يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 733|ئىنكاس: 11

مۇھەممەد چاۋار:رۇس،سۆۋېت ئەدەبىياتىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋىرمىل.خېلبونىكوۋ شېئىرلىرىدىن

مۇھەممەت چاۋار تەرجىمىسى

    ۋىرمىل.خېلبونىكوۋ(1885-1922) روسسىيىنىڭ سېتىرو كەلگۈسىچىلىك ئېقىمىدىكى شائىر.ئۇسۆز ئىجات قىلىش ۋە سىرلىق ،چۈشۈنۈكسىز ئىپادىلەش بىلەن داڭ چىقارغان.



تىنىقدىن قالىدۇ ئۆلگەندە تۇلپار...



ئۆلگەندە خازانغا ئايلىنار گىياھ.

تىنىقدىن قالىدۇ ئۆلگەندە تۇلپار

قارىداپ كېتىدۇ ئۆلگەن چاغدا كۈن

ئادەملەرئۆلگەندە كۈي-ناخشا ئىيتار.



                       1913-يىلى.



(«روس كۈمۈش دەۋىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.گۈل شەھرى نەشىرياتى 2000-يىل نەشىرى.)


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 18:55:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روس كۈمۈش دەۋىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار

مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى

    فۇۋانوۋ. سىتانتىن. مىخايلوۋىچ. فۇۋانوۋ ( 1862- 1911 ) ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ يىتىلگەن، ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا نامراتلىقتا ئۆتكەن. ئۇنىڭ شئېرلىرى رىئاللىقتىن قىچىپ خىيالغا بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق، ئوبراز خاراكتىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ھازىرقى زامان پۇرىقى ئىنتايىن قويۇق بولغانلىقتىن، بولىسوۋ، سىۋىيلىيانىن قاتارلىقلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ پىرى ھىسابلايدۇ.

ئاسمان بىلەن دىڭىز



سەن كائىناتتا زۇلمەتلىك ئاسمان،

مەن قارا دېڭىز،سىناپ باق قېنى.

سوغۇق قەبرە كۆمگەندەك ئۆلۈك،

دەپىن قىلىمەن ھەر دائىم سېنى.



يەنە بىر رەت قىزغۇچ سەھەردە،

ئايلىنىسەن رەڭدار شەپەقنى.

دولقۇنلىرىمنى يۇيۇپ نۇرىڭدا،

يالتىرايمەن ياپ- يىشىل رەڭدە.



مۇبادا سەن قارا بۇلۇتدىن،

زەڭگەر كۆكنى تاشلىساڭ كۆمۈپ.

سۈرۈپ شۇئان قوغلاپمەن ئۇنى،

ئۇپقۇنىمدىن بوران كۆتۈرۈپ.



(«روس كۈمۈش دەۋىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.«گۈل شەھرى نەشىرياتى 2000-يىل نەشىرى.)


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 18:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىخائىل.يۇلىيىۋېچ.لىرمۇنتۇۋ شئېرلىرىدىن


( 841 - 1814 رۇسىيە)


مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى



ماۋزۇسىز



بىز ئايرىلدۇق ئەمما سۈرىتىڭ

يۈرىكىمدە ساقلاقلىق چوڭقۇر.

گۈزەل دەملەر كۆلەڭگۈسىدەك،

غەمناك دىلغا بېرىدۇ ھۇزۇر.

بەخشەندىمەن يېڭى تۇيغۇغا،

سۆيەلمەيمەن ئەمدى مەن، بىراق:

كونا قەسىر – كونا بۇتخانا،

بۇت يىقىلسا روھ يانا شۇنداق.



« چەتئەل مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت شئېرلىرىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.





ۋاقتى: 2012-5-1 19:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن مەن....بىزنىڭ ‹قىرلىق ئىستاكان›فىلىمىدكى ئابدۇلنى ئويلاپ قالدىم .  ھەقىقەتەن بىزدىكى قېزىلمىغان گۆھەرلەر تېخى كۆپكەن . باشقىلار ئۆزىنى قېزىپ دۇنياغا تونۇتالايدىكەن . لېكىن بىزنى خەقلەر كولاپ قەدىرسىز قىلىۋېتىدىكەن . ئەسلىرىم بۇلغانسۇن . ئويلىغىنىم راست.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 19:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روژ گېسىتۋىنىسكى شېئىرلىرىدىن


( 1932 -. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى )


مۇھەممەت چاۋار تەرجىمىسى



ماۋزۇسىز



- بىرەمدىمەن ساڭا مۇھەببەت؟

- ماڭا بەر.

- ئۇ، بۇلغانغان ناپاك، نىھايەت...

- شۇ ناپاكنى بەر.

- ئاچايمىكىن تەقدىرىمگە پال...

- ئىچىپ باق.

- سوراپ باقاي يەنە بىر سۇئال...

- سوراپ باق.

- ناۋادا ئىشىكىڭنى چەككىنىمدە مەن...

- كىرگۈزىمەن سېنى خاتىرجەم.

- ناۋادا چىللىسام سېنى ئۆيۈمگە...

- يول ئالىمەن شۇئانلا بىغەم.

- سېنى ئەگەر كۈتسىچۇ ئاپەت؟

- پەرۋاسىزمەن بالا قازادىن.

- ئالدىسامچۇ سېنى مۇبادا؟

- كۆڭلۈم يىراق نەپرەت- نىزادىن.

- ناخشا ئېيىتقىن، دېسەم ناۋادا،

- ناخشا ئېيتىپ كېتىمەن توۋلاپ.

- ئىشىك تاقاق دېسەمچۇ ئەگەر،

- مەن ئىشىكنى تاقايمەن مەھكەم.

- ئادەم ئۆلتۈر دىسەمچۇ ساڭا،

- جان ئالىمەن بىرىپلا شۇ كەم.

- مەن ئەگەردە ئۆلۈۋال دېسەم،

- جان بېرىمەن شۇئان ھايالسىز.

- سۇدا قالدىم دېسەم تۇنجۇقۇپ؟

- قۇتقۇزىمەن سېنى شۇ ھامان.

- يارىلاندىم قۇتقاز دىسەمچۇ؟

- تاقەت بىلەن كۈتىمەن ھامان.

- مۇبادا تام توسسا يولۇڭنى،

- ئۆرۈپ تاشلاپ ماڭىمەن شەكسىز.

- ئەگەر بولسا يېشىلمەس تۈگۈن؟

- چاناپ- چاناپ تاشلايمەن شەرتسىز.

- ئەگەر يۈزلەپ بولسىچۇ تۈگۈن؟

- مەن چانايمەن يۈزلەپ ھەر نۆۋەت.

- مۇھەببەت بەر ماڭا دېسەمچۇ؟

- سۆيگۈ- مۇھەببەت؟

- ئامال بولماس ئاڭا ھېچقاچان.

- نېمىشقا؟

- چۈنكى سۆيەلمەيمەن قۇلنى ھەر قاچان.



« چەتئەل مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت شئېرلىرىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.2000-يلى10-ئاي نەشىرى.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 19:04:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.س.پوشكىن شىئېرلىرىدىن


( 1799 – 1837 . رۇسىيە)


مۇھەممەد چاۋارتەرجىمىسى



ھايات ئالدىسا سېنى مۇبادا



ھايات ئالدىسا سېنى مۇبادا،

رەنجىمە، ئارتۇقچە ئازاپمۇ چەكمە.

ئۆزۈڭنى تۇتىۋال غەملىك كۈنلەردە،

كېلىدۇ دىلئارام كۈنلەر، ئۆكۈنمە.



ئەتىگە تەلپۈنەر كۆڭۈل ھەر قاچان،

پەرىشان بولما ھېچ بۈگۈنگە قاراپ.

ھەممىسى كېتىدۇ، بولىدۇ غايىپ،

قالىسەن كۆڭلۈمدە ئۆتمۈشنى يادلاپ.

1825 – يىلى

« پوشكىن تاللانما ئەسەرلىرى» دىن تەرجىمە قىلىندى.



كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي



كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي،

ئۇچراپ قالدى خۇشال شەپەقگە.

بىرى كۆيگەن ئوت، بىرى مۇز- سوغۇق،

شەپەق ئوخشار كۈلگۈنچەك قىزغا،

ئاي ئوخشايدۇ خۇنۇك ئۆلۈككە.

كۆرگەن چېغىم سېنى ئېلۋىنا،

مەنمۇ شۇنداق ئوخشاش سىياقتا.



« پوشكىن تاللانما ئەسەرلىرى» دىن تەرجىمە قىلىندى.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 19:05:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئا.بىلوك شېئىرلىرىدىن

     مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى



     ئالىكساندىر ئالېكسىيىۋېچ بىلوك (1880-1921)20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى روسسىيە ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاتاقلىق شائىر.ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.بىلوك سوۋىت ئىتتىپاقى ھازىر قى زامان شېئىرىيىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن شائىر.ئۇ ھازىر پۈتكۈل روسسىيىدە پوشكىندىن كىيىنكى ئەڭ بۆيۇك شائىر دېيىلىدۇ.

گىرىمسەن ئويغاندى سۈبھىدە تۇمان



گىرىمسەن ئويغاندى سۈبھىدە تۇمان،

قوينۇمنى باغاشلاپ يېپىشتى ئاپتاپ.

ئاڭلىنار پەشتاقتىن ئاياق تىۋىشى،

گۈل جانان يا مېنى كەلدىمۇ يوقلاپ؟

قاتمۇ -قات ئىشىكلەر ئېچىلغان ئوچۇق،

روجەكتىن ئاڭلىنار شوخ مەيىن شامال.

ئاڭلانماس دىلئارام سۆيگۈ ناۋاسى،

نە ئۇپمەس يۈرەكنى ئۇ خۇلقى نىھال؟!

تۇماندا چۆرگىلەپ يۈرگەن ناخشىلار،

شامالغا ئەگىشىپكېلىدۇ ئۇچۇپ.

ئاياقلار تىۋىشى تەڭكەش ناخشىغا،

قىز كىلەر سەھەردە ناخشىغا چۆكۈپ!



« چەتئەل مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت شئېرلىرىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 19:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
س. ئا. يېسىينىن شېئىرلىرىدىن (1895-1925روسسىيە)

مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى



كۆيىدۇ كۆك ئۇچقۇن يىلىنجاپ



كۆيىدۇ كۆك ئۇچقۇن يىلىنجاپ

ئۇنتۇلدى يۇرتۇم ھەم يىراقتا.

تاشلىدىم جېدەلنى تۇنجى رەت،

باشلىدىم سۆيگۈدىن كۈي-ناخشا.



ئوخشايتتىم قۇرۇغان گۈلشەنگە،

مەجنۇنچە كۆيگەنمەن سۆيگۈگە.

بەڭۋاشلىق قىلمايمەن ئەمدى مەن،

خازانلىق يەتكۈزۈپ ئۆمرۇمگە .



بولدى بەس،قارىسام ھۇسنۈڭگە،

دولقۇندەك كۆزلىرىڭ زەر بۇلاق .

نەپرەتلەن كېچىكى كۈنۇمگە،

يار تاپما باشقىدىن سەن بىراق.



نازلىقتۇر سەرۋىدەك بويلىرىڭ،

پاك كۆكلۇڭ ئاپتاپتەك نامايان.

بىر لۇكچەك شۇنچىلىك مۇلايىم،

شۇنچىلىك كۆيگەن ئۇ يار-جانان.



ئەبىدى شىئېرمۇ يازماسمەن،

يۇرمەيمەن مەيخانا ئارىلاپ،

ئۆتەرمەن قولۇڭنى تۇتقانچە،

ئالتۇن رەڭ چېچىڭنى قۇچاقلاپ.



بارىمەن ئارقاڭدىن مەڭگۈگە،

يۇرت كېزىپ سەيىرلەپ يىراقتا.

تۈنجى رەت جىدەلنى تاشلىدىم،

سۆيگۇدىن باشلىدىم كۈي-ناخشا.



        ("ياۋرۇپا-ئامىرىكا ھازىرقى ز امان ئون مەزھەپ شىئېرلىرىدىن تاللانما"ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.)


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 19:08:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روس يازغۇچىسى تېففى ئەسەرلىرىدىن

  مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى

     تېففى (1872-1952) روسسىيىنىڭ ئايال يازغۇچىسى.روس كۈمۈش دەۋىر ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ تەرجىمىھال، ھەجۋى ھىكايە، تەقرىز، كومىدىيە قاتارلىق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى بار.



تەخەللۇس



   كىشلەر ھەمىشە مېنىڭ تەخەللۇسىمنىڭ كىلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە سورىشىدۇ. راست، قانداقلارچە تېففى دىگەن تەخەللۇسنى قوللىنىپ قالدىم؟ ئۇ ئېنىقلا ئىتنىڭ نامىغۇ؟ روسسىيىدە،« روسسىيە سۆزلىرى گېزىتى » كىتاپخانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ ناملىرىنى قۇيۇۋالدىغانلىقىدىنمۇ ئەجەبلەنگىلى بولمايدۇ. بىر روس ئايال ئۆز ئەسەرلىرىگە قانداقلارچە ئېنگىلىزچە ئىسىمدا ئىمزا قۇيىدۇ؟

   تەخەللۇس ھەققىدە ئويلانغاندا، نىمىشقا ماكىسىم گوركى گىميان بىتناي سىگتالىسكى دېگەندەك جاراڭلاپ تۇرىدىغان، قۇيۇق ئىدىيىۋى پۇراققا ئىگە ئىسىملارنى قويمايدۇ. بۇ تەخەللۇسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، مۇئەييەن مول شىئېرى مەزمونغا ئىگە ئازاپتىن بىشارەت بېرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلار كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

    ئۇندىن سىرت، ئايال يازغۇچىلار ئۆزلىرىگە ئەرلەرچە تەخەللۇس قۇيۇشىدۇ، بۇ تۇلىمۇ زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقتۇر، ئادەتتە كىشلەر خانىملارغا ھامان مەسخىرە ھەتتا ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارىشىدۇ.

-بۇ ئايال يەنە پو ئاتقاندۇ؟

ھىم، تايىنلىق ئۇنىڭ ئېرى يېزىپ بەرگەندۇ؟.

   بىزدە مالىك، يوفچۇك دىگەن بىر ئايال يازغۇچى بار،”ۋىرگىژىنسىكى ئىمزالىق ئىنتايىن ئىستىداتلىق بىر ھىكايىچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىمۇ بار، يەنە ئۆز تەنقىدى ماقالىلىرىدىكى”ئانتون، كېلىينى “ ئىمزاسى بىلەن كۆرۈنگەن ئىستىداتلىق بىر ئايال شائىرمۇ بار، قەيت قىلسام، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجوت بولۇپ تۇرۇش ئاساسلىرى بار. بونداق قىلىش نېمىدىگەن دانالىق، نېمە دېگەن قالتىسلىق –ھە! ئەپسۇس، تېففى دېگىنى قانداق نەرسە ئۇ؟ !

   مۇشۇ سەۋەبلەر ۋەجىدىن، مەن ئۆز تەخەللۇسىمنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە سەمىمىيلىك بىلەن ئىزاھات بېرىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. مەن بۇ غەلىتە تەخەللۇسنى قوللىنىشقا كىرىشكىنىمدە، مىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم ئەمدىلا باشلانغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا، ھەقىقىي ئىسمىمدا ئىككى –ئۈچ پارچىلا شىئېر ئېلان قىلغان ئىدىم. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە بىر پەردىلىك درامما يېزىپ چىققان بولساممۇ، لىكىن قانداق قىلغان چېغىمدا ئاندىن ئۇنى سەھنىگە ئىلىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدىم. ئەتراپىمدىكى كىشلەر مىنىڭ تىياتىر ساھەسىدە تۇنۇشلىرىمنىڭ بولۇشىدىن سىرت يەنە ئەدەبىيات ساھەسىدە نام قازانغان بولۇشىمنىڭ زۆرۆر ئىكەنلىگىنى، ئەكىسچە بولغاندا زادى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھەتتا سەھنە ئەسىرىمنىڭ ئوينالمايلا قالماستىن بەلكى ئۇنى ئوقۇيدىغان ئادەممۇ چىقمايدىغانلىقنى ئېيتىشتى.

ـ‹‹خاملىت›› ۋە‹‹رىۋۇزۇر›› دەك ئەسەرلەر تۇرغان يەردە، قانداق بىر تىياتىرخانىنىڭ دىرىكتورى بىر ئايالنىڭ ئۆزىچە كاسسىغا شاپاللاپلا توقۇپ چىققان، سىنىڭ ئاشۇ لاتا-قونجا ئەسىرىڭنى ئوقۇسۇن؟

    بۇ گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىدىمۇ، شۇنىڭ بىلەن كاللامنى ئىشقا سىلىشقا كىرىشتىم، مەن ئەرچە تەخەللۇسنىڭ كەينىگە يۇشۇرنۇشنى خالىمايتتىم، ئۇ ھالدا ئۆز خاسلىقىممۇ بولمايتتى، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئاڭلاشقا ئەرچىمۇ، ئايالچىمۇ بولمىغان، كىشلەر ئاسانلىقچە چۈشىنەلمەيدىغان بىر تەخەللۇسنى تاللىشىم ئىدى. ئۇنداقتا قانداق ئىسىم ياخشىراق بۇلار؟

    مەن ئۆزۇمگە ئامەت ئىلىپ كېلىدىغان تەخەللۇس ئىشلەتمەكچى بولدۇم، ئەڭ ياخشىسى بىر كالۋانىڭ-كالۋالار ئەبىدى بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ-ئىسمىنى قوللانغىنىم تۈزۈك،  كالۋانىڭ ئىسمىنى قۇيۇشتا ئەلۋەتتە چاتاق يوق، ماڭا مەلۇملۇق كالۋالار سان-ساناقسىز، بىراق شۇنداقتىمۇ تاللىشىمغا، ئالاھىدىلككە ئىگە كالۋانى تاللىشىمغا توغرا كىلىدۇ-دە، شۇنداق قىلىپ، مەن ھەقىقەتەن ئالاھىدىلككە ئىگە ئامەتلىك كالۋانى تاللاشقا ئۈلگۈردۈم. يەنى ئۇ تەقدىر تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغان كۆڭۈلدىكىدەك كالۋا ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى سىتىپان بولۇپ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى سىتېففى دەپ ئاتايتتى، ئەدەپ-قائىدىنى ئىتىۋارغا ئىلىپ، بۇ ئىسمنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى ھەرىپىنى ئىلىپ تاشلاپ (ھىلىقى كالۋانى بۇنىڭلىق بىلەن تەكەببۇرلىشىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىدىم( دىرامما ئەسىرىمگە”تېففى“ دىگەن ئاتنى يازدىم، ئىمزا قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سەھنە ئەسىرىنى بىۋاستەسوۋلىن تىياتىرخانسىنىڭ دىرىكتورلا بۆلۈمىگە ئەۋەتتىم، بۇ ئىشىمدىن بەكمۇ شۆبھىلەنگىنىمدىن، ھېچقانداق كىشىگە بۇ ھەقتە ھېچنىمە دىمىدىم. ئالاھەزەل ئارىلىقتا ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى، تىياتىر ئەسىرىمۇ يادىمدىن دىگۈدەك چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممە كالۋالارنىڭ ئامەت ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقىدەك ساۋاققىمۇ ئىگە بولغاندەك قىلاتتىم. بىر كۈنى ‹‹ يېڭى دەۋر گىزىتى››نى كۆرۈۋىتىپ : ”تىياتىرخانا تېففى يازغان ‹‹ ئاياللار مەسلىسى›› ناملىق بىر پەردىلىك دىراممىنى قۇيۇشنى قارار قىلدى“ دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. تۇنجى تەسىراتىم ھەيرانلىقتىن ئىبارەت بولدى، ئىككىنچى تەسىراتىم ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدسىزلىك ئىدى. شۇ ئەسنادا، ئەسىرىمنىڭ قۇتقۇزۋالغىلى بولمايدىغان بىمەنىلىك، تۇلىمۇ چولتا، تېتىقسىز بىرنىمە ئىكەنلىلكىنى، ئۇزاققىچە تەخەللۇسنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنۇپ تۇرالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭدەك، ئاتالمىش بۇ سەھنە ئەسىرىنىڭ شۆبېھېسىز بىر كاچات بىلەن يوققا چىقىرۋىتىلسە، ئۆمۈربۇيى ئار-نۇمۇس ئىچىدە قالىدىغانلىقمغىچە ئويلاپ يەتتىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بىلمەيتتىم، شۇنداقلا ھەرقانداق ئادەم بىلەنمۇ مسلىھەتلىشىشىم، پىكىرلىشىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئارقىدىنلا ئورگىنالىنى ئەۋەتكەندە، ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئادىرىسىنى يېزىپ قويغانلىغىمنى قورقۇنچ ئىچىدە ئەسلەپ يەتتىم. مۇبادا، دىرىكتورمېنى قايسىدۇر بىر شەرمەندە يازغۇچىنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن ئەۋەتكەن دەپ قارىسىغۇ، ھەر ھالدا ئىشنىڭ ئوڭشالغىنى، ئەمما، ئۇلار ئەسلى ئىشنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ يەتسە، ئۇ ھالدا نىمە قىلغۇلۇق؟

   ۋەھالەنكى، ئىشنىڭ تەرەققىياتى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى. ئىككىنچى كۈنى، پوچتىخانا ماڭا رەسمىيانە بىر پارچە خەت يەتكۈزدى. خەتتە سەھنە ئەسىرىمنىڭ پالانى ئاينىڭ پۇستانى كۈنى سەھنىدە قويۇلىدىغانلىقىنى، پۇستانى ئاينىڭ پوكۇنى كۈنى رېپىتىس قىلىنىدىغانلىقىنى، مىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانلىقى دېيىلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ھەممە نەرسە ئاشكارىلاندى، چىكىنىش يولۇم ئۈزۈپ تاشلانغان بولۇپ، ئاخىرىغا بېرىپ قالغان ئىدىم. دەرۋەقە، بۇ ئىشتا بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ھېچنىمە بولمىسىمۇ، بىراق ۋەزىيەتنى ئىنچىكلىك بىلەن دەڭسەپ كۆرۈشۈمگە مۇمكىنچىلىك يىتەتتى. راستىنى ئېىتسام، مەن نېمىگە ئاساسەن بۇ تىياتىر ئەسىرىنىڭ يېزىلىشىدا چاتاق بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىمەن، ناۋادا ياخشى يېزىلمىغان بولسا ئۇلار قانداقمۇ قۇبۇل قىلسۇن! ئەلۋەتتە بۇ ئىشتا مەن ئىسىم ئورنىدا قوللانغان ھىلىقى كالۋانىڭ ئامىتى بەك چوڭ رول ئوينىغان. ناۋادا، كانت ياكى سىبنوزا دىگەندەك ئىسىملارنى قوللانغان بولسام، ئۇ ھالدا سەھنە ئەسىرىممۇ جەزمەن تۈگەشكەن بولاتتى. مەن بىر قارارغا كىلىپ رىپىتىسقا قاتنىشىشىم كېرەك، بولمىسا ئۇلار ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق مىنى تىياتىرخانىغا ئىلىپ بارالايدۇ. شۇنداق قىلىپ تىياتىرخانىغا باردىم، تىياتىرخانىنىڭ رىژىسورى ھەرقانداق يېڭى ئېقىمنى قوغلاشمايدىغان يىفگۇش. كالىپوۋ دىگەن ئادەم ئىدى:

- ماگېزىن، ئۈچ ئىشىك، سەھنە سۆزىنى يادلاپ بولغان بولسا، ئۇنىڭغا ئېيتقىن، تاماشىبنىلارغا قارىسۇن.!دېدى.ئۇ ماڭا قاراپ:

-ئاپتور؟ ھە ياخشى، ئولتۇرۇڭ، ئاۋاز چىقارماڭ-دېدى، دىگىنىم ئورۇنلۇقمۇ يوق، ئىشقىلىپ بىر ئېغىز سۆزلەپلا تىنىچ ئولتۇردۇم. سەھنىدە رىپىتىس قىلىنىۋاتاتتى، ياش ئارتىس قىز گېرىنوۋا ( يېقىندا مەن ئۇنى پارىژدا ئۇچراتتىم، ئۇنىڭدا قىلچە ئۆزگىرىش بولغاندەك ئەمەس، ئۇنى كۆرۈپلا قورۇنۇپ قالدىم، خۇددى دەسلەپتە،،،) باش رول ئىلىۋاتاتتى، ئۇ قۇلىدا تۇتۇپ تۇرغان قول ياغلىقى بىلەن ھە دىسە ئېغىزىنى سۈرتەتتى. بۇ ئۇيۇن قۇيۇش مەۋسۈمىدا ياش ئارتىسلاردا شەكىللەنگەن بىر مودا ئىدى.

-پىچىرلاشماڭلار-كالىپوۋ ۋارقىراپ ئېيتتى،-تاماشىبىنلارغا قارا! رولىنىمۇ بىلمەيدۇ، رولىنىمۇ بىلمەيدۇ!

ـ قانداقلارچە بىلمەپتىمەن-گىرىنوۋا كەمسىتىلۋاتقاندەك سۆزلىدى.

ـ سەن بىلىسەن؟ھىم، ئۇنداقتا ياخشى، سوفىنور! گەپ قىلما! سوفىنورنى تىلغا ئالما، ئۇ ماي بىلەن بىر قېتىم قورۇپ چىقسۇن!

   كالىپوۋ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتى، بىردەملىك غەلۋە-جىدەلدىن كىيىن، كاللىدىمۇ سەھنە سۆزىدىن ھېچقانداق ئەسەر قالمىغان ئىدى،

-بەك قورقۇنۇچلۇق، بەك، بەكلا قورقۇنۇچلۇق-ئويلىدىم مەن قانداقلارچە مۇشۇنداق قاملاشمىغان سەھنە ئەسىرىنى يازغاندىمەن. يەنە كېلىپ ئۇنى قانداقلارچە بۇ تىياتىرخانىغا ئەۋەتتىم، ئارتىسلارنىڭ جاپاسىنىغۇ تىلغا ئالمايلا كىتەي، مەن يېزىپ چىققان ئاشۇ قالايماققان بىر نىمىلەرنى تېخى خەق مەجبۇرى يادلايدىكەن ئەمەسمۇ. شۇنداق قىلىپ، كېيىنچە، رىپىتىس تۈگەشسە، گىزىت-ژۇرناللاردا ” خەلق ئاچ-زارلىقتا قىلىۋاتسا، جىددى بىر تىياتىرخانىنىڭ مۇشۇنداق لاتا تىياتىرنى ئويناپ چىققىنى ھەقىقەتەن ئۇياتسىزلىق دەپ يازىدۇ-دە، يەكشەنبە كۈنى ئانامنىڭ ئۆيىدە ناشتىغا ئولتۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا مىختەك قادىلىپ:

-سىنىڭ ئىشلىرىڭ بىزگىچە يەتتى، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن راست بولۇپ چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن دىمەسمۇ،

   بىراق، مەن يەنىلا رىپىتىسنى كۆرىۋەردىم. ئارتىسلارنىڭ ماڭا يېقىنچىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى مىنى ئەجەپلەندۈرەتتى، مەن ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىۋاتقان، مىنى كۆزگە ئىلمايۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم.

كالىپوۋ قاقاقلاپ كۈلگنىچە:

-بىزنىڭ بىچارە يازغۇچىمىز تىت-تىت بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كىتىۋاتىدۇ-دە!. دېدى.

” بىچارە يازغۇچى يىغلىماسلىققا تېرىشىپ، ئۆزىنى بىسىپ، گەپ قىلماي ئولتۇراتتى. شۇنداق قىلىپ ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. سەھنە ئەسىرى تۇنجى قۇيۇلىدىغان ئاشۇ كۈن يېتىپ كەلدى.

-بارايمۇ،بارمايمۇ؟

   ئاخىرى بېرىش قارارىغا كەلدىم-، دە، كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن قېچىپ، تىياتىرخانىنىڭ ئاخىرقى رىتىدىكى بىر بۇلۇڭغا كېلىپ چۆكتۈم. كىم بىلمەيدۇ دەيسىز، ناۋادا تىياتىرنىڭ ئوينىلىشى ئوڭۇشلۇق بولمىسا!. زېھنى-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كالىپوۋ سەھنىنىڭ ئارقىسىدىن بىشىنى چىقىرىپ، قاينىغىنىچە:

-يۇقال! كالۋا-دەپ كېتىشىدە گەپ يوق ئىدى.

   مېنىڭ ئەسىرىم يەنە بىر تىياتىرنىڭ ئارقىسىدىن ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇ بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى تەرىپىدىن يېزىلغان ھەم سېسق ھەم ئۇزۇن تۆت پەردىلىك تىياتىر ئىدى. تاماشىبىنلارنى ئەسنەك باسقان بولۇپ، زېرىكىش جېنىغا پاتقان ئىدى، تىياتىرخانىدا ئۈزۈلمەي ئىسقىرتىش ئاۋازى چىقىپ تۇراتتى.

ئاخىرى قۇڭغۇراق چېلىنىپ، ئارىلىقتىكى دەم ئىلىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، كىشلەر ئېيتقاندەك پەردە ئىچىلىپ، مېنىڭ سەھنە ئەسىرىمدىكى پىرسۇناژلار سەھنىگە چىقتى.

بەك قۇرقۇنۇچلۇق، نىمە دېگەن خىجالەتچىلىك-ھە،-مەن خىيال قىلاتتىم. تاماشىبىنلار بىر قىتىم كۈلۈشتى، ئۇلاپلا ئىككىنچى قېتىم كۈلۈشتى، ئارقىدىن كۈلكە ئۈزۈلمىدى. مەن گويا ئۆزەمنىڭ يازغۇچى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇغاندەك، ئايال گىنرالنىڭ رولىنى ئالغان قىزىقچى مۇماي تابلۇچگىننا ھەربى فورما كىيىپ، مارشقا دەسسەپ، كوماندا بېرىپ ۋاقىرىغىنىچە سەھنىگە چىققاندا، كۆپچىلىك بىلەن تەڭ كۆلۈپ تاشلىدىم، ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قابىليەتلىك بولۇپ، تىياتىرنى تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن ئوينىغان ئىدى،

-ئاپتور سەھنىگە چىقسۇن-تاماشىبىنلارنىڭ ئىچىدىن بىرى توۋلىدى.

-ئاپتور!

-قانداق قىلاي؟

    سەھنە ئېچىلىپ، ئارتىسلار سالامغا چىقتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇياق-بۇياققا قاراپ، ئاپتورنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئورنۇمدىن تىزلا تۇرۇپ، ئارقا سەھنىنىڭ كارىدورىغا چىقتىم. شۇ ئەسنادا، پەردە يىپىلدى، مەن ئەسلى ئورنۇمغا قايتتىم، تاماشىبىنلار يەنە ئاپتور سەھنىگە چىقسۇن دەپ ۋارقىراشتى، پەردە يەنە ئىچىلدى، ئارتىسلار يەنە بىر قېتىم سالامغا چىقتى، سەھنىدە كىمدۇر بىرى:

-ئاپتور زادى قەيەردە؟-دەپ قۇپال ئەلپازدا ۋارقىرىدى. مەن يەنە بىر قېتىم سەھنە ئارقىسىغا باردىم، پەردە يەنە يېپىلدى. شۇنداق قىلىپ كارىدوردا ئۇيان-بۇيان پالاقلاپ يۈردۈم، بۇ چاغدا چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر كىشى (كىيىن ئۇنىڭ A.P كوگىل ئىكەنلىكىنى بىلدىم) ئىككى قۇلۇمدىن تۇتۇۋىلىپ ۋارقىرىدى:

-بۇ دىگەن ئۇ ئەمەسمۇ، جىن تەككەن!

بۇ چاغدا ئالتىنچى قېتىم ئىچىلغان پەردە يىپىلدى، تاماشىبىنلارمۇ تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ئىككىنچى كۈنى تۇنجى قېتىم ھاياتىم توغرىسىدا مېنى يۇقلاپ كەلگەن مۇخبىر بىلەن سۆھبەتلەشتىم، ئۇ مىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن ئىدى.

-سىز ھازىر قانداق ئىشلار بىلەن ئۆتىۋاتىسىز؟

-ھە، ئەسلىدە مۇنداق دەڭ! ئۇنداقتا سىزنىڭ تەخەللۇسىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە؟

-بۇ ،،، بىر كالۋا،،،،نىڭ نامى،،،ئۇھھوي،،فامىلە

-باشقىلار ماڭا بۇ تەخەللۇسىنىڭ جىنبىلىننىڭ ئەسىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

قۇتۇلۇپ قالدىم، قۇتۇلۇپ قالدىم، قۇ،،تۇ،،،لۇپ،،، قالدىم، جىبلىن ئەسەرلىرىدەھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر پىرسۇناژبار، شۇنداق. ئاقىۋەت ئۇنىڭ قايسىدۇر بىر ئەسىرىدە مۇنداق بىر خەلق قۇشىقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ يەتتىم:

تېففى دىگەن ۋېلىسلىق ،

تېففى دىگەن يانچۇقچى...

ھەش-پەش دىگۈچە خاتىرەمدە ھەممە نەرسە قايتىدىن پەيدا بولدى.

-ھە، شۇنداق، ئەلۋەتتە، جىبلىندىن كەلگەن،

گېزىتكە سۆرىتىم بىسىلدى، ئاستىغا « تېففى »دىگەن خەت يېزىلغان ئىدى.

تۈگىدى، چىكىنىش يۇلۇم ئۈزۈلدى. بۇ تەخەللۇس شۇنداق قوللىنىپ كىلىنۋاتىدۇ.



          خەنزۇچە« دۇنيا ئەدەبىياتى» نىڭ 2004-يىلى 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 19:09:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇنىن نەسىرلىرىدىن تاللانمىلار

   مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى



       تۈن يېرىمىدا



      ئىۋان ئالېكسىيىۋىچ بۇنىن (1870-1953)

    ئىۋان ئالېكسىيىۋىچ بۇنىن روسسىيىدە سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،چەتئەلدە تۈرۈپ يازغۇچىلىق قىلغان مۇھاجىر يازغۇچى.ئۇ 1933-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (نۇبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش سۆزى:»ئۇنىڭ قاتتىق بەدىئى ماھارىتى نەسىر يېزىقچىلىقىدارۇس كىلاسسىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بېرىلدى.»)

   بۇ جۆيلۇشمۇ ياكى كېچە چۈشۈمدە كۆرگەن سىرلىق تۈن تۇرمۇشىمۇ؟مېنىڭچە،سوغۇق كۈزدىكى ئاينىڭ ئاسماندا سەيلى قىلىپ يۈرگىنىگىمۇ خىلى بولۇپ قالدى.شۇتاپتا،ئاق كېچىدىكى ھەممە ياسالمىلىق بىلەن ئالدىراشچىلىقنى تاشلاپ،ئارام ئالىدىغان چاغمۇ بولۇپ قالغان ئىدى.شۇدەمدە پۈتكۈل پارىژ جۈملىدىن ئەڭ نامرات گەمىلەرنىڭمۇ بارلىقى شىرىن ئۇيقۇغا چۆككەن ئىدى.

   مېنىڭمۇ ئۇيقۇغا چۆكۈپ كەتكىنىمگە خىلى مەھەل بولغان ئىدى.چۈشلىرىممۇ ئاخىرىدا خۇددى بىمارنى كۈتۈشكە تەييارلىنىپ سۈكۈتكە چۈشكەن دوختۇردەك ،بىمارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تۈگۈتۈپ،بىمارنىڭ چوڭقۇر نەپەس  ئىلىپ،كۆزىنى يوغان ئېچىپ،خىجىل بولغانچە شاتلىقدىن كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆرۇپ ئاندىن ئايرىلغاندەك ئاستا-ئاستا مەندىن يىراقلاشتى.ئويغۇنۇپ كەتتىم.قارىسام تۈننىڭ جىمجىت،غۇۋالىقىدا تۈرۈپتىمەن.

   بەشىنچى قەۋەتتىكى ئۆز ياتىقىمداپەستىكى گىلەمگە بوش دەسسەپ،بىرقاناتلىق دىرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدىم.مەن گاھ تۈن سىماسىغا تولغان ئۆيۇمگە،گاھ دىرىزىنىڭ ئۈستىدىكى ئەينەكدىن ئاسماندا نۇر تۆكۈپ تۇرغان ئايغا قارىدىم.شۇتاپتا ئاي يۈزۈمگە تۆكۇلسە،مەنمۇ ئاينىڭ يۈزىگە قاراپ ئۇنى دەڭسەيتتم.ئاي نۇرى سۇس ئاقرەڭلىك جىيەكلىك پەردىدىن ئۆتۇپ،ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى تۈن سىماسىنى بوش بويىغان ئىدى.ئۇ جايدا ئاي يۇرىقىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ،ئەمما ئۆينىڭ تۆرت تەرىپىدىكى دىرىزە قاناتلىرى بەكمۇ يۇرۇق ئىدى.ھەتتا دىرىزە قاسناقلىرىدىمۇ ئاي يۇرىقى كۆرۇنۇپ تۇراتتى.دىرىزىدىن يەردىكى پولنىڭ ئۈستىگەچۈشكەن ئاي يۇرىقى كۆكۈش ئاق رەڭلىك ۋە كۈمۈش رەڭلىك دۈگىلەكەرنى سىزغان بولۇپ،ھەربىر دۈگىلەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈتۈن رەڭگىدىكى كىرىست بارئىدى.كىرىستلار ئاي يۇرىقىغا چۈمۈلگەن كىرىسلۇ بىلەن يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا چۈشكەندە يىقىملىق نۇر قايتۇراتتى.چەتتىكى قاناتلىق دىرىزە ئالدىغابىر كىرىسلۇ قۇيۇلغان بولۇپ ،ئۇ يەردە مەن ياخشى كۆرىغان ھېلىقى ئايال ئولتۇراتتى.ئۇ قاردەك ئاپئاق كىينگەن بولۇپ،تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزچاققىلا ئوخشايتتى.ئۇ ئاق،گۈزەل ئىدى.ئىككىمىز تۇرلۇك ئازاپ-كۈلپەتلەرگە يولۇققانلىقىمىزدىن ئۆزئارا گەپ-سۆزمۇ قىلىشمايتتۇق، تەتۇر قارىشىپ يۈرىشەتتۇق.ئۇمۇ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى.

   ئۇ بۈگۈن كېچە نېمىشقا ئۇخلىمىغاندۇ؟ئۇنىڭ كۆرۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،مەن ئۇنىڭ يىنىدىكى دىرىزىنىڭ بالكۇنىدا ئولتۇردۇم.شۇنداق،بەك كېچە بولۇپ كەتتى.ئۇدۇلدىكى بەش قەۋەتلىك ئۆيدە چىراغمۇ كۆرۇنمەيتتى.ئۇيەردىكى دىرىزىلەرنىڭ ھەممىسى گويا ئەمانىڭ كۆزىدەك قاپ-قاراڭغۇ بولۇپ،ئادەممۇ كۆرۇنمەيتتى.پۈتۈن پارىژشۇنداق ئىدى.پەقەت قىيپاش تۆپىلىكتىكى شەھەر ئاسمىنىدا ئاقۇش تۇلۇنئاي ئېسىلغاندەك تۇراتتى،ئۇيقىغىمۇ كىرمىگەن ئىدى.ئۇنىڭ قىياپىتى شۇتاپتا يەر ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن تۈتۈندەك بۇلۇت ئىچىدە ئۈزۈۋاتقاندەك ئىدى.شۇنداقلا قىمىرلاپ قويغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى.ئاي ماڭا تىكىلىپ قارايتتى. گەرچە ئۇ شۇنچە پاك،بىغوبار كۆرۇنسىمۇ،سەل-پەل تۇتۇلغاندەك ،ھەسرەتلىك كۆرۇنەتتى.بىرپارچە بۇلۇت ئۇنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتكەندە ،گويا ئېقىپ تۈگىگەندەك ئۇ ئۇنىمۇ يۇرۇتۇپ تۇراتتى.ئەمما ئايدىن ئايرىلغانداھەممىسى ئوخشاشلا قېتىپ قالاتتى ھەمدە بارغانسىرى قۇيۇقلىشىپ،قىلىنلىشاتتى.ئۆينىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە،پۈتۈنلەي غۇۋالىشىپ ئۇيۇپ قالغان بۇلۇت دۆۋىسىگە ئايلىناتتى....

   مەن خىلىدىن بىرى ئاي يۇرۇغان كېچىنى كۆرۇپ باقمىغان ئىدىم.بۇ مەنزىرىگە قاراپ ھېسلىرىم تەپچىپ،بالىلىق چاغلىرىمدىكى روسسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دۆڭ-يوتىلاردا،نامرات يايلاقلاردا ئۆتكەن ئەشۇ يىراقلاردا ئۇنتۇلۇپ كېتەي دەپ قالغان كۈز كېچىلىرى ئېسىمدىن كەچتى.ئۇياقتا،ئاي ھەمىشە تۇرالغۇيىمىزنىڭ ئۆگزىسىدىن ئۆينىڭ ئىچىدىكى شەپىنى مارىلايتتى.ئۇياقتا،مەن تۈنجى قىتىم ئاينىڭ ئوماق،ئاقارغان چىرايىنى كۆرگەن ئىدىم.شۇتاپ تەسەۋۋۇرىمدا پارىژدىن ئايرىلدىم.شۇ ئاندا گويا مەن ئېگىزلىكدىن قۇشدەك بىپايان ئورمانلىققا قاراپ ئاقتىم.روسنىڭ پۈتكۈل مەنزىرىسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇشقا باشلىدى: مەن قۇم-باياۋاندەك پايانسىز كەتكەن،ئالتۇندەك يالتىراق بالتىق دېڭىزىنى كۆرمەكتىمەن.شەر*ققە قاراپ سوزۇلۇپ كەتكەن بۆك-باراقسان قارىغايزارلىق يۇرتنى كۆرمەكتىمەن.ئورمانلىق،ساسلىق ۋە دەرەخزارلىقنى،ئويمانلىقتىكى جەنۇپنى، چەكسىز ئېتىزلىق بىلەن تۈزلەڭلىكنى كۆردۇم.نەچچە يۈز چاقىرىم ئارىلىقتا كۆجۇم-كۆجۇم دەرەخزارلىقتىن ئۆتكەن تۆمۇريول ئاي يورىقىدا چاقناپ نۇر چاچاتتى.تۆمۇر يول بويىداھەرخىل رەڭدار گىرىمسەن چىراغلار يېلىنجايتتى. بىرى-بىرىگە ئۇلاشقىنىچە تا مېنىڭ ئانا يۇرتۇمغىچە سوزۇلاتتى.كۆزئالدىمدا سەل كۆپۇنگەن ئىكىنزار نامايان بولدى.ئىكنزاردىكى دۆۋرەننىڭ تۇرالغۇسى،كونا،ئاددى،بۇزۇلغان بولسىمۇ،بىراق ئاي يورىقىدا تولىمۇ يىقىملىق كۆرۇنەتتى....ئاندىن بالىلىقىمدا ماڭا قاراشلىق ھوجرا،مېنىڭ بالىلىقىم،ئاندىن يەنە ھېچ ئىشدىن ئىش يوق مەن بىلەن بىللە ئازاپ چەككەن ھېلىقى ئاي،ئۇ راستىنلا ھېلىقى ئايمىدۇ؟ئەشۇ ئاي يورۇق كېچە ئالىمىدە ھەقىقىتەن ماڭا تەسەللى بېرىۋاتامدىغاندۇ؟...

ـ نېمىشقا ئۇخلىمىدىڭىز؟ئۇنىڭ ناتۇنۇشدەك سۇئالىنى ئاڭلىدىم.

   ئىككۇيلەن پىسەند قىلماي بىرھازا تۇرغاندىن كىيىن،ئۇ ئېغىز ئاچتى.كۆڭلۇم ھەم ئازاپلىق ھەم شىرىن ئىدى.

- بىلمەيمەن...سىز نېمىزقا ئۇخلىمىدىڭىز؟دېدىم مەن پەسغىنا.

   بىزيەنە ئۇزۇنغىچە سۈكۈتكە چۆكتۇق.ئاي ئۆگزىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى.ھوجرىنى ئاي يورىقى تازا يورۇتۇپ تۇراتتى.ـ كەچۈرۈڭ! مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىيتتىم.

ئۇ ئىككى قولىدا كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويۇپ،جاۋاپ بەرمىدى.

   مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجراتتىم.كۆزياشلىرى ئۇنىڭ چاناقلىرىدىن ئېقىپ چۈشتى.  ئۇنىڭ كىرپىكلىرى كىچىك بالىنىڭكىدەك ئۈستىگە قارىغىنىچە كۆتۇرۇلۇپ ،تىترەپ تۇراتتى.مەن ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يىنىدا تىزلاندىم ۋە ئۇنىڭ تېنىگە يۈزۈمنى ياقتىم.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايلا قالماسدىن بەلكى ئۆزۇمنىڭ كۆزياشلىرىمۇ چاناقلىرىمدىن تۆكۇلۇشكە باشلىدى.

ـ ئەجەبا،بۇسىزنىڭ خاتالىقىڭىزمۇ؟ئۇ تەشۋىشلىك ئىيتتى.ئەجەبا،بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ سەھۋەنلىكىممۇ؟

ئۇ يىغىسىنى توختۇتۇپ،كۈلدى.كۈلكىسى شۇنچىلىك شات-خۇرام ھەم ئازاپلىق ئىدى.

- ھەر ئىككىمىزدە سەھۋەنلىك بار دېدىم ئۇنىڭغا.- چۈنكى ھەر ئىككىمىز خۇشال ياشاشنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پەرھىزلىرىگە خىلاپلىق قىلدۇق.ئەسلىدە ھايات دېگەن ئەلۋەتتە خۇشاللىق ئىدى.ئىلگىرىكى ئاداۋەتلىرىمىز يۇيۇلۇپ،ئۆز ئارا مۇھەببەتلەشكەن ئىدۇق.پەقەت قىيىنچىلىقتا بىللە بولۇپ،ئازاپ – ئوقۇبەتنى تەڭ تارتساق،دۇنيادا تەس تاپقىلى بولىدىغان ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ئادەم بولساقلا ئاندىن مۇشۇنداق كۆيۇپ-پىشقىلى بولىدۇ.شۇچاغدا ئاقارغان،غەملىك يورۇق ئايمۇ بىزنىڭ بەخت – سائادىتىمىزنى كۆرەلىگەن بولاتتى....

                                                       تونۇش   كوچىدا

   پارىژنىڭ باھار كېچىسى.مەن دەرەخ كۆلەڭگۈلىرى چۈشكەن كوچىدا ئاستا كەلمەكتىمەن.قويۇق ئۇششاق غازاڭلار كوچىغا يېيىلغان ئىدى.دەرەخ تۈۋىدىكى يول چىراقلىرىدىن ئالتۇن نۇر تۆكۈلۈپ تۇراتتى.مەن ئۆزۇمنى خىلى ياشىرىپ قالغاندەك سىزەتتىم.كۆڭلۈم بوشاپ،ئىختىيارسىز بىر شېئىرنى يادىمغا ئالدىم:

                              ئەشۇ تونۇش كوچىدا،

                              يادىمدا بىر ئۇنتۇلماس بىنا.

                              نۇرسىز ھەردەم پەردىسىز رۇجەك،

                              قايتمايدۇ نۇر ئېگىز پەشتاقتا.

   ھەقىقەتەن ئوبدان شېئىر!ئەجەپلىنەرلىكلىكى،شېئىردا دېيىلگەن ھەممە ئىش مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن!.ئۇ مۇسكىۋانىڭ پىرىسنىيا رايۇنى ئىدى.بۇ خىلۋەت كوچىنى ئاپئاق قارقاپلىغان بۇلۇپ،ياندىكىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەبجەق ئۆيلىرى ئىدى.ئەمما مەنچۇ، مەن سىتودىنت خىلىدىكى ئادەملەردىن ئىدىم.مۇشۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن.بىراق ،ئەمدى ئۇنىڭغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.

                               ئۇ يەردە بىر يالغۇز سىرلىق چىراق،

                               تۈندىمۇ يانار ۋىلىلداپ چاقناق...

   مېنىڭمۇ ئۇ يەردە مۇشۇنداق چىرىقىم بار ئىدى.تالاداقار-بورانلىق چاپقۇن ياغاچ –تاشلارنى ئۈچۈرۇپ باشقا يۇرتلارغا تاشلىماقتا.باشقا يۇرت قەيەردە،نېمىشقا قاچىدۇ،بىز كىمدىن قورقىمىز؟كىچىك بالىدەك قىزغىن ھالدا ئەخمىقانە سورىدىم.باشقا يۇرتلارغا قاچتۇق!كىشىنىڭ كۆڭلىنى نېمە دېگە ئېزىپ تاشلايدىغان گەپ-ھە!. ئىككىمىز باشقا يۇرتقا قاچمىدۇق...راسىت.ئاندىن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ شىرىن،ئەڭ يۇمشاق سۆيۈشۈشلەر ئىدى...!

                            «بۇنىن ئەسەرلىرى توپلىمى»دىن تەرجىمە قىلىندى.

                         «ئەنخۇي ئەدەبىيەت –سەنئەت نەشىرياتى».2005-يىلى نەشىرى.


ۋاقتى: 2012-5-1 20:59:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەيبو ئەپەندى:ئۇستاز مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسىدىكى رۇسىيە يېقىنقى زامان داڭلىق شائىرلىرىنىڭ نەمۇنە شىئېرلىرىنى مۇنبەرگە يوللاپ،چەتئەل شىئېرىيەت ئېقىملىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم ،مۇمكىن بولسا بۇ ئەھمىيەتلىك قەدەم توختاپ قالمىسا دېگەن ئۈمىتتىمەن .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-1 21:08:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 20:59
ئەيبو ئەپەندى:ئۇستاز مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسىدىكى رۇ ...

بۇ تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئۇ مۇھتەرەم زات كونا باش بېتىمىزگە ئۆزى يوللىغان ئىدى. كېيىنچە ئۇ مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تورغىمۇ كىرمىدى. ھازىر كونا باش بەتتىكى يازمىلارنى كۆرىۋېتىپ بۇلارنى يېڭى مۇنبەرگە يۆتكەپ چىقىش كېرەككەن دەپ قارىدىم. ئۇستاز مۇھەممەد چاۋار ئاكىمىز تەدبىرلىك ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى، يېتىشكەن شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى، ئۇنىڭغا تەن ساقلىق، ئەمىن ۋە شاد - خۇراملىق تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش