(10- قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن)
قىشتىن زېرىكىش
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
زۇلمەتلىك ئۆتمۈشتەك سوغۇق بۇ كېچە،
كۈلكىلەر ئۈششىگەن قەلبىم بويىدا.
ئۆتۈپ كەتتى قۇياش تۈنۈگۈن،
دېرىزەمدىن بېقىپلا قىيا.
دەرەخلەر يالىڭاچ قالدى دالادا
جۇتلار ئۆلۈمىدە باغجانلاپ چۈشى.
ئەسلەتتى قەدىردان روھىمنى ماڭا
بوراننىڭ تۇيىقى ئارا ئۈزۈلگەن ـــ
غازاڭنىڭ پاتقاقتا لەيلەپ يۈرۈشى.
دولقۇن نەرىسىنى سېغىنار شېئىرىم،
كىرپىكلەر بەرگىگە ئېسىلىپ ئۇدا.
مۇز پەسلى خاتىمە تاپار ئېھتىمال
كۈننى يەر شارىغا يېقىنلاشتۇرۇپ
ھەممىنى كۆيدۈرگەن چېغىدا خۇدا.
دەردلەرگە ئۇلايدۇ كۆڭۈل پۇتىنى
ئۆتمۈشنى يېتىلەپ كېلىش ئۇشبۇدەم.
مۈشكۈلدۇر قىسمەتتە ساقلىنىش قىشتىن،
ئادەم ئۆز-ئۆزىگە شوتا، ئورا ھەم.
زېرىكتىم سەندىن، ئەي، قىش پەسلى ئەجەب،
كۆزۈمدىن ئۇچتىغۇ يازدىكى چىمەن.
ئىشىكنى ئاچساملا مۇشۇ كۈنلەردە
دوقۇرۇشۇپ قالىمەن، ئەپسۇس،
بوسۇغىدا يەنە سەن بىلەن.
1993-يىل، 7-دېكابىر، كورلا
|