سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ
*
ئابدۇللا ئارىپوف
*
(ئۆزبىكىستان)
*
ئويغاتقۇچى باغلارنى كەزدىم،
تاپاي دېدىم قىردىن ئىزىڭنى.
جۈپ مەڭزىڭدىن رەڭ ئالغان دېدىم،
لالىزارغا بۇراپ يۈزۈمنى.
ئۇچراتمىدىم ئەمما ئۆزۈڭنى،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟!
*
يىراقلاردىن ھەيۋەتلىك تاغلار،
خىيالىمنى كېلىدۇ بېسىپ.
ئۆتتى قانچە ئىنتىزار چاغلار،
ۋەسلىڭ ماڭا بولمىدى نىسىپ.
سەنسىز مەنمۇ، باھارمۇ غېرىب،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟!
*
ئۆڭكۈرلەردە سەكرەيدۇ ئاھۇ ،
بەرگىلەرنى ئوينايدۇ شامال.
قارلىقلاردا شىلدىرلىغان سۇ ،
دەيالاردا قىلىدۇ جەۋلان.
نىگاھىمدىن پەقەت سەن پىنھان،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!
*
مانا بۈگۈن نەۋرۇزى ئالەم،
دوستلىرىمغا گۈللەر تۇتارمەن ،
نەلەردىسەن سۆيگۈنۈم ئەركەم ؟
قۇلۇمدا گۈل سېنى كۈتەرمەن ،
ئۆمرۈم بويى ساقلاپ ئۆتەرمەن،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!…
|