كۆرۈش: 758|ئىنكاس: 0

غەنىزات غەيۇرانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                مەرھۇم غەنىزات غەيۇرانىنىڭ تەرجىمىھالى

    ئاتاقلىق شائىر، تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى 1930- يىلى كەلپىن ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1938- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە كەلپىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تولۇقسىز دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1945- يىلى 7- ئايدىن 1948-يىلى 10- ئايغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىم بولغان. 1948- يىلدىن 1950- يىلى 6- ئايغىچە شىنجاڭ دارىلفونىدا ئوقۇغان. 1950- يىلى 6- ئايدىن 1953- يىلى 1- ئايغىچە  سابىق ئۆلكىلىك ئۈرۈمچى 2- دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى، 1- ئايدىن 1955- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، 1955- يىلى 9- ئايدىن 1957- يىلى 6- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. بۇ جەرياندا يەنە ئىككى قېتىملىق تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ بىرىنچى قېتىمدا <<غۇلجا-تۇرپان گۇرۇپپىسى>> نىڭ باشلىقى، ئىككىنچى قېتىمدا <<قەشقەر گۇرۇپپىسى>> نىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1957- يىلىدىن 1962- يىلى 2- ئايغىچە <<شىنجاڭ گېزىتى>> ئىدارىسىدە تەھرىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962- يىلى 2- ئايدىن 1966- 5- ئايغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1958- يىلىدىكى <<ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى>> دە، خاتا ھالدا <<ئوڭچى- يەرلىك مىللەتچى>> دەپ قارىلىنىپ مەتبۇئات ھوقۇقىدىن ئايرىلغان. 1966- يىلى 5- ئايدا <<چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر>> دېگەن قالپاق بىلەن خىزمىتىدىن قوغلانغان. 1980- يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتېتىدا تىل-تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
شائىر غەنىزات غەيۇرانى 1949- يىلى <<شىنجاڭ گېزىتى>>دە ئېلان قىلىنغان <<باق>>، <<تەسەللى>>، << بىل>> دېگەن شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن بولۇپ، 1958- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە <<پۇل>>، <<شائىر>>، <<مېنى كۈت>>، <<تارىم بويىدا>> قاتارلىق 90 پارچىغا يېقىن شېئىر، باللادا، فىليەتونلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، شۇ يىللاردىكى  داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1980- يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يەنە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ <<شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن <<تارىم بويىدا>>، <<ھايات قوشىقى>> ناملىق توپلاملىرى، <<بولدى قىل>> ناملىق فېلياتون ۋە ساتىرالار توپلىمى، ياشلا- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن <<يۈز رۇبائىي>> توپلىمى، 2009 يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى،شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سېن نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹غەنىزات غەيۇرانى ئەسەرلىرى›› (پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ 85 پىرسەنتى كىرگۈزۈلگەن) نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىغان ۋە بۇھەقتە مەخسۇس ئەدەبىي ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. ئۇندىن باشقا يەنە <<ھۆرمەت ۋە ھۆرمەتسىزلىك>>، <<تەقدىر دېگەن شۇمىدۇ؟>> قاتارلىق ھېكايىلىرى، <<پېنسىيىگە چىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە>> دېگەن دراممىلىرى ئېلان قىلىنغان. <غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر>>،<<مۇھەببەت لىرىكىلىرى>>،<<سۆيگۈ>>، <<توي چاچقۇسى>>، <<تاغ بۇلاقلىرى>>، <<ئارزۇ بوستانى>>، <<قامچا>>، <<ئاھ! نۇرلۇق ئابىدىلەر>>، قاتارلىق توپلاملارغا، 1959-يىلى ئالماتادا نەشىر قىلىنغان <<شىنجاڭ ئۇيغۇر شائىرلىرى>> دېگەن توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 1950- يىلى قازاقىستاندا چىقىدىغان <<يېڭى ھايات>> ۋە ئۆزبېكىستاندا چىقىدىغان <<شەرق ھەقىقىتى>> ژۇرناللىرىدا، 1990- يىلى ئالماتادا چىقىدىغان <<ئۇيغۇر ئاۋازى>> گېزىتىدە شېئىرىلىرى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئۇ 1993- يىلى نەشىر قىلىنغان <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى>> دېگەن كىتابقا، 2002- يىلى بەشكەكتە رۇسچە نەشىر قىلىنغان <<ئۇيغۇر پوئىزىيەسى>> دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
شائىرنىڭ 1980- يىلىدىن بۇيانقى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە رۇبائىي بىلەن ساتىرا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلى راۋان بولۇش، چىن بولۇش، ھېسسىياتقا باي بولۇش، ئوبرازلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى ئىدىيىۋى مەزمۇن، يۇقىرى بەدىئىي قىممەتنىڭ بىرلىكىدە ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان. شۇڭا <<ئۇيغۇرئەدەبىياتى تارىخى>>نىڭ 4- قىسىم 1- كىتابىنىڭ <<بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى>> (2006- يىل 4- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان.)دا شائىر  ھەققىدە  مەخسۇس توختىلىپ: <<1950- يىللاردا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىجادىيەت سەھنىسىگە كىرىپ كەلگەن غەنىزات غەيۇرانى،……… قاتارلىق بىرتۈركۈم ياش شائىرلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى..........شۇڭا بۇ دەۋردىكى شېئىرىيەت بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تۇنجى ئالتۇن دەۋرى دەپ ئاتالدى >> دەپ باھا بىرىش بىلەن بىرگە :<<80- يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن باشلانغان يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى باسقۇچى شائىر غەنىزات غەيۇرانى ئىجادىيىتى ئۈچۈنمۇ يېڭى بىر تارخىي دەۋر بولۇپ قالدى. بۇ باسقۇچتا شائىر ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يارىتىپ،  ھەجۋىي شېئىر−ساتىرا ئىجادىيىتىدە يېڭى بىر پەللە ياراتتى. يېڭى دەۋر باسقۇچىدا ئۇ باشقا تۈردىكى شېئىرلىرىدىن باشقا 30 پارچىدىن كۆپرەك ھەجۋى شېئىر−ساتىرا يېزىپ، يېڭى دەۋردىكى ساتىرا ئىجادىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن  ۋەكىللىرىدىن بولۇپ قالدى>> دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
غەنىزات غەيۇرانىنىڭ تىل-تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە  گەۋدىلىك.  ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ تۇنجى بولۇپ تۈزگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئېلىپبە، تىل دەرس، ماتېماتىكا، ئوقۇش كىتابى قاتارلىق دەرسلىكلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گىرامماتىكىسى (1- قىسىم) 1953-1954- يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان، بۇ دەرسلىكلەرنىڭ تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنىشى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇشقا خاتىمە بېرىش بىلەن بىرگە شىنجاڭدا مائارىپ نەشرىياتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس ياراتقان. ئۇنىڭ قاتنىشىشى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن ئالتە توملۇق <<ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى>> 1990-، 1999-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن، بىرتوملۇقى، 1999- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ لۇغەت تىلشۇناس ۋە لۇغەت شۇناس ئالىملار ۋە يازغۇچى، شائىرلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھا بېرىلگەن، ھەم بۇ لۇغەتنىڭ 1- تومى 1991- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پەلسەپە−ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە <<چاغىتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>> نى ئىشلەشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. ئۇندىن باشقا <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتى>>، <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى>>، <<باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۈچۈن ئىزاھلىق لۇغەت>>، <<ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۈچۈن ئىزاھلىق لۇغەت>>، <<پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى لۇغىتى>> ھەم چوڭ تىپتىكى <<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت>>نى تۈزۈشكە ۋە بىكىتىشكە قاتناشقان. شۇنىڭدەك تارىخچى ئەنۋەر بايتۇرنىڭ <<شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى>> دېگەن كىتابنى ۋە <<تىل ۋە تەرجىمە>> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان نۇرغۇن ماقالىلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ <<ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى>>دىكى تىكىستلەرنىڭ ئۇچۇقلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە>>، <<ئىلمىي ئەمگەككە ئادىل، توغرا باھا بېرەيلى>>، <<(ئارۇز شېئىر سىستېمىسى توغرىسىدا بايان) ھەققىدە بىرنەچچە ئېغىز سۆز>>، <<ئىلىم-پەندە ئۆزىمىزنى بىلىش ھەققىدە>>، <<خاتا بېكىتىلگەن بىر ئاتالغۇ مۇناسىۋىتى بىلەن دېيىش زۆرۈر بولۇپ قالغان گەپلەر>> قاتارلىق 30  نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان. غەنىزات غەيۇرانى 1992- يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن ئۆمۈر بويى بەھرىمەن بولىدىغان مۇنەۋۋەر مۇتخەسسىس بولۇپ باھالانغان.
ئاتاقلىق شائىر، تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بىلەن توپتوغرا ئون ئىككى يىل لۇغەتچىلىك ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇ داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئەپسۇس  2007- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتي) ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئۇشتۇمتۇت  يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ قېلىپ 78 يېشىدا  ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇ ھايات چېغىدا ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى بولۇپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، كەسىپتە ئىلمىي، تۇرمۇشتا  كەمتەر، سەمىمىي ۋە راستچىل، يولداشلار ئارا چىقىشقاق ئىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىق ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى، بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇرىمىز، مەرھۇمنى مەڭگۈ ياد ئىتىمىز.

مەنبە:
قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئېلېكتىررون ئۈن-سىن نەشرىياتى 2009- يىلى  بىرلىكتە نەشر قىلغان «غەنىزات غەيۇرانى ئەسەرلىرى»ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش