كۆرۈش: 2175|ئىنكاس: 5

غاز كاۋىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غاز كاۋىپى



(ھېكايە)



مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز





_ چىقىمەن، - دىدى ھەنىپە بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ئېرىنىڭ قول سومكىسىنى ئۇزاتقاچ، _ ساۋاقداش، تەڭتۈشلىرىمدىنمۇ بىر- ئىككىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ بولۇشتى. يولىنى ماڭسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن.

_ مەن ماڭمايمەن،- ئىشىك ئاراچلىرىدىن نەبىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،- يا يېشىڭ، يا خىزمەت سىتاژىڭ يېقىنمۇ كەلمىسە، بۇ ئىشقا مىنى چېتىۋالما.

_ ئەمىسە باشقا ئىرىم بارمىدى مىنىڭ؟

ھەنىپەنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى. ئۇ ئۇھسىندى. شۇ ئۇھسىنىشىغا تەڭكەش بولۇپ تۆر تامدىكى چوڭ سائەت سەككىز قېتىم داڭ ئۇردى.

ھەنىپەنىڭ خىزمەتتىن رايى قايتقان ئىدى. ئىلگىرىكى شوخ، سۆزمەن مىجەزى ئۆزگەرگەن، ھەر بىر تىنىقى پۇشۇلدىغاندەكلا چىقاتتى. قەدەملىرى ئېغىر ئىدى. چىرايىمۇ پىشمايلا ئۈزۈلگەن تاۋۇزدەك كۆرۈنەتتى.

_ ئىشقۇ ئېغىر ئەمەس،_ دەيتتى ئۇ، ھەر قېتىم نەبىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن كېيىن سۇلغۇن ئاھاڭدا،_ دەرس ئۆتۈشتە مىنىڭ ئالدىمغا ئۆتىدىغىنى يوق. لېكىن، دەم ئېلىش دىگەن باشقىچە راھەت ئىش ئىشكەن. ئۆيدىلا ئولتۇرۇپ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلسام دەيمەن...

_ ياپياش تۇرۇپ خىزمەتتىن بۇنداق سۇۋۇۋالساڭ قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر پىنسىيىگە چىقىپ ئۆيدە ئولتۇرۇۋالساڭ، سىنى قېرى كۆرۈپ قالارمەنمىكى....؟

_ ئىشىڭىزنى قىلىڭە.

ھەنىپەنىڭ كاللىسىدا قاچانلادىدۇر پەيدا بولغان <<دەم ئېلىشقا چىقىش>> ئويى تڭختىماي قەغىش قىىلىپ، ئۇنىڭ ئارامىنى قويمايۋاتاتتى. <<كىسەللىك سەۋەبى>>دىن ئارامغا چىقىۋالغان ھېلىقى ئىككى ساۋاقدىشىنىڭ <<ئارام ئېلىش دىگەن ئۇنداق راھەتكىنەي، بۇنداق ئازدىكىنەي...>> دەپ قارا قۇچقاچتەك جاۋىلداشلىرى ئۇنىڭ قەغىشلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، ھەنىپەنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەسەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ھىسنى تۇغۇندۇراتتى.

شۇنداق، ئۇ ھىس ئاۋال ھەۋەس ئىدى، كېيىن ئارزۇغا ئايلاندى. ئەمدىگە كەلگىنىدە تۇلۇقى بىلەن ھەسەتكە ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇ ھىس توختىماي قۇترىدى، بارغانچە كۈۋەجىدى. ئەمدىلىككە كەلگەندە نەبىنىڭ نەسىھەت – ھايلاشلىرىمۇ كۈچىدىن قالدى. ھەنىپە نەبىنىڭ دۇختۇر تۇنۇشىنى ئىزدەپ، بىر ئايلىق ئىسپىراپكا يازدۇرۇپ مەكتەپكە ئىۋەتتى.

ھەنىپە بىر ئاي تۇلۇق دەم ئالدى. ئىشقا بارماسلىقنىڭ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئارامىخۇدا دەم ئېلىشنىڭ ھەقىقەتەن راھىتى بارلىغىنى تېخىمۇ ھىس قىلدى. <<ئۆزى خان، ئۆزى بەگ>> دىگىنى مۇشۇ ئىكەندە،_ دەپ ئويلىدى ھەنىپە.

لېكىن، بۇ بىر ئاي بەك تېز ئۈتۈپ كەتتى. يەنە بىر ئاي ئۇزارىشقا نەبىي ئڭنىماي قويدى. ھھەنىپە بوينىدىن سۆرىگەنچىلىك قىلىپ ناخۇش ھالدا يەنە مەكتەپكە كەلدى. شۈكرى، بۈگۈن ھەنىپە دەرس ئكتىدىغان سىنىپلار پاختا تەرگىلى چىقىدىكەن. ۋاىتىنى بىر ھەپتە قىلىپ بېكىتىپتۇ. ئەمدى ھەنىپە مەكتەپتىمۇ ئارام ئالالىغۇدەك.

ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە ياماشتى. قولىغا يېقىندا تۇقۇشقا باشلىۋالغان پوپايكىنىڭ يىپ – زىخنى ئالدى. بىراق كۈلكە  ئۇزۇن جىلۋە قىلالمىدى، كاللەك يۇڭ يىپ سومكىغا كىرىپ كەتتى:

_ ئۆزلىرىمۇ چىقسىلا خانىم،_ دىدى مەكتەپ مۇدىرى دەرۋازىدىن پاتماي دىگۈدەك چىقىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىپ، _ پاىتا تەرگىلى دەرس ئۇقۇتقۇچىلىرىمۇ بارىدۇ.

ھېچكىمدىن بۇيرۇق ئاڭلىماي ئوبدانلا كۈنۈپ قالغان ھەنىپەنىڭ قۇلىقى بۇ گەپكە كۈنەلمىدى. قۇلىقىلا ئەمەس، بىر ئايدىن بېرى ئاپتاپ كۆرمەي، شامال يالىماي سۈزۈلۈپ، سۈت ئالمىسىدەك پارقىراپ قالغان يۈز تىرىسى پاختا ئېتىزلىرىدا ھەپتە يۈرۈپ قارىداپ، قۇلۇشۇپ ئۆز سۈلكىتىنى يۇقاتتى. قوللىرى يېرىلدى. بارماقلىرى ئەتتىكەن بولۇپ چىدىغۇسىز ئېچىشتى.

ھەنىپەنىڭ بۈگۈنكى يىغىسى نەبىنى شۈك قىلىپ قويدى. دىمىسىمۇ بۈگۈنكى يىغا ئىلگىرىكىگە  ئوخشاش ناز، ئەركىلەش بىلەن ئارىلىشىپ ئەمەس، بەلكى ساپ ئۆتۈنۈش يىغىسى ئىدى. بۇ يىغا ھەنىپەنىڭ ئىچ- ئىچىدىن چىقىۋاتاتىى.

_ قولىڭىزدىن كېلىدۇ، يۇلىنى مېڭىپ بىرىڭ. ىۇدا ھەققى مىنى دەم ئېلىشقا چىقىرىپ قۇيۇنە.

نەبى ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدى. تاشلىغىلى خېلى بولغان تاماكىنى قولىغا ئالدى.

_ قىلالارمەنمۇ؟

_ قىلالايسى. يۈزىڭىز، ئىناۋىتىڭىز بار. ئەل- ئاغىنىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەمەلدارلار تۇرسا.

_ لېكىن سەن تېخى ياش تۇرساڭ.

نەبى ئىككىلەندى. ئۇنىڭچە ئايالى بۇنداق بۇرۇن دەم ئېلىشقا چىقىۋالسا بولمايتتى. ئۇ ئىشلىشى، كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى ھىساپلىنىدىغان ياش بوغۇنلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرىشى، ئاخىرقى ماغدۇرى قالغۇچە دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلماسلىغى كېرەك ئىدى. شۇڭىمۇ ئۇ باشقىلارنىڭ <<ئايالىڭىزنى ياخشىراق ئۇرۇنغا يۆتكەپ قويمامسىز؟>> دىگەنلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىغان ئىدى.

_ باشقىلارمۇ چىقىپ كېتىشتىغۇ مەندىن كىچىك تۇرۇپ.

_ لېكىن... لېكىن مەن ئۇلارنىڭ قايسى يول ئارقىلىق بۇنچە ئاسان دەم ئېلىغقا چىقىپ كەتكىنىنى بىلمىسەم.

_ مەن بىلىمەن،_ ھەنىپەنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى،_ تۇلۇق سورڭۋالدىم، ھەممىنى بىلىمەن.

راستكەن، ھەنىپە ھەممىنى بىلىدىكەن. ئاۋال <<ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل>، بولىدىغان، بىرنەچچە ئاي بالنىستقا كىرىپ <<داۋالىنىدىغان>>، ئاندىن مەكتەپ مۇدىرىدىن خەت ئالىدىغان، ئاخىرىدا مائارىپ ئىدارىسىغا تەستىقلىتىدىغان، ئاندىن <<مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئېلىشقا چىققۇچىلارنى تىزىملاش جەدىۋىلى>>نى توشقۇزۇپ، شەھەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومتىتىتىغا ئىلتىماس قىلىدىغان قەدەم- تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىنى كەسىپ ئەھلىلىرىدەك راۋان بىلىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاشۇ كومىتىت <<ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يۇقاتقان>> دەپ تامغا باسسىلا ھەممە ئىش پۈتىدىكەن.

_ بىراق ھەنىپە،_ نەبى يەنە ئىككىلەندى،_ سەندە يا ھېچقانداق كېسەل بولمىسا.

_ تېپىلىدۇ، مېڭىپ تۇرغان ماشىنىنى ئاپىرىپ تەكشۈرتسڭىزمۇ چاتىغى چىقىدىغۇ، ئادەممۇ ئوخشاش. ئۆرە يۈگۈنۈم بىلەن ئىچ- ئىچىمدىن كېسەل قايناپ تۇرىدۇ مېنىڭ.

نەبى يەنە تالىشىرىشنى بىئەپ كوردى. قارىغاندا ھەنىپە قەتئى نىيەتكە كېلىپ بولغاندەك، ئەمدى ئۇ نىيىتىدىن يانمايدىغاندەك قىلاتتى.

_ ماقۇل، مېڭىپ كۆرەيلى، بىر گەپ بۇلار.

ئىشلار بېشىدىلا بىر ئئوبدان يۈرۈشتى. ھەنىپەنىڭ ئىلتىماسىنى نەبى ئېلىپ بېرىۋىدى مەكتەپ مۇدىرى ئاسانلا قول قۇيۇپ بەردى. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىغىمۇ كەينىگە تارتممىدى. ھەرنىمە دىگەن بىلەن ئۇلار <<ئادەم تۇنۇيدىكەن>>. ئەمدىكى گەپ ھېلىقى باھالاش كومتىتىدا قالدى.

_ مەن ئۇقۇشتۇم،_ دىدى ھەنىپە، ئېرىنىڭ يالتىيىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك،_ ئڭ كومتىتنىڭ مۇدىرىغا يول ماڭمىسا بولماسمىش.

_ قانداق يول ماىدىكەنمى؟

_ ئازراق پۇل بىلەن غاز كاۋىپى ئېلىپ ئۆيىگە بارىدىغان گەپكەن.

_ غاز كاۋىپى؟

_ شۇنداق. ئۇ مۇدىر غاز كاۋىپىغا بەك ئامراقمىش. ئايال- بالىلىرىنىمۇ بىر ئاخشامدا تۆت- بەش غازنىڭ كاۋىپىنى يەپ بولىدىكەن، دىيىشىدۇ.

_ قويە ئۇنداق گەپنى.

_ راستكەن،_ ھەنىپە ئۋازىنى بارغانچە پەسەيتىپ دىدى،_ غاز كاۋىپىنىڭ ئىچىگە پۇل تىقىپ بارغانلارنىڭ ئىشى بىر قېتىمدىلا ھەل بولىدىكەن.

_ قانداق ھەل بولىدىكەن؟

_ ئاشۇنداق يوقلىسىڭىز چېلىشىش مەيدانىدىن كىرگەن بولسىڭىزمۇ كېسەل چىقىرىپ بېرىدىكەن. غاز كاۋىپى بىلەن مانچىلىك پۇلنى بەرمىسىڭىز،_ ھەنىپە ئالقىنىنى كەڭ ئېچىپ بەش بارمىقىنى تۇلۇق كۆرسەتتى،_ كىسەل كارۋىتى بىلەن قۇشۇپ ئەكىرسىڭىزمۇ ساپمۇ- ساق دىگەن دىگەن تامغىنى بېسىپ قويىدىكەن.

_ بۇ دىگەنقانچىلىك؟_ ھەبىمۇ ئالقىنىنى ھەنەپەگە ئوخشاش كەڭ ئېچىپ، بەش بارمىقىنى كۆرسىتىپ سورىدى،_ بەشيۈز؟

_ بەشمىڭ! بەشيۈز دىگىنىنى. تەكشۈرتكەن كۈنى دۇختۇرلارنى ئايرىم يوقلايدىكەنسىز تېخى.

_ ئۇلارمۇ غاز كاۋىپى يەمدىكەن؟

_ياق، ئۇلار نەق ئالىدىكەن. ماندىقىنى،- ھەنىپە ئۈچ بارمىقىنى چىقاردى.

ھەنىپەنىڭ بۇ گەپلىرى نەبىگە گويا چۆچەك ئاڭلاۋاتقاندك تۇيۇلدى. ئۇ بەزىدە زامان ئىللەتلىرىدىن نارازى بولۇپ قويسىمۇ، ئادەملەرنى بۇزۇلۇپ بۇ ھالغا كېلىپ قالدى، دەپ ئويلىمايتتى. ھېچ بولمىغاندا ئۇ خىل مەرەزلىكنى ئاپئاق خالات كىيىپ يۈرۈشكەن نىجاتكار دۇختۇرلارغىمۇ يۇقۇپ بولدى دەپ قارىمايتتى.

_ غاز كاۋىپىنى ئۈزەڭ ئېلىپ كىر، مەن كىرمەيمەن.

_ مەن قانداق كىرىمەن؟

_ ھېلىقى بىلەرمەن دوستلىرىڭ قانداق كىرگەن بولسا، سەنمۇ شۇنداق كىر.

_ئۇلارنىڭمۇ ئەرلىرى كىرىپتىكەن. سىزمۇ كىرىسىز.

_ كاۋاپنىڭ قىيمىسىنىچۇ؟

نەبى ئالقىنىنى يەنە ئېچىپ، نەش بارمىقىنى چىقاردى. ھەنىپە ئېرىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى دەرھال چۈشەندى.

_ ئۇنىمۇ تەييارلاپ قويدۇم. دادام بەردى. دۇختۇرغا بېرىدىغىنىنى ئۆزىمىز تەقلەيلى.

ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى. ھەنىپە تۇلا سۈيلەپ زېرىكمىدى. شۇندىمۇ نەبىنىڭ <<غاز>>كاۋىپىنى كۆتۈرۈپ ھېلىقى كومىتىت مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە بارغۇسى كەلمىدى.  راستىنى دىگەندە نەبى بۇنداق يولنى مېڭىپ كۆرمىگەن ئىدى.  ئۇنىڭچە بۇنداق يول بىلەن ئىش ھەل قىلىش ۋىددانغا قۇرت چۈشكەنلىك بولۇپ، ھاجەتمەنگىمۇ، ئىش ھەل قىلغۇچىغىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇڭىمۇ ئۇ ھەنىپەنى ئاۋال تەييار بولغان جەدىۋەلنى ئېلىپ ھېلىقى كومىتىت مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا ئۇدۇللا بېرىپ بېقىشقا كۆندۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭچە باشقا باشقا رەسمىيەتلەر تۇلۇق ئىدى. ئەگەر بۇ ئىش <<غاز كاۋىپى>>سىزمۇ ھەل بۇلۇپ كەتسە، ھەنىپەنىڭ قەغىشلىرى تۈگۈگەندىن باشقا <<ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتىتى>>نىڭ مۇدىرى نامىغا سۇۋالغان بەتناملارمۇ ئۆزلىگىدىن خالاس تاپاتتى. نەتىجىدە نەبىنىڭ ئادەملەر ھەققىدىكى پاكىزە ئەقىدە، ساپ ئىخلاسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچقۇنلىرى ئۆچمىگەن ۋە تېخىمۇ يالقۇنجىغان بۇلاتتى. نەبى شۇنى كۈتەتتى، شۇنى ئىستەيتتى.ئاڭلىغانلىرىنىڭ يالغان بولۇشىنى، <<سوۋغا- سالام>> بوقچىلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرمىسىمۇ ئىش ھەل  قىلغىلى بولىدىغان بۇسۇغا- تۈشۈكلەرنىڭ تۈگەپ كەتمىگەنلىگىنى ئىسپاتلىغۇسى كېلەتتى. لېكىن، بۇ دۆرەمدىكىسى باشقىچە ئىش ئىدى. ھەنىپە تېخى پىنسىيە يېشىغا توشمىغان، توشمىغانلا ئەمەس تېخى يېقىنلاپمۇ قويمىغان، شۇنداق بولىشىغا قارىماي ھەنىپەنىڭ ساۋاقداش- تەڭتۈشلىرىدىن ئىككىسى ئاللىقاچان جاھان ئەركىسىگە ئايلانغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق جاھان ئەرلىلىرى يالغۇز ئۇ ئىككىسىلا ئەمەس ئىدى. <<تاللا بازىرى>>، تىككۈچىلىك دۇكىنى، شەخسى دۇرىخانا ئېچىۋالغان، ۋە يەن ئاللىقانداق ھۈنەر- كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بوغماق چوكانلار ئىچىدە تۈرلۈك <<بانايۇ- سەۋەپلەر>> بىلەن ئارامغا چىقىۋالغانلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ خېلى بىر قىسمىنى نەبى تونۇيتتى. نەبى تۇنۇمايدىغانلىرىنى ھەنىپە ئوبدانلا تۇنۇيدىكەن. دىمەك، ئۇلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئاشۇ خىل <<غاز كاۋىپى>>نىڭ خاسىيىتى بىلەن ئىش ئورۇنلىرىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇۋالغاندەك قىلاتتى. بۇ مەنىدىن كۆرگەندە <<غاز كاۋىپى>> ھەققىدىكى سىر- رىۋايەتلەر راستەكمۇ قىلاتتى.

نەبىنىڭ بېشى قاتتى. ئۇ ئىككىلەندى. شۇگادىرماچ خىياللىار، ئارىسالدىلىقلار بىلەن يەنە ئۇ نەچچە كۈن ئۆتۈپ، كەچكۈزنىڭ جۇدۇنلىرى كۈچىنى نامايىش قىلىشقا باشلىدى. ھەنىپەنىڭ قەغىشلىرىمۇ ئاشۇ كۈز جۇدۇنلىرىدەك بارغانچە ئۇلغايدى، بارغانچە نەشتەرلىك بولۇپ كەتتى.

_ ھەممە ئادەم سىزنى قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشى يوق دىيىشىدىكەن، ئەمەلىيەتتە قولىڭىزدىن پوق كەلمەيدىكەن سىزنىڭ.

نەبى مۇشۇ يېشىغىچە تالاي بوسۇغىلاردىن ئاتلاپ بىرىدىنمۇ نائۈمۈد ايتىپ باقمىغان ئىدى. ئۆزىدىن ئىش سوراپ كىرگەن بىرىگىمۇ بۇنچىلىك سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىغان ئىدى. ھېلىقى مۇدىرنىڭ سوغ تەلەتى، ئېتىبارسىز قاراشلىرى، سېرىق ھەرىنىڭ نەشتىرىدەك جۈملىلىرى نەبىنى <<پەندىيات>> دىگۈزدى.

نەبى كومتىت مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ، چىرايلىق تىزىلغان شېغىل تاشلار سىمۇنت لايغا پاتۇرۇپ ياسالغان مەيدانچاقتا بىردەمگىنە تۇرۇۋالدى. كەچ كۈزنىڭ ئاچچىق شامىلىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمىدى. نەبىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئېغىزلىرى قۇرىدى. تىز- يۇتىلىرى ماغدۇرسىزلاندى. مۇشتلىرى ئاستا- ئاستا تۈگۈلدى.

_خەپ!_ دىدى ئۇ. لېكىن، كىم ۋە نىمىگە <<خەپ>> دەۋاتقىنىنى نەبى ئۆزىمۇ ئۇقمايتتى.

شۇ خىل گاراڭلىقتا ئۇ ئاستا ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئاچقۇچ تۇتقان قولى ئۇيۇشۇپ قالغانمۇ ئىشىك خېلىغىچە ئېچىلمىدى. دەل شۇ چاغدا يانفۇنى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى. نەبى تېلىفۇننى ئالمىدى. شۇ تاپ ئۇنىڭغا ھېچ ئىش خوشياقمايتتى. پەقەت مۇشۇ ناكەس ئىشىك ئېچىلسا، ماشىنىغا چىقىپ بىردەمگىنە ئولتۇرۇۋالسىلا بۇلاتتى.

تېلىفۇن ئۇزاق سايراپ توخاپ قالدى. توختاپ قالدىيۇ، ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ يەنە جەھلى بىلەن سايرىدى.

_ئانناڭنى!- دىدى نەبى تېلىفۇنىنى ماشىنىنىڭ يان ئۇرۇندۇقىغا چۆرۈۋەتكەچ،_ ھەل بولدى تازا!

ئۇ تېلىفۇن بەرگۈچىنى ھەنىپە دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. شۇ تاپتىكى نەبىنى ماشىنىمۇ، مۇنۇ تېلىفۇنمۇ، ھەنىپەمۇ مازاق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

نەبى ماشىنىدا ئۇزاق ئولتۇردى. ماشىنا ئىچى مۇزخانىدەك سوغۇق ئىدى. نەبى بۇنى قوللىرى كۈيۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەشكە باشلىغاندىلا ھېس قىلدى. ئۇ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرماقچى، ماشىنا ئىچىنى بىرئاز بولسىمۇ ئىسسىتماقچى بولدى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ تېلىفۇنى يەنە قەغىش قىلدى.

_ھە، نىمە؟ نىمە بولدى؟!_ نەبى قۇپال ۋاقىرىدى.

_ نەبىجانما؟_ قارشى تەرەپتىن ئەر كىشىنىڭ تولىمۇ سىپايە ئاۋازى كەلدى.

_ مەن شۇ. كىما؟

_ بايام ئىشخانىدا بەزى گەپلەرنى ئېنىق دىگىلى بولمىدى. مەندىن رەنجىدىڭىز ھەقىچان.

نەبى تۇرۇپ قالدى. بۇ ھېلىقى مۇدىرنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئاۋازىدىن بايامقى سۈر- ھەيۋىسى ئۆچكەن، قۇپاللىغىمۇ نەلەگىدۇر يۇقالغان ئىدى.

نەبى خېلىغىچە ئۈندىمىدى. لېكىن ئاۋۇ مۇدىر رادىئۇ رىياسەتچىسىدەك سىلىق، مۇلايىم ئاۋازدا سۆزلەۋەردى:

_ سىزمۇ بىلىسىز، ئىشخانا دىگەن... ھەممەيلەن ماڭا بەك دىققەت قىلىدۇ، چىداشمايدۇ. ئىشخانىدا پىرىنسىپ سۆزلەيدىغان گەپ ئىكەن قاراڭ. خاپا بولغىنىڭىزنى بىلىپ بەك ئازاپلاندىم. سىزمۇ ئىش قىلىپ كۆرگەن....، يېقىنلىرىڭىزدىن سۈرۈشتۈرۈپ تېلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئاران تاپتىم. كەينىڭىزدىن چىقىپلا تىلىفۇن قىلىشىم.

نەبى بىنا تەرەپكە قارىدى.  شۇكەن، تېخى يېرىم سائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە كىبىرىنى تۇلۇق كۆرسەتكەن ئىگىز بوي، ئۆز يېشىدىن خېلىلا بۇرۇن چاچلىرى تۇلۇق ئاقىرىپ كەتكەن، ئاددىلا كىيىنىۋالغان مۇدىر بىنا تېمىغا چاپلىشىپ دىگۈدەك سۆزلەۋاتاتتى:

_ سىزمۇ جىق ئىش كۆرگەن، توغرا چۈشۈنىسىز. ۋاقتىڭىز بولسا كەچتە ئۆيگە كېلەرسىز، تەپسىلى پاراڭلىشايلى، بۇلامدۇ؟

_ كەچتە ۋاقتىم يوق،_ نەبىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقتى،_ ئىشىم بار.

_ بوپتۇ. ئىشىڭىز بولسا مەيلى، ئۆگۈنلۈككە تەكشۈررتۈش بار، ئەتە بولسىمۇ كۆرۈشەيلى بولمىسا.

_ ئۈلگۈرەرمىزمۇ؟

_ ئۈلگۈرىسىز، نىمىگە ئۈلگۈرمەيتتىڭىز؟ جەدىۋەللەرنى ئۆتكۈزۈپ بولدىڭىز، جىق ئىش قالمىدى. ئاۋال بىر كەلمەمسىز، قالغىنىنى سىز كەلگەندە ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشەرمىز.

_ كەچتە راستىنلا ئىشىم بار ئىدى،_ دىدى نەبى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتە ھېچقانداق مۇھىم ئىشى يوق ئىدى، پەقەت بايامقى گېپىدىن يانالمايلا شۇنداق دەپ قويۇۋاتاتتى.

_ مەيلى، ئەتە كەچ ساقلاي، بۇرۇنراق كېلەرسىز.

_ ئۆيىڭىز...؟

مۇدىر ئۆيىنى دەپ بەردى. دەپ بەرگەندىمۇ قايسى كوچا، قايسى دوقمۇش، قايسى قورو ئىكەنلىگىنى، كوچا ئېغىزىدا قانداق دەرەخنىڭ بارلىغىنى، دەرۋازىنىڭ قايسى رەڭدە سىرلانغانلىغىنى ۋە باشقا ئىنچىكە بەلگىلىرىگىچە ھەممىنى تۇلۇقى بىلەن دەپ بەردى. گەپ ئارىلىقىدا كوچا دوقمۇشىدا غاز كاۋىپى ساتىدىغان بىر ئايالنىڭ بوتكىسى بارلىغىنى ئاتايەن ئەسكەرتتى.

كەچتە ئۆيدە كۆپ تالاش بولدى.

_ بۈگۈن كەچچ كېلىڭ دىگەندىكىن بۈگۈن كىرىڭ،_ دىدى ھەنىپە،_ ئۆيىدە پۈتىدۇ ئۇ ئىش.

_ ئەتىگە دىيىشتۇق، ئەتە بارىمەن،_ دىدى نەبى،_ سەن بىلەن بىرگە بارىمىز.

ئۇلار ئاخىرى شۇنداق كېلىشىتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى كېلىشتى، دىگەندىن كۆرە بىر- بىرىنى يېڭىشتى دىگەن تۈزۈك ئىدى.

ئەتىسى ھەنىپە ئۈچۈن بەك تەستە كەچ كىردى. ئۇنىڭچە شۇ بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە ھەممە ئىش ئاخىرلىشىدىغاندەك، مائاشنى تۇلۇقى بىلەن ئېلىپ، ئۆيدە پۇت ئالماپ ئولتۇرىدىغان ئاسايىشلىق كۈن باشلىنىدىغاندەك ئىدى. قېرىشقاندەك نەبى كەچ كىرگىچە ئىشتىن كەلمىدى.

_ يىغىن بار،_ دىدى ئۇ تېلىفۇندا،- سەن بارغاچ تۇر بولمىسا.

_ ئەمەلىيەتە نەبى ئۈچۈن ھېچقانداق يىغىنمۇ بولمىغان، شۇ تاپ مەقسەتسىزلا كوچا ئايلىنىۋاتقان ئىدى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئۆيگە قايتقۇسى كەلمىدى. ئېنىقراقىنى دىگەندە ئۇنى ئۆيگە قايتقۇسى كەلمىدى دىگەندىن كۆرە <.غاز كاۋىپى>، ساتىدىغان ھېلىقى كوچىغا ئاياق باسقۇسى كەلمىدى دىگەن تۈزۈك ئىدى. شۇ ھالدا ئۇ كۆپ يول يۈردى. ئكزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ شەھەرنىڭ بۇنچىلىك چوڭ، ئۆزى ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان بۇ كوچىنىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن ئىكەنلىگىنى ئۇ تۇنجى قېتىم ھىس قىلدى. ئۆيى تەرەپكە قانچە قېتىم بۇرۇلۇپ يەنە كەينىگە ياندى. نامەلۇم بىر كۈچ ئۇنى بىردە ئۆيى تەرەپكە تارتسا، تۇرۇپلا كەينىگە سۆرەيتتى. ئىككىلىنىش، تىت- تىتلىق ئىچىدە ئۇ تىز- يۇتىلىرى سىقىرىشىپ قەدەم يۆتكىگۈدەك ھالى قالمىغۇچە ئايلاندى. ھەنىپەمۇ تېلىفۇن قىلىۋىرىپ ھارمىدى. ئامراق ئايالىنىڭ نالە ئارىلاش يىغىسى ئاخىرى ئۇنى ئۆيى تەرەپكە ئاستا يول ئالغۇزدى.

نەبى بىلەن ھەنىپە ئۆزلىرى نىشانلىغان ھېلىقى كوچىغا كەلگەندە ئەل ئايىغى ئاساسەن جىمىپ قالغان ئىدى. كوچا دوقمۇشىدىكى چوڭ بىر تۈپ قارا سۈگەت غايەت زور كۈنلۈككە ئوخشاش دوقمۇشقا تېخىمۇ قاراڭغۇلۇق تاشلاپ، بۇ كوچىنى تېخىمۇ سۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. قاڭالتىردىن ياسالغان پاكار بوتكىنىڭ دەرزىسىدىن چۈشۈۋاتقان سۇس چىراق نۇرى ئاجىزەنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىگە ئوخشاش بۇ سۈرلۈك كوچىغا ئازراق بولسىمۇ سۈلكەت  قوشقان ئىدى. ئەپسۇس، نەبىلەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن تەڭ بۇ چىرق نۇرىمۇ ئۆچۈپ، كوچا ۋە دوقمۇش گۆرۈستان قاراڭغۇلىقىدا قالدى.

_ ئوھ، كىچىكىپ قاپتىمىز،_ دىدى ھەنىپە، نەبىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ.

شۇ ئېسىلىشتا بار ئۈمۈدىنى كۈيۈمچا، مىھرىبان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئېرىگە، ھاياتىدىكى بىردىن- بىر يۈلەنچۈگىگە باغلىغانلىغى چىقىپ تۇراتتى.

نەبى ئۈندىمىدى. ئايالىنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ،چوڭ- چوڭ قەدەملەر بىلەن بويكا يېنىغا كەلدى ۋە بوتكا ئىشىكىنى زەرپ بىلەن ئۇردى:

_ غاز كاۋىپى ئالىمەن، ئىككىنى!

_ تۈگىدى!_ ئىچكىرىدىن مۇماينىڭ خىرخىراق ئاۋازى كەلدى.

_ تۈگۈگەن بولسىمۇ ئالىمەن، ئاچسىلا!

بوتكا ئېچىلمىدى. نەبى ئۇرۇشتىن توختىمىدى:

_ خوش بولۇپ كىتەي مۇما، ئىككى تال غاز كاۋىپى سېتىپ بەرسىلە.

چىراق ياندى. بوتكا پۇكىيىدىن پاخما چاچ، ئۆپكە چىراي مۇماينىڭ بېشى كۆرۈندى:

_ غاز كاۋىپى تۈگۈدى بالام، بەك كەچ قاپسىز.

_ خېمى بولسىمۇ ئالىمەن. غاز گۈشى بولسىلا بولدى.

_ بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇرۇنلا تۈگەيدۇ. ئاۋۇلارنىڭ بالا باققۇچىسى، _ مۇماي مۇدىرىڭ ئۆيى تەرەپنى ئىما قىلدى،_ ئىككى- ئۈچ نۆۋەت ئاچىقىپ بەرگەن كاۋاپلارنىمۇ سېتىپ بولىمەن.

_ بۇ گەپچە بىرسىمۇ يوقمۇ؟

_ يوق.

ھەنىپە ئىسەدىدى. نەبى ئايالىنى ئاستا بەزلىدى:

_ كىرىۋىرەيلى خوتۇن، كاۋاپ بولمىسىمۇ ماۋۇ بارغۇ،_ نەبى يانچۇغىنى تومپايتىپ تۇرغان كونۋىرتنى شەرەتلەپ قويدى.  

_ كاۋاپ بولمىسا بىكار،_ سۆز قاتتى مۇماي سەت ھىجايغاچ،_ ئۇنى كاۋاپنىڭ ئىچىگە سالسىلا ئاندىن ئىشلىرى پۈتىدۇ. ئۇ بوز خالتىلىرنى پوككىدە قويغانغا ئالامتىكى.

_ ئالمامدۇ؟

_ ئالمايدۇ. قامىقى كۆرۈنۈپ قالغان يەمنى بېلىق جېنىدا يىمەيدۇ غۇجام. پۇلنى غازنىڭ ئىچچىگە تىقىپ ئەكىرسىلە كېيىنچە چېنىپ قالغۇدەك يىرى بولسىمۇ، ئۇ ئاران ئىككى تال غاز كاۋىپى پارا ئالغان بولىدۇ.

توۋا، مۇنۇ ئىس چىراي مۇماي بىلگەن شۇنچە ئاددى ساۋاتنى نەبىنىڭ بىلمىگىنى نىمىسى؟

_ سىلى تۇنۇشاملا؟_ سورىدى ھەنىپە.  

_ يۇقسۇ خېنىم، بىز تۇنۇشمايمىز، لېكىن ھەر ئىككىمىز كاۋاپچى، غازچىلىق قىلىمىز.

_ نىمە دىگەنلىرى بۇ؟_ سورىدى نەبى.

مۇماي يەنە ھىجايدى. ئېسىلىپ مۇشتۇمچىلىك بۈرتۈپ چىققان ئىككى مەڭزى شۇ ھىجىيىشىدا كۆزلىرىنى يۈتتۈرۈپ، مۇماينى تېىىمۇ بەتبەشىرە ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى:

_ مەن ھەربىرلىرىگە ساتىمەن، ئۇلار ماڭىلا ساتىدۇ. ھەپتىسىگە ئالتە تال غاز پىشۇرۇۋالسام ئايلاندۇرۇپ سېتىۋىرىمەن.

نەبى جىمىپ قالدى. چىرايىنى ئاچچىق پۈرۈشتۈردى. مۇشتلىرى چىڭ تۈگۈلدى. لېكىن، كېچە قاراڭغۇلىقىدا بۇ ھالنى ھەنىپەمۇ، مۇمايمۇ كۆرمەي قالدى.

_ خوش، خۇدايىم ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن،- مۇماي بېشىنى بوتكىغا تىقتى. شۇئان چىراقمۇ ئۆچتى. كۇچا ۋە دوقمۇش يەنە گۆرۈستان قاراڭغۇلىقىغا پاتتى.

نەبى تاماكا تۇتاشتۇردى.  <<پال>>لىدە قىلغان ئوت ئۇچقۇنى ھەنىپەنىڭ مەڭزىنى يۇرۇتتى. ئۇنىڭ مەڭزى پارىقىراپ قالغان، ئىككى تامچە ياش ئۇماق زىناقلىرىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ نەبىنىڭ ئىچى بىر يىرى چىممىدە ئېچىشتى. شۇ ئېچىشىش بىلەن تەڭ ئۇ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم ئەڭ ئاجىز، بىچارە، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان- يارىماس ھېس قىلدى. دىمىسىمۇ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك سساداقەتمەن ھەمرىيىنىڭ كۆزىنى نەم، دىلىنى غەم باشقىنىدا شۇ نەم، شۇ غەملەرنى يوق قىلالمىغان ئەرنى يارىماس دىمەي نىمە دىگۈلۈك؟

_ غاز كاۋىپى لازىمممىدى؟

قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن بوشقىنە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىغىمۇ، كىچىك بالىنىڭ ئاۋازىغىمۇ ئوخشايتتى، خېلىلا خىىراپ چىقاتتى. نەبى بىلەن ھەنىپە سەل چۆچىدى. شۇ چۆچىشىدە بىر- بىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىشتى.

_ كىم؟_ سورىدى نەبى ئاۋاز چىققان تەرەپكە بويۇنداپ.

_ مەن،- جاۋاپ بىلەن تەڭ قېقىلىپ يۈتەلگەن ئاۋاز بىرگە چىقتى. نەبىلەر ئىلغا قىلدى: ئۇ، بىر ئايال كىشى ئىدى. ئايال توختىماي يۈتەلدى. ئاخىرى سوزۇپ بىر ھى...ق... قىلدى- ئۇزۇنغىچە ئاۋاز چىقمىدى. نەبىلەر ئايالنىڭ تېلىقىپ قالغىنىنى بىلدىدە تىزلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئايال راستىنلا تېلىقىپ- بوغۇلۇپ قالغان ئىدى. نەبىلەرنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇ تۈگۈلۈپلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئاندىن بايامقى <<ھىق>> ئاخىرلىشىپ، ياڭاقچىلىك بىر بەلغەم تۈۆۈرۈپ، سوزۇپقىنە تىنىۋالدى ۋە توختىماي ساسىراشقا باشلىدى. نەبى بەلغەمنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، يەرگە چۈشكەندىكى ئاۋازدىن ئۇنى چۇقۇم ياڭاقتىن كىچىك ئەمەس، دەپ ئىلغا قىلدى.

ھەنىپە ئايالنى يۆلىدى. ئايالنىڭ قوللىرى مۇزلاپ كەتكەن، قولىلا ئەمەس، سوغۇق جان- قېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا كېرە، پۈتۈن بەدىنى ياپراقتەك تىترەپ تۇراتتى.

_ بۇنچە كەچتە كوچىدا يۈرۈپلىغۇ؟‎ _ سورىدى ھەنىپە،_ ئۆيلىرى....؟

_ئۆ... ئۆيۈم تاغدا..._ مۇماي ھاسىراپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى.

_سىلىمۇ غازچىلىق قىلاملا؟

نەبىنىڭ سۇئالى خېلىغىچە جاۋاپسىز قالدى. مۇماي بىرنىمە دىمەكچى بولدىيۇ، ئۇلۇشۇپ كېلىۋاتقان يۈتەل ۋە بەلغەم بىچارىنى سۆزلەتمەي قويدى.

_ بۇ يەردە غاز كاۋىپى ساتاملا؟ _ سورىدى ھەنىپە.

_ ياق... خانىم..._ تەستە قاۋاپ بەردى ئايال،_ سىلىگە لازىم بولسا ئىشلەتسىلە... مەندە ئىككىسى بار.

ئايال بوقچىنى ئۇزاتى. ھەنىپە تىزلا قولىنى سوزدى. ئەمما، نەبى ھەنىپەنىڭ قولىنى دەرھال تۇتۇۋېلىپ بوشقىنە چىمدىدى ۋە ئاستا پەسكە قۇيۇۋەتتى:

_ رەھمەت، ئۆزلىرى ئىشلەتسىلە ئاچا. بىزگىمۇ تېپىلىپ قالار.

_ بۇ كېچىدە .... نەدىنمۇ تاپالا ئۇكام...،_ ئايال يەنە يۈتەلدى،_ مۇشۇنى ئىشلەتسىلە....

_ ئۆزلىرى يىمەمدىلا؟_ سورىدى ھەنىپە.

_ بۇ ئۆمرۈمدە ...،_ ئايال ھاسىراپ، غىژىلداپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى،_ غاز گۆشى يەپ باقمىدىم ... خانىم. بەك لاۋزا تېتىيدۇ دىيىشىدۇ.... بۈگۈن لازىم بولۇپ قېلىپ مۇشۇ بوتكىدىن ئالغان ئىدىم. ئەمدى... ئىشلىتىپ بولدۇم. سىلىگە بىرىۋىتەي.

نەبىنىڭ كۆڭلى بىرنەرسىنى تۇيغاندەك بولدى. ھەنىپەمۇ جىم بولۇپ قالدى. بۇ جىمجىتلىقنى يەنە نەبى بۇزدى.:

_ ئالمىدىمۇ؟

ئېلىشنىغۇ ئالغان...، ئايالى ئاشخانىغا ئەكرىرىپ كېتىۋىدى، نىمە بولدىكىن... بىردەمدىلا قۇچۇغۇمغا تاشلاپ بەردى.

_ ئىچىگە بىرنەرسە سالمىغانما؟_ دەھاللا سورىدى ھەنىپە.

_ ياق، - ئايال ھەيران بولدى. ھەيرانلىق ئاۋازىدىن مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى،_ نىمە سالغۇلۇقتىكى...؟

نەبىمۇ، ھەنىپەمۇ جاۋاپ بەرمىدى. نەبى جاۋاپ بىرىشنىڭ ئورنىغا پورتمىلىنى ئاختۇردى ۋە 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپئايالغا تەڭلىدى:

_ مانا ئاچا، كاۋاپلىرىنى مەن ئالاي.

ئايال كاۋاپنى ئۇزاتتى. نەبى ئۇنى قولىغا ئالدى. كاۋاپ مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن بولۇپ، چوڭ ئىككى پارچە چالمىغىلا ئوىغاپ قالغان ئىدى. ئايال كاۋاپنى نەبىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن چوڭ بىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك ئېغىر ئۇھسىندى-دە، قاراڭغۇلۇق ئىچىگە قاراپ ئاستا يول ئالدى.

_ ئاچا، پۇللىرى...

نەبىنىڭ سۆزى جاۋاپسىز قالدى. ئايال ئاستا- ئاستا يىراقلاپ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى. خېلىدىن كېيىن ئايال كەتكەن تەرەپتىن قاتتىق يۈتەلگەن، سوزۇپ- سوزۇپ خىخىرىغان ئاۋاز كەلدى ۋە بۇ ئاۋازمۇ ئاشۇ تۈن قوينىدا ئاستا-ئاستا ئىرىپ تۈەىدى.

نەبىلەر پۇل قاچىلانغان كونۋىرتنى ھەرنىمە قىلىپمۇ غازكاۋىپىنىڭ ئىچىگە سالالمىدى. كاۋاپ ھىقىقەتەن توڭلاپ قالغان ئىدى. ئاخىرى ئۇ كونۋىرتنى كاۋاپ بار ىالتىغىلا سالدى-دە، چوڭ قارا دەرۋازىنى يىنىك چەكتى.

نەبىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئارتۇق ياسىداق ئۆيدە ئۇلار بەك ئۇزاق ھايال بولۇشمىدى. مۇدىرمۇ، ئايالىمۇ ئوىشاشلا تولىمۇ قىزغىن، سىپايە مۇئامىلىدە بولۇشتى. نەبى دىققەت قىلدىكى، مۇدىرنىڭ ئايالى غاز كاۋىپىنى ئېلىپ ئۇدۇللا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى ۋە بىرئازدىن كېيىن كېۋەش شاكىلىدەك ئېچىلىپ قايتىپ چىقتى. ئۇزۇتۇپ چىققان مۇدىر مۇدىرنىڭ قۇلىقىغ يەنە شىۋىرلىدى:

_ئەمىسە ئاشۇ دۇختۇرخانىدا تەكشۈرتىمىز. رېنتىگىنچىنى بەۈنلا يوقلاپ قۇيۇڭ، ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.

نەبى بىلەن ھەنىپە ھەممە ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگىنىدە يېرىم كېچە بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار يېتىپ قېلىشتى. ھەنىپە ئۇيقۇغا كەتتى. بىراق، نىمىشقىدۇر نەبىنڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن تەڭ ھەنىپە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ بامدات نامىزىنى ئۇقۇدى. نامازدىن كېيىن بۈگۈنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇغى ئۈچۈن ئخلاس بىلەن تىلەك تىلىدى. جاينامازدىن تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ <<ئەمگەك ئىقتىدارى>>نى باھالىتىش ئۈچۈن يول ئالدى.

_توۋا،_ دىدى ھەنىپە كەچتە ئىشىكتىن كىرىپلا،_ ئاخشام بىزگە ئىككى تال غاز كاۋىپى بەرگەن ھېلىقى ئايالمۇ ئوقۇتقۇچى ئىكەن قاراڭ.

_ ئوقۇتقۇچى؟ قانداق بىلدىڭ؟

_ بۇگۇن مەن بىلەن بىرگە تەكشۇرتتى. ئاخشامقى يۆتۈلىشى قۇلۇقۇمغا سىڭىپ قاپتىكەن، شۇنىڭدىن بىلدىم. ئېغىر ئۆپكە كېسىلىكەن ئۇ ئايال.

_ سېنى تۇنۇدىمۇ؟

_ ياق، تۇنۇيالمىدى. لېكىن، بەك ئىچىم ئاغرىدى. پۈتۈن تەكشۇرتۈشلەر تۈگەپ بولغىچە ئۆزۈملا يۈلەشتۈرۈپ ماڭدىم. بىرى <<ئانىڭىزمۇ؟>> دەپ سورىدى تېخى.

نەبىنىڭ قولىقىغا ئاخشامقى ئۇلۇشۇپ كېلىۋاتقان يۆتۈلۈشلەر، ھاسىراپ، غىژىلداپ، خىخىراپ چىقىۋاتقان تىنىق ئاۋازى قايتا ئاڭلانغاندەك بولدى.

_ ئۇ ئايالچۇ؟

_ بىكەتكە ئاپىرىپ يولغا سېلىپ قۇيۇپ كەلدىم. بالىلىرىغا يوللۇق تۇتتۇم.

نەبى خۇرسىندى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ خىقىراپ قالغان ئىدى.

ئارىدىن 20 كۈندەك ئۆتۈپ ھېلىقى كومىتىت بەلگىلەپ بەرگەن مۆھلەتمۇ توشتى. نەبى بىلەن ھەنىپە ھېلىقى ئىشخانىغا بىرگە كەلدى.

مۇدىر ھېلىمۇ شۇ ئورنىدا ئىكەن. ئۇ، بۈگۈنمۇ نەبى بۇ ئىشخانىغا تۇنجى كىرگەن كۈىدىكىدەك كىبىر- ھەيۋە بىلەن ئولتۇرۇپتۇ. ئۇزايىدىن نەبىلەرنى تۇنۇمايدىغاندەك قىلاتتى. تونۇمايدىغاندەكلا ئەمەس، بىرەر قېتىم ئەسرارلاشقاندەكمۇ قىلمايتتى.

_ ئىسمىڭىز؟

_ ھەنىپە.

مۇدىر بىر تۇتام جەدىۋەللەر ئىچىدىن ھەنىپەنىڭ جەدىۋىلىنى تاپتى ۋە ئۇنىڭغا ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ دىدى:

_ ئىشىڭىز پۈتۈپتۇ. ئېغىر كېسەل ئىكەنسىز.

نەبىلەرنىڭ رەھمەت ئېيتقۇسى كەلدى. كەلدىيۇ، بوغۇزىغا كېلىپ قالغان ئۇ سۆزنى يۇتۇۋەتتى. دەل شۇ چاغدا كارىدوردا ئېغىر يۈتەل ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە بۇ ئاۋاز بارغانچە يېقىنلاپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.

_ ئىشىكنى چېكىپ كىرسىلە،_ گۆلەيدى مۇدىر،_ كالا ئېغىلى بولمىسا بۇ.

ئايال ئكزىنىڭ يۆتىلىشىدىنمۇ ياكى مۇدىرنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمىدىمۇ ، ئەيتاۋۇر ئاستا قەدەملىرى بىلەن ماۋۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە مۇدىرنىڭ ئۈستىلىگە تېيىنىۋالدى. شۇ تېيىنىۋېلىش بىلەن تەڭ سوزۇپقىنە بىر <<ئۇھ>> تارتتى.

_ مىنىڭ ... ئىشىم...،_  ئايال يەنە يۆتۈلۈپ كەتتى. يۈتەلنىڭ داۋامى سۇزۇلغان <<ھى...ق>>قا ئۇرۇن بەدى.

_ ئۆرە تۇرۇپراق دەڭا گىپىڭىزنى،_ مۇدىر بايامقىدىن قەھىرلىكراق گۆلەيدى،_ باشقىلار نىمە مەخپى گىپى باركىن دەپ قالار ھېلى،- ئەمدى مۇدىرنىڭ ئاۋازى بىراقلا پەسلەپ قالدى،_ قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ قىلىپ ئادەمنى.

نەبى بىلەن ھەنىپە ئەمدى بۇ جايدا تۇرۇۋىرىشنى ئەپسىش كۆردى. نىمە دەپ خوشلىشىنىمۇ بىلمەي ئاستا كەينىگە يانغىنىچە ئىشىانىدىن چىقىپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا مۇدىرنىڭ جاكارنامە ئۇقۇۋاتقاندەك سۈزۈك ئاۋازى كارىدورغا ئۇچۇپ چىقتى:

_ ساپ ساقكەنلا، خىزمەتلىرىنى قىلىۋەرسىلە، خانىم.

نەبى تۇرۇپلا قالدى. ھەنىپەمۇ توختىدى. نەبىنىڭ تىنىقلىرى تىزلەشتى. يۈرۇگىنىڭ كۆرەك تاملىرىغا ئۇرۇلىشىدىن چىققان ئاۋاز ھەنىپەگە ناھايىتى ئېنىق، ناھەيىتىمۇ سۈزۈك ئاڭلاندى.

نەبى كەينىگە بۇرۇلدى. بۇرۇلغاندىمۇ شۇنچىلىك تېز بۇرۇلدىكى، خېلى مەشق كۆرگەن ئەسكەرمۇ بۇنچىلىك چاقان بۇرۇلالماس ئىدى. ئۇ ھەنىپەنىڭ قولىدىكى جەدىۋەلنى يۇلۇپ دىگۈدەك ئېلىپ ئىشىانىغا ئكزىنى ئاتتى.

ھەنىپە ئېرىنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ دىگۈدەك كىرگىنىدە نەبى قولىدىكى جەدىۋەلنى ئاللىقاچان يىرتىپ ئۈلەۈرگەن ئىدى. نەبى يىرتىلغان جەدىۋەل پارچىلىرىنى مۇدىرنىڭ ئالدىغا تاشلىدى-دە، يەردە ئولتۇرۇپ قالغان مۇئەللىمەنى يۈلەشتۈردى. ھەنىپەمۇ تىزلا زوڭزۇيۇپ مەئەللىمەنىڭ يەنە بىر قولىدىن يۈلىدى.

ئۈچەيلەن ئاستا قەدەملەر بىلەن مېڭىپ، شېغىل تاشلار بىر چىرايلىق تىزىلىپ سىمۇنت لايغا پاتۇرۇپ ياسالغان مەيدانچاققا چىقتى. مۇئەللىمەنىڭ قولى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى. ھەنىپە ئاشۇ ئاقىز، ئۇرۇق قوللارنى ئۆزىنىڭ بوغماق ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ ئىشقىلىدى. شۇ تاپ قانداقتۇر بىر ئىللىق سېزىم بۇ ئۈچ تەنگە تەڭ تارىماقتا ئىدى.



(بۇ ئەسەر «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، 16- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن)




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-6-13 11:13:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق بىر ھەقىقەت ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.

ۋاقتى: 2012-6-13 13:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئوقۇپ بەك تەسېر قىلغان ئىدى.قايتا ئوقۇپمۇ شۇنچە ھۇزۇر ئالدىم.

ۋاقتى: 2013-3-1 05:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ دەل بىر   ياشاۋاتقان   دۇنيا ، ناھايىتى شەپقەتسىز  ، رەزىل دۇنيا...............

ۋاقتى: 2013-5-1 15:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا تەسىرلىككەن ،  ئوقۇپ بەكمۇ ھوزۇرلاندىم......رەھمەت،  ئاللاھىم  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قىرىندىشىم.....

ۋاقتى: 2013-11-1 14:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇتەللىپ ئاكا.ئالدى بىلەن ئاېىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.بىر قىتىملىق مۇنازىرە سورىنىدا سىز بىلەن يۇز كۇرشۇپ خۇش چاقچاق مىجەزىڭىز ماڭىلا ئەمەس پۇتۇن ساۋاقداشلارغا تەسىر قىلغاندى،غاز كاۋىپى بىلەن توختاپ قالماي 大盘鸡 لەرنىمۇ يىزىپ قۇيۇڭ ئاكا، يىزىپ قۇييسىزدە خىيييييييييييييييييييييييييييييي...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش