يالغان ، مىكىر، قەھر بار!
ئىچسەم ، مەيلى، بېشىمنى
قىلىچلار كەسسۇن يار
ئىككى قېشىڭ جاللات تۇتقان
قىلىچ كەبى ئىگىلگەن...
دىلىم مېنىڭ ىبىر باغ ئىدى
دىلىم مېنىڭ بىر باغ ئىدى :
ئۇندا گۈللار ياشنار ئىدى،
مۇھەببىتىم ئۇلۇغ ئىدى،
بۇلبۇل بولۇپ ياشنارئىدى
گۈزۈلۈم، ئېيتتىڭ:‹ئەسىرلىكتە
قانداق سايرار بۇلبۇلۇڭ؟
قانداق گۈزەل! ئېيت، مەيلىمۇ
ئۈزۈپ ئالسام بىر گۈلۈڭ؟›
‹مەن بەڭباش ئىدىم، ياش ئىدىم،
ئشىنەردىم سۆزلەرگە،
گۈل ئەمەس،پۈتۈن باغ ساڭا!› دەپ
ئېيتتىم غەيۇر كۆزلەرگە.
زالىم، باغدا، لەۋدە كۈلكە
توزۇتۇڭ بارچە گۈلۈمنى،
ئانارىمنى سۇندۇردۇڭمۇ
ئوغۇرلاندىڭ بۇلبۇلۇم.
مەنبە: خۇرشىد دەۋراننىڭ ‹‹ قىرىق ئاشىقنىڭ دەپتىرى›› ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 23:58