يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 454|ئىنكاس: 1

ئاققاش(ت): پ.كوئېلخو __ شەيتاننىڭ كونا مال سېتىشى(مەسەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شەيتاننىڭ كونا مال سېتىشى
(مەسەل)
پاۋلو.كوئېلخو Paulo Coelho  [برازىلىيە]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش تەرجىمىسى

شەيتان يېڭى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ئېزىقتۇرۇشقا ئىشلتىدىغان  زاپاس ماللىرىدىن كەڭ كۆلەمدە ۋاز كەچمەكچى بوپتۇ. ئۇ گېزىتكە ئېلان بېرىپتۇ ھەمدە كۈن بويى زاۋۇتىدا خېرىدار قوبۇل قىپتۇ.
ئۇنىڭ زاپاس ماللىرى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاش،ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەينەك،شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغان ئەينەك قاتارلىق ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر ئىكەن.تامغا بىر نەچچە خىل بويۇم ئېسىلغان بولۇپ،باشقىلارنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتىدىكەن.ئۇلار باشقىلارنىڭ كەينى تەرپىدىن ھوجۇم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئەگرى قىلىچ،پالچىلىق ۋە پىتنە پاسات تارقىتىدىغان ئۈنئالغۇ قاتارلىقلار ئىكەن.
ــ باھاسىدىن غەم قىلماڭلار،ــ قېرى شەيتان خېرىدارلارغا يۇقىرى ئاۋازدا شۇنداق دەپتۇ:ــ بۆگۈن ئۇ نەرسىلەرنى خالىغانچە ئېلىپ كىتىۋىرىڭلار،پۇلىنى تاپقاندا بەرسەڭلار بولىدۇ.
بىر خېرىدار تامنىڭ بولۇڭىدا كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن 3سايماننى كۆرۈپتۇ.بۇ سايمانلار ئانچىۋالا كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىكەن.بىراق ئۇلارنىڭ باھاسى بەكلا ئۆرە ئىكەن.ئۇ بۇ ئۈچ سايماننىڭ نېمىشقا مۇنداق قىممەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ شەيتاندىن سوراپتۇ.
ــ مەن ئۇ نەرسىلەرنى ھەردائىم ئىشلىتىمەن،شۇڭا ئۇلار مۇشۇنداق كونىراپ كەتكەن،ئەگەر ئۇلار كىشىلەرنىڭ كۆزىگە بەك ئاشكارا چېلىقسا ، ئادەملەر ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىۋالىدۇ.بىراق ئۇلار مېنىڭ يۇقىرى باھا قويىشىمغا ئەرزىيدۇ،بۇ ئۈچ مالنىڭ بىرسى گۇمان،يەنە بىرسى ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۈچىنجىسى بولسا نەپرەت،قالغان بارىلىق ئېزىقتۇرۇشلار كارغا كەلمىسىمۇ،بۇ ئۈچى ھەر ۋاقىت كارغا كىلىدۇ، ــ دەپتۇ شەيتان قاقاھالاپ كۈلۈپ تۇرۇپ.


«ساتىرا ۋە يومۇر讽刺与幽默»گېزىتىنىڭ 2012 –يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-17 22:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-18 09:23:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز، خېلى قىممىتى بار يازمىلارنى يوللاۋاتىسىز،تەرجىمە ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولغاي،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش