كەلدى نورۇز ، زىمىن ئاچتى كۆزىنى
ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
كەلدى نورۇز ئېتىز ئاچتى كۆزىنى
دەل - دەرەخلەر باشلىماقتا سۆزىنى .
قىر بېشىدا ھاردۇقىنى چىقىرىپ ،
سەلكىن شامال قۇرۇتماقتا يۈزىنى .
كەلدى نورۇز، ئېرىق ئاچتى كۆزىنى ،
ئاپتاپ يالار باغنى ،تالا -تۈزىنى .
يىقىنلاشقاچ ئاتلىق مېھمان يىراقتىن ،
بارچە جانلىق تۈزەشتۈرەر ئۆزىنى .
كەلدى نورۇز ، زىمىن ئاچتى كۆزىنى ،
قۇياش ئېنىق كۆرسەتتى ئوت يۈزىنى .
ئۈندىدارنى ئېچىۋالغان تولۇنئاي،
لىرىكىدىن مىسال ئالار سۆزىنى .
كەلدى نورۇز ،ئاچتى سازاڭ كۆزىنى ،
مەست قۇلۇلە چوڭ سانايدۇ ئۆزىنى .
تاللاپ دېكتۇر ھايۋاناتلار دۇنياسى ،
تاللىۋالدى ئۆردەك بىلەن غېزىنى .
كەلدى نورۇز ، يالپۇز ئاچتى كۆزىنى ،
مامىكاپلار تونۇشتۇرار ئۆزىنى .
ياغلىقىنى تۈزەشتۈرەر چىغرىتماق ،
قىياق چۆپلەر پەپىلەيدۇ قىزىنى .
كەلدى نورۇز ئاچتى بەخت كۆزىنى ،
شەھەر كېلىپ سۆيدى ساددا يېزىنى.
رەڭ ئىچىدە ئىدىيەلەر مارلىشىپ ،
بېرىشىدۇ ئاق -قارىلار سىرىنى .
كەلدى نورۇز ، ئاچتى بۇۋاق كۆزىنى ،
ئېيتتى مانا ‹ ئانا › دىگەن سۆزىنى .
ئوغۇزسىمان دەس تۇرغاندا ئورنىدىن ،
قىياس قىلدى ئاتا باتۇر بۆرىنى .
كەلدى نورۇز زىمىن ئاچتى كۆزىنى ،
ھەر كىم بەخت سېزەر بۈگۈن ئۆزىنى .
نورۇز ئېشى بىلەن ئالقان ماسلىشىپ
ئاقساقاللار ئېيتتى تىلەك سۆزىنى .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-20 01:41
|