سۆزمەنلىك
ئۇيغۇر خەلق لاپلىرىدىن)
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىچى پۇشقان بىر يىگىت مەھەللىنى ئارىلاپ كېتىۋاتقاندا ، ئېشەككە يۆلىنىپ تۇرغان بىر ئاز قىچىقى بار چوكان ئۇنى گەپكە سالماقچى بوپتۇ -دە :
-ھەي يىگىت ، بەك تېز مېڭىپسىز پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك -دەپتۇ .
ھېلىقى يىگىت دەرھاللا ئۇنىڭ نىيتىنى چۈشىنىپ :
ھە، ئېشەككە يۆلىنىپ تۇرۇپلا قاپلا سۇلىشىپ قالغان خوخۇدەك -دەپتۇ .
-ۋىيەي ، بۇ يىگىتنىڭ گېپىدىن ئۆرگىلەي ، بۇرۇتىنى دىڭگايتىۋاپتۇ جىگدىلىكىتكى شوىۇدەك، - دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ چوكان .
ھە بەك ئالدىراپ خوشلۇقلىرىدا ھىڭگايمىسىلا ئۈكلۈۋەتكەن چوقىدەك ، - دەپتۇ يىگىت .
-ھەي نىمانچە بۇيۇڭ ئۇزۇن ، كاردىن چىققان سوقىدەك، - دوپتۇ چوكان .
بۇيۇمنى دىسىلە چىناردەك ، بۇينۇمنى دىسلە يېڭى جۇۋازىنىڭ ئوقىدەك ، -دەپتۇ يىگىت .
چوڭچىلىق قىلما ، ئەينەككە قارا ، كۈرىنىسەن خۇددى دوقىدەك ،- دوپتۇ چوكان تىرىكىپ .
-ۋاي خېنىم ، كىمنى كورسىلە چاپلىشىۋالمىسىلا ، كۇرۇك تۇخۇنىڭ پوقىدەك ،-دەپتۇ يىگىت .
گەپتە يىگىتكە تەڭ كېلەلمىگەن ھېلىقى چوكان رەللە بۇلۇپ ، ئۆيىگە مېڭىپتۇ غىپپىدىلا موكىدەك . يىگىتمۇ بەخارامان ھالدا يولىغا راۋان بۇلۇپتۇ كۈچكە تولغان بۇقىدەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-4 00:55
|