مۇتىللا ئەبەد قىرانى 1970-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش بازار ساي كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1988- يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى قاكولتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. ھازىر قىزىلسۇ قىزغىز ئاپتونۇم ئوبلاسلىق مائارىپ ئىدارىسى مائارىپ بۆلۇمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1986 يىلى «قىزىلسۇ گېرىتى»دە ئېلان قىلغان «ئويغات مېنى» ناملىق شىئىرى بىلەن باشلانغان.
ئۇنىڭ 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «تاش شەھەر» ناملىق شېئىر-نەسىرلەر توپلىمى، 2012-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «تاش قەدەھ» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى، 2014-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «سۈكۈتتىكى ئاۋاز» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.