يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 5317|ئىنكاس: 5

«مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە

      ئايال دېمەك -ئانا دېمەك؛ ئانا دېمەك-دۇنيا دېمەكتۇر؛ ئانا دېگەن سۆز ئەلمىساقتىن تارتىپ «ئېڭە»دەپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقلاردىن تارتىپ بەللىرى مۈكچەيگەن بوۋاي-مومايلارغىچە مىنۇت-سېكونت ئېغىزدىن چۈشۈرمەي زىكرى قىلىپ كېلىۋاتقان مۇڭلۇق كۈي. ئانا -ئۇ بىر مەڭگۈلۈك تېما، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە، مەغرىبتىن-شەرىققىچە، ئەدىپتىن -شائىرغىچە، كۈيلەپ -كۈيلەپ تۈگىتەلمىگەن.
     بۇ خىل مەڭگۈلۈك تېمىنى يەنە بىر نۆۋەت كىتابخان ھۇزۇرىغا سۇنۇپ  ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغان ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋىستى بىر تەرەپتىن قەلبىمىزدىكى ئاشۇ مېھرىبان، جاپاكەش،   مېھنەتكەش ئانىلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ۋاپادار، كۈيۈمچان، ئاقكۆڭۈل ۋە پەرزەنتلىك بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىغان ئوبرازىنى يارقىن بايان قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق  مېھرى-مۇھەببەت ۋە سېغىنىشلار ئىچىدىكى تۇيغۇنىڭ  ئانا -بالىدىن ئىبارەت بۇ خىل مۇناسىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى  سېغىنىشقا يەتمەيدىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن  تەسۋىرلەپ بەرگەن.
مېنىڭچە ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ئانىغا ئوخشاش قۇربان بېرىش روھى يەنە بىر ئىنساندا بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ قۇربان بېرىش روھىغا ھېچقانداق ساختىلىق ، ياسالمىلىق،  جۈملىدىن  ھېچبىر غەرەز يوشۇرۇنغان بولمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر پەرزەنتمۇ ئاشۇ سۈيۈملۈك كىشىنىڭ ئەجىر مېھنىتىنى تونۇپ يېتەلىشى كېرەك.
دېمەك، «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋىست ئۇزاق يىللىق ھىجرانلىق ئايرىلىش  مەزگىلىدە  ئانىلىق ۋە پەرزەنتلىك تۇيغۇلىرىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىغان مېھرىبان ئانا ۋە كۆيۈمچان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى  كۈچلۈك سېغىنىش تەسۋىرلەنگەن ئەسەردۇر.
      ئەسەردە، باش پىرسۇناژ «مېھمان» نىڭ بوۋىسى ئۇرايىمھاجى زامانىسىدا  كاتتا سودىگەرلەردىن بولۇپ كابول، ھىندىستان، خوتەن ئارلىقىدا كارۋان تارتىپ تىجارەت قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى سەپەرگە ئوغلى ئابدۇرېھىم ھاجىنىمۇ  ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ  ئېلىپ كېلىدۇ . بىراق ئەينى دەۋردىكى تىنچسىز ۋەزىيەت  بۇ ئاتا -بالىنى  ئۆز ۋەتىىنىگە قايتىش  ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بوۋىسى ئۇرايىمھاجى قەشقەردە قازا قىلىپ، مۇشۇ زېمىندا يەرلىكىگە قويۇلىدۇ . ئابدۇرېھىم ھاجى خەت ساۋادى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ  ۋە قوشنىلىرىنىڭ تۇققانلىرىدىن بىرى بولغان سائادەتخان خېنىمغا  ئۆيلىنىدۇ . بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي  بۇ كىشىنىڭ تەقدىرىدە  يەنە ئۆزگىرىش  بولۇپ   كېلىپ چىقىشى سۈرۈشتۈرۈلگەندە  «پومىشچىك ئەۋلادى، چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر  » دەپ قالپاق كىيگۈزۈلۈپ، ئۆز يۇرتىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا.  ئابدۇرېھىم ھاجى ئوغلى ۋە ئايالىنى ئۆز يۇرتى كابولغا بېرگە ئېلىپ كېتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلسىمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت پەقەت ئوغلى «مېھمان» نى  بىرگە ئېلىپ كېتىشىگە  قوشۇلىدۇ. ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان «مېھمان» دادىسى بىلەن بىرگە  كابولغا كېتىدۇ. سۈيۈملۈك ئانىسىدىن، قەدىردانىدىن ئايرىلىدۇ. سائادەتخان ئۆز بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەرگە دەريا كەبى  ياش تۆكۈپ، جان-جىگەر ئوغلى ۋە ھەمراھىنى كابولغا يولغا سېلىپ قويىدۇ. كابولغا بارغاندىن كېيىنمۇ «مېھمان» كۆيۈمچان ئانىسنى، ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان  تار كوچىلارنى  ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىدۇ. 50 يىل دادىسى بىلەن بىرگە  ياشاپ كەلگەن «مېھمان» دادىسنىڭ ۋاپاتىدىن  كېيىن، يۈرىكىدىكى چوڭقۇر سېغىنىشنى ئېلىپ،  يېرىم ئەسىر سېغىنغان ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كېلىدۇ ھەمدە بىر شوپۇرنىڭ ھەمراھلىقىدا  ئۆزى تۇغۇلغان  شۇ تار كوچىلاردىن ئانىسىنى ئىزدەشنى  باشلايدۇ. ئانىسىنى ئىزدەش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن  ئۇچرىشىدۇ. بىر نەچچە ھەپتىگە يېقىن  توختىماي ئىزدەش ئارقىلىق ئاخىرى ئانىسنى تاپىدۇ.
     دېمەك، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان «مېھمان» يەنى ئابدۇلھىمىتخاننىڭ يېرىم ئەسىرلىك  ئانىسدىن ئايرىلىش ھىجران ئازابى ۋە ئاخىرى  ئانىسنى تېپىشتىن ئىبارەت ۋەقەلىك  بۇ ئەسەرنىڭ مۇھىم سىيۇژىت لىنىيەسىنى تەشكىل قىلغان.
    ئەسەر  بايان قىلىش ئۇسۇلىدىن  چېكىنمە باياننى ئاساس، قىستۇرما باياننى  قوشۇمچە، ئاپتور تىلى ۋە  3-شەخىس تىلىدىن پايدىلىنىپ راۋاجلانغان. بۇ ئەسەرنىڭ  گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
   1. ۋەقەلىكنى بايان قىلىش جەھەتتە  لىرىكىلىق تۇيغۇ كۈچلۈك، تىل ئىشلىتىش جەھەتتىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ  قىسمەن ئالاھىدىلىكلىرى ئۆز  ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن: «ئانا بۇ ياندا يىغلايتتى، دادا ئۇ ياندا ياش تۆكەتتى، بالا ئوتتۇرىدا يىغلايتتى، ئەتراپتا تۇرغانلار يىغلايتتى، ئاسمان يىغلايتتى، يەر يىغلاتتى»،«ئېھ، سۈيۈملۈك تار كوچىلار… ئېھ، تار كوچىدىكى  مېھىرلىك ۋەتەن!»
    2.  كونا شەھەرنىڭ تار كوچىلىرىغا جايلاشقان چايخانىنى تىلغا ئېلىپ.  قەدىمكى ئۆيلەرنىڭ ياسىلىش شەكلى، مىمارچىلىق ئۇسلۇبى، قەدىمقى ئۇسلۇبتا سۇپا باغلىنىپ مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، چايخانا مەدەنىيىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
     بۇ نۇقتىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بىزگە «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل چايخانا  مەدەنىيىتى  قايسى دەۋردىن باشلانغان، چايخانا ئىچى قانداق لايىھەلەنگەن، بۇ خىل  مەدەنىيەت ھازىر قايسى جايلاردا بەكرەك ساقلىنىپ قالغان، ھازىرقى قىسمەن ئاشخانلاردىكى بولۇپمۇ، بەكرەك داڭلىق بولغان  ئاشخانىلاردىكى سۇپا باغلاشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا مېھمان كۈتۈش ئەھۋالى، ئائىلىۋى تاماق يېيىش ئادىتىمىزنىڭ ئاشخانىلارغا سىڭىپ كىرىشىمۇ ياكى قەدىمقى چايخانا مەدەنىيىتىنىڭ  تەسىر كۆرسىتىشىمۇ؟» دېگەندەك نۇقتىلاردا بىزنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. گەرچە بۇ تەرەپ ۋەقەلىك ئېھتىياجى بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن  يارقىن نۇقتا بولمىسىمۇ، ئاپتوردا بۇ خىل  ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچە ۋە ئىزدەنمىلەر بولغاچقا تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، دەپ قارايمەن. مۇشۇ نۇقتىلارغا قىزىققۇچىلارنىڭ كەڭ دائىرلىك ئىزدىنىپ بېقىشىنىمۇ ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.
     3. ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ  كۆل  مەدەنىيىتى ۋە كۆل سۈيىنى ئاسراش  توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرى ۋە بۇخىل مەدەنىيەتنىڭ  يوقىلىشقا  يۈز تۇتقان  ئېچىنىشلىق پاجىئەسى  تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەن. مەسىلەن:« ئۇنىڭ بالىلىق خاتىرىسىدىكى ساراي كۆل ــــــ سۈيى زۇمرەتتەك، بېلىقلىرى ئالتۇندەك ناھايىتى چوڭ كۆل ئىدى. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدا كۆكنى تېرەپ تۇرغان سۇۋادان تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئەتراپىدىكى كىشىلەر كۆلنى شۇنچىلىك ئاسرايتتىكى، كۆلدە قولىنى يۇسا، سۇغا تۈكۈرسە، سىيسە، سۇنى ئىسراپ قىلسا  يامان بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يۈكسەك ئەقىدىلەر ساراي كۆلبېشىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە كىشىنىڭ روھىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى. ھازىر بۇ كۆل قۇرۇپ كېتىپتۇ، قۇرۇپ كەتكەننى ئاز دەپ، شەھەرنىڭ ئازگىلىغا ئايلىنىپتۇ!» بۇ  باياندىن كۆرەلەيمىزكى، كۆل مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا  يۈكسەك ئەقىدىلەر ساقلانغان. كۆل  سۈيى  بۇلغىنىشىنىڭ  ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس قاشالار تىكلەنگەن. ئەتراپتىكى كىشىلەر كۆل سۈيىنى شۇنچىلىك ئاسرىغان ۋە پاكىز بولۇشىنى ئىزچىل تەكىتلىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە كۆلدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز يوقالغان. بۇ قۇرلار بىزنى«كۆل» دىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ يوقىلىشنى جەمئىيەت تەرەققىياتى ياكى بىزنىڭ ئېڭىمىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، بۇ خىل مەدەنىيەتنى سىغدۇرالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدىمۇ؟ دېگەن  ئويلارغا  باشلاپ كىرىدۇ. شۇنداقلا، بىزنىڭ بۇ نۇقتا ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى يەنە بىر نۆۋەت ئەسكەرتىدۇ.
      (4) بۇ ئەسەردە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ كۆپ خىل تۈرلىرى قوللىنىلغان. ھەممىمىزگە مەلۇم، «ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئومۇمەن تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تىلغا ئوبرازلىق، جانلىق، كونكرېت تۈس بېرىدۇ ۋە تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ». بۇ ئەسەرمۇ دەل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بۇ خىل رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسەرنىڭ  جەلىب قىلىش كۈچىنى، لىرىكىلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن. مەسىلەن: «يۈرەكنى ئەزگەن يىغا، ھۇۋلاپ تۇرغان بوران، ئازابلىق جۇدالىق»،«ئاسمان يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتاتتى، يەر-زېمىن يامغۇر بولۇپ يىغلاۋاتاتتى».  
     (5) قەشقەر ئاياللىرىنىڭ كىيىم-كېچەك ئادىتى بولۇپمۇ، ياشانغان ئاياللارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. مەسلەن: «رەسمدىكى ئۇچىسىغا ئاق چىت كۆڭلەڭ، كۆڭلەڭنىڭ ئۈستىگە خورمىرەڭ جىلىتكە، بېشىغا ئالما ئۇرىقى رەڭگىدىكى كەشمىر ياغلىقى چىگىۋالغان ئايال، قۇلىقىدا نۇرلىنىپ تۇرغان ئالتۇن زېرىسى، بوينىغا سېلىنىپ تۇرغان سۈپسۈزۈك كەھرىۋا مارجىنى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرغان».
     (6) بۇ ئەسەردە كۆزىمىزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىك يەرلىك پۇراققا ئىگە ئاغزاكى تىلنى كۆپرەك ئىشىلىتىش، ھەتتا ئەسەردىكى پىرسوناژلارنىڭ ئىسمىنى يەرلىك پۇراققا ئىگە قىلىش بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەققىيەتلىك چىقىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان. مەسىلەن: «ئابدۇرېھىم ھاجى، سائادەتخان خېنىم دېگەن كىشىلەر مېنىڭ ئاتا-ئانام ئىدى دېسىلە قارى ھاجىكا...»، «ئاي... دەردىم بار بالام، مەن مۇڭلانماي كىم مۇڭلانسۇن؟»
     (7) بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرى ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىش جەريانىدا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر بولغان تەرەپمۇ تىلغا ئېلىنغان. مەسلەن: «بىز ئانامنى ئىزدەش، سۈرۈشتۈرۈش داۋامىدا قايمۇقۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا مەن ئۈچۈن، ئانام ئۈچۈن قەدىمىڭىزگە رازى بولىشىڭىز، مەندىن ئاغرىنماسلىقىڭىز كېرەك». بۇ بايانلاردىن بىلەلەيمىزكى، شوپۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن «مېھمان» غا ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق «مېھمان» ئەڭ ئاۋۋال ئۇ كىشىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان. بۇ نۇقتا بىزگە بىر تەرەپتىن  باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنىڭ گۈزەل پەزىلەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى دەۋردە بىزلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇ نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزىگە باشلاپ كىرىدۇ.
     (8) «مېھمان» نىڭ ئانىسىنى ئىزدەش جەريانىدا ئۇچرىغان ۋەقەلىكلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى بىرقىىسم كۆيۈمسىز پەرزەنتلەر بىلەن پەرزەنت ئۈچۈن يۈرىكى كۆيۈپ كۈل بولۇۋاتقان ئانىلار ئوبرازىنىمۇ ناھايىتى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
    بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە نامەلۇم بولمىسا كېرەك. «پىروزا پىرسوناژ، ۋەقە-ھادىسىلەرنى بايان قىلىپ، تۇرمۇشنى كەڭ ۋە ئىنچىكە يورۇتۇپ، تىپىك شارائىت ۋە تىپىك پىرسوناژلارنى ئەتراپلىق تەسۋىرلەپ، مۇكەممەل بەدىئىي ئوبراز يارىتالايدىغان ئەدەبىي تۈر»⑴. پىروزا ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكايە، پوۋىست، رومان ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئالاھىدىكىگە ئاساسەن تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
     يېرىم ئەسىرلىك ئايرىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك سېغىنىش ئاساسىي سىيۇژىت لېنىيەسى قىلىنغان بۇ پوۋسىتمۇ ئەينى دەۋردىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ بىرقىسىم كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرىنى تەسۋىرلەپ، بۇ ھەقتە بىزنى مۇئەييەن چۈشەنچە بىلەن تەمىنلىگەن.
     بۇ ئەسەرنى قولۇمغا ئېلىپ قايتا-قايتا ئوقۇش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىماي مۇلاھىزە قىلدىم ۋە ئەتراپىمدىكى بىرقىسىم قىزغىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇم. كىچىكىمدىن باشلاپ ئەدەبىي ئەسەرگە بولغان قىزىقىشىم مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇ پەننىڭ بىر ئەزاسى بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ پەننىڭ ئىچىگە كىرگەنسېرى پەقەت قىزىقىش، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆزىنى ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقى بىر ساھىبى ۋە خوجايىنى دېيىشنىڭ ھەقىقەتەن بىمەنە قاراش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. بەش-ئالتە يىللىق ئەدەبىيات بىلىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ھاياتىم گەرچە مېنى ئۇستازلىرىمدەك ئەسەرلەرگە قارىتا كۆپ تەرەپلىمە، مۇكەممەل، ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش باسقۇچىغا ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىيات مەسىلىلىرىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مۇلاھىزە قىلىش ھالىتىگە ئېلىپ كىردى.
     يېزىقچىلىق جەريانى ھەقىقەتەن مۈشكۈل جەريان. كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان سەرخىل ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئەلۋەتتە قەلەم ئېگىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە مۇلاھىزىسى، تەپەككۇرى ۋە ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشى شۇ مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئوبزورچىلىق ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئۇستازىمنىڭ بىر سۆزى ھېلىھەممۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ: «خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ خەلقىمگە سۇندۇم، ئەمما بىرەر ئوقۇرمەندىن ئەسەرلىرىم توغرىسىدا سادا كەلمىدى. سادا كەلمىدى دېگەنلىك، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئوزۇق ئېلىش تەپەككۇرىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. يېزىلغان شۇ ئەسەرلەر توغرىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، ئوبزورلار يېزىلسا ياخشى بولاتتى». ھەقىقەتەن توغرا، ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇلغان ئەسەرلەر ئۈستىدە ئاز-تولا مۇلاھىزىلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي.
     ئۆز گېپىمگە قايتىپ كەلسەم، «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پىروزا ئىجادىيىتىدىكى مەڭگۈلۈك جۇلالىق ئەسەر بولۇپ قېلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن قىسمەن تەرەپلىرىنى مۇلاھىزەڭلارغا سۇنىمەن.
بىرىنچى، ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى توغرىسىدا:
     بۇ پوۋىستنىڭ ۋەقەلىك مەزمۇنىدىن بىلەلەيمىزكى، ئاپتور «ئانا-بالا» ئوتتۇرىسىدىكى يېرىم ئەسىرلىك ئايرىلىش ئازابىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنداقتا «مەڭگۈلۈك» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنى تەھلىل قىلساق «ئەبەدىي» دېگەنلىك بولۇپ، كىشىگە مۇتلەقلىق تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. بۇ سۆزنى بىر ئىنساننىڭ ھاياتىغا تەققاس قىلساق بىر ھاياتلىقنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، ھايات تىنىقلىرىنىڭ توختىشىغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەرياننى كۆرسىتىدۇ. ئاپتور ۋەقەلىكنى بايان قىلىش جەريانىدا «50 يىل»، «يېرىم ئەسىر» دېگەن سۆزلەرنى ئىنتايىن كۆپ تىلغا ئالغان. بۇ خىل تەكرارلىق ئوقۇرمەنگە تەبىئىي ھالدا ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى سېغىنىش تۇيغۇسىنىڭ مۇئەييەن مەزگىلدىكى ياكى چەكلىمە قويۇلغان سېغىنىش ئىكەنلىكىدەك چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ.  ئىنسانىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسىغا بولغان سېغىنىشى مەڭگۈلۈكتۇر. مەيلى پەرزەنت ئانىسنىڭ يېنىدا بولسۇن ياكى جاھاننىڭ يەنە بىر بۈرجىكىدە بولسۇن، بۇ دۇنياغا ئۆزىنى ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ جاپاكەش ئانىسىنى قەلبىدىن چىقىرىپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاپتور بۇ يەردە يېرىم ئەسىرلىك ئايرىلىش ئازابىنى بەكرەك ھەقدادىغا يەتكۈزۈش، ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، ئىنساننىڭ ھەقىقىي  ئىنسانىي تۇيغۇلىرىغا ۋە سۆزنىڭ ئۇقۇم جەھەتتىكى مەنىسىگە سەل قارىغان. بۇ يەردە بىر مەسىلە ئېنىقكى، ئەگەر ئاپتور ئوغۇلنىڭ ئايرىلىش ھىجرانىنى بۇ 50 يىلغا باغلىمىغان بولسا ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى بەكرەك ئۆزىگە تارتمىغان بولاتتى. دېمەك، «مەڭگۈلۈك» دېگەن سۆز بىلەن «50» يىل دەماللىق ئۆز-ئارا جىپسىلشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسەر مەزمۇنى بىزنى يەنىلا كۆپ تەرەپلىمە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدۇ.
     ئىككىنچى، ئەسەردە «مېھمان» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا:
     ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم « مېھمان» ئەسەردىكى باش پىرسوناژ ئابدۇلھېمىتجاننىڭ دەل ئۆزى. ئاپتور بايان ئېھتىياجى بىلەن باش پىرسوناژنى بۇ ئەسەردە « مېھمان»، « ئابدۇلھىمىتخان»، «بالا»، «ئوغۇل» دېگەن ناملار بىلەن تىلغا ئالىدۇ. خەلقىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە «مېھمان» دېگەن سۆز ئۆز يۇرتىدىن ياكى ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پەتىلەش، يوقلاش ئەھۋاللىرى شەكىللەنگەندە، بۇ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى بىز ئادەتتە «مېھمان» دەپ ئاتايمىز. بىز باشقا يۇرتتا ئۇزاق مەزگىل ياشاپ ئولتۇراقلىشىپ، شۇ يەرنىڭ پۇقراسىغا ئايلىنىپ قالساقمۇ يەنىلا كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن جايىمىز ۋە ئويناپ چوڭ بولغان مەھەللىمىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈلۈك ئەسلى ماكانىمىز بولىدۇ. ئەسەردىكى«مېھمان» مۇ ئالتە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ، ئاتىسىنىڭ يۇرتى كابولدا 50 يىل ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا ۋە يۇرتىغا بولغان سېغىنىشتىن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئاشۇ مەھەللىسىنى ئىزچىل يۇرتۇم دەپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىش قىيىن ئەمەس. ئۇنداقتا ئەسەردە ئاپتور ئىزچىل« مېھمان» دەپ تىلغا ئالغان ئابدۇلھىمىتخان بۇ يۇرتقا مېھمان ئەمەس بەلكى ئۆز مەھەلىسىنى سېغىنغان، سۆيۈملۈك ئانىسىنى كۆرۈشكە زار بولغان شۇ مەھەللىنىڭ پەرزەنتى. باشقا نۇقتىدىن «مېھمان» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى، «مېھمان» نىڭ دادىسى كابوللۇق، مېھمان ئالتە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ قەلبىدە يۇرتۇم دەپ بىلگەن قەشقەردىن ئايرىلدى. 50 يىللىق ھاياتى كابولدا ئۆتتى. ئۇنىڭ تىلى ۋە تەپەككۇرى ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاپتورنىڭ «مېھمان» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى مۇۋاپىق دېيىلسە، قەشقەرنى « مېھمان» نىڭ قەلبىدە ئۆز يۇرتۇم، مەھەللەم دەپ ئېتىراپ قىلدۇرماي تەسۋىرلىشى زۆرۈر ئىدى.
     تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:« مېھمان ئۆزىنىڭ چەتئەل تىلىغا كۆنۈپ كەتكەن ئاغزىنىڭ توساتتىن ئۆز ئانا تىلدا سۆزلىگەنلىكىگە، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىيەلىگەنلىكىگە، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەپ ناتونۇش يىگىتتىن «ئاكا» دېگەن قېرىنداشلارچە ھۆرمەت سۆزىنى ئىشلەتكىنىگە ھاياجانلىنىپ قالدى...». بىز باياندىن بىلەلەيمىزكى، مېھمان 50 يىل دادىسىنىڭ يۇرتى كابولدا ياشاپ، شۇ يۇرتنىڭ تىلىدا سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، 50 يىللىق ھاياتىدا ئىشلەتكەن تىلنى چەتئەل تىلى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئانا تىلىم دەپ قاراپ كەلگەن. دېمەك، ئاپتورنىڭ بۇ يەردە «مېھمان» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىدە مۇئەييەن دەرىجىدە سەۋەنلىكلەر بار دەپ قاراشقا بولىدۇ.
     ئۈچىنچىدىن، ئەسەرنى بايان قىلىش جەھەتتە ساقلانغان تەكرارلىق ھادىسىسى:
     بۇ خىل ئەھۋال كۆپرەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ قىسمەن ئۇسۇللىرىنڭ تەكرارلىنىشىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم «ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە تىلنى ئوبرازلىق، جانلىق، كونكرېت قىلىدۇ. ئۇ تىل ماھارىتى، لېكىن ھەرقانداق تىل ماھارىتى كونكرېت ئىدىيەۋى مەزمۇندىن ئايرىلماسلىقى، ئىدىيەۋى مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم»⑵. بۇ ئەسەردە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئوخشىتىش، تەكرارلاش، تەڭداش كۈچەيتمە ئۇسۇللىرىدا كۆپرەك تەكرارلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
بۇ ئەسەرنى ئوقۇش داۋامىدا ئەڭ دەسلەپ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان تەرەپ تەكرارلىنىشنىڭ كۆپلەپ قوللىنىشى. «مېھمان» دېگەن سۆزمۇ 200 دىن ئارتۇق ئورۇندا تەكرارلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئانا، 50 يىل، يېرىم ئەسىر، تار كوچا...دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەردىكى تەكرارلىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. بۇ خىل ئەھۋال جۈملە ۋە مەزمۇنلاردىمۇ كۆپ كۆرۈلگەن. مەسلەن،« مېھمان يېگانە بېلىقتەك دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۈزۈپ، قۇرغۇيدەك تاغ داۋانلاردىن ئۇچۇپ، يىراقتىن-بەكمۇ يىراقتىن كەلگەن» مۇشۇ خىل ئوخشىتىش قوللىنىلغان جۈملە پوۋىسىتتا 10 دىن ئارتۇق ئورۇندا كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بىر ئابزاستا ئىككى قېتىم ئىشلىتىلگەن. يەنە «مېھمان بۈركۈتتەك كۆزلىرىگە سۇس قەھۋە رەڭ كۆزەينەك تاقىغان» بۈركۈتكە ئوخشىتىلغان جۈملىمۇ تۆت يەردە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  «ئۇ باغرىغا قانمىغان ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ مېھرىگە قانمىغان ئانىسىنى تاپالمايتتى، ئۇ دىدارىغا قانمىغان ئانىسىنى تاپالمايتتى»، «مېھمان تار كوچىلارغا قەدەم قويدى.مېھمان تار كوچىنىڭ توپىلىرىغا،تار كوچىنىڭ ئىگىز-پەس كېسەك تاملىرىغا،تار كوچىنىڭ بالىخانلىق ئۆيلىرىگە،تار كوچىنىڭ دەرۋازىلىرىغا،تار كوچىنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ھويلىلىرىغا ....»، « ئابدۇلھىمىتخان مەكتەپتە يۇقىرىلاپ ئوقۇغانسېرى رەسىمگە، رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى. بىراق بۇ مەكتەپتە رەسىم دەرسى ئۆتۈلمەيتتى، بەزى ئاتا-ئانىلار رەسىم سىزىشنى، رەسىمنى بولۇپمۇ ئادەم رەسىمىنى يامان كۆرەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ سىزدى» ئەدەبىي ئەسەردىكى تەكرارلىق ھەرگىزمۇ شۇ ئەسەرنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك چىققانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى جۈملە باش بۆلەك ۋە ئەگەشمە بۆلەكلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ مۇستەقىل ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى بىلدۈرەلىشى زۆرۈر. بىر جۈملىنى ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلەپ قەستەن گەپ يورغىلىتىپ، سوزۇپ ئەسەر سەھىپىسىنى زورايتىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق دەپ قارايمەن. بىز تەكرارلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بەزى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر. بۇ ئۇسۇل نوقۇل ھالدىكى تەكرارلاش ئەمەس، شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا قالايمىقان قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر تەكىتلىمەكچى بولغان نۇقتا كۆزدە تۇتۇلماي، بۇ ئۇسۇلنى قالايمىقان قوللانساق، ئۇ چاغدا ماقالە-ئەسەرلىرىمىز چۇۋالچاق، تېتىقسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىكى بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە يېزىقچىلىق ساھەسىدە توغرا قوللىنىشى زۆرۈر.
تۆتىنچىدىن، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ پوۋىسىت «پوۋىست» نىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك تەلىپىدىن بىر قەدەر يىراق دەپ قارايمەن. «پروزىنىڭ بىر تۈرى بولغان پوۋىست ئادەتتە سەھىپىسى ھېكايىدىن ئۇزۇن، روماندىن قىسقىراق بولغان، مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىن تىپىك مۇھىت ئىچىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، مۇئەييەن تارىخي  دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگۈرۈشلەر تەسۋىرلىنىدۇ. ۋەقەلىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ، زىددىيەت-توقۇنۇشلىرى ئۆتكۈر، پىرسوناژلىرى كۆپ بولۇش پوۋىستنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى ۋە سيۇژىت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ھېكايە ئۈچۈن تاللانغان ۋەقەلىكىنى سوزۇپ ، رومان ئۈچۈن تاللانغان ۋەقەلىكنى قىسقارتىپ پوۋىست قىلىپ قويماسلىق تەلىپىنى شەكىللەندۈرگەن»⑶. دېمەك، پوۋىست پىروزا ئەسەرلىرى ئىچىدە بەدىئىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان ژانىر. شۇڭا ئىسمى جىسمىغا لايىق پوۋىست يېزىش رومانغا قارىغاندا قىيىنراق. مەزكۇر ئەسەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆز ئالدىمىزغا دەسلەپ كېلىدىغىنى ئاساسلىق پىرسوناژ «مېھمان»، قوشۇمچە پىرسۇناژلاردىن مېھماننىڭ ئانىسى ۋە ئاتىسى. ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىمۇ ئاددى، ئاپتور تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن بۇ ئەسەرنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. جۇڭگو مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئەۋج ئالغان ئون يىللىق قارا بوران ئانا-بالىنى ئايرىغان 50 يىللىق ئايرىلىش ھىجران ئازابىدىكى سېغىنىشلار ئاقىۋەت بالىنى چىن يۈرىكىدىن يۇرتۇم  دەپ ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن قەشقەرگە ئاتلاندۇرغان. ئابدۇلھىمىتخاننىڭ بىر نەچچە ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئانىسىنى توختىماي ئىزدىشى نەتىجىسىدە، 50 يىل ئايرىلغان ئانا-بالا ئاخىرى جەم بولغان. ئەسەرنىڭ بېشىدىلا بىز ئوغۇلنىڭ ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىغا ئانىسىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكى، يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا 50 يىل بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى 50 يىللىق ئايرىلىشنىڭ ئىنسان قەلبىدە قايسى خىل تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلەلىشى ھەربىر ئوقۇرمەنلىرىمىز تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلەيدىغان تەرەپ. دەبدەبىلىك باشلانغان قۇرلارنى قىزىقىپ ئوقۇشقا كىرىشكەن بولساقمۇ، ئەمما ئاخىرقى قۇرلاردا تەسەۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن، جىلۋە خاراكتېرلىك تەپسىلاتلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەربىر ژانىر ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، ئوقۇرمەنلەرنى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇئەييەن تەرەپلىرىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى پاش قىلىپ كىشىلەرنى تەربىيەلەش، مەلۇم ھايات ھېكمەتلىرىنى ئېچىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ قارىشى زۆرۈر.
     بەشىنچى، ئاپتور ئەسەردە تىلغا ئالغان يىللار زادى قايسى تارىخى دەۋىرنىڭ مەھسۇلى، دېگەن نۇقتىمۇ بىزنى بىرئاز        ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەسەردە مۇنۇ قۇرلار ئۇچرايدۇ :«20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئۇرايىمھاجى كىچىككىنە ئوغلى ئابدۇرېھىم ھاجىنى ئەگەشتۈرۈپ يەنە بۇ تەرەپكە كەلدى. بىراق كابولغا كېتەلمىدى. ئۇ چاغدا ۋەزىيەت ئۆزگۈرۈپ ھەممە يەرنى پۇرۇخ ھىدى قاپلاپ كەتكەن، چېگرا تاقالغان ئىدى...» بۇ بايانلار بىزگە 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى يۇرتىمىز شىنجاڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسدىكى نورمال مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن. ئۇنداقتا بىز نەزىرىمىزنى ئاشۇ 30-يىللاردىكى تارىخقا ئاغدۇرۇپ باقايلى. «1933-يىلى شىڭ شىسەي تەخىتكە چىقىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، سوتسىيالىزمغا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى»①، «1934-يىلى قىشتىن 1936-يىلى ياز پەسلىگىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا تاللاپ ئەۋەتىلگەن ھەرمىللەت مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ سانى 250تىن ئېشىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ياشلىرى 140 قا يەتتى»②، «1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتىلىدى، جۇڭگو-سوۋىت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن شىنجاڭ خىزمىتىگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلدى»③، «1937-1942-يىلغىچە شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ھەرمىللەت مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇغۇچىلاردىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆلتۈرۈلمەي، ساق قالغان 20 نەچچە كىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرى ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى»④ يۇقارقى بايانلاردىن بىز 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى شىنجاڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورمال ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەردە «خەلق كوممۇناسى، پومشچىكلار ئائىلە تاۋاباتى، چەتكەل باغلانغان ئۇنسۇر» دېگەندەك ئاتالغۇل ئۇچرايدۇ. «1953-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۆبە بىيوروسى مەزكىزى كومىتېتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، پۈتۈن شىنجاڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا دېھقانچىلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش يولىغا قاراپ ماڭدى»⑤. دېمەك، 1953-يىلى دۆلىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى خەلق كوممۇناسى دېگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، باي-پومشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ بارلىق خەلققە يەرنى تەڭ تەقسىملەش پائالىيىتى «پومشچىكلار ئائىلە تاۋاباتى» دېگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئىككى ئاتالغۇ 1953-يىلىدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ مەھسۇلى، ئەمما «چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر» دېگەن بۇ نام دەل مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي مەزگىلىدە كەڭ-كۆلەملىك ئەۋج ئالغان ئۆز يۇرتىغا سۈرگۈن قىلىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدۇر. ئەسەردىكى ۋەقەلىكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان بىردىنبىر ئامىلمۇ دەل «مېھمان» نىڭ ئاتىسىنىڭ كابوللۇق بولغانلىقىدۇر. ئۇنداقتا بۇ ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان ۋاقتىدىن، ئاپتور جىلۋىلىك تىلغا ئالغان 50 يىللىق جۇدالىق ئايرىلغان ۋاقىتنى ھېسابلاپ كۆرسەك دەل 1963-يىلغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما «چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر» دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش سىياسىتى دەل مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى 10 يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئۇقۇم. دېمەك ئاپتور ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش ۋە ئانا-بالىنىڭ ئايرىلىش ئازابىنى بەكرەك ھەقداسىغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قەستەن ساننى پۈتۈنلەپ «50 يىل» دەپ ئالغان. ئەگەردە «50يىل» دەپ ئاتاش توغرا دېيىلسە بۇ ئەسەر 2016-يىلى يېزىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلسا تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن بولاتتى. ئاپتور بۇ يەردە بىر تەرەپنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنى نىشانلاپ، قىسمەن سەۋەنلىكنىڭ  كېلىپ چىقىشغا يول قويغان.
     ئالتىنچى، بەزى جۈملىلەردە قوللىنىلغان سۆزلەرنىڭ توغرا ئىشلىتىلمەسلىكى ۋە لوگىكىلىق جەھەتتىكى مەنتىقىسىزلىقمۇ ئەسەردە كۆزىمىزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئالايلى: « ئابدۇرېھىم ھاجى خەلق كوممۇناسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، يەرلىك ماللار شىركىتىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى»، بۇ مەزگىل 1953-يىلى  يەر ئىسلاھاتى، يېزا ئىگىلىكنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش ئەۋج ئالغان مەزگىل. بۇ مەزگىلدە شىنجاڭدا شىركەت دېگەن ئاتالغۇنىڭ قوللىنىشى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. بۇ سۆز 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋىتىش سىياسىتىدە تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتى، ئىلغار تېخنىكىلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئۇقۇم. سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ خىل خاتالىققا يول قويۇلغان جۈملىلەرنى تۆۋەندىكى مىساللار ئارقىلىقلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ تەھلىل قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «مېھماننىڭ تەن-تېنى تىترىدى»، «كوممۇنا قورۇسىدىكى مەيدانغا ناھايىتى جىق ئادەم، جىق ئانىلار، جىق بالىلار كەلگەن ئىدى»، «بوۋاي قۇغۇنلۇقتىن بىر نەچچە قوغۇن پىشىقداپ كەلدى، ئەمدىلا پىشقان، پىشىپ چاك-چېكىدىن يېرىلغان چىلگە قوغۇنلار تاتلىقلىقىدىن مېھمان، شوپۇر يىگىتكە تېتىپ كەتتى»،«ئوغۇل ھەركۈنى يېڭدىن-يېڭى ئانىلارنى ئۆزىگە ئانا قىلىۋالاتتى»، «بىراق ئۇ چاغدا بالا تېخى كىچىك، خەت ساۋادى چىقمىغان، ئۇنداق خەتلەرنى تونۇيالمايتتى، ئەمما دادىسى ئۇخەتلەرنى ھەجىلمەي ئوقۇۋىتەتتى، دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى كىتاپخۇمار، شائىر كىشى ئىدى...»، «مېھماننىڭ پاچاقلىرى تالغاندا...» يۇقارقى جۈملىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتسا، مۇنۇ بىر ئابزاس يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىپ بېقىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ: «جامە ئالدى، تىقىن-تىقىشماق كوچىلار، كېلىشىۋاتقان، كېتىشىۋاتقان ئادەملەر، ئاتلىقلار، ئېشەكلىكلەر، ھارۋىلىقلار، پىيادىلەر، بايلار، كەمبەغەللەر، تىلەمچىلەر، بەگلەر، زالىملار، مۆمىنلەر، زەردارلار، ئوقەتچىلەر، دېھقانلار، مەدىكارلار، ئاق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەر، سېرىق تەنلىكلەر، قوڭۇر تەنلىكلەر، بۈدرە چاچلىقلار، سېرىق چاچلىقلار، قارا چاچلىقلار، كۆك كۆزلەر، قارا كۆزلەر، قوي كۆزلەر، چوڭلار، كىچىكلەر، ئەرلەر، ئاياللار...» يۇقىرىقىلارنى بىرمۇ-بىر ئىزاھلاشنى، مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئاپتور ۋەقەلىكنى بايان قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىگە دىققەت قىلماي قالغان. پەقەت ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى رام قىلىشنى ئاساس قىلىپ بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ گىرامماتىكا ۋە لوگىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، قىسمەن سەۋەنلىكنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويغان.  
     يەتتىنچى، ئەسەر يېزىقچىلىقىدا ئالدى-كەينى ئىزچىل، باش-ئاخىرى بىردەك بولۇش ئۈچۈن پاكىت  ۋە داۋلىغا ئۇيغۇن بولۇش ئاساسى تەلەپ قىلنىدۇ. ماقالە-ئەسەر يازغاندا دائىم  ئاڭسىز ھالدا بىر- بىرىگە زىد بولۇش خاتالىقى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش لازىم. مەزكۇر ئەسەردىمۇ بۇ خىل مەزمۇن جەھەتتىىكى زىدلىق ئەھۋاللىرى قىسمەن ئورۇنلاردا كۆرۈلۈپ قالغان. مەسلەن: ئەسەردە مۇنۇ قۇرلار ئۇچرايدۇ. «ئابدۇرېھىم ھاجى خەت ساۋادى ياخشى، مەدەنىي، يۇقىرى ساپالىق بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنچە ئوقۇتقۇچى بولدى.»، يەنە «بىراق ئۇ چاغدا بالا تېخى كىچىك، خەت ساۋادى چىقمىغان، ئۇنداق خەتلەرنى تونۇيالمايتتى، ئەمما دادىسى ئۇخەتلەرنى ھەجىلمەي ئوقۇۋىتەتتى، دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى كىتاپخۇمار، شائىر كىشى ئىدى...» يۇقارقى بايانلاردىن بىز «مېھمان» نىڭ دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالىمىز. يەنى «ھەجلىمەي ئوقۇۋىتەتتى»، «خەت ساۋادى ياخشى» دېگەن سۆزلەردىن بىز ئۇ كىشنىڭ خەت تونۇيدىغانلىقىنى بىلسەك، «كىتاپخۇمار، شائىر، مەدەنىي، يۇقىرى ساپالىق» دېگەن سۆزلەردىن بۇ كىشنىڭ ئىلىمگە ھېرىسمەن كىشى ئىكەنلىكدىن ئاز تولا ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز. ئۇنداقتا، ئاپتور ئەسەردە ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى توغرىسىدا قايسى تەرىپىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان؟ ئەگەر ئاپتور بۇ كىشىنىڭ ئىلىمخۇمار كىشى ئىكەنلىكىنى بەكرەك تەكىتلەشنى كۆزلىگەن بولسا «ساۋادى ياخشى ئىدى، خەتنى ھەجلىمەي ئوقۇۋېتەتتى» دەپ تەسۋىرلىمەسلىكى كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ، يۇقارقى جۈملىدە قوللىنىلغان «يۇقىرى ساپالىق» دېگەن سۆزنىڭ قوللىنىلىشى بىزنى ئالاھىدە ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ. مېنىڭچە بۇ سۆزنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. خەت ساۋادى بار ئادەتتىكى بىر كىشى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئوقۇش مەلۇماتى خېلى يۇقىرى بولغان كىشلەرگىمۇ ئالدىراپ ئىشلەتمەيمىز. چۈنكى«يۇقىرى ساپالىق » دېگەن بۇ سۆز مەنىۋى  جۇغلانمىلىرى مول كىشىنىڭ  ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان، باشقىلارنى قايىل قىلىش پائالىيىتى شەكىللەنگەندە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەسەردە «-بۇ كابولچە كىيىم،- دېدى دادىسى چۈشەندۈرۈپ- بۇ يەردىكى كىشلەر، تۇغقانلىرىمىز مۇشۇنداق كىيىنىدۇ، تۇغقانلىرىمىز، يەنى سىلىنىڭ تاغىلىرى باي كىشلەر...»، «دادىسىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قورۇسى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى. مېھماننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە، دادىسى بولسا ئۇزاق يىللار يوقاتقان نەرسىنى تېپىۋلغاندەك ھاياجانلىناتتى»، «ئۇلارنىڭ تىلىنى دادىسى ئابدۇرېھىم ھاجى  چۈشىنەتتى. دادىسى ئۇلار بىلەن سۆزلىشەتتى» بۇ بايانلاردىن  بىز ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ يۇرتىنىڭ ئېنىق ئاففانستاننىڭ كابول شەھىرىدىن ئىكەنكىنى، ئۇزاق يىل ۋەتىنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئۆز خەلقىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. دېمەك، ئۇزاق يىل باشقا ئەلدە ياشاپ، ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ئېسىل روھى بىزنى سۆيۈندۈرسە، كېيىنكى مەزمۇنلار بىزنى يەنە ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ بۇ پەزىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەسەردە مۇنۇ قۇرلار ئۇچرايدۇ «بالا، ئەتىسى دادىسىنىڭ بۇرۇنقى كىيىملىرىنى، بۇرۇنقى بادام دوپپىسنى كىيىۋالغانلىقىنى  كۆردى. دادىسى ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغاندەك بالىغىمۇ بۇرۇنقى كىيىملىرىنى كىيدۈردى،- ئەمدى ئۆزىمىزدىن تانمايمىز!-دېدى دادىسى ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ- ئەمدى مەككىگە  بارساقمۇ، جەننەتكە  كىرسەكمۇ، بىز يەنىلا بادام دوپپىلىق ئۇيغۇر بىز، بالام!»، «جۇڭگودىن كەلگەن بۇ ئىنىسىنى ئىنىمىز دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭ يەر-زېمن داۋاسى قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ئۆز ئىنىسى ئىكەنلىكىدىن تېنىۋالغان». بۇ بايانلاردىن ئاپتورنىڭ ئابدۇرېھىم ھاجىنى قېرىنداشلىرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن ئىبارەت كىچىككىنە يوقىلاڭ باھانە بىلەن  ئۆز  مىللىتىدىن تاندۇرۇپ تەسۋىرلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئاپتورنىڭ  بۇ خىل تەسۋىرلىشى گەرچە مەدەنىيلىشىش، سىڭىشىش تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزنىڭ مۇئەييەن تەرەپلىرىدىكى ئەھۋاللارنى پاش قىلىۋاتقاندەك تۇرسىمۇ، ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە بۇ نۇقتىنى ئەسەردە ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق ھالەتتە  يەتكۈزۈپ بېرىشى مۇۋاپىق بولمىغان. بۇ خىل بايان قىلىش ئۇسۇلى ئاپتورنىڭ «مېھمان»نىڭ قەلبىدىكى ئانا ئوبرازىنى، ئەسەرنىڭ باش تېمىسنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىشنى قوغلشىشتىن كېلىپ چىققان سەۋەنلكتۇر، دەپ  قارايمەن. ئەسەردە مەزمۇن جەھەتتىن زىددىيەتلىك بولغان يەنە قىسمەن مەزمۇنلار بار ئىدى. سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقارتتىم. .
      خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى: ئابدۇكېرىم قادىر ئىجادىيىتىدىكى«مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋسىت ئوقۇرمەنلەرگە «ئانا-بالا» ئوتتۇرسىدىكى ئۇزاق  يىل ئايرىلىش جەريانىدىكى چوڭقۇر سېغىنىشلىرىنى  تەسۋىرلەش ئارقىلىق بارلىق مۇھەببەتلەر ۋە سېغىنىشلار ئىچىدىكى ئەڭ ساپ، غەرەرسىز تۇيغۇنى يەنە بىر نۆۋەت ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئانىمىزنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈيۈمچان، ۋاپادار ئوغۇل ئوبرازىنى ياراتقان. ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى تەھلىللىرىمدە بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىپ ئوقۇشىنى ۋە تەھلىللىرىمگە قارىتا باشقىچە كۆز قارىشى بولغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلمى يول بىلەن كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. يۇقارقى تەھلىللەر پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم، توغرا بولسا توغرا دېيىش، سەۋەنلىكلەر بولسا تۈزىتىش خاراكتېرلىك ئەمەلىي يازما بىلەن تەمىنلەش ھەربىر ئوقۇرمەن ئۈچۈن ئېسىل پەزىلەتتۇر.

      پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىللىق 1-نەشرى
(2) «يېزىقچىلىق بىلىمى»، شىنجاڭ رادىيو سىفەن داشۆسى 1984-يىللىق نەشرى.
(3) «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1997-يىللىق 6-نەشرى
(4) «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 2006-يىللىق 2-نەشرى⑤④③②①
(5) گۈلمىھرە ئابلىكىم: «ئانا، بالا، كىتاب»، شىنجاڭ ئاياللىرى 2013-يىللىق 4-سان
(6) ئۆمەر ئەمەت بەربەرى: «بالا مېھرىگە زار ئانىلار»، شىنجاڭ ئاياللىرى 2013-يىللىق 4-سان
(7) «ئومۇمىي يېزىقچىلىق»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىللىق 1-نەشرى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-25 23:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىللىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ. ئەسەرگە بەرگەن باھالىرىڭزمۇ جايىدا بولۇپتۇ، ئەجرىڭىزگە كوپ رەھمەت! ئامان بولۇڭ.

ۋاقتى: 2014-2-27 00:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلمىڭىز گە  دەت تەگمىسۇن   

ۋاقتى: 2014-2-27 10:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تاھلىل-تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى ئەسەردۇر.

ۋاقتى: 2014-3-3 23:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزنى، پىكىرلىرىڭىزنى چوڭقۇرلۇققا يىتەكلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تىرىشىڭ . ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-3-6 18:34:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتۇرنىڭ-بەدئىي نەزىرىنىڭ ھەقىقەتەن پايانى كەڭكەن...تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش