( 7-نۆۋەتلىك (1995-يىل)"خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى"غا ئېرىشكەن ئەسەر)
كۈلۈمسىرەش
ئابلەت ئابدۇللا
ئېرىق قىرى –دەرەخ تۈۋىدە
ئولتۇرىمەن ناماز شام ئارا.
ئاستا خىيالچان قەدەملەر بېسىپ
سەن كېلىسەن تېرەكلىك يولدا.
ساڭا نېمە بولدى ئوماق قىز،
ئون تۇققۇزدا بارمىدۇ يېشىڭ ؟
غۇنچە لېۋىڭ پىچىرلىغاندەك،
قىزىقتۇردى كۈلۈمسىرىشىڭ.
كۈلۈمسىرەر بەدەن- بەدىنىڭ،
كۆڭۈل خۇشلۇقۇڭ تۇرار تاشقىنداپ.
لەۋلىرىڭنىڭ تەبەسسۇمىدىن
بىر سۆيۈنۈش تۇرىدۇ پارلاپ.
نېمە سىر بۇ ؟
ياشلىق كۈلكىسى
باشلاندىمۇ سۆيگۈگە ئورتاق.
شېرىن خىيال ئەسىر ئەتتىمۇ ؟
سۆيگۈ شېرىن - هة،
ئاھ، شېرىن شۇنداق. ..
بىلەلمىدىم يىگىتىڭ بىلەن
تۇنجى ئۇچرىششتىن قايتىشىڭمۇ بۇ ؟
ھاياجانلىق تۇنجى سۆيۈشتىن
بېسلمىغان ھارارەتمۇ بۇ ؟
خىيالىڭدا يىگىت پىچىرلاپ،
بىللە يانمۇ يان كېلەمدۇ ئاستا،
ئاڭا بېقىپ كۈلگۈنۈڭمۇ بۇ ؟
نېمە سىر بۇ –ئەجەبمۇ تاتلىق
كۈلۈپ بارىسەن بۇ يولدا تەنھا.
ساڭا قاراپ كۈلەر تەبىئەت،
نۇرلىنىدۇ لېۋىڭدە دۇنيا !...
مەن شائىرمەن،
پىنھان كۆڭۈل سىرىنى قىلارمەن چاچقۇ،
قىزلار لېۋىگە مۇھەببەت قونسا.
1995- يىل
|