يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 293|ئىنكاس: 0

ئابدۇۋەلى ئەيسا ۋاپايى: ئىككى غەزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇۋەلى ئەيسا ۋاپايى

1
جانان ياندى بولۇپ يۇلتۇز ئۇنىڭكى مەيلىگە كىرگىن،
ئىشىق شۇنداق يامان قاينام ئېقىنى، پەيلىگە كىرگىن.
ناۋاسى يوق گۈلىستاننى قۇچاقلاپ ياتقىنى غەپلەت،
راۋابىڭنى ئېىپ قولغا دەشتتە سەيلىگە كرگىن.
كۆيۈپ دۇنيا كېچەلەردە خۇمار قىلسا ۋۇجۇدۇڭنى،
قارا بوستان، ئىپار رەيسان، قازاقۇ-لەيلىگە كىرگىن.
يېشىڭغا سەن يېقىپ گۈخان، قىيامەتنى قىلىپ سەرسان،
يېنىپ كەلسە ئاشۇ شەيتان، ھوزۇرنىڭ ئەينىگە كىرگىن.
ئاتەشلەرنى قىلىپ كۈلدەك ئالەمگە سەن كۈلۈپ چېچىپ،
قېنىپ قالسا ئەگەر بۇ ۋەلى، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگىن.
2
كۆڭۈلنى مەن قىلىپ ياقا، كۆزۈڭدە بىر يىرتاي دەيمەن،
ئۈزۈپ تۈگمە، تۆشۈكلەرنى ئۆلۈمنى بىر تېتاي دەيمەن.
پايانسىز چۆل-جەزىرەڭدە مۇقامىمنى نىگار ئەتتىم،
يېقىپ باغرىمنى بارخانغا كېچە-كۈندۈز ياتاي دەيمەن.
يېشىمنى بىر ئېقىن قىلسام تېشىپ كەتسە جىمى دەريا،
ھالىمنى كۆر دېڭىزلارغا ئۆزۈمنى بىر ئاتاي دەيمەن.
سېنىڭسىز باغ چۆلىستاندۇر، نېيىمنى مەن قىلىپ سەۋدا،
غېرىبلىقنى سەھەر، ئاخشام كۈيلەرىمگە قاتاي دەيمەن.
كۆڭۈلنى يار قىلىپ جۇل-جۇل، ئۇدۇل بېرىپ قىيامەتكە،
سېنىڭ ئاتەش بازارىڭدا، ۋاپايىنى ساتاي دەيمەن.
2013-يىلى 10-مارت، ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 11:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش