كۆرۈش: 1096|ئىنكاس: 0

ئابدۇرەئوپ پولات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
92AN.jpg   
ئابدۇرەئوپ پولات،تەخەللۇسى تەكلىماكانىي. 1950-يىل 1-نويابىر، قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1976- يىلدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلغان. 1984-يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان. 1989-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇنىڭ «كور خېرىدار» ناملىق ھېكايىلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان.2005-يىل يەنە مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇ نەشىرگە تەييارلىغان «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھىرى — ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» ناملىق ژىرىك ئەسەرنى نەشىر قىلغان. 2009-يىلى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق 920 مىڭ خەتلىك كىتابىنى نەشىر قىلغان. بۇ كىتاب مەخسۇس ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە ئەدەبىي تەتقىقات يۈرگۈزگەن تۇنجى خاس ئەسەر بولۇش شاراپىتى بىلەن، 2009-يىللىق گىرمانىيە فرانكفورد خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان. ئۇنىڭ «رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى» ماۋزۇلۇق ئەسىرى 2006-يىل «كروران» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلار ۋە تەرەققىيات تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور، دوكتورانت يېتەكچىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقامشۇناسلىق تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش