نەۋرۇز يازار لىرىكا چېچەكلىگەن ھەربتە
ئابلەت مۇھەممەت
تاتلىققىنە قىچىشار يەرنىڭ يېشىل تېرىسى .
سالاملشىپ يول بىلەن بۇرۇت تولغار ئېرىقلار .
قويىۋىتەر پەسىلنىڭ سېيرىتمىلىق چىشلىرى ،
يۇقلىمىنى قىلالماس بىخ مارلىغان يېرىقلار .
خېنە قويغان يالپۇزنىڭ سۈزۈلمەكتە قاپىقى ،
مامىكاپتىن نىمىشقا تۇرار باغاق تالىشىپ .
بولىۋېلىپ ئۆزىچە سۆھبەتلەردە جىمىغۇر ،
بىخ چىقىرار تېرەكلەر پوتلىسىنى يالىشىپ .
كاكىلدىغان مىكىيان خېنە قويار پۇتىغا ،
شەرەپ بىلەن خورازچاق بولدى يېزا باشلىقى .
قوزا- ئوغلاق ، موزايلار ئىشلىمەكتە تاپشۇرۇق ،
مىدىرلىغان جاندارلار گۈلباھارنىڭ ئاشىقى .
دەرىزىنى يالايدۇ تەشتەكتىكى گۈل ھېدى ،
ھەسەل ھەرە ھوشىغا كەلدى زەمزەم سۇ بىلەن .
سۈزۈككىنە ھاۋانىڭ زىناقلىرى ئېچىلىپ،
سەييارىلەر ئاقماقتا لەمپىدىكى نو بىلەن .
مىليۇنلىغان چىۋىنچاق ئوقۇماقتا ئېلىپبە ،
يەسلىلەرگە ئاقماقتا قۇرت –قوڭغۇز بۆلىنىپ .
ئاقسا سۆيگۈ سۇلىرى خاتىرجەملىك مۇڭىدا ،
مارت چېكىدۇ مۇخۇركا دەرۋازىغا يۆلىنىپ .
شاماللارنى شورايدۇ دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقى ،
ئوقۇپ ئايەت ئىچىدە مىدىرلايدۇ يوپۇرماق .
تاقىلدايدۇ يىراقتىن گۈلباھارنىڭ پاشنىسى ،
مورىسىدىن تۇرمۇشنىڭ تارىماقتا خۇشپۇراق .
خۇتقا چۈشكەن تۇرمۇشنى سۆرەر مارتنىڭ ماتۇرى ،
ئالما يۈزلۈك قۇياشنىڭ پاتقۇسى يوق غەربكە.
باش كۆتۈرۈپ ئۇيقىدىن كىشنىمەكتە ھاياتلىق ،
نەۋرۇز يازار لىرىكا چېچەكلىگەن ھەربتە .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 23:29
|