مەن مۇنداق ئوقۇپ باقتىم، خانىم:
ئانامغا تىلەك
توختەم ئىمىن
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا،
ئاق بېشىڭدا سويلىسۇن قۇياش.
ئايىغىڭنى سۆيسۇن ئاھ، تاغلار،
يالقۇنىڭدا ئېقىن ياساپ تاش.
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا،
كۆزلىرىڭدىن ئەگىمىسۇن ياش.
تىلەكلىرىڭ ئەجەپ كۆپ سېنىڭ،
قېرىساڭمۇ ئۇلار يۈرەر ياش.
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا،
ئايىغىڭدا مېنىڭ جەننىتىم.
تامايىڭ يوق مەندىن، دۇنيادىن...
بىر سەن ئۈچۈن سوقار يۈرىكىم.
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا،
مېھرىبانىم ھاياتىڭ-بەختىم.
سەن دۇنيادا يىگانە گۈزەل،
قەلبىمدىكى ئۈز، بۈيۈك تەختىم.
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا،
تەبرىكلەيمەن يەنە مىڭ قېتىم.
ئويلىمىغىن بالا-چاقاڭنى،
ئۈزۈڭ ئۈچۈن ياشا بىر قېتىم!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تارال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-6 19:41