پەردىلىك كۆزلەر
ھوشۇرمەت روزى
بىر ئاۋاز ئاڭلىنار تەرەپ–تەرەپتىن،
يۈرەكلەر ئىشكىنى يۈرىيدۇ چېكىپ.
قاچانمۇ يىرتىلار قۇلاق پەردىسى،
ئويغانماس روھلارنى سۈر–توقاي قىلىپ.
چاراقلاپ تۇرىدۇ مەۋھۇم يۇلتۇزلار،
قۇياشنى كۆرەلمەس پەردىلىك كۆزلەر.
دىللارنىڭ توسۇقى ئىرىسە ئەگەر،
تىرىلەر تىللاردىن نىداسىز سۆزلەر.
گۈزەل بىر ھاياتنى بىلمەيمىز تېخى،
مەن دىگەن غەملەردە يۈرىيمىز كېچىپ.
ئۇخلايمىز بەرىبىر ئۇخلىغۇچى بىز،
ئويغىنىش بىزلەرگە بولغۇچە نىسىپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇغيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-26 08:31
|