تۇرمۇشنى چۈشىنىدۇ .جوۋتاۋ،جاڭ دېيى ،جوۋ جېڭباۋ ،ۋېن لېرەن،شياۋ چېن ،چېڭ ۋەنلى ،جۇ يۈەنلياڭ ۋە مەن قاتارلىق«جەنۇبىي شىنجاڭ»لىقلار تەڭتۈشلەردىن بولىمىز .گەرچە بىز ئاساسىي قاتلامدا ئون يىگىرمە يىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ ،تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىنى ئاز تولا ئۆگىنىۋالغان بولساقمۇ ،ئەمما ھېچقايسىمىز ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرالمايمىز ،ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاپ –ژۇرناللارنىمۇ ئوقىيالمايمىز .مەن گەرچە ئۆزلىكىمدىن ئۈگىنىپ كونا ،يېڭى ئىككى خىل ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەنگەن ۋە ياغاچ ياپراقچىدا ھۆسنىخەت يازالىساممۇ ،ئەمما  گېزىت –كىتاپلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيمەن.چۈنكى بىلىدىغان سۆزلۈكۈم بەك ئازلىق قىلىدۇ .يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ليۇ بىڭ گەرچە كەسپنىڭ ئەھلى بولسىمۇ ،ئۇيغۇرچىنى پىششىق بىلسىمۇ ،ئەمما ئۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. ۋاڭ مېڭ بولسا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تىل قابىلىيىتى بىلەن ،ئۆزلىكىدىن ئۇيغۇر تىلىنى  پىششىق ئىگەللىگەن، سەۋىيىسى ئادەتتىكى تىلشۇناسلاردىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ .ئۇ مىللىي دوستلىرى بىلەن بىمالال سۆھبەتلىشەلەيدۇ ،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا ئۆلچەملىك،قائىدە بىلەن دوكلات بېرەلەيدۇ ھەم شېئىر دېكلوماتسىيە قىلالايدۇ ، ھەتتا ئەدەبىياتتەك قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان ئېغىزچە تەرجىمە خىزمىتىنىمۇ  قىلالايدۇ. تېخىمۇ قىممەتلىكى ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلىدا تەپەككۈر قىلىپ ،مەسىلىلەرنى ئويلىنىدۇ .بۇ خىل تىل ئەۋزەللىكى بولغاچقا ۋاڭ مېڭ باشقىلارغا قارىغاندا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قەلب دۇنياسىنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىپ،ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ،تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى چوڭقۇر پىسخىك قۇرۇلما قاتارلىق مىللى مەدەنىيەتىنىڭ يادرو قىسمىغا تەۋە نەرسىلەرنى ئىگەللەپ ئالالايدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مىللىي تۇرمۇش تەبىئلىكتىن ئايرىلمىغان ،ئۇنىڭ قەلىمى تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرەلىگەن ،ياراتقان كۆپلىگەن مىللى ئوبرازلىرى تۇرمۇشقا يىقىن ،سۆز – ھەركىتى شۇنچىلىك جانلىق. خەنزۇ پىرسۇناژلارغا «دوپپا ـ چاپان كىيدۈرۈپ قويغان» دەك ناباپلىق ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلمەيدۇ .«ئىلىدا» دېگەن يۈرۈشلۈك ئەسىرىدىكى بىر ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۇ  «ئېھ، مۇھەممەد ئەھمەد» دەپ ئالىدۇ ،ئەمەلىيەتتە مەمەت ئەخمەت دەپ ئاتاش ئۇيغۇرلاردا خېلىلا ئومۇملاشقان بىر ئىش. ۋاڭ مېڭ باش قەھرىمانغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنى ئاھاڭداش سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ ئالغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەستايىدىللىق ۋە مۇقەددەسلىكتىن ئىبارەت تۇيغۇغا ئىگە قىلىنغان. چۈنكى «مۇھەممەد» باشقا بىرسى بولماستىن «پەيغەمبەر»، «ئاللانىڭ ئەلچىسى»نىڭ نامى ئىدى. ۋاڭ مېڭدا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ئەۋزەللىكى بار، بۇ ئادەتتىكى يازغۇچىلار قىلالايدىغان ئىش ئەمەس،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ شىنجاڭدىكى خەنزۇ يازغۇچىلارغا ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك ئۈلگە تىكلەپ بەردى .

       ئېسىمدە قېلىشىچە، جى شيەنلىڭ ئەپەندى «شىنجاڭ دۇنيادىكى بىر قانچە چوڭ مەدەنىيەتنىڭ توقۇنۇش ۋە يۇغۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرىدىغان بولغاچقا ئۇلۇغ يازغۇچىلار چىقىشى كېرەك» دىگەن ئىدى. لېكىن بۇ نەزەرىيۋى نۇقتىدىكى ئارزۇلا بولۇپ، ئۇنىڭ رىئاللىقتا ئەمەلگە ئېشىشى بولسا خېلىلا قىيىن ئىدى. داڭلىق يازغۇچى ، ئەدەبىيات پىشىۋالىرىنى ھەرگىزمۇ لاھىيىلەپ ،تەربىيىلەپ ،تاللاپ ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇ تەبىئى ئۆزى يېتىلىپ چىقىشى كېرەك .ئەمما يېتشىپ چىقىشنىڭ  ئالدىدا ،ئۇ سوبىكتىۋ ۋە ئوبىكتىۋ جەھەتتىكى نۇرغۇن نەرسىنى ئۆزىگە تولۇق جۇغلىشى ۋە تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرۈرۈپ باققان بولىشى ،ھەم كۆپ خىل مەدەنىيەتنى يۇغۇرالىشى ھەم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن بەدىئى ئىجادىيەت كۈچىكە ئايلاندۇرالىشى كېرەك. تالانت، تەجرىبە، بىلىم، ئىرادە ۋە پۇرسەت قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ بىرىكىشى بولۇشى كېرەك.

         مېنىڭ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن بولمىغان بىر ئويۇم بار، ئەگەر شىنجاڭدا بىر تۈ*ركۈم  ئىرادىلىك ،ئىقتىدارلىق ياش خەنزۇ يازغۇچىلار بولسا، ئۇلار ۋاڭ مېڭ مۇئەللىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۈلگە قىلىپ، تېز نام قازىنىشتەك روھى ھالەتنى تاشلاپ، جاھاننىڭ ئازدۇرۇشلىرىنى رەت قىلىپ ،تۈرلۈك رامكىلارنى چېقىپ تاشلاپ ، جەنۇبىي ياكى  شىمالى شىنجاڭدىكى مىللىي رايۇنلارنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ  ،ئۈچ يىل ،بەش يىل ،سەككىز ھەتتا ئون يىل ئىشلىسە؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ يازغۇچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي ،ھەر تەرەپتىن چىنىقىپ ،بىلىمىنى ئاشۇرۇپ ـ موللاشتۇرسا ،ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ،تىرىشىپ ئىجادىيەت قىلىپ باقسا  دەيمەن . شۇنداق بولغاندا ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ ۋاڭ مېڭدەك داڭلىق يازغۇچىدىن بىر نەچچىسى چىقىپ ،كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ،ئەۋلاتتىن ئەۋلات تەۋەرۈك بولۇپ قالغۇدەك نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىپ  ،جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە شىنجاڭ ئەدەبىياتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن بولاتتى .        

                                                      
ــ «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى»ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-12 14:59:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى تېما بوپتۇ.ۋاڭمىڭنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىياتىغا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا ۋە چەتئەلگە تونۇشتۇرۇش جەھەتتە قوشقان نۆھپىسى زور.ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ئۇيغۇريازغۇچى - شائىرلىرى بىلەن قويۇق دوستلۇق ئورناتقانلىقى.....80-يىللاردىكى ئەسەرلەردە كەڭ تونۇشتۇرۇلغان.

ۋاقتى: 2015-2-15 11:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭ مىڭ يازغان ئەسەرلەر كاتالوگى(بىبىلگراپىيە) قوشۇپ قويۇلغان بولسا دەلىللەر يېتەرلىك بولاتتى؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش