كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 0

ئەكبەرنىياز پەتتارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pettari.jpg

ئەكبەرنىياز پەتتارىنىڭ تەرجىمىھالى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان قايناق ھېسىيات، ئويناق تىل بىلەن يۇغۇرۇلغان «ئۈزۈلمەس ناخشىلار»، «خيالچان گۇگۇم»، «سۇنۇق ئابىدىلەر»ناملىق چاتما لېرىكىلىرى؛«ئاشىق دىلنىڭ سۆزى ئوتتۇر»، «تاغدا قالغان نەپەسلەر»قاتارلىق ھېكمەتكە باي غەزەللىرى؛«كاسىدا چېقىلغان چاقماقلار»سەرلەۋىسىدىكى رۇبائىيلىرى؛ «پەرۋازنامە»، «قىسمەت ۋە خىسلەت»، «يىتىم قوۋۇرغا»دەك داستان، باللادالىرى؛«ئاتىلار ھەققىدە ئىزتىرابلىق ئويلار»، «تېلېۋىزور ئېكرانىدىن رىئاللىققىچە»سەرلەۋىسىدىكى ماقالىلىرى؛ «شېئىر ئەسلىگە، شائىر ئۆزىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ»، «نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ساقلنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر» قاتارلىق ئوبزور-تەقرىزلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ياش شائىرئەكبەرنىيازپەتتارى1964-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى قەدىمىي مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتەش دىيار-تۇرپاننىڭ يار يېزىسىدا تۇغۇلغان.باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يار يېزىسىدا تاماملاپ،1983 -يىلى9 -ئايدا شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگۇ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.1987-يىلى7-ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، تۇرپان شەھەرلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.1988 -يىلى يانۋاردىن ھازىرغا قەدەر «تۇرپان گېزىتى»ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئەكبەرنىياز پەتتارىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا باشلانغان بولۇپ، «ئاقسۇئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ1983-يىللىق3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «تىلەك»ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەندىن ھازىرغىچە «تۇرپان»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، قەشقەر»، «كروران»قاتارلىق ژۇرناللاردا 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان.بۇلاردىن «تىلسىم مەكتۇپلار»، «كىم ئۇ تۇرغان چېچىمنى سىلاپ»قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى نەشر قىلغان «ئوتلۇق تىلەكلەر»، «ئاتەش نەپەسلەر»، «قەشقەردىكى يەر شارى»قاتارلىق كوللېكتىپ شېئىر توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئەكبەرنىياز پەتتارى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش شائىرلار ئىچىدە شېئىر يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئېسىل نەمۇنىلىرىدىن بولغان غەزەل، مۇخەممەس، رۇبائىي ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ كەلدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدار شائىرلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نىمشېھىت، شۈكۈر يالقىن، تېيىبجان ئېلىيۇپ، ئابدۇكېرىم خوجا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ نادىر غەزەللىرىگە تەخمىس يېزىپ ئېلان قىلدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر غەزەللىرىگە يازغان «تەخمىسلەر»ناملىق شېئىرى بىلەن «نورۇزدىكى ئەستىلىكلەر»ناملىق ئۈچ غەزىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  نوپوزلۇق مۇكاپات بولغان «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە «ئاقيول» شېئىر مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا نائىل بولدى. ئۇندىن باشقا «قىزىل گۈل بولۇپ ھويلاڭغا ئۈنسەم»، «ھىجران كېچىسى»، «بۈگۈنكى بالىلار» ناملىق شېئىرلىرىمۇ «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرناللىرى شىنجاڭ بويىچە ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك شېئىر مۇسابىقىلاردا1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بىر قىسىم شېئىرلىرىغا تەقرىز، ئوبزورچە ماقالىلار يېزىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.شائىر1995-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «يېڭى دەۋر تۇرپان ئەدىبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر ئاپتور» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. تەرجىمىھالى ۋە ئىجدىيەت ئەھۋالى1990 -يىلى نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ھازىرقى زامان ياش يازغۇچىلىرى قامۇسى» دا تونۇشتۇرۇلدى.2010-يىلى12-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى ئۇنىڭ190 پارچىدەك ئارۇز، بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان «يۈرەك يىلتىزى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدى.ئەكبەرنىيازپەتتارى1989-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 02:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش