يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 3

ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم: توختىما تارىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


                     توختىما تارىم

     ‹‹ ت›› ھەرىپى بىلەن باشلانغان

ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم

تەبىئەتنىڭ تالاي-تالاي توپا -تاشلىرى تىندۇرالمىغان تەنھا تارىم ! تېنىمسىز تەۋرەپ ، تولغىنىۋاتقان تۆھپىكار تارىم ! تەڭرىقۇتتەك ،تۇنيۇقۇقتەك ،تەۋپىقتەك تۇلپارلارغا تىل-تۇمار تارىم ! تارىخنىڭ تاسقاشلىرىدا توختىمىغان تىلسىم تارىم !  تەڭرى تەكلىماكانغا تاشلىغان تەۋەرۈكسەن ، تۇرقى تىك تەڭرى تېغىدىن تارقىلىپ ،تەكلىماكاننىڭ تومۇر-تومۇرلىرىغا تاشلىندىغان تۇتىياسەن ،  تاشلىغانغا، تاتلىغانغا تىزلانمايدىغان  توغراقلارنىڭ تەختىسەن .
تىلىم تەسۋىرگە تىلەمچىدۇر، تايىنى تىللاغا توختىمايدىغان ،تەمسىز تىلىمدا تەرىپىڭنى تۆكۈۋاتىمەن .تۇيغۇمدا تاراملىرىڭغا تاشلاندىم ،تامچىلىرىڭنى تامشىپ -تامشىپ تېتىدىم . تاتلىق ، تاتلىق تونۇش تەم ! تىتىردىم ، تولغاندىم ، تۆت تەرىپىڭگە تەلمۈرۈپ توۋلىۋەتتىم !
تارىم ، تارىم !!!
تۈنۈگۈنلا توغراقلار تۆت تەرىپىڭنى توپ-توپ توراپ تۇرغان ، تالماس تۆگىلەر تۇمشۇقىنى تامچىلىرىڭغا تېنىمسىز تىقىپ تۇرىدىغان ، تومۇچۇق ، تۆمۈرتۇمشۇق ، تورغايلار توختىماي توۋلايدىغان ،تىلسىماتلار تېگىڭدە تېنىپ تۇرغان ،تاراملىرىڭ ،تامچىلىرىڭ توسۇن تايدەك ،تۇلپاردەك تاقلاپ تۇرغان تەبئەتتىكى تەنھا تارىمتىڭ .
توۋا ، توۋا !  تىلىم توختىدى ،تولغانماقتىمەن ، تېرىكىمەن ، تىللاۋاتىمەن !
تاراملىرىڭ تارىيىپ ،توغراقلار تۈگەشكە تايىن تېپىپتۇ ، تورغايلار تەمتىرەپتۇ ، تۈركۈم -تۈركۈم توسمىلار تىنىقىڭنى توسۇپتۇ .
تىللا- تەڭگىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان تەخسىكەش ،تويمىغۇر، تاماخۇر ، تەييارتاپ ،تادان تۈلكىلەر تۇمشۇقىڭدىن تارتىپتۇ  .  تەھلىلى تار، تەپەككۈرى تار ، تەدبىرى تالاي تىجىمەللەر تەستىقسىز تاغارلىرىنى تۇلۇمدەك توشقۇزغاندا توختاپتۇ ، تەقدىرىڭنى تاۋۇتقا تىققىلى تەييارلىنىپتۇ ...
تۈگىمەس تىڭىرقاش ، تەمتىرەشكە تولۇپسەن .
تەڭتۇشلىرىمغا تەشەببۇسۇم ؛ تارىم تاقىرلاشمىسۇن ، تارىم توغۇرسىدا تور، تېلفۇن ، تېلۋۇزۇر تەشۋىقاتقا تولسۇن ،تارىم توغۇرسىدىكى تەتقىقاتىمىز توختىمىسۇن ، تاكامۇللاشسۇن ،تارىمغا تەماسىز تەر تۆكەيلى !  تال -تال توغراقلارنى تىكەيلى ! تارىم توختىمىسۇن ، تارىمنىڭ تىۋىشى تەكلىماكانغا تارقالسۇن !
























































































ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-21 00:00:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا تېمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،بىرلا ھەرىپتە مۇشۇنداق ئىپادىلەش ئوڭاي ئەمەس.

ۋاقتى: 2014-7-18 12:50:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                 كۆپ  ئەجىر  قىپسىز .

   ‹‹ كىم  تارىمنى  ئۇنۇتسا ،شۇنىڭ  روھى  كېسىلى  بار  ›› -  بورات [ گېرمانىيە ]

ۋاقتى: 2015-3-22 15:34:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا كارامەت، كۆز تەگمىگەي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش