يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 495|ئىنكاس: 3

مۇھەممەد تۇراپ(ت): تۇرگېنېۋ ۋە غەرپ مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرگېنېۋ ۋە غەرپ مەدەنىيىتى
كۇڭ شياۋېي
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
1883-يىلى 3-سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق بۈيۈك يازغۇچىسى تۇرگېنېۋ پارىژدا ۋاپات بولدى. 130 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى يەنىلا جانلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ غەرپ مەدەنىيىتىگە تۇتقان ئىدراكىي پوزىتسىيەسى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈستىدە قىلغان چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.
تۇرگېنېۋ 1818-يىلى رۇسىيەدىكى بىر چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياشىغان 19-ئەسىردە روسىيە غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى فرانسىيەلىك، گېرمانىيەلىك ياكى رۇسىيەلىك بولۇپ، كىشىلەر خەت يازغاندا ۋە سۆزلەشكەندە فىرانسوز تىلىنى ئىشلەتكەن. مۇھىتنىڭ تاساددىبىلىقى تۇرگېنېۋنى كىچىك ۋاقىتىدىلا فىرانسوز تىلى، ئېنگلىز تىلى ۋە نېمىس تىلىنى ئىگىلەش، كېيىن ئىسپان تىلى، ئىتالىيان تىلى، پولەك تىلى، چېخ تىلى، بولغارىيە تىلى ۋە سېرىب تىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇغان، كېيىن ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان، 1856-يىلىدىن 1883-يىلىغىچە فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەتتە تۇرۇپ قالغان.
تۇرگېنېۋ غەرپتە ياشىغان مەزگىللەردە داڭلىق يازغۇچىلاردىن خۇگو، فىلوبېر، زولا، دۇدا، موپاسسان، ھېنرى.جامۇس بىلەن تونۇشقان، مۇزىكانتلاردىن شۇمان، بىرامىس، لىسىت بىلەن باردى-كەلدى قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ياۋروپا ئىنقىلاۋى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنقىلاۋى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن. ئومۇمەن مۇشۇنداق تۈرلۈك ئەھۋاللار تۇرگېنېۋنىڭ غەرپ دۇنياسىنى چوڭقۇر كۈزىتىشى ۋە چۈشىنىشنى خاس پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن.
ئەينى ۋاقىتتا غەرپ مەدەنىيىتى روسىيەدە ئۆزگىچە يول تۇتقان بولۇپ، بۇ «روسىيە دۆلىتى ۋە مىللەتلىرىگە نىسبەتەن زادى بەختمۇ ياكى بەختسىزلىكمۇ؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە روسىيەنىڭ ئىدىيە ساھەسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخىي مۇستەقىللىقىنى مۇئەيەنلەشتۈرىدىغان سىلاۋ تەرەپدارلىرى بىلەن غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان غەرپ تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپدارلار مەيدانغا كەلگەن. غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان تۇرگېنېۋ تەبىئى ھالدا غەرپ تەرەپدارلىرى تەرەپتە تۇرۇپ، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بىر يازغۇچىغا ئايلانغان.
تۇرگېنېۋ غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن قەتئى تەۋرەنمىگەن. ئۇنىڭ قەتئى پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى دوستويېۋىسكى بىلەن بولغان چىگىش دېلونى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1871-يىلى دوستويېۋىسكىنىڭ «قۇترىغان ئالۋاستى» ناملىق رومانى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، روماندا تۇرگېنېۋگە دارتمىلانغان ۋە ھاقارەت قىلىنغان. بۇ روماندا روسىيەدىكى ياۋروپالىق بۈيۈك يازغۇچى زەھەرخەندىلىككە ۋە مەسخىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ يازغان ماقالىلار بىلەن تۇرگېنېۋنىڭ  19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى بىر قېلىپتا قۇيۇلغاندەك بولۇپ چىققان. روماندىكى تۈرگېنېۋنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ ئالاھىدىلىگى ـــ مەڭزى قىپ-قىزىل، دائىم تۈرۈۋالىدىغان ئاق چېچى ۋە يۇمشاق كىچىك قۇلىقى بار، ئۇ ئۆزىگە خاس شېرىن شېكەر ۋە مەككار ئاياللاردەك سۆزلەيدىغان كىشى، دەپ تەرپلىگەن. تۇرگېنېۋ بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەپلەنگەن.
دوستويېۋىسكى تۈرگېنېۋنى زەربە بېرىشنىڭ نىشانى قىلىۋالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئادىل بولغان ئىدى. بىراق ئۇ ئومۇميۈزلۈك غەرپلەشكەن رۇسىيە مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۆپ ساندىكى داڭلىق ئەرباپلارغا ئوخشىمايدىغان «تۇرگېنېۋ» بۇنى مۇستەقىل مەيدان قىلىۋالغان. ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلىرى يات دۆلەتلەرنىڭ مۇلاھىزىسى بىلەن تاماملانغان. ئۇ غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ رۇسىيەگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن غەرپ مەدەنىيتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 18-ئەسىردىن بۇيانقى رۇسىيەنىڭ ئوخشىمىغان دەۋردىكى زىيالىلىرى دىققەت قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالغان. بۇ ئىدىيەلەر ئۇلار تەرىپىدىن رۇسىيە دۆلىتى ۋە مىللەتلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تىغ ئۇچى قىلىنىپ مەغلۇپ قىلىنغان. بىراق مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەپ شۇكى، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتلەر رۇسىيەنىڭ ھاۋاسىغا كۈنەلمىگەن. تۇرگېنېۋ «ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسى»، «شىپاڭ»، «ھارپا»، «ئاتا بىلەن بالا»، «تاماكا» ۋە «بوز يەر» قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلىرىدە ئۆز كۆزقارىشىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىدا رۇسىيە زېمىنى، غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.
غەرپ مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلىنىش ھەم سوغۇققان پوزىتسىيە تۇرگېنېۋنى رۇسىيە يازغۇچىسىغا خاس غۇرۇرنى ساقلاپ قېلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى زور كۆپ ساندىكى زامانداشلادىن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشقا ئۈندىگەن. ئۇ بىر تەرەپتىن غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرپنىڭ ئەندىزىسىنى قارىغۇلارچە شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشكە قارشى تۇرۇپ، غەرپنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن رۇس مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئىجادىي بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، شۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. غەرپ بىلەن مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشنى تۇرگېنېۋنىڭ ئىدىيە كۆزقارىشىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى دېيىشكە بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە تۇرگېنېۋنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 100 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت باغلىغان ۋەتەن رۇسلىرىنىڭ يەنىلا «ياۋروپاغا تەئەللۇق بولۇش-بولماسلىقى ۋە غەرپ مەدەنىيىتىگە قانداق يۈزلىنىش كېرەكلىكى» كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان يەر شارىلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ زەربىسىدە، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە مىللەتلەر مۇشۇنداق مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا تۇرگېنېۋنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇرغۇپ چىققان ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئۆزى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ھېساپلىنىدۇ.
«خەلق گېزىتى››نىڭ 2013-يىلى 1-سېنتەبىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 10:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-3 11:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەرجىمە ئەسەر بىلەن بەھىرلەندۈرۈپسىز، «ئۇ بىر تەرەپتىن غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرپنىڭ ئەندىزىسىنى قارىغۇلارچە شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشكە قارشى تۇرۇپ، غەرپنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن رۇس مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئىجادىي بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، شۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.»   بۇنى ئوقۇۋېتىپ،«شاكىلىنى ئايرىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش» دىگەن شۇئاردىكى شاكال بىلەن مېغىزنى قانداق پەرىقلەندۈرۈشنىڭمۇ  مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2014-3-3 12:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئەسىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم ، تىلى ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ . مۇشۇنداق ئەسەرلەردىن داۋاملىق بەھىرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-3 15:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ تەرجىمە ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنىغا ھەم مېنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگىنىگەرەخمەت. ئەگەر مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر ئۇچرىسا يەنە تەرجىمە قىلىپ، ھەرقايسىڭلارغا بەھر ئاتا قىلىشقا تىرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش