رۇزى سايىتنىڭ مەقبەرىسى قەيەردە؟
مەرھۇم روزى سايىتنىڭ مىيتى «خوتەن ۋىلايەتلىك مىللى دەپنە قىىلىش ئورنى» يەنى بۇرۇنقى نامى «تەيۋىزىم مازىرى»غا دەپنە قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئورۇن 2008-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان خوتەن شەھەرلىك خەلىق ئىشلار ئىدارىسى تارمىقىدىكى مىللى دەپنە قىلىش ئورندۇر. بۇ مولازىمەت ئورنى تامباغ يولىغان يەنى تەيۋىزىم مازارلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومومىي كۆلىمى 3 مۇ، قۇرلۇش كۆلىمى 580 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدۇ. بۇ مولازىمەت ئورنىدا كۈتىۋىلىش زالى، يۇيۇپ -تاراش ئۆيى، ئەر-ئايال خالاسى، سوغۇق ساقلاش ئىشكابى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇپ، 7 نەپەر خىزمەتچى ھەرقاچان زەرەتگاھلىقتىن خەۋەر ئىلىپ، قەبرىلەرنى تازلاپ، گۈللەرگە سۇ قويۇپ تۇرىدۇ.
مەن 2011-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى دوستۇم ئابدۇلىتىپ نىڭ يول باشلىشى بىلەن بۇ قەبىرىنى زىيارەت قىلىپ دۇئا تىلاۋەت قىلىپ قايتىتىم. بىز دەسلەپ خوتەن ۋىلايەتلىك موزىيخانىغا باردۇق. ئاندىن مۇزىيخانىنىڭ قارشى يۆنىلىشىدىكى يول ئىغىزىن ئۈچ چاقلىق كىرا موتسىكىلىتىغا ئولتۇرۇپ 1 سوم پۇل بىلەن تەيۋىزىم مازىرى يول ئىغىزىغا باردىم. ئاندىن تار كوچىدىن جەنوبقا قاراپ ئازراق ماڭغاندىن كىين يولنىڭ ئوڭ لىۋىگە جايلاشقان قەبرىنى ئۇچراتتۇق. تەيۋىزىم مازىرى خوتەن شەھرىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ گۈزەل قەبىرىستانلىق بولۇپ ھەرقانداق ئادەمدىن سوراپ بىلىش مۆمكىن ئىدى. ياكى مەركىزى يولۇچى توشۇش بىكىدىن تاكسى توسۇپ 5 سوم پۇل بىلەن يىتىپ بارغىلى بولاتتى. بۇ ئورۇن خوتەن جۈەنكى نىڭ كەينىگە، رادىيۇ تىلىۋىزىيە ئىستانزىسى ئالدىكى «ئۆرۈمچى جەنوبى يولى»غا جايلاشقان ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 02:05