دۇردانىلەر
(نەسر)
ئوكتاۋىيۇ پاز [مىكسىكا]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش تەرجىمىسى
*دۇنيا بىر يۇمۇلاق قۇملۇق،ئەرش ئاللىقاچان تاقالغان ، دوزاخ بولسا قۇپقۇرۇقتۇر.
*بىز ياشىمايۋاتىمىز بەلكى ۋاقىت بىزدە ياشاۋاتىدۇ.
*مەن بىر شېئىردا: «گەپ قىلىش ئېلاھنىڭ ئىشى» دىيىلگەنلىكىنى ئوقۇغان ئىدىم.بىراق،ئېلاھ گەپ قىلمايدۇ،پەقەت دۇنيانى يارىتىدۇ ۋە خاراپ قىلىدۇ، ئادەملەر بولسا گەپ قىلىدۇ.
*بارىلىق ئىسىم بىرلا ئىسىم ،بارىلىق چىراي بىرلا چىراي ،بارىلىق ئەسىر قىسقىغىنا بىر دەقىقە خالاس.
*دۇنيا ــ ئىككى ئادەم سۆيۈشكەن چاغدا بارىلىققا كىلىدۇ.
*كولومبۇدىن ئىلگىرىكى مېكسىكا بۇتخانا،ئىلاھلار بىلەن قوشۇلۇپ بىر دۆۋە خارابىيلىك ئىدى،بىراق،دۇنياغا جان ئاتا قىلىدىغان ئاشۇ رۇھ ئۆلمىگەن ئىدى.ئۇ ئەپسانە،رېۋايەت،ئورتاق تۇرمۇش ئۇسۇلى،ئەل ئىچى سەنئىتى،ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىق سىرلىق تىللار بىلەن بىز بىلەن گەپلىشەتتى.
*جەننەتتە ھەممە دېمەك يوقلۇق دېمەكتۇر،چۈنكى يوقلۇق دېمەك ھەممە دېمەكتۇر.
*ئەگرى-بۈگرى دەريا ئالغا ئىلگىرلەپ،كەينىگە چىكىنىپ،يۆتكىلىپ ئېقىپ ھامان مەنزىلىگە يېتىپ بارىدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە« ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنلىنىڭ 2012-يىللىق 9-سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-18 23:32
|