يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3067|ئىنكاس: 0

ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى


   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھازىردىن باشلاپ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە«ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر شىئېر،ھېكايە، پوۋېست، نەسر، ئەدەبىي خاتىرە ۋە رومانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەرلەرگە تىل چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.
1.بارلىق ئەسەرلەرگە ئىدىيەۋىلىككە ئېتىۋار بېرىش تەلىپى قويۇلۇپ، ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىمىزنى باش تېمىسى روشەن، مۇقامى ئاكتىپ، دەۋىر پۇرىقى قويۇق، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ساغلام تۇرمۇش خاھىشى ئىپادىلىنىپ،يارقىن ئوبرازلار يارىتىلغان،ئالىجاناپ ئىنسانى ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە ۋە چىن ئىنسانىي تۇيغۇلارغا مەدىھىيە ئوقۇلغان، كىشىلەرنى ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە ئالىجاناپلىققا ئۈندەيدىغان ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ.
2.بارلىق ئەسەرلەرگە يۇقۇرى بەدىئىيلىككە ئىگە بولغان بولۇش تەلىپى قويۇلىدۇ. ئىپادىلەش ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن كۆپ خىل بولۇشقا ئېلھام بېرىلىدۇ.
3.ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇشچانلىقى يۇقۇرى بولۇشىغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىلىپ، ئىش ۋە پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازلىق، كۆنكىرىت،تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
4.قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر بىردەك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئوقۇپ - تەكشۈرۈشى ۋە تاللىشىغا يوللىنىپ، تەلەپكە مۇۋاپىق كەلگەنلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە  تەرجىمە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، كىتاپ قىلىپ نەشر قىلىنىدۇ.
5. شىئېر،ھېكايە، پوۋېست، نەسر، ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىق ژانىرلار بويىچە ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ ۋاقىت چېكى 2014-يىلى 7-ئايغىچە بولىدۇ. رومان تۈرى بويىچە ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ ۋاقىت چېكى 2015-يىلى 6-ئايغىچە بولىدۇ.
6.ئەسەرلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن قەغەز نۇسخىسى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىشخانىسىغا يوللاپ بېرىلىدۇ. ئېل نۇسخىسى بولسا بىر تۇتاش بۇ ئېلخەت ئادرىسقا يوللانسا بولىدۇ : xjzj2013@126.com
7.پوچتا ئادىرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومىر، پوچتا نومۇرى: 830000


شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2013-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش