نۇرۇز كۈيى
نۇرۇز دەپ پىچىرلايدۇ ئىللىق شامال،
مەڭزىمنى سۈيۈپ ئۆتەر تىنىقلىرى.
تەبىئەت نەپەس ئالار قېنىپ-قېنىپ ،
شوخ بۈگۈن ، ئويناق بۈگۈن قىلىقلىرى.
كۈلكىلەر تەبەسسۇمى ئەجەپ تاتلىق ،
زىمىننىڭ يۈزلىرىنى سۆيەر نۇرى .
تۇپراقنىڭ يۈرىكىدە ئۈنەر ئارمان ،
نۇرۇزغا قۇچاق ئاچقان ئېتىز-قىرى .
تەڭرىتاغ ۋەتىنىگە قىلار تازىم ،
سوۋغاتقا ئېقىپ كېلەر ئەگىز سۈيى .
ئاقىدۇ دولقۇنلىنىپ ئىلى،تارىم ،
بۇژغۇنى چاچىرىتىدۇ نورۇز كۈيى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-21 13:40