يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 764|ئىنكاس: 6

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل: ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىز ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشۇمىزدىكى ئ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىز ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشۇمىزدىكى ئىپادىلىرى

                               ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

ئۇدۇم– ئىرىملىرىمىز خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىدە كۆرۈلگەن تۈرلۈك كېسەللىككلەرنى داۋالاش جەھەتتىكى ئىپتىدائىي چۈشەنچىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ئۇنىڭدا خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىدە كۆرۈلگەن ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇئاييەن تەدبىر قوللىنىپ ، يولۇققان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن تىزراق قۇتۇلدۇرۇپ ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ساغلاپ ياشاش ئارزۇلىرى ئىپادىلەنگەن . مەلۇمكى، ئىنسان مۇرەككەپ تەركىپلىك فىزولوگىيىلىك خۇسسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار فۇنكىتسىيىسىنىڭ بىنورمال بولىشى سەۋەپلىك، تۈرلۈك  كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇپ قېلىشى نورمال ھادىسىدۇر .
  خەلقىمىز ئۆزلىرىدە كۆرۈلگەن كۆپلىگەن كېسەللىكلەرگە قارىتا بىر قاتار ئەمىلى داۋالاش تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىپ ، ئۇنى ئەمىلىي داۋالاشتا قوللىنىپ ، كېسەلنى داۋالاپ ، ئادەم قۇتقۇزۇش مەخسىتىگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئۇدۇم – ئىرىم ھاسىلاتلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن . بىىزگە مەلۇمكى ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ھەممىدىن بۇرۇن قايسى بىر مەشھۇر ھۆكۈما ، تىۋىپ تەلىماتلىرىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولماستىن ، بەلكى كەڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەمچى ، تىۋىپ ، ئاتاساغۇن ، دورىگەرلەرنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ، مۇۋاپىقىيەتلىك ۋە مۇۋاپىقىيەتسىز تەجرىبىلىرى ، دورىگەرلىك ئېقتىدارىنىڭ توپلىنىشى ، رەتلىنىشى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە كۈنسايىن مۇۋاپىقىيەتلىك راۋاجلانغان . بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ھەقلىقمىزكى ، ئىپتىدائىي جەمىيەتنىڭ بۇزۇلىشى ، سىنىپىي تەبىقىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا ھەر خىل تەڭرىلەر پەيدا بولغان . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇرۇق – قەبىلىلەر ئىچىدىن مەخسۇسلاشقان ئەم – ئىرىمچىلەر تىۋىپ ، رەمچى ، مۇنەجىملەر ، نەزىر – چىراق باشقۇرغۇچىلار ، سەرۋازلار ۋە باخشىلار ئايرىلىپ چىققان . ئۇلار ھامىي ئىلاھلار ئىزگۈ ئىلاھلارغا يېلىنىپ ، نەزىر – چىراق قىلىش ، قوربانلىق قىلىش بىلەن بىرگە جىن ئالۋاستىلارغا خەنجەر ، باخشى دېپى ، نەيزە ، ئۇچلۇق ھاسا ، چاچراتقۇ ئوت ، قوغلىغۇچى چوماق ، ۋە خوخا تىكەن قاتارلىق «قوراللار» نىمۇ ئىشلەتكەن . ئۇلارغا مەدھىيە ياكى سېغىنىش دۇرۇتلىرى ئەمەس ، بەلكى « كۈدە » (ئەسكى ئاچ – ئەرۋاھ ) ، « رەسۋا »، « شەرمەندە » ،«چىق – يوقال» ،« ئوت قويىمەن»، «ئەسكى تاملىققا بار» ، «يالغۇز ياغاچقا بار» ، «كونا تۈگمەنگە بار »، «چۆللەرگە كەت !» قاتارلىق تىللاش ، پوپۇزا قىلىش ئەپسۇنلىرىنى ئوقۇغان . شامان دىنى ئەم – ئىرىمچىلىكىدىكى جىن ئالۋاستىلارنى بىر نەرسىگە ئوقۇپ بەنت قىلىش ، كومزەككە سولاپ سۇغا غەرق قىلىش ، كۆمۈش ، ئېقىتىش ، كۆيدۈرۈش ، چۆلگە قوغلاش ، نەرسە ياكى ھايۋانغا كۆچۈرۈش ، مۇداپىئە تىل تۇمارى ئېسىش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ساقىندىلىرى تاكى بۇددا ۋە ئىسلام دىنىي زامانلىرىغىچە ئۆز ئىپادىسىنى يوقاتماي ساقلاپ كەلگەن . دىمەك ، ئۇدۇم – ئىرىملىرىمىز يۇقۇرىقى ئىپتىدائىي چۈشەنچىلەرنىڭ سارقىندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خەلقىىمىزنىڭ  تۇرمۇش  ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ، خەلقىمىزگىلا خاس بولغان بىر خىل ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئۇنىڭ كىشىلەردە كۆرۈلگەن قىسمەن كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە بەلگىلىك رولىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاشلاش ، ئىسرىق سېلىش ، قان قىلىش ، ئۆپكە قېقىش ، ئاغرىغان پۇت- قولنى يىنگە تىقىش ، يۇرۇڭ تىلەش ، ئەرۋا ئېشى ئېتىش ، پاقىسىنى ئېچىش ، باش تەڭلەش ، تېرىگە چۈشۈرۈش ، روھ چاقىرىش ، كۆز بۇرغىلاش ، تاماق كۆتۈرۈش ، بوغۇزىغا دەسسەش ، ياندۇرما قايتۇرۇش ، ئالا قايتۇرۇش ، ئۇچۇغداش قاتارلىق ئۇدۇم – ئىرىملىرىمىز تۇرمۇشىمىزدا دائىم دىگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ .  ئۇدۇم – ئىرىملىرىمىز بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ يولۇققان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ساددا ، ئىپتىدائىي چۈشەنچىلىرىنىڭ ئىپادىلىرى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردە قوبۇل قىلغان دىن ۋە دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلىدۇر . كۆپ قىسىم ئۇدۇم – ئىرىملىرىمىزدا خەلقىمىز ھازىر ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ ئالامەتلىرىلا ئەمەس ، بەلكى ، خەلقىمىز ئىلگىرى ئېتىقاد قىلغان تۈرلۈك دىنلارنىڭ كوركىرىت ئىپادىلىرىمۇ ساقلانغان.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى خەلقىمىز خىلى بۇرۇنلا ئۆزلىرىدە كۆرۈلگەن ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بولغان ئۇدۇم – ئىرىملىرىمىزنى ئاپرىدە قىلىپ ، ئۇنى ئەمىلى قوللىنىپ ، كېسەللىك ئاسارىتىنى يىنىكلىتىپ ياكى يوقىتىپ، ساغلام ياشاش مەخسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. تۆۋەندە مەن ھىلىمۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىز ھەققىدىكى يۈزەكى تونۇشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۇم. يازمامدىكى خاتالىقلارغا قارىتا تەنقىدىي پىكىرلەرنى سەمىمى قوبۇل قىلىمەن.
ئاشلاش: ئاشلاش تۇرمۇشىمىزدا دائىم دىگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدىغان، ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇدۇم – ئىرىمىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلاردا كۆزگە يېقىن بالىلار ياكى چوڭلارنىڭ قورسىقى كۆپۇپ يىغلاپ قەغىش قىلسا، ئاشقازىنى مۇجۇپ، قورسىقى كۆپۈپ، بىكار تۇرماي ئەسنەپ، بەدەنلىرى كىرىشىپ، كېكىرىپ، چۈشكۈرۈپ، كۆز- ئېغىزلىرىدىن سۇ قۇيۇلۇپ بىئاراملىق ھىس قىلسا، ئاش كىرىپ قاپتۇ دەپ قارىلىدۇ. بالىلار ياكى چوڭلاردا يۇقۇرىقى ئەھۋاللار بايقالغان ھامان دەرھال ئاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەزى ئاش چىقىدىغان ئادەملەر ئاش كىرىپ قالغان ئادەملەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرالمايدىغان، ئاش كىرگۈچىنى ئاشلاپ نورمال ھالىتىگە كەلتۈرمىگىچە ئاش كىرگۈچىگە ئوخشاشلا ئەسنەپ، كېكىرىپ، شۈشكۈرۈپ، ئېغىز- بۇرۇن، كۆزلىرىدىن سۇ قۇيۇلۇپ، ئاشقازىنى مۇجۇپ، قورسىقى كۆپۈپ ھەتتا ياندۇرۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاشلاشقا كېتىدىغان كېرەكلىك نەرسىلەر سەرەڭگە تېلى، يول چاۋىرى، تۇز، نان، كېپەك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاشلاشنىڭ مۇئايەن تەرتىپ ۋە باسقۇچلىرى بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئاشلىغۇچى ئوڭ قولىغا يۇقۇرىقى كېرەكلىك نەرسىدىن بىرنى ( يەنى نان، تۇز، يول چاۋىرى، سەرەڭگە تېلى، كېپەك) ئېلىپ ئىچىدە « سۈرە پەتىھە، سۈرە ئەل ئىمراننىڭ بىر قانچە ئايىتى، كەلىمە تەمجىت» قاتارلىق ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئاش كىرگۈچىنىڭ بېشىدىن تارتىپ پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە بىر خىل رىتىمدا يىنىك دوملايدۇ. ئايەت ئوقۇلۇپ بولغاندىن، ئاش كىرگۈچىگە كىرگەن جىن ياكى كېسەلنى قوغلاش مەخسىتىدە «چىق كۇدى، بەھياكۇدىم شەرمەندە كۇدى. چىقساڭ چىق، چىقمىساڭ قوڭاڭغا بورا يۆگەپ ئوت قويۇمەن. يالغۇز ئوچاقلارغا بېرىڭلار، يالغۇز ياغاچلارغا بېرىڭلار، ئېشىنى يىيەلمەس، ئىگىنىنى كىيەلمەسلەرنىڭكىگە بېرىڭلار» دەپ ئاشلاشنى توختىتىدۇ. بالىلار ئاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ قىبلە تىمىغا ئۈچ قىتىم «كۆچ، كۆچ، كۆچ» دەپ دوملاپ، ئۆز جايىغا ياتقۇزۇپ قويۇلىدۇ. ئاشلانغان بالا بىر قىتىم سىيمىگىچە بالىنى ئەركىلىتىپ سۆيۈش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا كىرگەن ئاش چىقمايلا قالماستىن، بەلكى، بالىنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. چوڭ ئادەملەرمۇ ئاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن قىبلە تامنى ئۈچ قېتىم غۇلاچلىشى شەرت. ئاش كىرگۈچىنى ئاشلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن نان، تۇز، كېپەكلەر كۆپىنچى ھاللاردا كۆيشەيدىغان قوي ياكى كالىغا بېرىلىدۇ. كۆيشىمەيدىغان مال- جانىۋارلارغا قەتئىي بېرىلمەيدۇ. يول چاۋىرى بىلەن سەرەڭگە تىلى كۆيدۈرۈلىدۇ.
ئىسرىق سېلىش: ئىسرىق كۆپىنچە ھاللاردا ئۆيدە ئۇزۇن مۇددەت كېسەل تارتىپ ئۇرۇن تۇتۇپ ياتقان بىمارلار، ياش تۇغۇتلۇق ئاياللار بار ئۆيلەردە كۆپرەك سېلىنىدۇ. ئىسسىق سېلىش ئۈچۈن ئادەتتە ئادىراسمان، ئارچا شېخى، يول چاۋىرى، ھەرە كۆنىكى، ھايۋان يېغى قاتارلىقلار ئىشلىتىدۇ. ئىسرىق سېلىشنىڭ تەرتىۋى بولسا، كونا كەتمەن، كونا كۈرەك ياكى مەشنىڭ تارتمىسى قاتارلىقنىڭ يۈزىگە پىشقان كۆمۈر چوغى ياكى ياغاچ ئوتۇن چوغى سېلىنىپ، چوغ ئۈستىگە ئاز مىقتاردا ھايۋان يېغى ۋە ئادىراسمان، ئارچا شېخى، يول چاۋىرى، قاتارلىقلارنىڭ قايسى بولسا شۇنىڭدىن مۇۋاپىق مىقتاردا سېلىنىدۇ. چوغ ئۈستىگە سېلىنغان ھايۋان يېغى ۋە  ئادىراسمان، ئارچا شېخى، يول چاۋىرى، كۆيۇپ خۇيبۇي پۇراق تارقىتىشقا باشلىغاندا ئىسرىق سالغۇچى ئۆزى بىلگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇپ « ئادىراسماندىن دۇت كەلدى، تۈمەن بالا دەرت كەلدى. كەلگەن بالانى قايتۇرغىن، ئىگەمدىن پارمان كەلدى.» دېگەندەك ئىرىملىك سۆزلەرنى دەپ بىمار ياكى تۇغۇتلۇق ئايال ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭمۇ باش ئۈستىدىن ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ، ئىسسىق ھىدىنى ئۆي ئىچىگە تەكشى تارقىتىدۇ. بىمارلارنىڭ ئورۇن- كۆرپە، ياستۇق ھەتتا كىيىم- كىچەكلىرىمۇ ئىسرىق ھىدىغا تۇتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇدۇم- ئىرىم بىمارلارنىڭ كۆڭلىنى يۇرۇتۇپ، كېسىلىنى يىنىكلىگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. مۇھىمى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ ۋە ساپلاشتۇرۇپ، بىمارلار ئۈچۈن كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاتا قىلىدۇ.يەنە بەزى ئەھۋاللاردا ھەرە كۆنىكىدىن ئىسرىق سالىدىغان ئەدەتمۇ بار. بۇ خىل ئادەت ئاساسەن سودىگەرلەر ۋە قاتتىق ھاجەت تۈپەيلى بىرەر نەرسىسىنى (جانلىق مال دېگەندەك) جىددىي سېتىشقا توغرا كەلگەندە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەرە كۆنىكىدىن ئىسرىق سېلىشقا ساتارمەنلەرنىڭ ساتماقچى بولغان مېلىغا خىرىدارلىرىنىڭ ھەرىدەك ئولۇشىشىنى ئارزۇ قىلىشتەك ئىستەك- خاھىشلىرى سىڭىپ كەتكەن دىسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.
قان قىلىش: قان قىلىش تۇيۇقسىز ھادىسىلەردىن قورقۇپ كەتكەن، كۆرگەن يامان چۈشلىرىنى ئۆزىگە روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋىلىپ، يۈرىكى تۇيۇقسىز ئاغىدىغان بولۇپ قالغان بىمارلار، تۇغۇتىدا يالغۇز قېلىپ كۆزىگە غەيرى كۆرۈنىشلەر كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان ياش تۇغۇتلۇق ئاياللار ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىزنىڭ بىرى. قان قىلىشنىڭ تەرتىپ باسقۇچلىرىمۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس. قان قىلىش ئۈچۈن توخۇ، كەپتەر قاتارلىق جاندارلار بولسا كۇپايە. قان قىلغۇچى بىمارنىڭ دۈمبىسىنى ئاچقۇزۇپ بوغۇزلانغان توخۇ، كەپتەرنىڭ قېنىنى بىمارنىڭ دەل ئېغىزمان (غول ئوتتۇرى) قىسمىغا ئېقىتىدۇ. يېڭى بوغۇزلانغان جاندارنىڭ ئىسسىق قېنى بىماردا بىر سىلكىنىش پەيدا قىلىپ، روھىي جەھەتتىن تىنىچلىق ئاتا قىلىپ، بىمار كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىنىشى ئۈچۈن شارائىت تەييارلايدۇ دەپ قارىلىدۇ. تۇغۇتى ئىچىدە غەيرىلىك كۆرۈلگەن ئاياللار ئۈچۈن تۇن ئاق خوراز بوغۇزلىنىپ قان قىلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئۆپكە قېقىش: ئۆپكە قېقىش تەرتىۋى ئاددى ۋە ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۆپكە قېقىشنىڭ تەرتىپ- باسقۇچى يېڭى سۆيۇلغان مال( قوي، ئۆچكە، كالا) نىڭ ئىسسىق ئۆپكىسى كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى كىشىنىڭ غول، دۇمبە، بەللىرىگىچە يىنىك ئۇرۇپ قېقىلىدۇ. بۇ خىل ئۇدۇم- ئىرىمنىڭمۇ كېسەل كىشىگە نىسبەتەن ئاراملىق ئاتا قىلىش رولى ناھايىتى چوڭ دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
ئاغرىغان پۇت- قولنى يىنگە تىقىش: پۇت- قول بىرەر ھادىسە تۈپەيلى زەخمىلىپ، تۈرلۈك داۋالاردىن شىپا تاپماي، ئاغرىقى توختىمىسا يېڭى سۆيۇلغان قوي ياكى ئۆچكىنىڭ قىزىق يىنىغا پۇت- قولنىڭ ئاغرىغان قىسمىنى تىقىشنى كۆرسىتىدۇ. پۇت- قولنىڭ ئاغرىپ تۇرغان قىسمى قىزىق يىنغا تىقىلغاندىن كېيىن، يېتەرلىك يۆگەك بىلەن يېڭىلىپ، بىرەر كۈن ئەتراپىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ جەرياندا قىزىق يىن رەخمە يىگەن پۇت- قولدىكى زەرداپلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىپ، كېسەلدە ياخشىلىنىش پەيدا قىلىدۇ.
يۇرۇڭ تىلەش: يۇرۇڭ تلەش يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلاردا قىزىتىش، بەدەن تىرىلىرى قىزىرىش، چۆچۈش ۋە ئارامسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنددە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىزنىڭ بىرى. بۇۋاقتا يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان بۇۋاق چەتنەپ قاپتۇ، دەپ قارىلىپ، ئەر- ئايال بىر نىكاھلىقلا بولغان يەتتە ئۆيدىن رەخت پۇرۇشلىرىنى تىلەپ، يەتتە تال بارماق ئارىسىغا ئۆتكۈزۈپ يىغىلىدۇ. يىغىلغان رەخت پۇرۇچلىرىدا بۇۋاقنى ئۇچۇغدايدۇ. يىغىلغان رەخت پۇرۇشلىرىنى قۇراپ بۇۋاققا پوسما تىكىپ كىيگۈزۈپ قويۇدىغان ياكى بۆشۇك جابدۇقلىرىنىڭ تېگىگە قويۇپ قويۇدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئەرۋا ئېشى ئېتىش: ئەرۋا ئېشى ئېتىش يېڭى تۇغۇلغان بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى ئەت ئالماي، چوڭايماي، ئورۇق، قوتۇر بولۇپ قالغاندا قىلىنىدىغان ئۇدۇم- ئىرىمدۇر. ئەرۋا ئېشى ئېتىشنىڭ تەرتىپ باچقۇچلىرى سەل مۇرەككەپرەك بولۇپ، بۇ ئاشنى ئېتىش ئۈچۈن ئەر- ئايال بىر نىكاھلىقلا بولغان يەتتە ئۆيدىن ئۇن، يەتتە ئۆيدىن ماي، يەتتە ئۆيدىن كۆكتات، يەتتە ئۆيدىن تۇز، يەتتە قاسساپتىن گۆش تىلەيدۇ. ئەنە شۇ تىلەپ كېلىنگەن  خۇرۇچلار بىلەن تەييارلانغان ئاش ئەرۋا ئېشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەرۋا ئىشى تەييار بولغاندىن كېيىن ئەرۋا بولۇپ قالغان بالىغا تويغۇچە يىگۈزىلىدۇ. ئاندىن تۇتۇلمىغان چوڭ چىنىگە ئۇسسۇلۇپ، تۇتۇلمىغان قوشۇق ياكى چوكا بىلەن ئۈستىگە تۇتۇلمىغان يېڭى قولياغلىق ياكى لوڭگە يېپىلىپ تۆت كوچىنىڭ قاق ئوتتۇرىغا قويۇپ قويۇلىدۇ. بۇ ئاشنى رىسقى چۈشكەن ياخشى نىيەتلىك بىرەر ئادەم ساۋاپلىق ئۈچۈن ئىچىپ، چىنە قوشۇق ۋە ياغلىقنى ئېلىپ، ئەرۋا ئېشى ئەتكۈچىنىڭ تىلەك، ئۆتۈنۈشلىرىنىڭ تىزراق ئەمەلگە ئېشىشى دۇئا قىلىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئۇدۇم- ئىرىمدىن خەلقىمىزنىڭ بىقىش تاپماي، ساغلام ئۆسەلمەيۋاتقان بالىلارغا يىمەكلىك تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتەك ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئارزۇسىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.   
پاقىسىنى ئېچىش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئارقىسىغا غادىيىۋىلىپ قاتتىق يىغلاپ توختىمىسا تاغىقى يېپىشىپ قاپتۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇ يەنە پاقا بولۇپ قاپتۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىرىمنىڭ تەرتىپ باسقۇچلىرى تولىمۇ ئاددى بولۇپ، پاقا ئاچقۇچى ئانا چاينالغان تۇزنى پاقىسى يېپىشىپ قالغان بالىنىڭ تاغىقى ئۈستىگە قويۇپ بالىنىڭ تاغىقىنى يىنىك ئۇۋۇلاپ يىپىشىپ قالغان تاغاقنى ئاچىدۇ. ئاندىن بالىنىڭ ئىككى بىلىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا سىلكىپ- سىلكىپ كۆتۈرۈپ، بالىنىڭ دۈمبە- ئۇچىلىرىنى يىنىك سىلاپ تىنىچلاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قورسىقى كۆپۈپ ئارامسىزلانغان بۇۋاقلارنىڭ قورسىقىغا ئىگىر چايناپ پۈركۈيدىغان، ئىگىر چاينىغان ئېغىزنى بۇۋاقنىڭ ئېغىزىغا توغرىلاپ، ئىگىر پۇرىقىنى بۇۋاقنىڭ ئېغىزىغا پۈۋلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار . شۇنداق قىلغاندا بۇۋاقتىن يەل مېڭىپ، قورسىقى بوشاپ تىنچلىنىپ قالىدۇ.
باش تەڭلەش: باش تەڭلەش- خەلقىمىزنىڭ باش سۆڭىكى زەخمىلىنىش ۋە مىڭە سىلكىنىش كېسەللىكلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىپتىدائىي داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر. كىچىك بالىلارنىڭ كۆزىدىن چاپاق قايناپ، توختىماي ياندۇرۇپ كەتسە بېشى تەڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇنى يەنە بېشىنىڭ جىيىكى كېتىپتۇ دەيدىغان ئادەتمۇ بار. كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا چوڭلارنىڭمۇ بىش تەڭ بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بالىلارنىڭ بىشىنى تەڭلەش بىلەن چوڭلارنىڭ بىشىنى تەڭلەش پەرقلىق بولىدۇ. بالىلارنىڭ بىشىنى تەڭلەشتە بىر دانە يەرلىك تۇخۇمنى چېقىپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سېرىقىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 15 سانتىمېتىر كەڭلىك، مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇمشاق داكا ئۈستىگە تەكشى يېيىتىلىپ، بىشى تەڭ بولۇپ قالغان بالىنىڭ بېشىغا تېڭىلىدۇ. ھايال ئۆتمەي تېڭىلغان تۇخۇم قېتىپ، داكا چىڭىپ كەتسە، راست بالىنىڭ بېشىنىڭ تەڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چوڭلارنىڭ بېشىنى تەڭلەش بالىرلارنىڭ بېشىنى تەڭلەشكە ئوخشىمايدۇ. چوڭلارنىڭ بېشىنى تەڭلەشتە ئۇزۇن يىپ ياكى ياغلىق بىلەن تەڭ بولغان باش ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدىن ئۆلچىنىپ، ساقىپ كەتكەن تەرەپ قاتتىق سىقىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ياغلىق بىلەن چېكىلەپ تېڭىپ قويۇلىدۇ. باشنىڭ تەڭ بولۇپ قېلىشى ئاساسەن يىقىلىش، ئىگىزدىن پەسكە سەكرەش، كېچىسى خاتا يېتىپ قېلىشتىن پەيدا بولىدۇ. باش تەڭلەشنىڭ باشنى تۆۋەن، پۇتنى يۇقىرى قىلىپ تەڭلەش، قۇلاقنى يىنىك تارتىپ قۇلاقتىن قاس چىقىرىش ئارقىلىق تەڭلەش قاتارلىق ئۇسۇللىرىمۇ بار.
تېرىگە چۈشۈرۈش: بۇ تېرىگە ئېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېرىگە چۈشۈرۈش سوغ ئەنگىزدىن بولىدىغان ھالسىزلىنىش، ئالا- جوقا سۆزلەپ قىلىش، ياكى ئېغىر يەل تاشمىدىن بولىدىغان تېرە بۇزۇلۇش قاتارلىق كېسەللەر ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئۇدۇم- ئىرىمدۇر. تېرىگە چۈرۈشۈشنىڭ تەرتىپ- باسقۇچلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، چۈشۈرۈش ئۇسۇلى جەھەتتىن تېرىگە پۈتۈن چۈشۈرۈش ۋە تېرىگە يېرىم چۈشۈرۈش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.تېرىگە پۈتۈن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى تېمەن، ساغلام، تازا ۋايىغا يېتىپ يوغىنىغان، رەڭگى قارا، يەرلىك ياراق قوي تۇلۇپچە قىلىنىپ سۆيۇلۇپ، ئىسسىق ھالىتىدىلا بىمارنى يالىڭاچلاپ، كىيگۈزۈپ ئۈستىگە قېلىن يوتقان يېپىپ قويىدۇ. يېرىم تېرىگە چۈشۈرۈش بولسا قوي ئادەتتتىكىچە سويۇلۇپ، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، بەلدىن يۇقىرى تەرىپى ياكى بەلدىن تۆۋەن تەرىپىنى تېرە بىلەن يۆگەشنى كۆرسىتىدۇ. تېرىگە چۈشكۈچىگە سويۇلغان قوينىڭ جىگەر، بۆرەكلىرى كاۋاپ قىلىپ يىگۈزىلىدۇ. گۆش ۋە شورپا بىلەن ئوبدان قۇۋەتلەندۈرۈپ تەرلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەنگە قاپسىلىپ قالغان يەلدىن ۋە ئەنگىزدىن بولغان بەزىبىر كېسەل ئاسارەتلىرى تەر بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، نىرۋىلار تۇراقلىشىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنت كۈچى ئېشىپ، سالامەتلىك ئەسلىگە كېلىدۇ.
روھ چاقىرىش: بۇ ئۇدۇم- ئىرىم كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك بالىلار بىرەر ھادىسىگە ئۇچراپ يىقىلىش سەۋەبىدىن ھۇشىدىن كېتىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، داۋالاش جەريانىدا تىنىچلىنالماي، دائىم چۆچۈپ ياتالمىسا، بالا ھادىسىگە ئۇچراپ يىقىلغاندا، «روھىي چىقىپ كېتىپتۇ» دەپ قارىلىپ، روھ چاقىرىش ئىرىمى قىلىنىدۇ. روھ چاقىرىشنىڭ تەرتىپ ۋە باسقۇچىمۇ بەك ئاددى بولۇپ، ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ چاپان، كۆينەك قاتارلىق كىيىمىدىن بىرنى ئېلىپ، بالا ھادىسىگە ئۇچرىغاندا يېقىلغان يەر ئورنىنى توغرا تېپىپ، شۇ يەرگە چاپان ياكى كۆينەكنى تەككۈزگەن ھالەتتە تا ھادىسىگە ئۇچرىغان بالا ياتقان يەرگىچە سۆرەپ ئەكىلىدۇ. چاپان ياكى كۆينەكنى سۆرەپ ئەكىلىش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان بالىنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك توۋلاپ ماڭىدۇ. مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە ئەڭ كىچىك ئىنىم ھەمراجاننى ۋىلسىپىتتىن يىقىتىپ قويغان ئىدىم. خەتەر  ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق ئىنىم كەچلىكى چۆچۈپ پەقەت ياتالمىدى. رەھمەتلىك ئاپام ئىنىڭنى يېقىتقان ئوخشايسەن، ھە- دېدى. مەنمۇ ئىقرار بولدۇم. ئۇنداق بولسا سەن ئىنىڭ يېقىلغان ئورۇندىن ئىنىڭنىڭ ماۋۇ چاپىنىنى « ھەمراجان ئۇكام جۇرا ئۆيگە كېتىمىز. سېنى ئاپام چاقىرىۋاتىدۇ» دەپ سۆرەپ ئەكەل دېدى. مەن شۇنداق قىلدىم. ئاپام ئىنىمنىڭ چاپىنىنى قولۇمدىن ئېلىپ، ئىنىمنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى. ئەتىسى ئاپام بىر تال مىق، بىر دانە چوڭ چىنە ۋە مۇشتۇمدەك بىر تال تاشنى ئېلىپ مېنى ئەگەشتۈرۈپ، ئىنىم يېقىلغان يەرگە بېرىپ، مېنىڭ كۆرسۈتۈپ بېرىشىم بىلەن ئىنىم يىقىلغان ئورۇننى بەلگىلىۋىلىپ، ئاۋال مىقنى يەرگە قولىدىكى تاش بىلەن قېقىپ كىرگۈزىۋەتتى. ئاندىن تاشنى قېقىلغان مىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بايا ئېلىۋالغان چوڭ چىنىنى تاشقا قاتتىق ئۇرۇپ چاقتىدە كەينىگىمۇ قارىماي، مېنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنىمنىڭ چۆچۈپ ياتالمايدىغان ئەھۋالى ياخشىلىنىپ قالغاندەك بولدى.
كۆز بۇرغىلاش: تۇرمۇشىمىزدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار تۈپەيلى كۆز ئاغرىش ۋە كۆزگە ئاق چۇشۇش كېسەللىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۆز ئاغرىش ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسەللىرىنى داۋالاپ كۆزنىڭ ساغلاملىقنى قوغداش ئۈچۈن خەلقىمىز «كۆز بۇرۇغداش» تىن ئىبارەت ئۇدۇم- ئىرىمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولىشى ئېنىق. « كۆز بۇرۇغداش» نىڭ ئۆز ئالدىغا تەرتىپ- پىرىنسىپلىرى بولۇپ، بىر قاچىغا يېرىم كەلگۈدەك پاكىز سۇ ئېلىنىپ، بىمارنىڭ بۇرۇغدىلىنىدىغان كۆزىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرىلىنىپ قويۇلىدۇ.ئاندىن 10-20 تال بۇغداي دېنى بىر تال، بىر تالدىن ئاغرىغان ياكى ئاق چۈشكەن كۆزگە تەككۈزۈلۈپ،« بۇرۇ- بۇرۇ قارا كۆزدە ئاق نېمە ئىش قىلىدۇ؟- بۇرۇ- بۇرۇ قارا كۆزدە ئاق نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سۆز تەكرارلىنىپ، قاچىدىكى سۇغا تاشلىنىدۇ. مۇشۇ تەرتىپتە بۇغداي دېنى تۈگۈگىچە يۇقىرىقى ئەھۋال تەكرارلىنىدۇ. بۇغداي دېنى قاچىدىكى سۇغا تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قاچىدىكى سۇنىڭ  بىر قىسمىنى ئېغىزىغا ئېلىپ، ئاغرىغان ياكى ئاق چۈشكەن كۆزنىڭ ئىچىگە بىر قانچە نۆۋەت پۇركۇلىدۇ. بۇغداي دېنى تاشلانغان سۇنىڭ قالغان قىسمىنى بۇغداي دېنى بىلەنلا ئېقىن سۇغا تۆكۈپ ئېقىتىۋىتىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇدۇم- ئىرىمنىڭ خاسىيىتىدىن ئاغرىغان ۋە ئاق چۈشكەن بىر قانچە كىشىنىڭ كۆزىنىڭ شىپا تېپىپ، ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. كېيىنچە تىببىي خادىملاردىن بىلسەم بۇغداي دېنىدىن ھازىرقى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان «پىنسىلىن» ئېلىنىدىكەن. شۇڭا بۇغداي دېنى تاشلىنىپ، تەييارلانغان سۇ ئاغرىغان ياكى ئاق چۈشكەن كۆزگە پۇركۈلسە، كۆزنىڭ ساغلاملىقى ئەسلىگە كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن خەلقىمىزنىڭ خېلى ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ، ئاجايىپ مۆجىزىۋى ھېكمەتلەرنى ياراتقانلىقنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس.
تاماق كۆتۈرۈش: گال ئاغرىقى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى. ئادەتتە گال ئاغرىشنى تامىقى چۈشۈپ قاپتۇ دەپمۇ ئاتايدۇ. تامىقى چۈشۈپ قالسا تاماق كۆتۈرۈش ئىرىمىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تاماق كۆتۈرۈش ئىرىمىمۇ بىزدە ئۇدۇملاشقان قائىدىلىك تەركىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ سانىلىدۇ. تاماق كۆتۈرۈش ئىرىمىنى ئادەتتە قوش گېزەك بوشانغان ئاياللار قىلىدۇ. تاماق كۆتۈرۈشنىڭ تەرتىپ باسقۇچلىرى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، تاماق كۆتۈرگۈچى ئايال ئوڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنى تاماق ئېتىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان قازاننىڭ تېگىگە تەككۈزۈپ، قارا قىلىپ ياكى ئوتتۇرا بارمىقىغا يىرىك تۇز چاپلاشتۇرۇپ تامىقى چۈشۈپ قالغۇچىنىڭ تامىقىنى كۈچەپ كۆتۈرىدۇ. تاماقنى كۆتۈرۈش جەريانىدا تاماق بوشلىقى ئېغىز ئېلىپ، ئاغرىق دەرھال توختايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئادەم تىلىم ئاغرىپ قاپتۇ- دىسە، « يەتتە ھارام، يەتتە ھالالنىڭ قوڭىغا تىق» دەيدىغان ئىرىملىق گەپلەرمۇ دىيىش بىزدە ئۇدۇملاشقان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈت...
بوغۇزىغا دەسسەش: بوغۇزىغا دەسسەشمۇ بىزدە خېلى كەڭ ئومۇملاشقان ئۇدۇم- ئىرىملارنىڭ بىرى. بۇ ئۇدۇم- ئىرىم ئاساسەن بۇغۇزى ئىششىپ قالغان بىمارلار ئۈچۈن ئىشلىنىدۇ. بوغۇزى ئىششىپ قالغان بىمار ئىشىكنىڭ بوسۇغۇسىغا ياتقۇزۇلۇپ، مۇئايەن ئۇدۇمغا ئىگە قوش گېزەك بوشانغان ئايال تەرىپىدىن يىنىك دەسسىلىدۇ.
ياندۇرما قايتۇرۇش: سەۋەپسىزلا چېچى چۈشۈپ كېتىپ ئالا باش بولۇپ قالغانلار ياندۇرما بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىلىدۇ. ياندۇرما قايتۇرۇشمۇ بىزدە بىر خىل ئىرىم خارەكتىرىنى ئالغان بولۇپ، چېچى سەۋەپسىزلا چۈشۈپ كېتىپ، ئالا باش بۇلۇپ قالغان كىشى ئۇزۇن يىل مال سۆيغان قاسساپنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى ئېيتىدۇ، قاسساپ مال سۆيىدىغان پىچىقىنى يىنىش- ينىشلاپ تەككۈزۈپ قويىدۇ. ياندۇرما قايتۇرۇشنىڭ يەنە تۆمۈرچى ئۇستامنىڭ ياسىغان ئەسۋاپلىرىنى سۇغۇرىدىغان سۈيىنى چاچ چۈشۈپ ئالا بولۇپ قالغان ئورۇنغا شاپشىتىپ تەككۈزۈپ قويۇدىغان تەركىپلىرىمۇ بار.
ئالا قايتۇرۇش: ياش تۇغۇتلۇق ئاياللار قىرقى تولغۇچە يالغۇز قالسا ياكى قارا بېسىپ يامان چۈش كۆرۈپ قورقۇپ قالسا، ئالىلاپ قالدى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالا قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالا قايتۇرۇشنىڭ تەرتىپ باسقۇچلىرى خېلى مۇرەككەپ جەريان بىلەن تاماملىنىدۇ. ئالدى بىلەن خوغنا- خۇلۇملارنىڭ بىر باش مېنى ئوغۇرلىنىپ كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن دەم سالغۇچى موللا چاقىرىلىپ، ئوغۇرلانغان مالنى سۆيۇپ، قان چىقىرىپ، دەم سېلىپ قويۇلىدۇ. ئىش پۈتۈپ ئىككى – ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يايىقى ئوغۇرلانغان مال ئىگىسى چاقىرىلىپ، ئەھۋال چۈشەندۈرۈلۈپ، مال ئورنىغا مال ياكى مۇۋاپىق مىقتاردا پۇل بېرىلىپ رازى قىلىنىدۇ. بەزى ھاللاردا ياش تۇغۇتلۇق ئاياللار قىرقى ئىچىدە يوقلاپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرەر يىمەكلىك ئەكىرىشىدىن ئۈمۈدلىنىپ، قۇرۇق كىرگەن بولسا ئۇمۇنۇپ، كۆكسى ئىششىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتامۇ خەلقىمىز مۇكەممەل ئىرىملارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. يەنى ئۇمۇنۇپ كۆكسى ئىششىپ قالغان ئايالغا 1- كۈنى يىمەكلىك ئەكىلىپ بېرىلىدۇ. 2- كۈنى 1- كۈنىدىكىدەك يىمەكلىك ئەكەلگەن ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇمۇنۇپ قالغۇچىنى ئالداش ئارقىلىق، قايتا ئۇمۇنۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۇچۇغداش: ئۇچۈغداشمۇ تۇرمۇشىمىزدا دائىم دىگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئۇدۇم- ئىرىمنىڭمۇ تەرتىپ، باسقۇچلىرى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، سەھەر ۋە كەچلىكى كۈن قىزارغاندا ئاۋال لاخشىگىر ياكى ئۇزۇنراق تۆمۈرنىڭ بىر ئۇچى كۆمۈر چوغىدا قىپ- قىزىل قىزدۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. ئاندىن بىر پىيالىگە سۈت ئارىلاشتۇرۇلغان پاكىز سۇ ئېلىنىپ، بىمار كىشى تالاغا ئېلىپ چىقىلىپ، قىبلە تەرەپكە قارىتىلىپ ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن بىمار كىشىنىڭ دۈمبە قىسمى ئاچقۇزۇلۇپ، ئۇچۇغدۇغۇچى بىلگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، چىنىدىكى سۈت ئارىلاشتۇرۇلغان سۇنى قىزىلتىلغان تۆمۈر ياكى لاخشىگىرنى بىمارنىڭ دۈمبىسىگە توغرىلىلاپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم چۈچەپ پۇركۈيدۇ. ھەر قېتىم پۈركۈگەندە بىمار بىر قېتىم ئورۇنىدىن يۆتكىلىپ ئولتۇرىدۇ. بەزى ھاللاردا بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى دەل- دەرەخلەرنىڭ جالا- چوكانلىرىدىن بىر تۇتام ئېلىنىپ، مۇزدەك سۇغا چىلاپ ئۇچۇغدايدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇدۇم –ئىرىممۇ بىمارغا نىبەتەن روھىي يىنىكلىك ئاتا قىلىپ، بىمارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ساغلاملىقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن زىمىن ھازىرلايدۇ.
يۇقۇرىقى ئۇدۇم- ئىرىملاردىن باشقا يەنە ئۇششاق بالىلارنىڭ باش ۋە يۈز، قول- پۇتلىرىغا يارا- شىرى چىقىپ قالسا، ئۇدۇمى بار دەپ قارالغان كىشىلەرگە تۈكۈرتىدىغان، بۇۋاقلارنىڭ كۆزى قىزىرىپ ئاغرىپ، چاپاق قايناپ قالسا، ئانا سۈتىنى تەككۈزۈپ قويۇدىغان،
ياش تۇغۇتلۇق ئاياللار بار ئۆيلەرنىڭ دەرۋازا بېشىغا قىزىل پەرەڭ باغلاپ قويۇپ، ئىدەل سېلىپ قويۇدىغان ئۇدۇم- ئىرىملارمۇ كەڭ قوللىلىنىپ كەلمەكتە. خۇلاسە قىلغاندا مەزكۈر يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىزنىڭ ئىتنىك مەنبەسى، ئىلمىي قىممىتى، زامان تەۋەلىكى، تۇتۇشۇش يىلتىزىنى قېزىش كەمىنە ئۆگەنچە مۇئەللىپنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قەيت قىلىش زۆرۈركى، خەلقىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تارخ ۋە ھاياتلىق سىناقلىرىدا ئاپرىدە قىلغان بۇ نۇرانە ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە يازمىلىرىمىز ۋە سەھنە- ئىكرانلىرىمىزنىڭ مەسخىرە ئۇبىكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالار خەلقىمىزنىڭ مېھىر ۋە ئۇيۇشچانلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۇدۇم- ئىرىمىلىمىزنى پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بىر قىسىم ناچار خاھىشلىق كىشىلەرنى قامچىلاشنى مەخسەت قىلسا كېرەك. خەلقىمىزنىڭ ساپ ۋە ساددا قەلبىدىن بىخلانغان بۇ تۈردىكى ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىزنىڭ ئەسلىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇدۇم- ئىرىملىرىمىزدىكى ئىلمىي ھېكمەتنى توغرا چۈشۈنۈپ، ئۇدۇم- ئىرىملىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئىپادىلىرىنى ئەمەلىي جارى قىلدۇرۇش، ئۆزلۈك ۋە كىملىكىمىز ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن.

          «مىراس» ژورنىلى 2014- يىلى 1- سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 17:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-14 17:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالا قايتۇرۇش_ بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە«ئوغرى ئالدى قىلىش»  دەپ قوللىنىلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-3-14 19:37:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014-يىللىق ئىجادىي قەدەملىرىڭگە مۇبارەك بولسۇن ئاغىينەم.

ۋاقتى: 2014-3-14 22:26:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېشلىقمۇ؟سېنى ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىغان ئىدىم بۇ يازماڭ ئارقىلىق ئبۇ يەردىن تاپتىم، تەتقىقاتىڭدىن سۆيۈندۈم،   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sandal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 09:50  


ۋاقتى: 2014-3-16 13:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش تەڭلەشتە ‹‹ باشنىڭ جىيىگى ›› دىگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلىپتۇ ، ھەزرىتىم ، خاتا ئەمەستۇ ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-17 16:02:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاتالغۇ توغرا.

يىقىلغاندا كېتىپ قالار،
باشنىڭ جىيىكى.
قوغلىغانغا تۇتۇق بەرمەس،
تاغنىڭ كىيىكى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-17 16:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاتالغۇ توغرا.

يىقىلغاندا كېتىپ قالار،
باشنىڭ جىيىكى.
قوغلىغانغا تۇتۇق بەرمەس،
تاغنىڭ كىيىكى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش