يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 7

مۇنداق بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسى بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنداق بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسى بار
  


خې يىڭ (خەنزۇ)



ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى



يىراقتىكى يەكەن دەريا ئېقىنىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىدا ياسىنجان سادىق ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يازغۇچى بار، ئۇ يېقىندىن بۇيان يازغان ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ئاتاقلىق يازغۇچىغا ئايلاندى. ئۇ تەۋەللۇت قىلغان يەكەن - قەدىمكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولۇپ، خانلىقنىڭ خانىشى «دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» بولغان ئون ئىككى مۇقامنىڭ رەتلەپ توپلىغۇچىسى ئاماننىساخانمۇ مۇشۇ يەردە دۇنياغا كەلگەن. بۇ تارىخى ئۇزۇن، ئىنسانلار مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن سىرلىق تۇپراقتا كاتتا سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بۆلىشى تەقدىرگە پۈتۈلۈپ كەتكەندەك ئىدى.

«تاۋۇس ئەللىيىن» دە يۇمۇرلۇق كىنايە قىلىش يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئارقىلىق بىر ئېشەك بىلەن بىر خۇشامەتچى ئادەم تەسۋىرلەنگەن. ئالدىنقىسى تەساددىپى بىر پۇرسەتتە بوياق ئىدىشىغا چۈشۈپ كېتىپ، تۈكى رەڭگارەڭ بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇ ئورمانلىققا بۆسۈپ كىرىپ، قورقۇنچلۇق ھاڭراپ ھايۋانات پادىشاھى يولۋاسنى قورقۇتۇۋېتىدۇ، جىمىكى ھايۋانلار ئۇنى تەڭداشسىز ھايۋانات پادىشاھى قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ؛ خۇشامەتچى ئادەممۇ يالاقچىلىق قىلىشقا تايىنىپ، ئىدارە باشلىقلىق ئورنىغا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ؛ ئويلىمىغان يەردىن بىر قېتىملىق قاتتىق يامغۇر ئېشەكنىڭ رەڭگارەڭ تۈكلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىدۇ، ئالدانغان ياۋايى ھايۋانلار ئېشەكنى پاك-پاكىز يەۋېتىدۇ؛ ئەمما چىرايدىن دائىم ساختا كۈلكە كەتمەيدىغان ئىدارە باشلىقى بىر كىچىك كۈنلۈك كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، بىر كېچىككىنە كۈنلۈك ھەقىقەتەن ھەممىنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان قاتتىق يامغۇرنى توسۇپ قالغان ئىدى. يازغۇچى مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىر كۈنى ھەرقانداق كۈنلۈكنى تېشىپ ئۆتكۈدەك شۇنداق بىر قۇدرەتلىك يامغۇر ياغىدۇكى ئاي - ھاي...  يازغۇچىنىڭ بىر بۆلەك ئېشەكنى، بىر بۆلەك ئادەمنى يېزىشتىكى كىنايىسى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ئاچچىق مەسخىرە ۋە يۇمۇر بىرلىشىپ، تازا پۇخادىن چىقىش ئۈنۈمىگە يەتكەن.

ئۇيغۇر مىللىتى 11-ئەسىردىلا «تۈ*ركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» تەك كاتتا ئەسەرلىرى بار مىللەت، «قۇتادغۇ بىلىك» چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، كېيىنكى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۆلچەرلىگۈسىز رول ئويناپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى ئىپادىلەش شەكلى ۋە مەنىۋى مەزمۇنىغا ئاساس سالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمدارلارغا ئادالەت، يورۇقلۇق، بىلىم جەھەتتىن پەند-نەسىھەتلەر قىلىش تەدرىجىي ئاڭسىز رەۋىشتە كوللېكتىپنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئايلانغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ مۇشۇ تۈردىكى مەنىۋى تەپسىلاتلارنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەشتىكى مەركىزى ئىماگقا ئايلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «تاۋۇس ئەللىيىن»-مۇشۇ تۈردىكى يېزىقچىلىقنىڭ ئۇزارتىلىشى. ئادەمنى ھەيران ۋە خۇشال قىلىدىغىنى، يازغۇچى زامانىۋى، يېڭىچە ئۇسلۇب ئارقىلىق، ئۆز ھېسسىياتنى ئاشكارىلىماي، چۈشىنىشلىك، بىۋاسىتە ھالدا ئۆزىنىڭ تەنقىد تالانتىنى ئىپادىلىگەن. ياخشى يازغۇچىلار مول تەتقىقات بوشلۇقى تەمىنلىگەنگە ئوخشاش،ياسىنجان سادىقنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئىلمىنېتلار ناھايىتى نۇرغۇن. «تاۋۇس ئەللىيىن» چۆچىكى ئەسلى ئەرەبلەرنىڭ «چىلبۆرە بوياق تۇڭىغا چۈشۈپ كەتسىمۇ يەنىلا توز بولالماپتۇ» دېگەن ماقال-تەمسىلىدىن كەلگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇرۇنقى چاغلاردىكى ئەرەبلەر بىلەن پارسلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى بىلەن تونۇش كىشىلەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پامۇكنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» نى كۆرگەندە ئۇنىڭ بايان قىلىش ئۇسلۇبىدىن ئازراقمۇ ھەيران قالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاشۇ خىل ئەرەبلەرچە تەپەككۇر ئەندىزىسىدە پەيدا بولغان ئىپادىلەش، يۇمۇرلۇق ھەم تەسەۋۋۇر روھىدىكى بايان تەپسىلاتىنى «مىڭ بىر كېچە» بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. ھەمدە ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ھەتتا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن بۇ خىل ئىزنانى بايقىغىلى بولىدۇ. بىر ئىنتىلىشچان يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياسىنجان سادىق بىر تەرەپتىن ئاڭلىق ھالدا ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى ئەدەبىياتىدىكى كۆپ خىل ئەندىزە ئىچىدە ژانىر جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشتى.

ياسىنجان سادىقنىڭ يېقىندىن بۇيان يازغانلىرىدا ئۆتكۈر، ئاچچىق تەنقىد تالانتى ئېشىپ بارماقتا. «قۇرۇپ كەتكەن دەريا» - بىر مەيلى ھېكايىچىلىق ماھارىتى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بولسۇن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئېكولوگىيە ئېڭى جەھەتتىن بولسۇن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاز ئۇچرايدىغان سەرخىل ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھېكايە 1997-يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلىپ، كىشىلەر تالىشىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرگە ئايلانغان. خەنزۇ تىلىدىكى ھېكايىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىلىق، ياغلىمىچىلىق قىلىدىغان ساپ شەكىللىك ئىنتىلىشتىكى ئېستېتىك قىزىقىشقا سېلىشتۇرغاندا،  ياسىنجان ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل پاش قىلىش، تەنقىد قىلىش جاسارىتىنى نامايان قىلدى. ھېكايىدە قوتاندۆڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىلۋەت كەنتتىكىلەر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىر «يېرىم دەريا»نىڭ سۈيىنى ئىچەتتى، ئەزەلدىن سۇدىن غەم قىلمايتتى. تۇيۇقسىز بىر كۈنى، سۇ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى كەنتتىكىلەر يېقىندا چاپقان سۇ ئېلىش ئۆستىڭىنى تىندۇرۇپ، يىراقتىن باشقا بىر سۇ ئېلىش ئۆستىڭىنى چېپىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، قوتاندۆڭلىكلەر سۇ ئىشلىتىشتە پونكىت باشلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا چۈشۈپ قالىدۇ، قوتاندۆڭلۈكلەرنىڭ سۇ تىلەپ ئىچىدىغان ھاقارەتلىك كۈنلىرى باشلىنىدۇ. پونكىت باشلىقىنىڭ قوپال، يولسىزلىقىغا قارشى چىققان پېشقەدەم سېكىرىتار مۇسا بىر تەرەپ قىلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، يېڭى سېكىرىتار توختىماي پارا بېرىپ، ئۆز ئائىلىسىدىكى سېمىز قوي، ئۆكىزىنىمۇ بىر-بىرلەپ ئاپىرىپ بېرىدۇ.پونكىت باشلىقىمۇ نەچچە قېتىم كېلىپ يەپ-ئىچىپ كېتىدۇ، ھەتتا كەنتتىكى بالىلارمۇ ئۇلارنى ماشىنىلىق قەلەندەرلەر دەپ ئاتىشىدۇ. ئەمما قوتاندۆڭدىكىلەر يەنىلا سۇ ئىچەلمەيدۇ، ئادەملا ئەمەس تۆۋەنكى ئېقىندىكى توغراقلىقلار، ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارمۇ دەريا سۈيى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن ئۇ يەرلەرگە ئېقىپ بارالمىغانلىقتىن قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەھۋال ئاخىرىدا يېزا باشلىقىنىڭ كېۋەز ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى مەجبۇرى كېڭەيتىشى بىلەن زىددىيەت يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، بىنەم ئاچىدىغان قوشۇن توغراقلىقنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. بىراق دەل مۇشۇ چاغدا، يەر جاھان زىلزىلىگە كېلىپ ھاۋا قاتتىق گۈلدۈرلەپ، ئاسماندىن چېلەكلەپ يامغۇر قويۇۋېتىدۇ، بارلىق كىشىلەر قىشتا قاتتىق سوغۇقتا ھاۋا گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغقانلىقىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاچقا ھەيران بولۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ.

-ھۇ، ئۆلگۈر يامغۇر،-دېدى پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولاشقان يېزا باشلىقى،-ئاۋۋال ئارام ئېلىپ، يامغۇر توختىغاندىن كېيىن كۆپرەك ماي چېچىپ ئاندىن كۆيدۈرەيلى.

لېكىن قايتا ئوت قويۇش پۇرسىتى بولماي قالىدۇ. تۈن كېچىدە سۈت ئۇيقۇسىغا چۆمگەن قوتاندۆڭلۈكلەر ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. يېزا باشلىقىنىڭ قوماندانلىق چېدىرى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىدە قالىدۇ. ئوت كەتتى، تېز بېرىپ قۇتقۇزايلى، سۇ! سۇ! سۇ! كىشىلەر داس، چېلەكلىرىنى ئېلىپ دەريا تەرەپكە يۈگرەيدۇ، بىراق دەريادا بىر تېمىممۇ سۇ يوق ئىدى، دەريا ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان ئادەم سۇنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان ئادەم سۇنىڭ قىسلىقىنى بىلمەيدۇ. سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، سۇنىڭ شىنجاڭ زېمىنىنىڭ مەدەنىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ تەپسىلاتىنى پەقەتلا مۇشۇ تۇپراقنىڭ ئاستىدىكى كىشىلەر تولۇق بىلىدۇ. كروران، نىيە، لوپنۇر كۆلى قاتارلىق تارىختا مەۋجۇت بولغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يوقىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئىزىنى ئەمدى تاپقىلى بولمايدۇ. كىشىلەر پەقەت پارچە-پۇرات مەدىينەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سۇنۇقلىرىنى قۇراشتۇرۇپ تارىخ خاتىرىسىنى يازماقتا. بۇ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلەرنى، بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ تۇيۇقسىز سىرلىق يوقاپ كېتىشىنى كىممۇ سۇ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دېيەلەيدۇ؟ بىر سۇ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ سۇ باشقۇرۇش خادىمى بولغان ياسىنجان سادىقنىڭ سۇغا بولغان مۇھەببىتى ۋە تونۇشى باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن چوڭقۇر بۆلىشى مۇمكىن. خىزمەت مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئۇ سۇ ئېلىپ كېلىدىغان ھاياتلىق كرىزىسىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان بېسىم تۇيغۇسى ۋە تەشۋىشىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىنلا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز ماكان. ياشاش ۋە تەرەققىياتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، سەللا مۇۋاپىق بولمىغان تەدبىر قوللىنىلسا ئېكولوگىيىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆڭقوتاندىكىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئېكولوگىيە ئىلمى بىر خىل ئادەتتىن تاشقىرى ئەتۋارلىق ئىلىم، يېڭى ئىدىيە فورمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەت بىلىم سىستېمىسىدىكى يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسىغا رەسمىي ئايلاندى. لۇكېت قەيەردە ئېكولوگىيە ئېڭى بولمىسا شۇ يەردىكى كىشىلەر ھالاك بولىدۇ دېگەن ئىدى. بۇ بىر ئاڭ قەدىمدىن تارتىپ بار بولغاچقا بىر ئۈچ ياشلىق بالا بىر تال كۆچەتكە سەۋەبسىز زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئۇيغۇرلار يېشىللىقنى، ھاياتلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، مەيلى قانداق جايغا بارسۇن دەرەخ تىكىپ گۈل تېرىيدۇ. ئۇلار مېۋىلىك باغ، گۈللۈك نامى بىلەن جايلارغا ئىسىم قويىدۇ. مۇھىت ئېڭى تىلغا ئېلىنسا، ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش بۇنى ھاياتلىق ئېڭى بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئاڭ قاتارىدا قويىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت جۇغراپىيە ساھەسىدىكىلەر مۇنداق بىر ھېكايىنى بىلىدۇ. قىزىل قاغا تاش ئۆڭكۈرىدە يىل بويى قۇم بوران يېغىپ بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. ئىچىدىغان سۇنىمۇ 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن ئېلىپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى. بىراق غارنى ساقلاۋاتقان راخمان ئامۇت نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ھېچكىم ئۇنداق قىلىشقا بۇيرۇمىغان بولسىمۇ، ئۇ ئىككى تۈپ دەرەخ ئۆستۈرىدۇ، بۇ ئىككى تۈپ دەرەخنى قۇرىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىدۇ. كۆچەتلەر ئاخىرى تۇتۇپ كۆكلەيدۇ. راخماننىڭ ئايالىمۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، كۆچەتنىڭ ئەتىسى قانداق بولىدۇ، راخمانغا بۇنىسى قاراڭغۇ، ئەمما ئۇ بىر كۈندە 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا نۇرغۇن قېتىم بېرىپ سۇ ئېلىپ كېلىشنى قىلالايدۇ. شىنجاڭدا مۇنداق ھېكايىلەر ناھايىتى نۇرغۇن.

«قۇملۇق» يەنە بىر مۇشۇ تېمىدىكى پوۋېست، پوۋېست ئىككى لىنىيىگە سىڭدۈرۈلگەن، بىر لىنىيە يېزىدىكى ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن كەنت شۇجىسى قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش، زوراۋان كۈچلەر بىلەن قارشىلىشىش، يەنە بىرسى ئۇنىڭ(ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ) دېھقانلار بىلەن قۇملۇققا كۆچەت تىكىپ باغ بەرپا قىلىش، قۇملۇقنى كۆكەرتىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى يىپ ئۇچى ئاخىرىدا بىرلىشىپ كېتىدۇ: ھاكىمنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇ دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە مېۋىلىك باغنى قوغداش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. پوۋېستتا تەقدىر بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، دەۋر پۇرىقى مول بولغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان، مۇنداق ئوبراز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئانچە كۆپ ئەمەس.

«جاللات خېنىم» ياسىنجان سادىقنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەسىرى. ئۇ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئىنكاس ياخشى بولۇپ، قايتا نەشر قىلىنىپ سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بۇ تارىخى تېمىدىكى روماندا، 18-ئەسىردىكى يەكەن خانلىقىنىڭ خانىشى مۆھتەرەمنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن. مۆھتەرەم خانىش «جاللات خېنىم» دەپ نام ئالغان بولۇپ، مۆھتەرەم خانىشنىڭ مىجەزى ئاسان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە زېرەك، گەرچە تارىخ كىتابلىرىدا بۇ ھەقتىكى تارىخى خاتىرىلەر ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ياسىنجان سادىق ئالاھىدە تالانت بىلەن بۇ ئوردا ئايالىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تارىخىنى ھەقىقى ئىشەنچلىك يېزىپ چىقىپ سېھرى كۈچكە ئىگە قىلغان.

نۆۋەتتە، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ياسىنجان سادىقنىڭ ئاخىرقى پەللىسى بولۇپ قالمايدىغانلىقىغا، مۇشۇنداق مىللىي روھنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يىلتىز تارتقان، غايىۋى ھېسسىياتقا ئىگە، رېئال جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋە قايناق ھاياجانلىق ھېسسىياتقا تويۇنغان يازغۇچىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ كۆپ، مۇھىم، مول ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-29 19:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىمىز ياسىنجان سادىق چوغلانغا سالامەتلىك ۋە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر يار بولغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-11 00:39  


ۋاقتى: 2015-3-29 21:55:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«...ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى بىلەن تونۇش كىشىلەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پامۇكنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» نى كۆرگەندە ئۇنىڭ بايان قىلىش ئۇسلۇبىدىن ئازراقمۇ ھەيران قالماسلىقى مۇمكىن».
بۇ پىكىر سەل ئاشۇرىۋېتىلگەندەك ھېس قىلدىم. «بايان قىلىش ئۇسلۇبى» دېيىلگەنىكەن،ئۇ يېڭى يول بولىدۇ. يېڭى يول يول ئاچقۇچىدىن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ (تاكى تەپەككۇر ئېڭىغا ئۆزلەشكىچە).
نۆۋەتتىكى  ئۇيغۇر ئەدىبلىرى («ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن تونۇش»لىقى نوقتىسىدىن چىقىپ،ئەدىب دەپ تۇرساق) دۇنياۋىي سەۋىيىدىكى بىر ئەسەرنىڭ  بايان قىلىش ئۇسلۇبىغا ھەيران قالمىغىدەك مەنىۋىي ساپانى ھازىرلىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن( ھېچبولمىسا،بۇ نوقتا يورۇق تەرەپكە يۈزلىنىش باسقۇچىدا،دەپ تونۇيمەن).
ئەمما،ياسىنجان ئاكامنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە بىر قەدەر سېستىمىلىق يېزىلغان بۇ تەسىراتتىن خۇشال بولدۇم. تىلماچ ئابدۇجاببار ھامىدىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ئاغدۇرغان بۇ تەسىراتتىن ۋاقىپلىنىپ،سۆيۈندۈم.بولسا،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە ئەسەرنىڭ كېلىش مەنبىئىنى ئەسكەرتىپ قويسا،دېگەن ئۈمىدتە مەن.

ۋاقتى: 2015-5-10 19:34:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنمۇ بەكلا قايىل بۇ يازغۇچىغا. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2015-6-23 10:30:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىشلىرى يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن،ئاخىرىدامەنمۇ ياسىنجان ئۇستازغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆرۈر ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس ئۇتۇقلارنىڭ يار بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن...

ۋاقتى: 2015-6-23 13:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جاللات خېنىم»نى ئوقۇغاندىن كېيىن ياسىنجان ئاكامنىڭ ئىستىداتىغا ئاجايىپ قول قويغان ئىدىم...يازغۇچىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-6-23 16:39:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلام-ھەممىمىز بىلىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى!

ۋاقتى: 2015-6-23 16:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى تەرجىمە قىلغۇچى ھەم مۇنبەرگە يوللاپ بەرگۈچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش