ئايالسىز ئۆي
پەردىلەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ جىمجىت ،
كۆلەڭگە تاشلايدۇ بەكمۇ پەرىشان .
تاملارنىڭ كۆز يېشى سىڭدى قەلبىگە ،
غەمكىنلىك ئىلكىدە يۈتەر زەرداپ قان .
ئەينەكتىن قارايدۇ مىسكىن بىر چىراي ،
سېغىنىش ئىلكىدە بولغان سىڭايان ،
چىراقنىڭ نۇرلىرى تۈكۈلەر ئاستا ،
ئۈمچىيەر لەۋلىرى يوقتۇر ھاياجان .
قازان ۋە چۈمۈچتىن تۈكۈلىدۇ مۇڭ ،
ئاشخانا بوي سۇزۇپ چاقىرار ئايال ،
جۈمەكنىڭ سۇلىرى سوغۇق ۋە غەمكىن ،
سۇدىمۇ ئېھتىمال قالمىغان ماجال .
گېلەمدە شۈمشىيىپ قارايدۇ ئەخلەت ،
چېچىلىپ بەك رەتسىز مۇڭلىنار كىيىم ،
تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ سانجاق-سانجاق مۇڭ ،
ئايالسىز بۇ ئۆينىڭ كۆڭلىمۇ يېرىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-21 13:33