يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 6

خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت ياقۇپ ئگىلىك تىكلەش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىگىلىك تىكلەش لېكسىيەسى(ھەقسىز)
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18:30 دا ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
http://v.youku.com/v_show/id_XNjYyMTQ0MDk2.html

لېكسىيە تەپسىلاتى
غايە، رېئاللىق، ساۋاق
كېرمىنىي جىلغىسىدىكىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرى
كالفورنىيە كېرمنىي جىلغىسى—
                    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بۆشۈكى
"تۈر ئىزدەش"
"خادىملار قوشۇنى قۇرۇش"
"مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش"
لېكسىيە ۋاقتى:
2014-يىلى 3-ئاينىڭ7-كۈنى(جۈمە)
ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18:30
لېكسىيە بەرگۈچى:
قۇدرەت ياقۇپ - ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، لىدىرى، مۇدىرىيەت باشلىقى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (HarvardUniversity)نىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدائىشلىگەن، ئامېرىكىنىڭ كېرمىنى جىلغىسىدا ئىگىلىك تىكلىگەن، مول مەبلەغ سېلىش ۋەكارخانا باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، يابۇلى جۇڭگو كارخانىچىلار مۇنبىرى(亚布力中国企业家论坛)نىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسىسى.

ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى
ئادىرىسى:ئۈرۈمچى شەھرى ئىتتىپاق يولى 389-نۇمۇر خەلقئاراتاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 4-،5-قەۋەت
0991-2887000
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 22:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-4 12:23:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خارۋارد ئەركىسى دېگەن گەپ مۇبالىغە بولۇپ قاپتۇ. ئاران تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئادەمنى خارۋارد ئەركىسى دېسەك دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغانلارنى نېمە دەيمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدرەت دېگەن بۇ بالا خارۋاردتا ئوقۇغان بىردىنبىر ئۇيغۇر ئەمەس-تە.

مۇشۇنداق پو، يالغانلارغا قۇدرەت سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.

ۋاقتى: 2014-3-4 12:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىيىنرەك ئاڭلاپ باقامەن

ۋاقتى: 2014-3-4 16:47:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ماس كەلمەدىكەن  كەچۈرۈڭ

ۋاقتى: 2014-3-4 16:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى كىم قەيەرنى ئوقۇسۇن ياكى قايسى ئۇنۋاننى ئالسۇن ئۇنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان نەرسە نەتىجە. قۇدرەت ياقۇپ چەتئەل ئېتىراپ قىلىدىغان مۇتەخەسىسكە ئايلانغانىكەن بىز ئۇنى ئەركەك دىيىشكە ھەقلىق،  ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزنى سۆيۈندۈردى.بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىگىلىك تىكلەش تەرەپدارلىرىنى قوللاش، مەدەت بېرىش مۇھىمدىن مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2014-3-4 18:27:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت ياقۇپ ئگىلىك تىكلەش توغرىسىدا لېكسىيە سۆز

   بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ . ئىقتساتقا دائىر لېكسىيەلەرنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلىشىنى ، دىيارىمىزدىن داڭلىق ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ، بولۇپمۇ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك كارخانىچىلار ۋە شىركەتلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن . ھازىرقى رېئاللىقتىن قارىغاندا، خەلقىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان چۈشەنچىسى بەكلا چولتا . دۇنيا نەگە كېتىۋاتىدۇ ؟ بىز نەگە كېتىۋاتىمىز ؟ بىز نېمە ئويدا ؟ باشقا ئەللەر نېمە كويدا؟... بۇ ھەقتە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزمەي بولمايدۇ . 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى ( پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ) ھەققىدە ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ 2- يۈرۈش قانىلى بەك ئەتراپلىق ھەم تولۇق خەۋەرلەرنى بەرگەن . شۇ چاغلاردا ھەتتا 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي خەۋەر بەرگەن . دىيارىمىزدىكى تارتقۇلارچۇ ؟ ئۇلار يەنىلا شۇ ئاق كېسەل ئېلانى بىلەن مەشرەپ پروگراممىسنى كۆرسىتىپ يۈردى . پۇل - بايلىق ئۇيغۇرغىمۇ يارىشىدۇ . بىزگە ناخشا -ئۇسسۇل ، ئەدەبىيات -سەنئەتمۇ كېرەك ، ئەمما ئىقتىساد ۋە پۇل-مال تېخىمۇ كېرەك . چۈنكى ، « قورۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ » ئەمەسمۇ؟! مانا ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئىقتىساد ۋە پاي چېكى ھەققىدىكى چۈشەنچەمنىڭ تولىمۇ يۈزەكى بولۇشى سەۋەبلىك ، 2008- يىلى جۇڭگو پاي چېكى بازىرىغا 100مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ھازىرغىچە مەبلەغنىڭ دېرىنى قايتۇرىۋالالماي يۈرىۋاتىمەن . كېيىن  ھېس قىلسام ،  بۇ  پاي چېكى دېگەن  يۈزى ئېچىلمىغان قىزدەك بەك نازۇك نەرسىكەن . ئۇنىڭ ئۆسۈش - چۈشىشى، خۇي -پەيلى بەك جىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەمما مەن بۇ سودىدىن زىيان تارتقىنىمغا ئازراقمۇ ئۆكۈنمەيمەن . چۈنكى مەن بۇ جەرياندا «تەجرىبە» ئاتلىق قىممەتلىك بايلىققا ئېرىشتىم . مېنىڭچە ، ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇشايمىنى - پۇشايمان قىلغۇدەك  بىرەر ئىشنىمۇ قىلالمىغانلىقى بولسا كېرەك . ئەسلىي تېمىغا قايتىپ كەلسەك ، بىزگە ھازىر ئقتىسادقا ئائىت  رادىيو -تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ، داڭلىق شىركەتلەر ، داڭلىق كارخانا ھەم كارخانىچىلارنىڭ مۇۋەپەققىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلار ، لېكسىيە-مۇنبەرلەر ھاۋادەكلا زۆرۈر . بۇنداق پروگرامما ۋە كىتابلار بىزدە يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە . ئەمما يېتەرلىك ئەمەس . تاراتقۇلىرىمىزدا ھەم كىتابخانىلىرىمىزدا چوقۇم خەلقىمىزنى ئويغا سالالايدىغان ، روھىمىزنى سىلكىيەلەيدىغان ، بىزنى ئورۇنسىز زىياندىن ساقلاپ قالالايدىغان جەۋھەر پروگراممىلار ۋە نادىر كىتابلار بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، تاھىرخالىقنىڭ قارىشىچە ، دۇنيانى تۆت تۈرلۈك نەرسىلا ئوڭشىيالايدۇ ھەم گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ :  دىن ، ئەدەبىيات ، مائارىپ ۋە ئىقتىساد .   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-4 18:30  


ۋاقتى: 2014-3-4 20:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئوقىغان مەكتەپنى پەش قىلىدىغان، قولىدىن ئەلگە ھېچ نەپ كەلمەيدىغانلاردىن باشلانغۇچتا ئوقىسىمۇ توخۇ بېقىپ تۇخۇم تۇغدۇرغانلارنى ياقتۇرىمەن! ئىملا توغرىسىدا سۆزلەيدىغانلاردىن گەپ قىلماي كېلىپ تۈزۈتۈپ قويىدىغانلارنى ياقتۇرىمەن! مېھنەتكە ئەجىرنى ھېچقايسىمىز يازمايمىز. ئىتتىن تۈلكىنىڭ يامان بولىشى ئىتقا تۇتقۇ بەرمەسلىكى ئەمەس، جاڭگالدا ياشىيالىغانلىقى! بىر نان ئۈچۈن كىشىنىڭ ئىشكىدە قاۋىماي، ئۆز ھۈنىرى بىلەن جان باقالىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش