16 ـ نۆۋەتلىك ‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى› غا ئېرىشكەن ئەسەر:
مۇكاپاتلانغان يىل: 2007 -يىلى
ئېتىز خاقانى
مەسئۇد ئىسا
ئېتىز خاقانىنىڭ
خىيالىغا كىرمەس دۇنيا مەئىشىتى
ئويلايدۇ تەشۋىشلىنىپ،
يەر تەكتىگە كۆمگەن ئۇرۇقلارنى.
بىر تال ئۇرۇق
سانسىز ئۇرۇق
بەش بالىسىغا ئوخشاش
جان –جىگەرلىرى!
سەھەردە قىبلىغا تىۋىنىپ
قېنىغا ئوخشاش،
جېنىغا ئوخشاش،
ئۇرۇقلارغا
يامغۇر تىلەر
نۇر تىلەر
ساغلاملىق تىلەر،
بەش ۋاق نامىزىدا
ئېتىز خاقانى!
ۋاقىت بورىنىدا ۋاقىت توزار،
قېتىپ كەتكەن تارشاڭ قوللار
يۇمران مايسىلارنى سىلار
ئانا بالىسىنى سىلىغاندەك.
پىژغىرىم كۆيدۈرەر مىس تەننى
ماتا كۆڭلەكتىن ئاقار تەرلەر
بىر چىنە سۇ
جان بېرەر.
ئېتىز خاقانىنىڭ يۇمشاق پەر ياستۇقى يوق
خالىسا
داق يەردىلا ئۇخلاپ كېتەر.
زېمىن بىلەن يىمىرلىشىپ كېتەر
شىرىن چۈش كۆرەر
بۇغدايلىرى ئايلانغانمىش خىزىر قولىدا
ئالتۇن تەڭگىلەرگە
ئىرغىپ چۈشىدىن ئويغىنار
-ئاھ ،يەرگە بەرگەن ئامانەت
ئىلاھىم ،قولۇمغا قايتسۇن سالامەت.
ئېتىز خاقانى- يەرنىڭ خاقانى
گۈگۈملارنى باشلاپ
گاھ تەشۋىش دولقۇنىدا
گاھ شىرىن تۇيغۇدا
قەسىرىگە قايتار
بەش بالىسى – بەش شاھزادىسى چۆرىسىگە ئولىشار
ئوخشىغان بىر چىنە ئۈگرە
مۈگدىتەر
ئېتىز خاقانىنى.
ئاستا –ئاستا ئۇيقۇقىغا كېتەر
چۈشلىرىدە پىشقان بۇغدايلار گۈزەل قىزلاردەك ئاڭا سالام بېرەر.
......
شەھەرنىڭ ئەخلەت ئورۇنلىرىدا
كۆزگە تاشلىنىپ قالار
قىز مەڭزىدەك قىزىل توقاچلار
ئۇلار
ئېتىز خاقانىنىڭ
پارچىلانغان جىگەرلىرى!
...
ئېتىزنىڭ خاقانى سالامەت بولسۇن
تاغارلىرى بۇغداي ئەمەس ئالتۇن تولسۇن
بوۋام دەيدىغان ھەۋەسلىنىپ شۇنداق:
ھەمىمىزنىڭ ئېغىر گۇناھى!
دېھقاننىڭ مىسقال...
ھەمىمىزدىن كۆرە
ئېتىزدىكى ئادەمگە
يېقىندۇر تەڭرى!
2006- يىل
|