«جۇڭگۇ مىللەتلىرى»نىڭ يېڭى سانىغا،بۇ سان ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن تەھرىر،مۇھەررىرلەرگە،ئەسەر-ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان تىلداشلىرىمغا ئەڭ ئالىي ئىھتىرام..!
نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن...!
ۋىجدان بىلەن...
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
ئەجدادىمىز ئۆملۈكنى بىلگەن جاندىن ئەتىۋا،
بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ،توقۇشمايتتى-پەتىۋا.
ئۆزلۈكىگە گەدەنكەش،ۋىجدانى يوق قانخورنى،
چالما-كىزەك ئېتىشىپ،قىلغان گۆرگە-مۇپتىلا.
ئەقىل بىلەن ئىش كۆرمەي،ئۆتسە كىشى ئۆمرىدە،
بىر كۈن تىنچ ياتالماس،مەرھۇملارمۇ گۆرىدە.
چېچىۋەتسە ئەل ئېچرە ئىناقسىزلىق ئۇرىقىن...
ھاياتلارمۇ خاتىرجەم ياتالمايدۇ-ئۆيىدە...!
قىسمەت كەلسە بېشىڭغا،سەۋەبىنى ئىزدەيسەن،
ئۆزەڭگىمۇ بىر سۇئال قويۇپ باقاي دېمەيسەن...!؟
باشقىلارنى كەمسىتىپ،ئۆزەڭ ئۈچۈن داپ چېلىپ،
ئەۋلات سۆيگەن ئەل-يۇرتنىڭ غېمىنىمۇ يېمەيسەن...!
ۋىجدان-دېگەن ئىنساننىڭ كۈچلۈك تالماس قانىتى،
چىن ساداقەت ئۇ بىلەن كۆكلەپ كېلەر ئامىتى.
ئىتتىپاقلىق-ئۆملۈكمۇ ۋىجدان بىلەن يۈكسىلۇر،
شۇنداق بولسا ئەل ئېچرە ئاشار ئۇنىڭ سالمىتى...!
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى