يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى ئىپتىدائىي، تەبىئىي ئادەمنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مودېلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز بۇ بۇۋاقنى روبىنزۇن كىرۇزۇ(1) بىر زامانلاردا ياشىغان ئارالغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ھىچقانداق تەربىيە بەرمەي، چوڭ قىلالىساق
قىزىلغا بوياپ قويۇلغان بىر شەرىت ئىدى،دىققەت قىلغايسىلەر....
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھايۋاناتلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان بالىلار
1. ئۇگاندالىق ئوغۇل بالىنى ئورمانلىقتىكى مايمۇنلار بېقىپ چوڭ قىلغان ئاپىسىنىڭ دادىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن تۆت ياشلىق ئوغۇل بالا ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە 1991-يىلغا قەدەر ئۇ ئىزچىل تۈردە بىر توپ قارا يۈزلۈك مايمۇنلار تەرىپىدىن بېقىلغان. ئۇ بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۆزىنى قۇتقۇزۋالماقچى بولغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئۇ ئاخىرى تۇتۇلغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ياردىمىدە گەپ قىلىشنى، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن.
2.بىر مۈشۈك ۋە بىر ئىت تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان كىچىك قىزچاق 2009-يىلى ناتاشا ئىسىملىك سىبىرىيەلىك بەش ياشلىق كىچىك قىزنىڭ تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغانلىقى، تىلى بىلەن سۇ ئىچىدىغانلىقى ھەمدە ئىتقا ئوخشاش ھاۋشىيدىغانلىقى بايقالغان.
ساقچىلار ئۇنىڭ بىر ئۆيگە قامالغانلىقىنى، ئىچىدە يەنە بىر ئىت ۋە بىر مۈشۈكنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئۆيدە پار ياكى سۇ يوقكەن ھەتتا مۇنچىمۇ يوقكەن. ئۇ بايقالغان چاغدا ئۆز ئانا تىلى بولغان رۇس تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىكەن. ئۇ ئېنىق بولغان ھايۋاناتلار خاراكتىرىگە ئىگە دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
ئۇنىڭ دادىسى 27 ياش، ئاپىسى 25 ياش بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان بىچارە ناتاشاغا كۆڭۈل بۆلمىگەنكەن. شۇڭا ساقچىلار ئۇلارنى قولغا ئالغان.
3.قۇش تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان رۇسىيەلىك ئوغۇل بالا 2008-يىلى، بىر يەتتە ياشلىق رۇسىيەلىك ئوغۇل بالىنىڭ بىر توپ قۇشلار توپلاشقان ئولتۇراق ئۆيدە ياشاۋاتقانلىقى بايقالغان. ئۇنىڭ ئاپىسى ئەزەلدىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ باقمىغان، ئۇنى بىر ئەرمەك ھايۋان سۈپىتىدە باققان. ئۇ بايقالغان چاغدا ئاللىقاچان تىل بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئۇ دائىم قۇشقا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدىكەن ھەمدە ئىككى قولىنى قانات قىلىپ ئىشلىتىدىكەن.
4.مۈشۈك تەرىپىدىن بېقىلغان ئارگېنتىنالىق ئوغۇل بالا 2008-يىلى، ئارگېنتىنا ساقچى تەرەپ بىر ياش ئەتراپىدىكى بىر ئارگېنتىنالىق ئوغۇل بالىنىڭ سەككىز مۈشۈك تەرىپىدىن بېقىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە بۇ بىر توپ مۈشۈك بۇ بالىنىڭ قىشتا توڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يېتىپ ئىسسىقلىق ئاتا قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ تېرىسىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاشقا ئۇرۇنغان.
ساقچىلار بايقىغاندىن كېيىن ئەسلىدە بۇ بالىنىڭ دادىسى بىر ئۆيى يوق ئادەم بولۇپ، ئۇ ئەخلەت يىغقىلى چىققاندا ئۇنى تالاغا تاشلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ مۈشۈكلەر ئىزچىل تۈردە ئوغلىغا ياخشى قاراۋېتىپتۇ.
http://www.nur.cn/news/2014/12/199209.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-17 19:46
|