مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە
ئابلىپىز ئىدىرىس
ھايات چېغىم بىلمەيسىز قەدرىم،
جاپا سېلىپ جانغا جانلىرىم،
سىزنى يامان قىينايدۇ دەردىم،
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.
كۈندە ئەلەم باغرىڭىز يارا،
بوپ قالىدۇ بەختىڭىز قارا،
ئۆتكەن ئۆمۈر قايتىلانماس يا؟!
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.
ئۇنۇتاي دەپمۇ ئۇنۇتالمايسىز،
كۈنلىرىڭىز مەنسىز، مەنىسىز،
يۈرىكىڭىز سوقىدۇ ئەنسىز،
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.
قايغۇ بېسىپ يوقايدۇ شاتلىق،
ئۇچرىمايدۇ مەندەك بىر تاتلىق،
ئۆزگە يارغا بولمايسىز ياتلىق،
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.
باھار كېلىپ قۇشلار كەلگەندە،
مەن ئۆتىمەن يادلىنىپ كۈندە،
گۈللەر پورەك ئاچار قەبرەمدە،
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ19-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-20 19:51