نۇرمۇھاممەت ھاشىم
غەزەپ
شۇ تاشقا قارايمەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن،
چەكچەيگەن كۆزلىرىم تۇرار تىكىلىپ.
مەن ئۈچۈن بىر دەۋىر ئۆتەر شۇ تەرىق،
تۈن كەبىي دەھشەتتە تۇرىمەن ئېقىپ.
مەن يەيمەن ئۇ تاشنى چوقۇم بىر كۈنى ،
قۇم كەبىي چېچىلار كۆزۈم تېگىدە.
ياكى تاش ئەيلەر مېنى چەكسىز خاراب،
سۆڭىكىم ۋېشىلدار بوران ئىچىدە.
يانمايمەن ھاياتىم ئەستىلىك ئەمەس،
سۆيگۈ ياكى گۈللىگەن باغۇ-بوستان.
قىساسنى ئالالماي ئۆتۈپ كەتسەممۇ ،
ئاۋازىم ياڭرايدۇ زاماندىن زامان.
كېچە
يېراق شەھەر ۋە بىر گۈزەل قىزچاق،
ئاي تەۋرىگەن سۇنىڭ ئەكسىدە
ئەسەبىيلەشتى قىزغىن ئىشتىياق،
گوياكى تارتىنىپ تۇرۇپ
ئۆكسۈپ يىغلىغان بىر بالا سىياق.
يېنىپ كەلدى سىرتتىن بىر سايە
ئولتۇرماقچى بولۇپ مېنىڭ يېنىمدا،
مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرماقچى بولۇپ
ئىچىۋېلىپ لىقلا بىر رومكا ئازابنى ،
چىقىپ كەتتى زۇلمەت ئىچىگە؛
غىڭشىپ-غىڭشىپ بىر توكۇر كۈچۈك
يۈگۈرەپ ئۆتتى زۇلمەي كېچىدە.
توڭۇپ كەتتىم ئەي كېچە
يېپىپ قويغىن شاماللىرىڭنى،
زېرىكىپ كەتتىم ئەي ۋەھشى كېچە
تىلىپ قويغىن يۈرەكلىرىمنى،
تېمىپ تۇرسۇن قېنىم چىكىلداپ
قۇياش يىغلار گۈزەل تاڭغىچە.
گۇگۈمدىكى جىمجىت بىر ئۆيدىن ،
چىقىپ كەلدى ئاستا بىر كۆلەڭگە.
ئەينەكتىكى ئوتنىڭ شولىسى،
چېچىلىپ كەتتى تەرەپ تەرەپكە.
ئىچتى مەينى كېچە خىيالەن،
مەستلىگىمنى قىلدى مەست.
ئوقچۇپ چىقتى يۇپۇرماق ئارا،
رەھىمسىز چۈشتەك گۈزەل بىر ھەۋەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 21:42
|