يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 7

مۇھەممەد تۇراپ(ت): بالزاكنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالزاكنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىشى
مۇ شۈ شۈ
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
1846-يىلى ئاپرېلنىڭ بىر كۈنى, پارىژدىكى بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 47 ياشلىق بالزاك بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىياتتىن لېكسىيە سۆزلەپتۇ. لېكسىيەدىن كېيىن ئەركىن سۇئال سوراش باشلىنىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى پۈرلىشىپ كەتكەن ئىككى ۋاراق قاتلانغان قەغەزنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىپ، ئۇدۇل بالزاكنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ـــ بۇ ماقالىنى كۆرۈپ باقسىڭىز، ئاپتورنىڭ بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك يوشۇرۇن ساپانى ھازىرلىيالىغان-ھازىرلىيالمىغانلىقى، كەلگۈسىدە يېزىقچىلىقتا نەتىجە يارىتالايدىغان-يارىتالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ باقسىڭىز، دەپتۇ.
بالزاك ماقالىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، باش چايقىغان ھالدا:
ـــ مېنىڭچە بولغاندا بۇ ماقالا تېتىقسىز ۋە ئادەتتىكىچە يېزىلىپتۇ، تالانتى يېتەرسىز ئىكەن، بۇ ئاپتورنىڭ تالانتىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكى، چوڭ يازغۇچى بولۇشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ، دەپتۇ.
بالزاكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچى قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ، ئارقىدىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ تۇرۇپ سەھنە ئاستىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ مەنسىتمىگەن تەلەپپۇزدا، يۇقۇرى ئاۋازدا مۇنداق دەپتۇ:
ـــ سىلەر بۇ ماقالىنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟، بۇنى ئۇلۇغ بالزاك ئەپەندىم يازغان، مەن بۇ ماقالىنى ئالايىتەن ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ئانا ماكتىپىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدىن ئېلىپ كەلدىم. بۇ ۋاقىتتا سەھنە ئاستىدىكىلەر خۇرسىنغان ھالدا:
ـــ بالزاك بۇ قېتىم نومۇستىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، دەپ قاراپتۇ. كىم بىلسۇن، بالزاك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
ـــ بۇ ھەقىقەتەن مەن 10 نەچچە ياش ۋاقتىمدا يازغان ماقالا، گەرچە ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق مەن يەنىلا ئۇنى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدىم، دەپتۇ
ھەممە كىشىلەر ھەيران قالغاچقا، زال قايتىدىن جىمجىتلىققا چۆمۈپتۇ. بالزاك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
ـــ مەن بۈگۈنكى كىچىككىنە نەتىجىنى تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن، پەرۋەردىگار ماڭا يىزىقچىلىق جەھەتتە باشتىن-ئاياق تۇغما تالانت ئاتا قىلمىغان، مەن ماقالىلىرىمنى تەكرار ۋە جاپالىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان. ئارقىدىن بالزاك ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى تۆت-بەش سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىقچىلىق قىلىدىغانلىقى، ماقالىنى ئۆزگەرتىشكە يەتتە-سىككىز سائەت سەرىپ قىلىدىغانلىقى، ھەر بىر پارچە ماقالىنى كەم دېگەندە بىر قانچە قېتىم، كۆپ بولغاندا 15-16 قېتىم ئۆزگەرتىدىغانلىقى، شۇڭا ھەر ئىككى كۈندە سىيا قۇتىسىنى بىر قېتىم تولدۇرىدىغانلىقى ۋە ئونغا يېقىن قەلەم ئۇچىنى ئىشلىتىپ بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.
بالزاكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن زالدا قىزغىن چاۋاك چېلىنىپتۇ. بالزاكنى رەسۋا قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئوغۇل ئوقۇغۇچىمۇ خىجىل بولغىنىدىن بالزاكقا باش قويۇپ تازىم قىلىپتۇ.
بالزاك تۆت يىلدىن كېيىن، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ، «ئىنسان كومىدىيەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 160 خىلدىن كۆپرەك ئەسىرىنى قالدۇرۇپ، «ياۋروپادىكى تەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە مەشھۇر ۋەكىلى» دىگەن شان-شەرەپكە نائىل بوپتۇ.
ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلۇشىدىلا تۇغما تالانتلىق بولمايدۇ، تەبىئى تالانت نورمال ئادەملەرنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھېساپلىنىدۇ.
 بۇ ئەسەر «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2012-يىل 29-ئىيۇندىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
巴尔扎克答学生问
牧徐徐
1846年4月的一天,受巴黎一所大学的邀请,47岁的巴尔扎克来此给全校师生作了一场文学讲座,讲座的最后一个环节是自由提问。这时,只见一个男生拿着两张皱巴巴的纸,径直上台,来到巴尔扎克的面前:“请您看看这篇文章,看它的作者是否具备当一名优秀作家的潜质,将来能否在写作上有所成就。”
  巴尔扎克认真地将纸上的文章看完,摇摇头说:“恕我直言,此文乏味平淡,才气不足,表明写作者天资不够,难成大气候。”
  听完巴尔扎克的话,这名男生哈哈大笑,接着转身对着台下的所有观众,带着挑衅的语气大声说道:“你们知道这是谁写的吗?伟大的巴尔扎克先生!这篇文章是我特意从他中学母校的资料室里拿到的。”
  台下顿时嘘声一片,大家都认为巴尔扎克这下肯定会羞愧难当。谁知,巴尔扎克却微微一笑:“是呀,这的确是我在十几岁时写下的文章,虽然已时隔多年,但我还是一眼就认出来了。”
  所有人都惊了一下,全场重新安静。巴尔扎克继续说道:“我今天的小小成绩全是后天勤奋换来的,上天至始至终都没有给过我一点写作上的天资!我的文章都是我反复而艰辛地修改而成的。”
  接下来,巴尔扎克坦言,自己每天要花上四五个小时写作,而修改文章的时间则多达七八个小时——每篇文章少则修改几遍,多则十五六遍,为此,每两天墨水瓶就得重新装满一次,并且得用掉近10个笔头。
  听完了巴尔扎克的话,全场响起了热烈的掌声,那名想让他出丑的男生也不好意思地向他鞠躬致敬。
  4年后,巴尔扎克与世长辞,留下了包括《人间喜剧》在内的160余种作品,被誉为欧洲批判现实主义文学的奠基人和杰出代表。
  没有人能天生就成大气候,所谓的“天资”,不过是由于后天付出异于常人的努力,才能最终换来的成果。
《 生命时报 》( 2012年06月29日   第 15 版)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 19:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-3 20:16:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالزاك
فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بالزاكنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. 1799-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژغا يېقىن تۇر شەھىرىدە تۇغۇلغان بۇ فرانسىيەلىك يازغۇچى 1850-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان. ھاياتىدا يازغۇچىلىق، دىرامماتورگلىق، مۇخبىرلىق، باسمىچىلىق ۋە ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بالزاك فرانسىيە ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ رومان يازغان، ئەڭ مول-ھوسۇللۇق بىر يازغۇچى ھېساپلىنىدۇ. بارلىق رومانلىرى جەمئىي 91 پارچە بولۇپ، ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نامىدا تونۇلغان. سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، تىنماي ئىشلەيدىغان بالزاك، سالغان مەبلەغلىرىدىن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرز ئالغان ئادەملىرىدىن شەھەرمۇ-شەھەر ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن قېچىپ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ، ئاخىرى 1850-يىلى گراف ھانىسكا بىلەن توي قىلغان. پارىژدا بالزاكنىڭ ھۆرمىتىگە قۇرۇلغان ”بالزاك ئۆيى“ مۇزىيخانىسىمۇ بار.
بالزاك تۆت بالىلىق ئۆيدە بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، دادىسى بىر ساناتورىيەنىڭ مەمۇرى خادىمى ئىدى. بالىلارنىڭ ئىچىدە سىڭلىسى لور بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولۇپ، لور ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. بالزاك ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، لور ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. 1814-يىلىغا قەدەر، بالزاك تۇر ئەتراپىدىكى ياتاقلىق تولۇقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1815-يىلىدىن ئېتىبارەن، پارىژنىڭ مارە مەھەللىسىدىكى ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا ”شارلىمانىيە“ گە ئوقۇشقا كىرگەن. بالزاكنىڭ دادىسى بەرنار فرانسوۋا بالسا پارىژدىكى بىر ھەربى مەكتەپنىڭ مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلىدۇ ۋە بالزاك ئائىلىسى پارىژغا كۆچۈپ كىرىپ، مارە مەھەللىسىدىكى ئىبادەتخانا كوچىسىغا ئورۇنلىشىدۇ. 1816-يىلى، 11-ئايدا بالزاك سوربون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. دادىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، بۇ ئۈچ يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قانۇن مەسلىھەتچىلىكى كابىنتىدا پىراكتىكا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
بىرىسوربوندا قانۇن ئوقۇۋاتقان بالزاك پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات دەرسىگىمۇ قاتنىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قانۇندىن بەكرەك ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالزاكنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى پارىژدا يېزىقچىلىقىغا قويۇپ، ئۆزلىرى ئىقتىسادى جەھەتتىن، پارىژنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىدىن، پارىژ سىرتىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. لېكىن تۇنجى يازغان شېئىرى تراگىدىيىسى ياخشى باھاغا ئېرىشمەيدۇ. شۇندىن كېيىن بالزاك رومانچىلىققا بېرىلىدۇ. باشتا يازغان ئىككى رومانى تازا ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا شۇ دەۋرگە ماس كېلىدىغان يېزىقچىلىققا ئوبدان كىرىشىدۇ ۋە بۇ چاغلاردا يوشۇرۇن ياكى ئەدەبى تەخەللۇس بىلەن خېلى كۆپ رومان ئېلان قىلىدۇ. تارىخى رومانچى ۋالتىر سكاتنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان بالزاك مەلۇم مەزگىل شۇ ئۇسلۇبتا رومانلار يازىدۇ. كېيىن بولسا ياشلىقىدىكى يېزىقچىلىق ھاياتى ۋە يازغان رومانلىرىنى ئۆزى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ۋە ”ئەدەبىي ئەخلەت“ دەپ ئاتايدۇ. لېكىن كېيىنكى دەۋرلەردە، ”بالزاكنىڭ ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرى“ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ”ئىنسان كومىدىيىسى“ بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشى ناھايىتى تەسكە توختىغان بالزاكنى شۇ چاغلاردا بىردىنبىر قوللىغان كىشى لور دۆ بەرنى ئىسىملىك، ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ ئايال بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەم ئانىلىق ھەم ئاشنىلىق مۇھەببىتى بېرىدۇ. 1826-يىلى بىرلىشىپ ئىشلىگەن شېرىكلىرى تەرىپىدىن تاشلانغان بالزاك 16 مىڭ فرانكلىق قەرزگە بوغۇلىدۇ. بۇنىڭغا قارىماي، يەنە دەرھال باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، بىر ئەدەبىي فوند قۇرىدۇ، لېكىن قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. قەرز 100 مىڭ فرانكغا يېتىدۇ. بۇ ھالاكەتلەردىن كېيىن، بالزاك يەنە قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ. 1829-يىلى، ”توي پىسخىلوگىيىسى“ رومانى قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. غەلىبە ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. بۇ پەقەت ئىشنىڭ بېشى ئىدى. بالزاك فرانسۇز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىنىڭ بىرىدۇر. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ داڭلىق كىشىگە ئايلىنىدۇ. رىئالىزىمچىلىقىغا قارىماي، كاستېرىس خانىشىنىڭ تەسىرى بىلەن، بالزاك شاھىزىمچى (پادىشاھلىق تۈزۈمچى)بولۇپ، 1832-يىلى” ئىسلاھاتچى“ ژۇرنىلىدا ئۆزىنىڭ شاھىزىمچى ۋە كاتولىكلىق ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئەسلىدىكى كۆز-قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە سىياسى ۋە دىندار بىر ئورگاننىڭ جەمئىيەتتە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 1833-يىلى ئۇنىڭ ھەۋەسمەنلىرىدىن بولغان پولشالىق گراف خانىم ھانىسكا بىلەن تونۇشىدۇ ۋە 17 يىللىق چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ھانىسكاغا يازغان بارلىق خەتلىرى كىتاپ قىلىپ بېسىلىدۇ.
”گورىيو ئاتا“ رومانى شۈبھىسىزكى ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نىڭ ئاساسىنى سالغان ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ رومانغا كەلگەندە، بالزاك ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى تېپىۋالغان ئىدى. ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىگىدىن بىرى، پېرسوناژلارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى ۋە ”ئارخىپقا رىقابەت“ ئېلان قىلىشتۇر. يەنى مۇمكىن قەدەر كۆپ پېرسوناژ يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ پۈتۈن ھايات تارىخىنى يېزىپ چىقىش ئىدى. 1837-يىلى، بارلىق ئەسەرلىرى يىغىلىپ، ”جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى“ دېگەن نامدا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە 1841-يىلى، دانتېنىڭ ”ئىلاھى كومىدىيە“ دىن ئىلھاملىنىپ، قايتىدىن ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نامىدا ئېلان قىلىدۇ. بالزاك يەنە يازغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ” 19-ئەسىر يازغۇچىلىرىغا خەت “ ناملىق مەكتۇپىدا مۇنداق دەيدۇ: ”قانۇن يەرنى قوغدايدۇ، شەخسلەرنىڭ مۈلكىنى قوغدايدۇ. لېكىن تەپەككۈر قىلىدىغان شائىرنىڭ ئەسىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ“. 1838-يىلى، ۋىكتور ھىيوگو، ئالېكساندىر دىيۇما ۋە ژورژ سانلار بىلەن ”قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى“ نى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئاپتورلارنىڭ ئەخلاقى ھوقۇقى، قانۇنى ۋە ئەسەر ھوقۇقى پايدىلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. 1839-يىلى جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.
بالزاك خاتىرە مۇنارى 1847-يىلىدىن 1948-يىلىغا قەدەر، بالزاك ئۇكرائىنادا، گراف ھانىسكانىڭ تۇرالغۇسىدا دەم ئالىدۇ. كېسەلدىن بارغانسېرى ئۆزىنى ئالالمايۋاتقان بالزاك، 1850-يىلى، گرافقا ئۆيلىنىدۇ ۋە ئەر-ئايال ئىككىيلەن پارىژغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن، 18-ئاۋغۇست، كېچە سائەت 11 يېرىمدا، قاتتىق ئىشلەش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىش بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى پارىژدىكى داڭلىق قەبرىستان ”ئورۇندۇق ئاتا (فرانسۇزچە پەخ لا شەز)“ غا دەپنە قىلىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، گراف ھانىسكا تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قانچە رومانىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ. بالزاك ھاياتىدا نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، لور دۆ بەرنى ۋە مارى دۈ فرەسنىدىن باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاياللار بالزاكنى قوغلاشقان. بەزىلىرى ”ھەۋەس ۋە ماختاش“ شەكلىدىكى مەكتۇپلىرى بىلەن يېقىنلاشسا، يەنە بەزىلىرى توختىماي تەكلىپنامە ئەۋەتىش ئارقىلىق يازغۇچىنى ئۆزلىرىگە تارتقان. بالزاك ”ئىنسان كومىدىيىسى“ دىكى باش ئايال قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئارىلاشقان بۇ ئاياللاردىن ئالغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە يەنە بالزاك بىلەن دەۋرداش، داڭلىق ئايال يازغۇچى ژورژ سانمۇ بار ئىدى.
مەنبە: http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5824

ۋاقتى: 2014-3-3 20:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ناھايتى راۋان چىقىپتۇ ، بولۇپمۇ مۇنۇ ‹‹没有人能天生就成大气候,所谓的“天资”,不过是由于后天付出异于常人的努力,才能最终换来的成果››‹‹ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلۇشىدىلا تۇغما تالانتلىق بولمايدۇ، تەبىئى تالانت نورمال ئادەملەرنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھېساپلىنىدۇ›› دېگەن جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . تەرجىمە ئىشلىرىڭىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاي ، ھارمىغايسىز ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 20:33  


باھا سۆز

ئا. باھايىدىننىڭ بۇ مۇنبەرگە نەزەر ئاغۇدۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىقىغا رەخمەت  ۋاقتى: 2014-3-3 10:46 PM
ۋاقتى: 2014-3-3 22:35:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭلار ، قۇلۇڭلارغا ، قەلىمىڭلارغا دەرت كەلمىسۇن !

ۋاقتى: 2014-3-3 23:54:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا  تەرجىمە  ئىشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق  تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-4 01:51:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ تېمامنى ياختۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلاغا رەخمەت، سىلەرگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-3-4 19:50:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالزاكنىڭ «يىۋگىنى گىراندى» دېگەن كىتاۋىنى ئوقۇغىلى بەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ ئۇ كىتابتىكى ۋەقەلىكلەر ھېلىغىچە ئىسىمدە.

ۋاقتى: 2014-3-5 01:50:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئىشلىرىڭىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش