كۆرۈش: 2812|ئىنكاس: 6

تۇرمۇش رەڭدار، پايانسىز ئالەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
11-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر



تۇرمۇش رەڭدار، پايانسىز ئالەم



ئەنۋەرھىدايەت



كۈزەتسىڭىز كىرىپ قوينىغا،

   تۇرمۇش رەڭدار، پايانسىز ئالەم.

    جەڭگاھ ئۆزى-ھايات كەچۈرۈش،

بۇ جەڭگاھتا قىززىقى-ئادەم.

1

    قول باغلىشىپ بارايلى بۈگۈن،

مەيخانىغا ياكى تانسىغا.

     ئون نەچچە خىل قورۇما قورۇپ،

  تىزىپ قويۇپ ئۇنى ياڭزىغا.

     ئىچىپ باققىن سەنمۇ تولدۇرۇپ،

    ئاچچىق مەينى قۇيۇپ گاڭزىغا.



  «ھەمراھ»بولغان ئاشۇ ئايالنى،

كەيىپلىكتە تارتساڭ تانسىغا.

  «چىرايلىقكەن»دېسەڭ نازلىنىپ،

ئۇ ماڭىدۇ باشلاپ دالدىغا.

  تونۇمايسەن سالاممۇ قىلماس،

بېرىپ قالساڭ ئەتە ئالدىغا.



        مەست بولغاندەك پۈتكۈل كائىنات،

بىلىنىدۇ مەينىڭ كۈچىدە.

  تاپالمايسەن ئۆيۈڭنى چوقۇم،

    تاشلاپ كەتسەم ئاشۇ كېچىدە.

  سېنى ساقلاپ ئۆيدە ئايالىڭ،

ياتالمايدۇ تەشۋىش ئىچىدە.



2

  ئىڭراشلىرى ئاجىز بىمارنىڭ،

ئاڭلىنىدۇ ئىشىك تۈۋىگە.

    ئېغىپ كېتەر يۈرىكىڭ شۇدەم،

   كىرمەي تۇرۇپ كېسەلخانىغا.

     پۇل تۆلەيسەن ئىچمەي تۇرۇپمۇ،

كېسەلخانا سوغۇق سۈيىگە.



تۆلىيەلمەي دورا پۇلىنى،

       نەچچە كېسەل كۆچۈپمۇ كېتەر.

        سىرغىپ چۈشەر بەلكىم ياشلىرىڭ،

     كىرىپ قالساڭ ئۇ يەرگە ئەگەر.

3

   كۈتۈپخانا قانداق يەر دېسەڭ،

   باشلاپ باراي ئۇ يەرگە سېنى.

    ئەجداتلارنىڭ، ئانا مىللەتنىڭ،

ساقلىنىدۇ شۇ يەردە گېنى.

  بىلىپ قالغىن ئۇلۇغ خەزىنە،

     قانداق ئىكەن كۆرۈپ باق قېنى؟



تاپالمىساڭ كۈتۈپخانىنى،

    ئەل ئالدىدا ئەمەسمۇ ئۇيات.

بىز ياشىغان يېڭى ئىرادا،

باشلىنىدۇ يېڭىچە ھايات.

    ئىدىسونمۇ ئوخشاش ئادەمغۇ،

      سەنمۇ شۇنداق كەشپىيات يارات!

4

     ئۆز-ئۆزەڭگە قويۇپ بىر سۇئال،

    تۇرمۇش نېمە؟ئويلانغىن ئۇزاق.

  يىلتىز تارتسۇن دىلىڭدا باھار،

دوستلىرىڭغا قۇرمىغىن توزاق.

ھايات رەڭدار، پايانسىز ئالەم،

ۋۇجۇدۇڭدىن تاراتقىن پۇراق!




بۇئەسەر «يېڭى قاشتېشى»ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-6-13 10:52:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر تىلى يىنىك، چۈشىنىشىلىك يېزىلىپتۇ.

ۋاقتى: 2013-3-28 17:17:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ياقۇپ يوللىغان «ئەنۋەر ھىدايەت»نامىدىكى «تۇرمۇش رەڭدار، پايانسىز ئالەم» تېمىلىق شېئىرلار تىتىملىق،لىرىك ھېسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان،چۇڭقۇر مەنالارغا باي بىر ياڭراق مىلودىيە بولۇپتۇ.!ئاپىرىن ئەيبو،ئاپىرىن ئەنۋەر ھىدايەت...!

ۋاقتى: 2013-11-4 15:56:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ بۇنداق تېمدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپرەك يېزلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن

ۋاقتى: 2014-1-3 15:52:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتىر  قېتۋالغانلىغى سەۋەپلىك خەت ئۇرالمىدىم

ۋاقتى: 2014-1-3 15:57:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ ،

ۋاقتى: 2014-4-29 20:29:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىتەنمۇ ياخشى يىزىلىپ تۇ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش