ئاخىرلاشمىغان لەتىپە
مەخەت ئابدۇرېھىم
نەسىردىن ئەپەندى سوۋىت ئىتتىپاقىغا ساياھەتكە چىقىپ،پويىزغا ئولتۇرۇپ سوۋىت
ئىتتىپاقىنى ئايلىنىۋاتقاندا،پويىز تىزلا توختاپ قاپتۇ.نەسىردىن ئەپەندىم پويىزدىن چۈشۈپ
قارىغىدەك بولسا،ئىككى تاغ ئوتتۇرسىدىكى دەرياغا كەلكۈن كىلىپ تۆمۈر يولنىڭ كۆۋرۈكىنى
ئېقىتىپ كەتكەن ئىكەن.پويىزدىكى كىشىلەر ئەھۋالنى گۈزەتكەندىن كىيىن دەريادىن قانداق
ئۆتۆش توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلاپتۇ.كۆپ تالاش-تارتىشلاردىن كىيىن؛نەسىردىن ئەپەندى
ئوتتورغا چىقىپ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ چاغدىكى دۆۋلەت باشلىقلىرىدىن يوليوروق سوراپتۇ. ئالدى بىلەن ئىستالىن ئوتتۇرغا چىقىپ؛-يولداشلار! ھازىرچە كەينىمىزگە چىكىنىپ كىتەيلى،شۇ جەرياندا يەنە بىر يول چىقىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس؛-دەپتۇ.ئاندىن خىرشۇپ
جىددىلەشكەن ھالەتتە؛-بۇنىڭغا كۆپ ئويلىنىش كەتمەيدۇ،پويىزنى كەينىگە بىر قەدەم
ياندۇرۇپ،ماي بېسىمىنى كۇچايتىپ،سۈرەتنى ئەسلىدىكىدىن بىر قانچە ھەسسە ئاشۇرساق،
پويىزنىڭ دەريادىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىشىدە گەپ يوق؛-دەپتۇ.
ئاخىردا لېنىن، ئىگىز تاغ باغرىدىكى تاش ئۈستىگە چىقىپ يىراق-يىراقلارغا بىر قۇر قاراپ،
ئاندىن بۈتۈن دىققىتىنى پويىز ئەتراپىدىكى يولوچىلار ۋە ساياھەتچىلەرگە مەرگەزلەشتۈرۈپ؛
-يولداشلار! كۆرۈپ تۇرۇپسىلەن،مانا بۇ بىر دەريا،ئەنە ئۇ كەلكۈن،بۇ يەردىكى مەسىلە
،بىزنىڭ ئۆتىدىغىنىمىز كۆۋرۈك،ماڭىدىغىنىمىز يول،پويىز ماڭىدىغان يول.خەلىقنى،ئىنسانىيەتنى
پويىز ئارقىلىق يىراق مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان تۆمۈر يول،شۇڭا؛-دىگىنىچە تىشاڭنى ئالدى
-دە دەريا بويىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى.بىراق،ئىستالىن كەينىگە يېنىپ قېچىپ كەتتىمۇ،خىرشۇپ
ئۇچۇپ كەتتىمۇ،ئۇلار بۇ ئەتراپتا كۆرۈنمەيتى.
نەسىردىن ئەپەندىم ئاخىردا مۇنداق دىدى؛-يولداشلار!ھازىر ھەممىمىز دەريا بويىغا
بارايلى،شۇ يەردە <دەريادىن قانداق ئۆتىمىز>دىگەن لەتىپىنى باشلايمىز.
بۇ لەتىپە قانداق باشلىنىپ،قانداق ئاخىرلىشا!؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-24 17:27
|