ھەلىمە تۇردى،1974-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدا تۇغۇلغان .باشلانغۇچ –تولۇقسىزلارنى شۇ يېزىدا ئوقۇغان.1993-يىلى 7-ئايدا بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.خىزمەت جەريانىدا،ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ،تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولغان.ھازىر چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
2002-يىلى كروران ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قۇياش ئىلھامى»ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە رەسمىي كىرىپ كەلگەن.ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 160پارچىغا يېقىن ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.ئۇ ھازىر بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.