كۆرۈش: 635|ئىنكاس: 1

ئاماننىسا: نەۋائى ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ پەزىلىتىگە دەسلەپكى نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                              
                                نەۋائى ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ پەزىلىتىگە دەسلەپكى نەزەر

                                                   ئاماننىسا ئابلىز
            
            پەزىلەت ــــ كىشىلەردە بولىدىغان ئىجابىي خىسلەت ،ياخشى سۈپەت ،ياخشى خۇسۇسىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر قەلەم ئىگىسىنىڭ پەزىلىتى ئۈستۈن بولسا ئۇنىڭدىكى ياخشى سۈپەت ،ئىجابىي خىسلەتلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەسەرلىرى روھقا ئوزۇق ،ئەقىلگە قۇۋۋەت بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەر كىشىنى پەزىلەت بابىدا تەربىيىلەيدۇ.
       يازغۇچى دەۋرنىڭ ۋىجدانى. بۇ يازغۇچى بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى غۇرۇرلۇق ،ۋىجدانلىق ،پەزىلەتلىك بولۇش لازىم دېگەنلىكتۇر. بىر قەلەم ئىگىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ دۇنيا قاراش ،قىممەت قاراشلىرى ،ئالىيجاناپ پەزىلىتى. شۇڭا بىر قەلەم ساھىبى نوقۇل ھالدا ئۆزىنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ،تۇرمۇش تەجرىبىسىنى موللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن ئۇ ئالدى بىلەن بىر پەزىلەت ساھىبى بولۇشى ،ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ۋىجدان تارازىسىغا سېلىپ تۇرۇشى ،ئادىمىيلىك جەھەتتىن ئۆزىنى تېخىمۇ  مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا سۈزۈك ،تازا ئەسەرلەرنى يارىتىپ شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى ،ئەل قەلبىدىن يۈكسەك ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ. يازغۇچى بولۇش جەريانى نوقۇل ھالدىكى ئەسەر يېزىش جەريانىلا ئەمەس ،بەلكى دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك قاراش جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش جەريانى. مۇنەۋۋەر ئىدىيەلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ،بېيىتىش ،شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا ئىدىيە يارىتىش ۋە ئۇنى ئەلگە تارىتىش جەريانى. ھەقىقەت ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ ئەسەرلىرى ۋە ئۆزى ھازىرلىغان ئېسىل پەزىلەتلەر ئارقىلىق ئاۋامغا تەسىر كۆرسىتىش ،ئاۋامنى تەربىيلەش جەريانىدۇر.
            پۈتكۈل ھاياتى بىر گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆرنىكى بولغان ئەلىشىر نەۋائى ھەزرەتلىرى ئىنسانىيەت ئالىمىدە ھەقىقىي ئىنسانىي قىممەتنىڭ ،ئادىمىي پەزىلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى نامايەن قىلغان بىر ئۇلۇغ سىما. ئەلىشىر نەۋائى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى.ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن يۈكسەك ۋە پەخىرلىك ئورۇن تۇتقان شانلىق نامايەندە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بەش يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە ھەمراھ بولۇپ كەلدى. نەۋائى ئەسەرلىرى خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە يېڭى سەنئەت مايسىلىرىنى بىخلاندۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈشىدە ،ھايات قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىش ،تەپەككۇر رۇجەكلىرىنى ئېچىپ يېڭىدىن يېڭى مەدەنىيەت-سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مىسلىسىز رول ئوينىدى. ئەلىشىر نەۋائى قالدۇرۇپ كەتكەن غايەت زور مەدەنىيەت مىراسلىرى يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىلا ئەمەس ،بەلكى ئېلىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئىپتىخارلىق ئورۇن تۇتىدۇ. ئەلىشىر نەۋائى جاھان ئەدەبىيات مۇنبىرىدىمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ،مەشھۇر گۇمانىست شائىر سۈپىتىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە.
             ئەلىشىر نەۋائى 60يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇ بۇ جەرياندا ئادەم ھەيران قالغۇدەك نۇرغۇن ئەسەر يازدى، «خەزائىنۇل مەئانى»ناملىق تۆت چوڭ دىۋانى ،«خەمسە»ناملىق بەش داستانى نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يىرىك ،ئەڭ مەشھۇر نەمۇنىلىرىدۇر. ئۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان داستان ،ئىلمىي مۇھاكىمە ،پەندىنامە ۋە ئەسلىمىلىرى بار. بۇ ئەسەرلەردە نەۋائىنىڭ دۇنيا قارىشى ،بىلىمى ،ئستېتىك دىتى ،بەدىئىي ماھارىتى تەلتۆكۈس ئىپادىلەنگەن بولۇپ ،ئىنتايىن زور بەدىئىي ،ئىلمىي ،تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. نەۋائى ھەقىقەتەنمۇ جاھان ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ.
            قانداق ئادەم بولسا شۇنداق ئەسەر چىقىدۇ. ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزدىكى مەقسەت ــــ ئادەملەردە پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.ئۇنداقتا 600يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ئىزچىل ياندىشىپ كېلىۋاتقان ،ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ،سەنئەت ھاياتىدىلا ئەمەس ،جاھان ئەدەبىيات مۇنبىرىدىمۇ پەخىرلىك ئورۇن تۇتقان ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىمۇ ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ،ئەخلاق ،قىممەت ،پەلسەپىۋى قاراشلىرى ۋە ئالىيجاناپ پەزىلىتىنىڭ مەھسۇلى دەپ ئېيتالايمىز. ئۇنىڭ ھاياتى قانداق ئۆتكەن؟ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت قاراشلىرى زادى قانداق ئىدى؟بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قانداق ئىپادە تاپقان؟ بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا ،ئىزدىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان تېما.
            ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ھاياتى مۇھىم ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار ئىچىدە ئۆتتى. ساۋاقدىشى ۋە دوستى بولغان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئوردا ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ،شاھزادىلەرنىڭ جاڭجاللىرىنى تىنجىتىش ۋە پادىشاھلىقنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىش ،مەرىپەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق ۋە تەشكىلاتچىلىق پائالىيەتچىلىرىنى ئېلىپ بېرىش ،ئوردىدىكى ئاچكۆز ھەسەتخور جاھىللار گۇرۇھى ۋە دىنىي مۇتەئەسسىپلەر بىلەن ،ھەتتا پادىشاھنىڭ ۋاپاسىزلىقى بىلەنمۇ كۈرەش قىلىش ۋە بۇ يولدىكى ئوڭۇشلۇق-ئوڭۇشسىز تەجرىبە ساۋاقلار نەۋائىنى مول ئىجتىمائىي بىلىمگە ئىگە قىلدى. مۇرەككەپ زىددىيەت ئىچىدە ياشاش ئۇنى درامماتىك ئېپىزوتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ لىرىك ھېسىياتىنى بېيىتتى. بۇ ئەھۋاللار نەۋائى ئجادىيىتىنىڭ مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈشى.
            نەۋائى غەزەللىرى جەمئىي 2600پارچە بولۇپ ،ھەجىم جەھەتتىن تۆت دىۋاننىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى مۇھەببەت لىرىكىلىرى بولۇپ شائىرنىڭ ئىچكى روھىي خەزىنىسى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ يارقىن ،جىلۋىدار ئوبرازىنى تاپقان. ئۇ مۇشۇ تېمىنى دەۋر قىلغان ھالدا خەلقچىللىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇھەببەت ھەققىدىكى ئالىيجاناپ ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدۇ. مېھرۇ-ۋاپانى باغرىغا بېسىپ سۆيۈپ ۋاپاسىزلىققا نەپرەت تىغىنى سانچىيدۇ. ساداقەت مەجنۇنلۇقى ئالدىدا ئىگىلىپ ،رىياگەرلىك سىپاگەرچىلىكى ئالدىدا غادىيىدۇ.پەقىر، دەردمەنلەرنىڭ مۇڭىنى كۈيلەيدۇ. ئىككى يۈزلىمە ،ئالدامچى شەيخ .زاھىت-سوپىلارنىڭ نىقاۋىنى يىرتىپ تاشلاپ سازايى قىلىدۇ. مەنمەن زالىم پادىشاھلارنى سۆكىدۇ ،ئادالەت ۋە مەرىپەتكە دەۋەت قىلىدۇ. سەنئئەتكە بارىكاللا ئوقۇيدۇ. نەۋائى ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ باي خەلقچىللىق روھىنى ،مۇھەببەت ھەققىدىكى ئالىيجاناپ ئىدىيىسىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق. ئەسەرلىرىدە مېھرى-ۋاپا ،ساداقەتنى كۈيلەپ كىشىلەرنى ئادالەت ۋە مەرىپەتكە دەۋەت قىلىدۇ. ۋاپاسىزلىق ،ئىككى يۈزلىمىچىلىك ،ئالدامچىلىق ،ۋاپاسىزلىقنى سۆكىدۇ ،ئۇنداقلارغا نەپرەت تىغىنى سانچىيدۇ.
           نەۋائى ئۆزىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەنلا قالماستىن زامانداشلىرىنىڭ ،ئۆزى بىلەن زامانداش قەلەم ئىگىلىرىنىڭمۇ پەزىلەتلىك بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئەسەر سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئاپتورنىڭ سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان نەۋائى شائىر-ئەدىبلەرنىڭ مەنىۋى قىياپىتى ،ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ «مەجالسۇن نەفائىس»تا خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ھەر بىر شائىرنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى ،مەنىۋى دۇنياسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا باھا بېرىدۇ. شائىرلارنىڭ ئوچۇق چىراي ،خۇشچاقچاق ،كەمتەر بولۇشىنى ،خىلمۇ-خىل ئىلىملەردىن ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشىنى ،ھورۇن ،رەتسىز ، گېپى سەت ، قوپال بولماسلىقىنى ،ھەر خىل مەسىلىلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان ئىقتىدارغا ،ئەدەب ،ھايانى بىلىدىغان ،ئۆز غۇرۇرىنى ۋە ئىززەت ئابرويىنى ساقلىيالايدىغان ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نەۋائى يەنە شائىرلارنىڭ ئادالەت ،ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان روھقا ،زوراۋانلاردىن قورقمايدىغان جاسارەتكە ئىگە بولۇشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەلىشىر نەۋائى ئەدىب –سەنئەتكارلارنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋە مىللىي غۇرۇرغا ئىگە بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ.
           نەۋائىنىڭ پۈتكۈل ھايات جەريانى خۇددى ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر دەرسلىك. بىز بۇ پەزىلەت ساھىبىنىڭ ھەر بىر ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆرنەك ئالالايمىز. نەۋائى ئۆزىگە ھەسەت قىلىپ يامان نىيەتتە بولغانلارغا قىلچە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارغا ھىممەت كۆرسىتىپ ،غەمخورلۇق قىلىپ دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرىدۇ. بۇنداق مىساللار ئۇنىڭ ھايات تارىخىدا ناھايىتى نۇرغۇن. ھۈسەيىن بايقارا ھىرات تەختىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن نەۋائىنى ئوردىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە قويىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن ئوردىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەسەت قىلىشى ۋە پىتنىسىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما ئۇ «تاش ئاتقانلارغا ئاش ئات»يوسۇنىدا ئىش كۆرىدۇ. ھەممە يەردە ئۆزى توغرۇلۇق پىتنە تارقىتىپ يۈرگەن ئىسلام بارلاسنىڭ شىجائەتلىك ،تەدبىرلىك ئىكەنلىكىنى پادىشاھقا ئېيتىپ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرىدۇ. ئىسلام بارلاس ئۇنىڭغا شۇنداق ئېيتىدۇ:«ــ مەن نادان قەدرىڭىزنى بىلمەپتىمەن ،ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىلكىدىن كېلىدۇ ،يامانلىققا ياخشىلىق سىزدەك ئالىيجاناپ ئەر كىشىنىڭ ئىلكىدىن كېلىدۇ. مەن ئۆلگىچە سىزنىڭ سادىق قۇلىڭىزمەن.»
ھۈسەيىن بايقارا ئوردىدىكى پىتنىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن نەۋائىنى ئوردىدىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئاستىراباتقا ھاكىم قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئاستىراباتتا تۇرۇش جەريانىدا ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەسەتخورلار ئاستىرتتىن ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنى سالىدۇ ۋە بۇ سۇيقەستى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. ئەمما نەۋائى ئۆزىگە قەست قىلماقچى بولغانلاردىن ئۆچ ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ. پادىشاھنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقىغا ئىسيان كۆتۈرسىمۇ بولاتتى ،ئەمما ئۇ ئۇرۇش قوزغالسا خەلقنىڭ كۈلپەت ئىچىدە قېلىشىنى ئويلاپ بۇ پىكىرلەردىن ۋاز كېچىدۇ:«ئەي ئەلىشىر ،نەپسىڭ ئەقلىڭدىن غالىپ كەلمىسۇن ! ناۋادا سەن بىر قەدەم تاشلىساڭ ،ھازىر مۇستەھكەم بىر قول ئاستىدا ياشاپ تۇرغان مەملىكەت پارچىلىنىپ كەتكۈسىدۇر. ئۆز ۋىلايەتلىرىدە ھۆكۈمدار بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ تۇرغان ھاكىملار بىر بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى باشلايدۇ. خەلقنىڭ بېشىغا مىڭ خىل كۈلپەتلەر كېلىدۇ. يەنە شەھەرلەر ۋەيران ،زىرائەتلەر پايخان بولىدۇ ! قويە ئەلىشىر ،بۇ نىيىتىڭدىن ۋاز كەچ ! ئەلەم ۋە قىساسنىڭ ئاچچىق مېۋىلىرى بولغان بۇ پىكىرلەرنى بېشىڭدىن ھەيدە.» نەۋائىنىڭ ئىنىسى دەرۋىش ئەلى ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغىنىدا نەۋائى ئەگەر بۇنداق قىلسا خەلقنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغىدىغانلىقىنى ،خەلقنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاقىدۇ. ئۆمرى ئاخىرلىشىپ قالغاندا يۈز بەرگەن پالاكەتلەر نەۋائىنىڭ يۈرەك باغرىنى ئۆرتەيدۇ. مۆمىن مىرزا بىلەن مىر ھەيدەرنىڭ ئۆلۈمى يۈرىكىدە قالدۇرغان جاراھەتلەر ،يۇرت ئىشلىرى ،دەردمەنلەرنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاش ئۇنىڭ تىنچ ئولتۇرۇپ ئىشلىشىگە ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ ،ئاخىرىدا پىغان ۋە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ.
             نەۋائىنىڭ پۈتكۈل ھايات ۋە ئىجادىيەت جەريانىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇنىڭ ئېسىل ئادىمىي پەزىلىتى بىزنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىگە رام قىلىدۇ ،بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدۇ. نەۋائى يالقۇنلۇق گۇمانىزمچى ئىدى. ئۇنىڭ لىرىكىلىرى ۋە داستانلىرى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى ،ئىنسانىي ئىرادە ئىختىيارلىقى ،ئەركىن مۇھەببەت ۋە ئىشق-سائادەت ،خەلقلەر دوستلۇقىغا قارىتىلغانىدى. نەۋائى ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر سۈپىتىدە ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆيۈنگەن ۋە چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. نەۋائى كىشىلەردە مۇھەببەت ۋە نەپرەت بولۇش لازىملىقىنى ،ئىنساننىڭ ئىنسانىي مۇھەببىتى بولۇش لازىملىقىنى زور كۈچ بىلەن دەۋەت قىلىدۇ. نەۋائى «قانائەت»تىن ئىبارەت ئىسلام شەرقىدىكى ئاساسلىق ئەخلاق كاتوگورىيىسىنى تەمەگەرلىك ،ئاچكۆزلۈك قاتارلىق روھىي ئازابلاردىن قۇتۇلىدىغان روھىي ئەركىنلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە چۈشەندۈرىدۇ.نەۋائى كەمتەرلىكنى تەكەببۇرلۇققا قارشى قويىدۇ ھەم بۇنى ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق سۈپىتىدە تەكىتلەيدۇ. «ھەيراتۇل ئەبرار» ،«مەھبۇبۇل قۇلۇپ» ناملىق ئەسەرلىرىدە سېخىيلىق ،مېھرىبانلىق ،ۋاپادارلىق ،كەمتەرلىك ،مۇلايىملىق ،ساداقەتلىك ،راستچىللىق قاتارلىق ئىجابىي ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى مەدھىيلەيدۇ. مەردلىك ،سەمىمىيلىكنى مەدھىيلەيدۇ.
            ئەلىشىر نەۋائى ئىنسانىيەت ۋە ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئۆزىنى تاپمىغان ۋە ئۆزىنى يوقاتمىغان ئىنسان ماھىيەتلىرىنى تېپىش ،ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۈيلەش ،جۈملىدىن ،فېئۇداللىق زۇلۇم ،ئىنسانىي ۋە ئىرقىي ھاقارەت ،فېئۇداللىق ھاقارەتكە قارشى تۇرۇشتا گۈزەل ئىدىيىۋى مەزمۇنلار بىلەن سۇغىرىلغان ،يۇقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە مىسلىسىز زور ئەسەرلەرنى قالدۇردى. « بىر نەرسىنى جىددىي تەلەپ قىلغان كىشى ئۇنى جەزمەن تاپىدۇ»دېيىلگىنىدەك ،ئۇنىڭ پاك ،پارلاق ۋە پەيزلىك دىلىغا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر نەقش قىلىنغان ئىدى. ئۆتمۈش ئالىملىرى پىكىرلىرىنىڭ خۇلاسىلىرى ئۇنىڭ پىكىرلىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىر نەمۇنە ،كېيىنكى زامان ئالىملىرى پىكىرلىرىنىڭ پاكىزلىقى ئۇنىڭ پارلاق يۇلتۇز كەبى روشەن ئەسەرلىرىدىن بىر نىشاندۇر.   


پايدىلانغان مەنبەلەر:
1)«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» :مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل11-ئاي نەشرى
2)«يازغۇچىنىڭ غۇرۇرى» : «تارىم»ژۇرنىلى 2013-يىل 12-سان
3)«غەزەللەر» : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982-يىلى 1-ئاي نەشرى
4)«ئەلىشىر نەۋائى ئەسەرلىرى» : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىل11-ئاي 1-نەشرى
5)«مەجالسۇن نەفائىس» : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994-يىل 10-ئاي 1-نەشرى
6)زۇلمەت ئىچىدە نۇر» : شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى ،شىنجاڭ ئېلىكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى 2011-يىل 3-ئاي 1-نەشرى
7) «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009-يىل 8-ئاي 1-نەشرى
8)«مەكارىمۇل ئەخلاق» : شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى 2009-يىل 3-ئاي 1-نەشرى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 23:34  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-11 21:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ماقالە ياخشى چىقىپتۇ، خېلى ئويلاندۇرۇش كۈچى ھەم «نەپ» بىرىش ئىددىيەسى بار ئىكەن، ئوقۇپ ياقتۇردۇم. تەكلىپىم؛ ماقالە ئىچىگە قىسقا بولسىمۇ، نەۋائىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تىكىستلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسال قىلىپ ئالغان بولسىڭىز بۇ ماقالىنىڭ  قايىل قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى (گەرچە بۇ ئۇسۇل ماقالە يېزىشتا كونا بىر شەكىل بولسىمۇ)!
  ئىزدىنىشلىرىڭىزگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمەن.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش