يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1248|ئىنكاس: 36

ئاينۇرى: ئېھ سۆيۈملۈك يېتىم قوۋۇرغام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېھ سۆيۈملۈك يېتىم قوۋۇرغام

(بىر ئەرنىڭ تىلىدىن)

تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى

يۈرىكىڭدىن سۆيسەڭ، سۆيۈلسەڭ،
دىل بېغىمدا ئېچىلار گۈللەر.
مېھرىڭ بىلەن باقساڭ بىر قېتىم،
شادىماندۇر غەمخان كۆڭۈللەر.

سېنى گۈلگە ئوخشاتسام، گۈللەر،
پەسلى ئۆتۈپ سولىشار بىراق.
سەن قەلبىمدە سۇلماس قىزىلگۈل،
ئەقىدەڭدىن چاچقان خۇشپۇراق.

ئۇزلىقىڭنى ئايغا ئوخشاتسام،
خىجىل بولۇپ مۆكىۋالار ئاي.
ئىچى- تېشىڭ ئوخشاش ئۇز- گۈزەل،
گۈل چىمەندۇر ئىزىڭ چۈشكەن جاي.

چىۋەر قولۇڭ چىقتى كەشتىلەپ،
بۇ ھاياتنى مەناسى بىلەن.
ياشاپ كەلدىم ئەركىن، بەھۇزۇر،
يۈرىكىڭنى قىلىپ مەن ۋەتەن.

خۇمار كۆزۈڭ ئىلھام بۇلىقى،
شېئىر بولۇپ يېزىلدىڭ رەت-رەت.
ئېھ سۆيۈملۈك يېتىم قوۋۇرغام،
شائىرىڭ مەن سېنىڭ تائەبەت.


2014-يىلى 5-مارت، مايتاغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 20:09  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-6 20:41:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل شىئېر دىلنىڭ ھۇزۇرى دە .

ۋاقتى: 2014-3-6 21:17:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىۋەر قولۇڭ چىقتى كەشتىلەپ،
ھاياتنى مەناسى بىلەن.
ياشاپ كەلدىم ئەركىن، بەھۇزۇر،
يۈرىكىڭنى قىلىپ مەن ۋەتەن.

ۋاقتى: 2014-3-6 21:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى ھەدەمنىڭ شېئىرلىرىنى يەنە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن !

مېنى شەيتان دېيىشىدۇ
گۈلبەدەن نۇرى
سەن چىدامسەن مېنىڭ دەردىمگە
مەن چىدىدىم سېنىڭ دەردىڭگە
ئايال بولۇپ كېلىپ دۇنياغا
غىق بوغۇلدۇم يەنە قەرزىڭگە

يېتىم قوۋۇرغا دىيىشەر مېنى
ياكى شەيتان دىيىشەر مېنى
يېتىملەردەك ياشىدىم ھەيھات
شەيتانلاردەك ياشىدىم ھەيھات
بۇ ھاياتتا سۆيگەچكە سېنى

كىم سەن ئۆچۈن بولىدۇ شەيتان
كىم سېنى دەپ بولىدۇ ئايال
جەننىتىڭدىن يىراق بىر يەردە
كىم سەن ئۆچۈن سۈرىدۇ خىيال ..

بەختىم قارا ، قىسمىتىم قارا
بارسام ئەگەر سېنىڭ ئالدىڭغا
گۇناھىمنى كەچۈرگىن خۇدا ..


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 21:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-6 21:41:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىغا ئاياق باسقان، يېقىشلىق ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئاينۇرىغا مەدەت بەرگەن لالە، تۇرغۇن مىجىت، گۈلبەدەن قاتارلىق ئەزىزلەرگە ئالى ئېھتىرام بولغاي. سىلەرگە سالام.

گۈلبەدەن سىڭلىم يانداشما يازغان شېئىرنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئۆزگۈچە، ئۆزىڭىزگە خاس پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز بار. سىزگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-7 19:52  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-6 22:08:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulbeden يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 21:36
ئاينۇرى ھەدەمنىڭ شېئىرلىرىنى يەنە كۆرگىنىمدىن خۇشالم ...



ئايال دېمەك سۆيگۈ دېمەكتۇر،
مۇھەببەتتىن گۈزەلدۇر ئالەم.
سۆيۈپ يەنە سۆيۈلۈپ تۇرۇپ،
بەخت پەيزى سۈرىدۇ ئادەم.

بىر قولىدا تەۋرەتسە بۆشۈك،
بىر قولىدا تەۋرىتەر جاھان.
ئاڭا ھۆرمەت قىلىدۇ ھەتتا،
يۇرت سورىغان شەۋكەتلىك خاقان.

گەر بولمىسا زېمىندا ئايال،
قايسى كۈندە ياشايدۇ ئىنسان؟
رېمىستاننى قۇچاقلاپ بەلكىم،
مۇز قوينىدا قالىدۇ جاھان.


********************************

بەختىم قارا دېمىگىن زىنھار،
بەخت ئەسلى يېنىڭدىلا بار.
چاچلىرىڭنى سۆيۈپ ئەركىلەپ،
يەلپۈپ تۇرار ھەر كۈنى باھار.

گاھى دەيمىز شەيتان دەپ سېنى،
ئەركىلىتىپ بۇرنۇڭنى چىمداپ.
سەن ئەسلىدە يالقۇنلۇق گۈلخان،
يۈرەكلەردە كۆيگەن لاۋۇلداپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-7 08:32  


ۋاقتى: 2014-3-6 22:32:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى، گۈلبەدەن ھەر ئىككىلىڭلارنىڭ شېئىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئىجادىيىتىڭلارغا بەرىكەت يار بولغاي!

ۋاقتى: 2014-3-6 23:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئاينۇرى خانىم..بىر پىيالە شەربەت ئىچكەندەك ھۇزۇرلاندىم..مۇشۇ قەدەملەرنىڭ داۋاملىششىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2014-3-6 23:30:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 22:08
ئايال دېمەك سۆيگۈ دېمەكتۇر،
مۇھەببەتتىن گۈزەلدۇر جاھ ...

رەھمەت ھەدە،بەك خۇش بولدۇم ، ئاخىرىدىكى ئۆزۈمنىڭ نىسىۋەمدىن .. سىزگە ھېچنىمە بەرمەي تۇرۇپ سىزدىن ئىككى كۇبلىت گۈزەل شېئىر، ھەم گۈزەل تىلەككە ئېرىشكىنىم ئۆچۈن قانداق قىلاي ؟

بىر ئايالمەن، تۈنگە خۇمارمەن
گۈلبەدەن نۇرى
خۇمارىدۇر تۈن بىر ئايالنىڭ
كۆزى قارا بەختىمۇ قارا
بىلەلمەيسەن سانجىلدى نېمە
شۇ ئايالنىڭ يۈرىكى يارا


كۆز ياشلىرى لىغىلداپ تۇرۇر
جانۇ- جېنى جىغىلداپ تۇرۇر
يا ئوق تەگدى ، چۆلدە بىر كىيىك
جان تالىشىپ تىپىرلاپ تۇرۇر

شۇنچە تەمكىن، شۇنچىلىك جىمجىت
ئۇ ھاياتنى قىلىدۇ داۋام
بۈگۈن كېچە بەلكى بىر مەيدان
قىرغىنچىلىك بولىدۇ تامام
ئۇنىڭ چەكسىز چوڭقۇر ئىچىدە

ۋاقتى: 2014-3-6 23:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulbeden يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 23:30
رەھمەت ھەدە،بەك خۇش بولدۇم ، ئاخىرىدىكى ئۆزۈمنىڭ نىس ...

ئىچىڭىزدە گۈلخان بارمۇ قىز،
شىئېرىڭىز ئوت قىلدى مېنى،
ئوقۇپ - ئوقۇپ ئىقىپ كەتتىمغۇ،
بەزىدە بار، يوق قىلدى مېنى.
ئاي نۇرى، گۈلبەدەن ئوتتەك لاۋىلدىغان ئىلھاملىرىڭلار زىيادە بولسۇن، سىلەرگە گۈلدەك گۈزەللىك يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-3-7 11:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «يېتىم قوۋۇرغا»غا چىن ئىنسانى مۇھەببەت ، شىرىن تۇيغۇ ، ئىزگۈ تىلەك ، گۈزەل ئارزۇ –ئارمانلار سىڭگەندە ئۇ غول قوۋۇرغىغا ئايلىنىپ ئىنساننىڭ پۈتۈن تېنىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان مۇستەھكەم تىرەك بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى مەزكۈر شېئىردا خېلى رىئاللاشتۇرۇپسىز. كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ يارقىنلىق تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-7 12:04  


ۋاقتى: 2014-3-7 11:50:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بايرىمىغا قۇرۇق قول كىرمەپسىز،ئىجادىيىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەرىق ئۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-3-7 11:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تورداشلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇر ئالدۇق.مۇبارەك بولسۇن ئاينۇر...يىتىم قوۋۇرغىدىن ھۇزۇر ئالدىىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aydanix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-7 11:58  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-7 12:21:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 22:32
ئاينۇرى، گۈلبەدەن ھەر ئىككىلىڭلارنىڭ شېئىرىنى ياقتۇر ...

سالام ئەنۋەرجان. بۇ تىمىغا ئاياق بېسىپ ئىنكاسلىرىڭىزدا ئاينۇرىغا تىلىگەن ئىزگۈ تىلەكلەرگە تەشەككۈر.سىزنىڭمۇ ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-7 12:22:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.م.كارۋانى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 23:22
مۇبارەك بولسۇن ئاينۇرى خانىم..بىر پىيالە شەربەت ئىچكەن ...

سالام كارۋانى. خۇش كەپسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش