يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 844|ئىنكاس: 14

ئەركىم:چىليەنشەننى-تەڭرىداۋان دەيمىز!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                   چىليەنشەننى-تەڭرىداۋان دەيمىز!) V9 A2 Z* T; a2 C/ X. _  K  `

1 B% P8 @/ [* W7 m
& f: b0 a; o* f( X% a                                             مۇجىبۇل راخمان ئەركىم7 B7 A3 R) Q8 n) b8 W6 f  w

  [( R; h1 R; J7 d% X- R7 s- Q
/ ^. P6 p1 {$ v8 N0 a4 O* Q; U3 C: D8 M6 a% z/ U0 S4 W

, T& g* [* U, q3 c" k   بۈگۈن ئازراق بوش ۋاقتىم چىقىپ قاپتىكەن، شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ 2014-يىللىق بىرىنچى سانىنى ۋاراقلاپ باقتىم. ئادىتىمدىكىدەك مۇندەرىجىدىكى كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان تېمىلارنى ئىزلىدىم، تۇيۇقسىز رەيھانگۈل قۇربان نامىدىكى << تۆمۈر ۋە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى >> دېگەن تېمىغا كۆزۈم چۈشتى. چۈنكى بۇ  سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ،مەسئولىيەتچان داڭلىق يازغۇچىسىى بىلەن تونۇشقىنىمغىمۇ  ئوننەچچە يىل بولغان ۋە بىر قانچە قېتىم قومۇل ۋە سۇنەندە ئۇچىرىشىپ  كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان ئىدۇق.  يازمىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىنى ئوقۇپ،  ئىككىنچى ئابزاسنىڭ تۆتىنچى قۇرىدىكى << چىلانتاغ>> دېگەن يېرىگە كەلگەندە نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. . ]0 L" d9 _8 ^& ]3 a4 X* }. \9 J
   چىلىيەنشەن- بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇقەددەس تاغنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى ھەققىدە ھېلىغىچە بىرلىككە كەلگەن بىر قاراش يوق. لېكىن،  2011-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۈرۈمچى تارمىقىداخىزمەت قىلىدىغان ياش تارىخچى ئابلېز ئورخۇن ، قومۇل سەنئەت ئۆمىكىنى تالانىتلىق مۇزىكانىتى ۋە ناخشىچى غالىپ ئەرشىدىن ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇقام ۋارىسى ۋە داستانچى ئىبراھىمگاڭ ياقۇپ، شۇ يىللىرى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرىسىتىدا ئوقۇۋاتقان ئۈمىدلىك ياش ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇرى(ھازىر مەركىزى مىللەتلەر نەشىرىياتىدا) ۋە مەن قاتارلىق بەش كىشى ئوت ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن قالغان ۋە مىڭ يىللارنىڭ ئالدى -كەينىدە گەنسۇنىڭ تاغلىق زىمىنلىرىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىز سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى سۇنەنگە بېرىپ 4 كۈن زىيارەتتە بولغاندا تۆمۈر ئەپەندىمدىن  ۋە باشقا سېرىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا چىلىيەنشەننى نىمە دەيدىغانلىقىنى سورىغانتۇق.  تۆمۈر ئەپەندىم، ئارىسلان، ئەنيۈلىڭ قاتارلىق سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ئوتيۈرەك زىيالىيلىرى بىزگە : چىلىيەنشەننى بىز ئۆزىمىزنى بىلگەندىن تارتىپ چوڭلارنىڭ ئاغزدىن -دېڭرىداۋان دەپ ئاڭلاپ كەلدۇق، مەنىسى شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ بىلەن ئوخشاش  دېگەن ئىدى. بۇ ھەقتە مەن قايتىپ كېلىپ يازغان مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنغان << سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر >> ناملىق ئەدەبىي خاتىرەمدىمۇ توختالغان ئىدىم.  كېيىن ساقىدىكى تەرجىمان ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېيىم تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ بىرقانچە ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدىمۇ چىلىيەنشەننى نىمە دەپ ئېلىش ھەققىدە تۆمۈر ئەپەندىمگە تېلېفۇن ئۇرغاندىمۇ ئۇ كىشى بىزگە دېڭرىداۋان دەپ ئالساق تارىخقا ھۆرمەت قىلغان بولىمىز، دەپ قايتا-قايتا تاپىلىغان ئىدى. مېنىڭچە، چىلىيەنشەننى - مەجبۇرىي ھالدا ئاھاڭ بويىچە چىلانتاغ دەپ ئاتىۋېلىش زور خاتالىق. چۈنكى، چىلان دېگەن بۇ ئاتالغۇ مىڭ يىل بۇرۇنقى ھېچقانداق بىر يازما ماتېرىيالدا چىلان دەپ ئېلىنمىغان، چىلاننىڭ ئەسلى ئاتىلىشى چۇغان بولۇپ، قومۇللۇقلار تا ھازىرغىچە چىلاننىڭ ياۋىسىنى چۇغان دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر چىلىيەنشەن- دېگەن بۇ ئىسىم چىلان دېگەن ئىسىمدىن ئۆزگەرگەن دەپ پەرەز قىلساق، ھەرگىزمۇ چىلىيەن بولماستىن چىللاننىڭ ئەسلى قەدىم ئاتىلىشى چۇغان شەكلىدە ئىستىمال قىلىنىپ :- چىگەن، چۈگەن، چۇگاڭ...شەكلىدە كەلگەن بولاتتى. يەنە كېلىپ تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە چىلىيەنشەندە ھازىرمۇ چىلان ئۆستۈرۈلمەيدىكەن.# t* E; n' U4 Z8 w! S
   بۇلتۇر يىل بېشىدا  قومۇلدىكى پىشقەدەم رەھبەر، تەرجىمان ئابدۇراخمان مۇتىللا  << سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى >> دېگەن كىتابنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئارىمىزدىكى يېشى 70 داۋانلاردىن ئېشىپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر يېزىقچىلىقنى تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئابدۇراخمان مۇتىللا كېچە- كۈندۈز تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە، مەن ئۇ كىشىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تولىمۇ قايىل بولىمەن ۋە چوڭقۇر ھۆرمەتلەيمەن. ئەمما، ئۇ كىشىنىڭ كۆز قارىشىدىمۇ چىلىيەنشەننىڭ ئەسلى ئاتىلىشى چىلانتاغ ئىكەن. تەڭرىداۋاننىڭ(چىلىيەنشەن) ھەقدات ئىگىلىرى بولغان، خەلقئارادىن ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ، ئۇيغۇر -تۈرك قەدىمى تىلىنىڭ تىرىك تاش قاتمىلىرى، دەپ ئاتانغان سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئانا تىلىدا چىلىيەنشەننى دېڭرىداۋان دەپ ئاتاۋاتقان تۇرسا، بىز نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئاتىشىغا ھۆرمەت قىلماي ئۆز مەيلىمىزچە يېڭى ئىسىم ئىجاد قىلىمىز؟! بۇ يېزىقچىلىق، تەرجىمە ئەخلاقىغىلا ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ شانلىق تارىخىغىمۇ قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر!  ئىشەنمىسەڭلار، تۆمۈر ئەپەندىمدىن ۋە ياكى باشقا بىرەر سېرىق ئۇيغۇر تونۇشىڭلار بولسا سوراپ بېقىڭلار، ئۇلار جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن :- بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز  نەچچە مىڭ يىللار ماكان ئەتكەن بۇ مۇقەددەس تاغنى دېڭرىداۋان دەيمىز، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ...ھەرگىزمۇ چىلانتاغ دېمەيدۇ!!!" _3 v% J9 ?7 ]7 X9 K& X

- I2 e9 E! L3 U8 Y: ]; G' W3 y2 m+ G2014-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى قومۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-27 19:52  8 {7 E* L( Z( D, w3 j3 Y* @

( ^8 |$ L3 q) K7 i) e3 s( y  b, Y

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-27 21:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز چىچەك ئاچسۇن.

ۋاقتى: 2014-2-27 22:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىحنى ھىچكىمنىڭ ئۉزى بىلگەنچە ئۉزگەرتىش ھوقۇقى يوق.يەر جاي ناملىرىمۇ ئوحشاشلا  ئاشۇ شانلىق تارىحنىڭ شاھىدى سۅپىتىدە ئەينەنلىكىنى ساقلاپ قالعىنى ياحشى.تارىحنى قانداقتۇر ئۉيدە ئولتۇرۇپلا ئاڭلاپ ،سوراپ  يىزىپ چىقىدىعان نەرسە ئەمەس.ئاشۇ تارىحنىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۅپىتىمىز بىلەن يازعانلىرىمىزعا مەسئۇل بولىشىمىز كىرەك.منىڭچە مەجبۇلنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ئاساسى باردەك قىلىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-28 11:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمانلىرىمىزنىڭ تارىخى بىلىملىرىنىڭ چولتىلىقىدىن نۇرغۇن ئىسىملىرىمىز ئۆزگىرەپ كەتتى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى- كوئىنلون...ئەسلى قاراقۇرۇم.2 ^/ I. \1 r. U& `! Q- J. B- M
يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. 62-يىلى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ ئىككىلا تەرەپ قېدىرتۇمشۇق دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغنى بىزنىڭ تاغ، بىزگە تەۋە! دەپ تالىشىپ قالغان. ئاخىرى خەلقئارا تەشكىلات، كىم مۇشۇ تاغنىڭ ئىسمىنى ئۆزئانا تىلىدا قايىل قىلارلىق يىشىپ بېرەلىسە بۇ تاغ شۇ مىللەتكە تەۋە بولسۇن،  دېگەن قائىدىنى چىقىرىپتۇ. ھىندىلار نەچچە مىڭ يىللىق قامۇسلىرىنى ئىزلەپمۇ بۇ ئىسىمنى يىشىپ بېرەلمەپتۇ.
7 ~* S) d0 F# H$ H/ M- r- Aكېيىن بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىمىز بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى «تۈركى تىللار دىۋانى»قاتارلىق بۈيۈك قامۇسلىرىمىزدىن ئىزلەپ تېپىپ ئارمىيە دائىرىلىرىگە يوللاپ بېرىپتۇ. ئەسلىدە قېدىر دېگىنى 1000يىللار بۇرۇندا خېچىر مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن ئىكەن، تۇمشۇق دېگەن سۆزنى تىلى ئەمدىلا چىققان ئۇيغۇر بالىسىمۇ چۈشىنەلەيدۇ.  بۇتاغنىڭ ئىسمى خېچىرتۇمشۇق ئىكەن.  دېمىسىمۇ بۇ تاغقا يىراقتىن نەزەر تاشلىسا خېچىرنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاپ تۇرىدىكەن. بۇنى ئاڭلىغان بىچارە ھىندىلارنىڭ قۇلاقلىرى سالپىيىپ، كۆسەيلىرىنى سۆرىگىنىچە ۋەتىنىگە كىتىپ قاپتۇ. دېمەك، بىز بىر پاي ئوق ۋە بىر تامچە قان تۆكمەي تۇرۇپ، پەقەت ساپ ئۇيغۇرچە يەر نامىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ جانغا تېگەشكۈسىز قىممەتلىك زىمىنىنى قايتۇرىۋالغان ئىكەنمىز...: l6 j% A' B  s' U
شۇڭا يۇرت-سۇلىرىمىزنىڭ ئەسلى ئاتىلىشىنى قەتئىي ۋە قەتئىي ئۇنتىماسلىقىمىز، ئۇنى جېنىمىزنى تىكىپ قويۇپ قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 19:42  ) P/ [' R+ [, q
* g) X/ d: ?/ |5 C6 N3 P

ۋاقتى: 2014-2-28 11:20:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر يەر-جاي ناملىرىنى قايتىدىن ئېنىقلاۋاتىدىغۇ دەيمەن.بۇ بىر ياخشى پۇرسەت.

ۋاقتى: 2014-2-28 16:36:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا يۇرت-سۇلىرىمىزنىڭ ئەسلى ئاتىلىشىنى قەتئىي ۋە قەتئىي ئۇنتىماسلىقىمىز، ئۇنى جېنىمىز تىكىپ قويۇپ قوغدىشىمىز كېرەك.
+ J( O# T, h4 q   ــــــ
7 ]1 L# i2 U" w/ n0 o9 i
& K: N$ C7 N3 _5 R3 y, u: `ئالدى بىلەن ئەركىمنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزىگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ئانا تىل بايلىقىمىز ،بارلىقىمىزدۇر.ھازىر تۇرمۇشىمىزدىمۇ قەدەمدە بىر  مۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچۇرتىمىز.خۇددى ئەبجەش سۆزلىسەك بىلىملىك بولۇپ كەتكەندەك. ئاتا بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن  ياشاپ ئۆتكەن بۇ زېمىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنىڭ نامى ئەسلى ئاتىلشى ۋە ئاھاڭدارلىقى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك.

ۋاقتى: 2014-2-28 17:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قايسى بىر ماتىرىيالدا ‹‹چىلىيەنشەن››تېغىنىڭ يۈزگە سۈركەيدىغان ئۇپا ئەڭلىك تەركىۋى چىقىدىغان تاغ ئىكەنلىكىگە قاراپ خەنزۇچە ‹‹چى ››يەنى ماي ‹‹لىيەن››يۈز ،‹‹شەن››تاغ دىمەك يۈز مېيى چىقىدىغان تاغ دىگەندەك مەنادا كېلىشىنى كۆرگەندەك قىلغان ،بۇ بىر بىمەنىلىك ئەمەستۇ  ‹‹ئۇيغۇرلار››دىگەن كىتاپنىڭ بىر يېرىدە مۇشۇنداق بىر مەزمۇن پۇتلاشقاندەك قىلغان،بۇ ھەقتە يەنە مەنبەلەرگە قاراپ باققۇلۇق...

ۋاقتى: 2014-3-1 00:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تارىخنى ياكى قەدىمى ئىسملارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭ ھەقدار ئىگىللىرىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر. بۇ ماقالىدىكى سادادىن تۆمەنلىگەن كىشللىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم...
' k' x: R, b0 x3 e, l! p( j+ i5 m

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-2 19:44:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھان يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 16:36 ! a$ n1 g) A; P+ }6 Z' t
شۇڭا يۇرت-سۇلىرىمىزنىڭ ئەسلى ئاتىلىشىنى قەتئىي ۋە قەت ...
  h4 W$ ?- j7 k0 X0 g0 J
ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۆيدە باشقا تىلدا سۆزلىشىشىنى قەتئىي چەكلىدۇق. بۇ ئارقىلىق بارغانچە ئەبجەشلىشىۋاتقان تىلىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا قىلچىلىك پايدىمىز تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، بولۇپمۇ بالىلىرىمىزغا كىچىككىنە بولسىمۇ ساپ بولغان ئانا تىل مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشايلى!

ۋاقتى: 2014-3-5 16:07:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇشۇنداق يارقىن پىكىرلەرنى دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرغايسىز ئىنىم. بۇ جەھەتتىكى دادىل پىكىرلىرىڭىز مېنى خۇش قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-3-5 16:20:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راستىنلا ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك ئىكەن.مۇئەللىپنىڭ ئەستايىدىللىقىعا تەشەككۇر!…

ۋاقتى: 2014-4-13 11:22:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چىلان تاغ »توغرىسىدىكى چۇشەنچەمنى يېڭىلاپ ،مېنى يېڭى بىر تەپەككۇر يولىغا  باشلاپ كىردىڭىز .ئىزدەنگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىش توغرىسىدا ھەممىز قولىمىزدىن كېلىشىچە كۇچ چىقىرايلى،ئومۇملىشىپ قالسا بۇ سىزنىڭ يەر ناملىرىمىزنىڭ ئەسلىگە كەلتۇرۇلۇشىگە قوشقان ئۇنتۇلماس تۆھپىڭىز بولۇپ قالغۇسى.ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجرىڭىزنى يەردە قويمغاي.

ۋاقتى: 2014-4-18 20:15:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت دەرۋىش يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 11:22
- Q' |) I) r1 R' w' P1 {  Q  Q«چىلان تاغ »توغرىسىدىكى چۇشەنچەمنى يېڭىلاپ ،مېنى يېڭى ...

. i' O5 u% M. P$ }. P4 s5 |' n. y4 kئەمەتجان مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟مىنەۋۋەر خانىم ياخشى تۇرغاندۇ؟مەن مۇھەممەتجان قۇربان پەيزاۋاتتىن.

ۋاقتى: 2015-9-3 00:20:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى چىلانتاغ دىگەن چۈشەنجەمنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدىم،تىما ئىگىسىگە رەھمەت

ۋاقتى: 2015-9-3 01:46:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش