رەيھانگۈل ئوسمان 1973-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاقتۇ ناھىيسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1994-يىلى قىزىلسۇ تېلىۋىزىيە ئۇنۋىرسىتىتى مالىيە -بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن .ھازىر ئاقتۇ ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى بوغالتىرلار ھېسابات مەركىزىدە مەسئۇل بوغالتىر .
رەيھانگۈل ئوسماننىڭ ئىجادىي پائالىيتى 1993-يىلى ''قىزىلسۇ گېزىتى''دە ئېلان قىلىنغان يېڭى يىل كېچىسى ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . شۇنىڭدىن بۇيان ''مايبۇلاق ''،''يېڭى قاشتېشى ''،"قىزىلسۇ ئەدەبىياتى''،"كروران "،''تۇرپان ''قاتارلىق ژۇرناللاردا ''سىرلىق كەچمىش''،''قەلبىمنى ئازابتا تىلىسەن نېچۈن''،''تۇنجى باھار''،'' باھارنىڭ خۇش ھىدى يوقالدى قاچان''....قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ھەمدە ''ئىشىق پەسلى ''قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان . 2004-يىلى ''تىمتاس باھاردىكى چۈش ''ناملىق بىرلەشمە توپلامغا بىر تۈركۈم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن .
''سېرىق سەبدە ''ناملىق نەسىرلىرى ''تۇرپان ''ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ''نىجاد يۇلتۇزى»نامىدا مۇكاپاتلىق بەدئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسدە مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
''باھار بۇ يەردە تۈنەيدۇ''ناملىق نەسىرلەر توپلىمى 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان .
ئاپتۇر يېقىندا ''سۆيگۈ دەملىرى ''ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە سۇندى . ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى .