يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 481|ئىنكاس: 1

ئاققاش(ت): كىيىنكى قەدەمدە نىمە ئىش قىلىمەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىمەن
(ھىكايە)
شىنچى خوشى [ياپونىيە]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش تەرجىمىسى


ــ ھەي، كارخانا ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنى چاقىرىپ كېلىڭ.
كاتىپ يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى Rئەپەندىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۆلۈم باشلىقىنى توۋلىغىلى ماڭدى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۆلۈم باشلىقى يىتىپ كەلدى.
ــ دېرىكتور،نېمە تاپشۇرۇقىڭىز باركىن؟
ــ باشقا ئىشمۇ يوق،شۇ ئالدىنقى قېتىم تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بېرىكمە سۈتنىڭ ئىشىنى ئۇقۇشۇپ باقاي دېگەن ئىدىم،ئىشنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى  قانداق بولىۋاتىدۇ؟
ــ ئۇ ئىشتىن سىز خاتىرجەم بولۇڭ،نۇرغۇن قېتىم تەجىرىبە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى سىناق مەھسۇلاتنى ياساپ چىقتۇق،سىزگە ھازىرلا دوكلات قىلاي، ماۋۇنىڭغا قاراڭ!
ــ ھەممىسى مۇشۇما؟
ــ ياق،سىزنى تېتىپ باقسۇن،پەرىقلەندۈرۈپ باقسۇن دەپ بېرىكمە سۈت بىلەن تەبئىي ساپ سۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېلىپ كەلدىم، سىز قايىسىسىنىڭ بېرىكمە،قايسىسىنىڭ تەبئىي ئىكەنلكىنى پەرىقلەندۈرەلمەيسىز،چۈنكى بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ياغ،ۋېتامىن،مىنرال ماددىلىرى ئوپمۇ – ئوخشاش، بۇنى شىركىتىمىز تېخنىك قوشۇنىنىڭ بىر چوڭ غەلبىسى دېيىشكە بولىدۇ!
Rدېرىكتور سۈتنى ئىچىپ سېلىشتۇرۇپ باقتى،دېگەندەك بېرىكمە سۈت بىلەن تەبئىي سۈتنىڭ تەمى ،پۇرىقى ئوخشاش ئىدى.
ــ تولىمۇ جايىدا ئىش قىپسىلەر!
ــ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدىن ئېيتقاندىمۇ تەبئى سۈتنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، باھاسىمۇ تەبئى سۈتنىىڭىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش،يېقىن كەلگۈسىدە باھاسىمۇ چۈشمەيدۇ.
ــ يارايسىز،ئۇنداقتا كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىپ پائال سېتىپ چىقىرايلى،كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇڭ.
شۇنداق قىلىپ بېرىكمە سۈت تاۋارغا ئايلىنىپ بازارنى ئىگىلىدى.بىراق،ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك بازىرى ئۇنچىۋالا ئىتتىك بولمىدى.
بۇنىڭدىكى مەسىلە بۇ بېرىكمە سۈتكە قارىتا باشقىچە قاراشنىڭ بولغانلىقى ياكى  تەشۋىقاتنىڭ ئاجىز بولۇپ قالغانلىقى ۋەياكى سېتىپ چىقىرىش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلىقىدا ئەمەس ئىدى.مەسىلە سۈتنىڭ ئىستىمال مىقدارىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدا ئىدى. كىشىلەرنىڭ يىمەك-ئىچمەك تۇرمۇش ئۇسۇلى بەكلا مۇتەئەسسىپ بولغاچقا ئوڭايلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايتتى.
ــ ۋەي،كارخانا ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنى چاقىرىپ كېلىڭ.
Rدېرىكتۇر يەنە بىر قېتىم شۇنداق دېدى،بۆلۈم باشلىقى دەرھال يىتىپ كەلدى.
ــ دېرىكتور،نېمە تاپشۇرۇقىڭىز باركىن؟
ــ مەيلى قانداق بولمسىۇن،سېتىش نۇرمىسىنى ئاشۇرۇدىغان بىرەر چارە تاپقىلى  بولماسمۇ؟دېمەكچمەنكى بىزنىڭ سۈتىمىزگە ئۇزۇندىن بىرى قىزىقمايۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۆزگەرتىپ چىقىش كېرەك،كۈنلىكى بىر بوتۇلكا سۈت ئىچىدىغانلارنى ئىككى بوتۇلكا ئىچىدىغان قىلىش كېرەك،بۇ بەكلا مۇھىم.بىراق شىركىتىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنچىۋىلا زور كۈچ سەرىپ قىلغاندىن كۆرە،سېتىش يوللىرىنى كەڭرىتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟بۇ جەھەتتە بىرەر دانا تەدبىرىڭىز يوقمۇ؟
بۆلۈم باشلىقى ئاۋازىنى پەسەيتىپ مۇنداق دېدى:ــ مېنىڭچە مۇنداق قىلساق بولامدىكىن،ئوغۇرلۇقچە كېسەللىك مىكروبى تارقىتىپ دۇنيادىكى كالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىۋىتەيلى،شۇنداق بولغاندا شىركىتىمىزنىڭ بېرىكمە سۈتى بازارنى ئىگىلەيدۇ.
ــ بولمايدۇ،مەيلى نېمە بولشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.ئۇ سودا ئەخلاقىغا توغرا كەلمەيلا قالماي بەلكى سۈيقەستىڭىز ئاشكارىلىنىپ قالسا پۈتكۈل شركەت ۋەيران بولىدىغان گەپ. بېشىمىزغا پىتمۇ سالمايدىغان،ئىسكىلاتتىكى سۈتلەرنى بىراقلا سېتىپ چىقارغىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى ئامالدىن بىرنى تاپايلى.
Rدېرىكتۇرنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا قارىتا بۆلۈم باشلىقى بىردەم كاللا قاتۇرغاندىن كېيىن كۆڭۈلدىكىدەك لايىھەدىن بىرنى ئوتتۇرغا قويدى.
ــ بولمىسا ،سوۋغات ئارقىلىق تەشۋىق قىلساق قانداق؟مېنىڭچە بىز سۈت ئىچىدىغان ماشىنا مۆشۈك ياساپ چىقايلى،راست مۆشۈكتىن ھەم چىرايلىق ھەم ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ھەم ئەدەبلىك قىلىپ ياساپ چىقساق،ئۇ ئائىلىدىكى ئەڭ پۇتاقچى ئەرمەك ھايۋانغا ئايلىنىدۇ.ئۇنى سوۋغات قىلىپ ھەدىيە قىلايلى،ئۇ بۇ سۈتنى ئىچمىسە مىدىرلىيالمايدۇ.
ــ پۇلغا يارايدىغان ئۇنداق نەرسىنى سوۋغاتلىق قىلىپ بىكارغا بەرسەك زىيان تارتمامدۇق؟
ــ ئۇ بەكلا ئىشەنچلىك ،خاتىرجەم بولۇڭ،كۆڭلۈمدە سان بار.
ــ شۇنداقمۇ؟ تالانتىڭىزغا ئىشىنىمەن،قېنى سىناپ باقايلى !
Rدېرىكتۇر باش لېڭشىتتى.
سۈت ئىچىدىغان مۆشۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغاندىن كېيىن ئاجايىپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى.ئۇ راست مۆشۈكتىنمۇ بەك ئوماق ئىدى.كۈيلىگەندە مىياڭلاپ جاھاننى بېشىغا كېيمەيتتى،تۈۋرۈككە يامىشىپ چىقمايتتى،تام-تورۇسلاردا چېپىپ يۈرمەيتتى.مىياڭلىغان ئاۋازىمۇ شۇنچە يېقىملىق ئىدى،چاشقان تۇتۇش ماھارىتى راست مۆشۈكنىڭكىدىن قېلىشمايتتى.ئۇنىڭ بىلەن ئويانلاشقاندا ئادەم ئۇنىڭ ماشىنا مۆشۈك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا قالاتتى.سۈت ئىچىدىغان ماشىنا مۆشۈك پەيدا بولغاندىن كېيىن ئائىللەر بىراقلا ئاۋاتلىشىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم سىزىپ سەزمەي سۈنئى بويۇملار تەبئى مەھسۇلاتلاردىن كۆپ  ئەۋزەلكەن دەيدىغان بولۇشتى.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ماشىنا مۆشۈكلەر ئىچىدىغان سۈتنىڭ كۆپەيگەنلىكى سەۋەبىدىن سۈتنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى.شىركەت دېرىكتورى بۆلۈم باشلىقىنى چاقىرتىپ كىلىپ ئاغزى-ئاغزىما تەگمەي ئۇنى ماختاپ كەتتى.
ــ قالتىس،قالتىس،سىزنىڭ بۇئامالىڭىز ھەقىقەتەنمۇ قالتىسكەن، شىركىتىمىزنىڭ پايدىسى بىراقلا ئاشتى.سىز زادى قانداق ھۆنەر ئىشلەتتىڭىز؟
ــ ئەسلى ئىش مۇنداق،سۈت ئىچىدىغان ماشىنا مۆشۈكنىڭ ئىچىگە بىر كىچك ئۈسكۈنە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،مۆشۈك سۈتنى ئىچىپ چۆرگىلىسلا قورسىقىدىكى سۈت ئىرىمچىككە ئايلىنىدۇ.
ــ بۇ ئامالىڭىز ھەقىقەتەن قالتىسكەن!
ــ خادىملىرىمىز قەرەللىك تۈردە چارلاش ئېلىپ بېرىپ ئېرىمچىكنى يىغىۋىلىپ كىلىدۇ،شۇنداق بولغاندا ئېرىمچىك ئىشلەپچىقىرىش ھېچقانداق دەسمىي سالمايلا ئىشقا ئاشىدۇ.شۇڭلاشقا يېقىندىن بىرى شىركتىمىز ئېرىمچىك ياساشقا بىر تېيىنمۇ مەبلەغ سالمىدۇق.
دېرىكتور ئىنتايىن رازى بولدى.
ــ ئەسلى مۇنداق ئىشمىدى،ھېلىمۇ ياخشى سىز بار ئىكەنسىز!شىركتىمىزنىڭ ئېرىمچىك مەھسۇلاتنىڭ بارغانسىرى ئېشىۋاتقانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەندە! ئامباردىكى مالنىڭ مىقدارىمۇ كۆپەيدى.بىراق....
ــ خوپ،يەنە قانداق قىلسام بولىدىكىن؟
ــ ئاڭلىماققا بىر ئاز چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، نۆۋەتتە ئېرىمچىكنى سېتىپ چىقىرىش مەسلىسى ئەڭ مۇھىم.قىسقا مەزگىل ئىچىدە سېتىپ چىقىرىش يولىنى كىڭەيتمىسەك بولمايدۇ.
ــ سىناپ باقايلى!
شۇنداق قىلىپ ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بۇ مەسىلىنى قول سېلىپ ھەل قىلماقچى بولدى.ئۇ تېزدىن  تولىمۇ زىرەك ماشىنا چاشقانلارنى كۆپلەپ ياسىدى، ھەمدە ئۇلارنى رەستىلەرگە قويۇۋەتتى.ئەلۋەتتە بۇ پىلان مۇتلەق مەخپى ھالدا يولغا قويۇلدى.
بۇ بىر تۈركۈم ھەرىكىتى چاققان،ئېرىمچىككە قەۋەتلا ئامراق چاشقانلار ئىدى.مەيلى كىچە ياكى كۈندۈز بولسۇن ياكى كىشىلەر تاماق يەۋاتقاندا بولسۇن ھايت-ھويت دەپ بولغىچە ئېرىمچىكنى ئوغۇرلاپ يەيتتى.مەيلى بىخۇتلۇق قىلسۇن ياكى ھوشىيار بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ئىدى.بۇنىڭ بىلەن ئېرىمچىك ئىستىمالى شىددەت بىلەن ئاشتى.
Rدېرىكتور بۆلۈم باشلىقنى چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى ماختاپ ئۇچۇردى.
ــ بۇ مەلۇمات جەدىۋىلىگە قارىغاندائېرىمچىكنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، سۈتنىڭ باھاسىمۇ مۇقىم ،ۋەزىيەت بارغانسىرياخشى بولىۋىتىپتۇ.
ــ بۇنىڭ سەۋبى مۇنداق ،بەزى كىشىلەر چاشقاننىڭ ئېرىمچىىك يەيدىغىنىدىن غەم قىلىپ ،چاشقانلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن سۈت ئىچىدىغان ماشىنا مۆشۈكنى سېتىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بەس-بەستە شىركىتمىزگە سۈت ئالغىلى كېلىدۇ،مەيلى قانداق ئايلاندۇرايلى ،شىركىتىمىز قوشلاپ پايدا ئالىدۇ.
ــ ناۋادا ئەھۋال مۇشۇنداق ھالەتتە داۋاملاشسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟
ــ بۇ يەردە بىر مەسىلە بار،ناۋادا بىز ئىشلەپچىقارغان سۈتنى ئىچىدىغان مۆشۈكلەر كۆپەيسە،چاشقانلار ئازىيىدۇ.ھەتتا ئۇزاق ئۆتمەي نەسلى قۇرۇپ كېتىدۇ.شۇڭا ئىسكىلاتتىكى ماللارنى كۆپەيتمىسەك بولمايدۇ.
ــ ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا چوڭ ئاۋارىچىلىق كىلىپ چىقىدۇ.
دېرىكتورنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
ــ ھېچۋەقەسى يوق،بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ،ھازىر ئېرىمچىك ئىستىمال قىلىدىغان ماشىنا چاشقاننى تەتقىق قىلىۋاتىمىز،ئۇ باغۇ ئاجايىپ نەرسە!
ئۇزاق ئۆتمەي ماشىنا چاشقانلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى ھەمدە تۈركۈملەپ ھەممە يەرگە قويۇپ بېرىلدى.ئەلۋەتتە، راست چاشقانلار ئازىيىپ كەتكەن يەرلەرگە ئالدىن كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلدى.
ماشىنا چاشقانلارنىڭ پەيدا بولىشى تەبئى چاشقانلاردەك ئادەملەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىمىدى.ئۇ ئېرىمچىكنى مۇۋاپىق مىقداردائوغۇرلاپ يەيتتى.مۆشۈكلەرمۇ ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تۇتاتتى.خۇددى ئامرىكا كورتون فىلىمى«مۆشۈك بىلەن چاشقان»دىكىگە مۆشۈك بىلەن چاشقاندەك ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ئۇلارئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ،تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى  شەكىللەندى،ئەلۋەتتە بۇمۇ ئاشۇنداق بىر تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن ياسالغان ئىدى،يۇقارقى ئەھۋاللارنى بۆلۈم باشلىقى كۆرەڭلىگەن ھالدا دېرىكتورغا دوكلات قىلدى:ــ ھازىر كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتۇق،ئېرىمچىك ماشىنا چاشقاننىڭ قورسىقىدا پارچىلىنىپ بېرىكمە سۈتنىڭ خام ئەشياسىغا ئايلىنىدۇ.مۆشۈكلەر يىگەن ئېرىمچىكنى يېغىۋىلىش گورۇپپىىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۇلارنىمۇ يىغىۋالىدۇ.
ــ شۇنداقمۇ؟بەكلا قالتىس، قالتىس!مۇنداق بولغاندا بېرىكمە سۈتنىڭ تەننەرقى چوقۇم زور دەرىجىدە ئازلايدۇ.راست گەپنى قىلسام سىز بەكلا تالانتلىقكەنسىز، رەھمەت سىزگە.
ــ ئۇنداقتا مەن كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىمەن؟بۇيرۇق بەرگەيسىز!ــ دېدى ئېچىش بۆلۈمنىڭ باشلىقى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
ــ خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە سىزنىڭ رولىڭىز قالمىدى،ھازىر سىزنى ۋەزىپىڭىزدىن بوشاتتىم،قايتىپ ئارام ئېلىڭ،ــ دېدى Rدېرىكتور جاۋابەن.








مەنبە:«مىكرۇ ھىكايىلەرئايلىق ژۇرنىلى»(微型小说月报)ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 6-سانى،ئادرىس:قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى
تېلېفون: 13899146980

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-17 18:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-17 22:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام مامۇتجان ، مۇنبەردىكى قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن ، تەرجىمىلىرىڭىزدىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش