كۆرۈش: 2569|ئىنكاس: 7

مەشرەپ چۆلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەشرەپ چۆلى

غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت


(غەزەللەر)

(1)

قۇياشسىز قارا كۈنلەردە ياتمايمەن،

جاراڭلىق، ساداسىز ئۈنلەردە ياتمايمەن.



قىساس ئالمىسا مەگەر ئاھۇ سەييادتىن

قارا كۆزلەردىكى تۈنلەردە ياتمايمەن.



مەيلى، چىقمىسا روھىم غارىدىن بۆرە،

تىڭىرقاپ مەزلۇم سۈرەنلەردە ياتمايمەن.



كۆڭۈل ئەينەكلىرىمنى سۇندۇردى گۈللەر،

بىھۇشلۇق ئىچرە چىمەنلەردە ياتمايمەن.



ئۆزۈم يولباشچىمەن، ئەگەشكۈچى ھەم مەن،

بىگانە ۋە زەئىپ تەنلەردە ياتمايمەن.



(2)

كېچە قالۇر يىغلاپ، زۇلمەتلىرىم مەندە،

دوزاخ بىھاجەتتۇر، كۈلپەتلىرىم مەندە.





زامانلار ئات چاپتۇرۇپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن،

قالدى پىچاق ئويناپ قىسمەتلىرىم مەندە.



يانار قەبرىلەر ئىچرە ھايات شامىم،

ئۆلۈم ئالدىدىكى قۇدرەتلىرم مەندە.



بورانلار توختىسا قۇملار بولۇر بارخان،

چېچىلغان قۇم كەبى ھەسرەتلىرىم مەندە.



تاڭ ئۇيقۇسىدىن بۇلبۇل بىر ئۆمۈر غەمناك،

ھاياتمەن بىر دەقىق، پۇرسەتلىرىم مەندە.



(3)

بىر دېسەڭ مىڭ بولۇپ چېچىلغايمەن،

مىڭ دېسەڭ بىر بولۇپ يېغىلغايمەن.



سىر دېسەڭ كۆز يېشىمنى چۈشەنمەستىن،

قىپقىزىل قان بولۇپ ئېچىلغايمەن.



ئۆلدى! دەپ سۈرەن سالساڭ ئالىمىڭگە،

قايتىدىن دارلىرىڭغا ئېسىلغايمەن.



تۈن دېسەڭ ھاياتىمنى، تۈن كۆكسىگە

نۇر دېگەن خەت بولۇپ يېزىلغايمەن.



مەن بارمەن سېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭدا،

تاكى سەن ئۆلمىگۈچە ياشىغايمەن.



(4)

تەرسالىقىمدا ئىتائەت ئۆلمەس،

رەسۋالىقىمدا مۇھەببەت ئۆلمەس.



ئۆلۈم دەشتىگە سالمىسام ئاتنى

ھايات باغچامدا ھالاكەت ئۆلمەس.



مىڭ بىر كېچىگە ياقمىسام چىراغ

جىنلار سۈرى- قاباھەت ئۆلمەس.



رەقىب ياشلىرىدا يۇيۇنمىسام

يۈرىكىمدىكى جاراھەت ئۆلمەس.



قۇتۇلمىغۇچە جان ھىجرانىدىن

روھىمدىكى جىنايەت ئۆلمەس.



(5)

ئۆزۈمگە بىر ئۆزۈم ھەغدا قەلەندەرمەن،

ساپايەم زارىدىن سەۋدا قەلەندەرمەن.



كېچىپ نىگارىدىن كىم يەتتى ھىجرانغا

ئۇنىڭ ھۈر قان ۋە ياشىدا قەلەندەرمەن.



ۋېسال ئارغامچىسىدا كىم باغلىنىپ يىغلار،

بەخىت ئىچرە جۇداسىدا قەلەندەرمەن.



بىراۋنىڭ تاجى كۈلپەتتۇر بۇ باشىمغا،

شاھانە قۇل ئاراسىدا قەلەندەرمەن.



بىھۇشلۈق چۆلىنى ئىستەيدۇ بۇ كۆڭلۈم،

يېشىلسەم گۈل بازارىدا قەلەندەرمەن.



(6)

«سېنىڭ جېنىڭ، مېنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ،

سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ».



ئىككى جاندىن جانان بولار ئىدى بۇ ئالەم،

جاننى جاندىن ئايرىپ تۇرغان گۇمان ئەمەسمۇ.



يايسا گۇمان جاھالەتلىك قارا تورىنى،

ئاچ ۋە بىغەم بىلىقلارغا زىيان ئەمەسمۇ.



ئاچ ۋە بىغەم بىلىقلارنىڭ ماكانى نەدە؟

كۆزىمىزدىن ئاققان ياشۇ- گىريان ئەمەسمۇ.



قەلەمنى قوي، جاننى جانغا چاتايلى ئەمدى،

جانلار ۋۇجۇد چۆللىرىدە سەرسان ئەمەسمۇ.



(7)

چالغىن دۇتارىڭ، يېگانە بولدۇم،

ئىشقىم ۋاپاسىز، بىگانە بولدۇم.



ياڭرات دېپىڭنى، تىترەپ باياۋان

قۇملار چېچىلسۇن، سەرسانە بولدۇم.



يىغلات ساتارنى، ئاقسۇن نەھرىدە

سۇلغۇن چىمەنلەر، ۋەيرانە بولدۇم.



ئۆتكەي بىر زامان مەندىن ھەر مىنۇت،

چالغىن تەمبۇرۇڭ، ئەپسانە بولدۇم.



ئويناي ئۆرگىلىپ، قالسۇن يۆگىلىپ

ئىچىمدە مىڭ قۇل، زىندانە بولدۇم.



(8)

مەشرەپنىڭ چۆلى نەدە؟

نەۋائىنىڭ گۈلى نەدە؟



جېنىم تەن پاتقاقىدا سەرخۇش،

ھىدايەتنىڭ كۆلى نەدە؟



ئۆچەرمەن ۋەسلىدە يارنىڭ،

يۈرەكىمنىڭ كۈلى نەدە؟



ساتار كىم قۇل بازارىدا،

بەخىتنىڭ يۇلتۇزى نەدە؟



ئۈمىدنى ئۈزمىدى كۆڭلۈم،

سۈكۈتنىڭ چاقمىقى نەدە؟!



بۇ شېئىر «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى ساھىبخانلىقىدىكى 12- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-1 10:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى چىققان غەزەللەر ئىكەن، ھوزۇر ئالدىم، غوجىمۇھەممەدنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت قەدەملىرىنىڭ يەنىمۇ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2012-5-1 11:09:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى جايىدا بېرىلگەن ئاز ساندىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بىرى مۇشۇ غەزەللەردۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 11:10  


ۋاقتى: 2012-5-1 14:27:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستمۇ؟

ۋاقتى: 2012-6-13 10:54:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن .

ۋاقتى: 2012-6-13 12:17:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجى مۇھەمەد مۇھەمەدنىڭ شئېىرىي تىلى 10 يىل ئىلگىرى ئەنە شۇنداق ۋايىغا يەتكەن تىل ئىدى.ھازىرقى شئېىرلىرىدا چېكىنىش بارمۇ قانداق؟  بۇنى بىلمىدىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ شئېىرلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىنىشى تىل جەھەتتە ۋايىغا يەتكەنلىكىدىلا بولماستىن يەنە  ئەڭ كەڭ ئوقۇرمەن بەھرە ئالالايدىغان سۈزۈكلۈك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى.ئەمما ئۇ «قانىغان قان» دىن باشلاپ  سۈزۈكلۈكنى يوقۇتۇپ قويدى.تۆۋەن زوقلىنىش سەۋىيىسىدىكىلەرنىڭ قىزىقىشىنىمۇ ئۈزۈلدۈرۈپ قويدى......ئەمما يېقىندا  ئىلان قىلغان «ئىككى غەزەل» دە سۈزۈكلۈككە قايتىش ئالامەتلىرى باركەن.....مېنىڭچە ئۇ ئۆزىمۇ  ئەڭ كەڭ پۇقرالار بىلەن قاياش بولغاندىكىن غۇۋالىقنى قوغلىشىپ كەتمىسە بولاتى....

ۋاقتى: 2013-6-20 19:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى ئۆتكۈر   جانلىق ئەسەر  بوپتۇ  !  قەلەم  تۇتقان قوللىرىڭىز  ھارمىغاي !!!

ۋاقتى: 2014-4-24 23:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىققان ئەسەركەن بۇ! ھارمىغايسىلەر تۇھپىكارلار!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش